دانتې ۋە >تەڭرى كۈيلىرى<
بەش مىڭ يىل
مىلادى 13 - ئەسىردە، ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى فلورېنتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە مۇنداق بىر ئادەت تارقالغان ئىدى: ھەر يىلى باھار كېلىپ گۈللەر ئىچىلغاندا ئەر - ئاياللار بىرلىكتە ھەر خىل شەكىلدە يىغلىش ئۆتكۈزۈپ بايرامنى تەبرىكلىشەتتى، بىر - بىرىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇشاتتى.
ماينىڭ 1 - كۈنى، شەھەردىكى ناھايىتى ئابرۇيلۇق بىر ئائىلە قوشنا - قۇلۇملىرىنى چاقىرىپ زىياپەت بەردى. زىياپەتكە سۇنغان بىر ئاقسۆڭەك بىر مۇنچە بالىلارنىمۇ بىللە ئېلى كەلدى. بالىلارنىڭ بىرى - ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇلۇغ شائىر دانتې. ئالىگر ئىدى.
شادلىققا چۆمگەن زىياپەت ئەھلى زىياپەت سورۇنىدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇشۇۋاتقاندا، توققۇز ياشلىق دانتې ئۆزى بىلەن تەكتۈش بالىلار بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كەتتى.
ساھىپخاننىڭ قىزى بياتېلىس رەڭگى - روھى كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك نازىنىن قىز ئىدى. ئۇ تېخى ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، سۆز - ھەركەتلىرى ئۆز يېشىغا مۇناسىپ بولمىغان دەرىجىدە سىپايە ئىدى. دانتې، قىزنى كۆرۈپلا ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە قىز بىلەن بىللە ئويناپ تاماشا قىلدى؛ بايرامدىن كېيىنمۇ پات - پات كېلىپ قىزنى يوقلاپ تۇردى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بياتېلىس، دانتې ئۈچۈن مەنىۋى سەنەم بولۇپ قالدى، بىراق ئۇلارغا باشتىن - ئاخىر قوشۇلۇش نېسىپ بولمىدى، ئەپسۇسلىنارلىقى بياتېلس 24 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ھال دانتېنى شۇنداق بىئارام قىلدىكى، ئۇ كۈن بويى ھەسرەت - نادامەت، قايغۇ - ئەلەم ئىچىدە ياداپ قۇرۇپلا كەتتى، كېيىن بياتېلىسنى خاتىرىلەيدىغان داستان - >تەڭرى كۈيلىرى< نى يېزىش قارارىغا كەلدى.
ئەمما داۋالغۇپ تۇرغان سىياسى ھايات ۋە ئۇنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشلىرى تۈپەيلى >تەڭرى كۈيلىرى< ناملىق ئىشقى - مۇھەببەت داستانى سىياسى داستان بولۇپ يېزىلىپ چىقتى. بۇ ئۇنىڭ 20 يىل سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
دانتې كىچىكىدىنلا ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ھەم تىرىشچان ئىدى، بولۇپمۇ كىتاپ كۆرۈش، شېئىر يېزىشقا خۇشتار ئىدى. ئۇ ۋاقىتنى ناھايىتى ئوبدان ئورۇنلاشتۇراتتى. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق تارىخنى ئوقۇپ تۈگەتكەن ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن پەلسەپە، ئىلاھىيەت ئۆگەنگەن ئىدى، ئۇ قەدىمكى رىم شائىرى ۋېرگىلئۇسقا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى تەقلىت قىلىپ، يەرلىك تىل بىلەن شېئىرلار يازاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ياش ۋاقتىدىلا ناھايىتى شۆھرەت قازانغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا فلورېنسىيە يىرىك قول سانائەتنى مەركەز قىلغان شەھەر دۆلىتى ئىدى. فلورېنسىيە بانكىلىرى غەربىي ياۋرۇپانىڭ سودا - سانائەت جان تۇمۇرى ئىدى، شۇڭا غەربىي ياۋرۇپادىكى سىياسى كۈرەش ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كۆپىنچە فلورېنسىيىدە مەركەزلىك ئىپادىلىنەتتى. دانتې ياش ۋاقتىدا شەھەر خەلقى ئاق گۇرۇھ، قارا گۇرۇھ دەپ ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنەتتى: قارا گۇرۇھ مۇتەئەسسىپ گۇرۇھ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسىمى شەھەر ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە مايىل يۇقىرى قاتلام شەھەر خەلقى ئىدى. بۇلارنىڭ پاپىسى بار ئىدى؛ ئاق گۇرۇھ ئىلغار شەھەر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلاتتى، بۇلارنىڭ تەلىپى شەھەرنى تامامەن ئەركىن، مۇستەقىل قىلىشتىن، پاپىنىڭ سىياسىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كەسكىن كۈرەش بولاتتى. دانتې گەرچە سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىلغار كۈچلەرنى ياقلايتتى ۋە شەھەر خەلقىنىڭ ۋىراچلار جەمئىيىتىگە قاتناشقان ئىدى. ۋىراچلار جەمئىيىتى سىياسى جەھەتتىن ئاق گۇرۇھقا قارايتتى. 1300 - يىلى، دانتې 30 ياشقا كىرگەن يىلى، شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىجرائى ھەيئىتى بولۇپ سايلاندى.
بۇ چاغدا پاپا پۇرسەتنى تۇتۇپ، فلورېنسىيىگە قاراشلىق بىر ۋىلايەتنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش قەستىگە چۈشتى. شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن كەسكىن قارشىلىق كۆرسەتكىنى دانتې ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاق، قارا ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا جىددى كۈرەش باشلاندى. پاپا، فرانسىيە پادىشاھىنىڭ ئىنىسىغا كېلىشتۈرۈپ قويۇش نامى بىلەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لەشكەر باشلاپ باستۇرۇپ كىرىش توغرىسىدا بۇيرۇق قىلدى. فرانسىيە ئەسكەرلىرى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىنلا، قارا گۇرۇھقا يانتاياق بولۇپ، كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئاق گۇرۇھ رەھبەرلىرىنى قىرغىن قىلدى ۋە سۈرگۈن قىلدى. بۇ چاغدا دانتې، رىم پاپىسى بىلەن چەتئەل قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىنى توساش ھەققىدە كېڭەش قىلىۋاتاتتى، نەتىجىدە پاپا ئۇنىمۇ تۇتتى ۋە ئۆمۈر بويى ئۆز ۋەتىنىگە قايتماس قىلىپ سۈرگۈن قىلدى.
- ئاھ، پەلەك! بۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە تىنچ - ئامانلىقى ئۈچۈن يۈرەك قانلىرىمنى سەرپ قىلغىنىمغا بەرگەن جاۋابىڭمۇ؟ - دانتې سەرسانلىق - سەرگەردانلىق تۇرمۇشى داۋامىدا ھەمىشە ھەسرەت بىلەن شۇنداق سوئاللارنى قوياتتى.
دانتې گەرچە مۇشۇنداق بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ سىياسى تەشەببۇسىدىن زادىلا ۋاز كەچمىدى، سىياسى پائالىيەتلەرنى توختاتمىدى. ئۇ سۈرگۈن قىلىنغان ئاق گۇرۇھتىكىلەرنى تەشكىللەپ فلورېنسىيىگە قايتىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىدى. كېيىن، ئۇ تەرەپ - تەرەپكە قاتراشقا باشلىدى، ئالىپ تاغلىرىدىن پارىژغا كەلدى. پارىژدا پەلسەپە، ئىلاھىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىللە، دەۋر بۆلگۈچ ئۇلۇغ ئەسىرى - >تەڭرى كۈيلىرى< ئىجادىيىتىنى باشلىدى ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانا يۇرتىغا قايتىشنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتى.
بۇ پۇرسەت ئاخىرى يېتىپ كەلدى. 1308 - يىلى دانتې 43 ياشقا كىرگەندە، ليۇكسېمبورگنىڭ كىنەزى مۇقەددەس رىم پاپىسى بولۇپ سايلاندى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ ئىتالىيىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن، ئەسكەر چىقاردى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دانتې ئىنتايىن خوشال بولدى. ئۇ، پادىشاھنىڭ كۈچى ئارقىلىق يۇرتى فلورېنسىيىگە قايتىپ كېتىشنى، قارا گۇرۇھنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغان غايىۋى ھاكىمىيەتنى ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا ئۇ، يەنە ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، جەنۇپقا قاراپ يول ئالدى ۋە پادىشاھقا خەت يېزىپ، پادىشاھنى پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، فلورېنسىيىگە ئەسكەر ئەۋەتتى. بىراق قارا گۇرۇھ قوشۇنى قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، پادىشاھ ئەسكەرلىرىنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ ئۆلۈپ كەتتى. دانتېنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىش ئۈمىدىمۇ يوققا چىقتى.
شۇندىن ئبېتىبارەن دانتېنىڭ سىياسى غايىسى بەربات بولۇپ، سەرسانلىق داۋامىدا مەخسۇس ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشتى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېزىلىپ بولمىغان نادىر ئەسىرى - >تەڭرى كۈيلىرى< نى يېزىپ تۈگەتتى. ئۇ رىئال تۇرمۇشتىكى ئادەمخور تۈزۈمگە ئىنتايىن نارازى ئىدى. شۇڭا بۇ نارازىلىقى بىلەن غايىسىنى ئەسىرىنىڭ مەزمۇنىغا سىڭدۈردى.
شۇ چاغدا ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى مەشھۇر قەدىمكى شەھەر - راۋېننانىڭ پادىشاھى خېلى ئوبدان تەربىيە كۆرگەن چەۋەنداز ئىدى. بىلىملىك كىشىلەرنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى ۋە دانتېغا ئۇزۇندىن بېرى زوقلىنىپ يۈرەتتى. ئۇ سوۋغا - سالام ئېلىپ دانتېنى كۆرگىلى باردى. دانتېنى راۋېنناغا بېرىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. دانتې، راۋېنناغا بارغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇنى ناھايىتى ئىززەتلىدى ۋە نۇرغۇن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تارتۇق قىلغاندىن تاشقىرى، ئۇنى روھلىنىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈردى. دانتې، راۋېننادا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى بىخىرامان ئۆتكۈزۈش بىلەن بىر چاغدا، >تەڭرى كۈيلىرى< داستانىنىڭ داۋامىنى يېزىپ تۈگەتتى.
>تەڭرى كۈيلىرى< نىڭ بىۋاستە تەرجىمىسى >تەڭرى ھەققىدە كومېدىيە< بولۇپ، ئەسەرگە مۇنداق ئىسىم قويۇلۇشىدىكى سەۋەپ، ئەسەر قايغۇلۇق دوزاق تەسۋىرىدىن باشلىنىپ، پارلاق جەننەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مەلۇم جەھەتتىن كومېدىيە ئالاھىدىلىكىمۇ بار. بۇ داستان جەمئىي 100 كۇپلېت 14 مىڭ مىسرادىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، >دوزاق<، >ۋەيلۇن دوزاق< ۋە >جەننەت< تىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. داستاندا شائىر 35 ياشقا كىرگەن يىلى بىر چۈش كۆرىدۇ، چۈشىدە قەدىمكى رىمنىڭ ئەڭ قەدىرلىك شائىرى ۋېرگىلئوسنىڭ يول باشلىشى بىلەن>دوزاق<، >ۋەيلۇن دوزاق< ۋە >جەننەت< لەرنى ئارىلاپ چىقىدۇ. >دوزاق< گويا ۋارۇنكا بولۇپ، جەمئىي توققۇز قەۋەتتىن تەركىپ تاپقان، تۆۋەنگە چۈشكەنسېرى كىچىكلەپ كېتىدۇ. بۇ يەردە ھايات ۋاقتىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ياشايدۇ؛ گۇناھى قانچە ئېغىر بولسا، تۇرىدىغان يېرى شۇنچە تۆۋەن، تارتىلىدىغان جازا شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. مەسىلەن، شائىر دوزاقنىڭ 8 - قەۋىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن پاپا نىكولاي Ⅲ نى ۋە تېخى پانى ئالەمدە ياشاۋاتقان، شائىر زىيانكەشلىك قىلغان پاپا بونىپىلاسⅧنى كۆرىدۇ. بۇ قانخورلار پۇتى يۇقىرىغا، بېشى پەسكە قىلىپ يەرگە كۆمۈپ قويۇلغان بولۇپ، يەردىن چىقىپ قالغان ئىككى پۇتى قاتتىق تولغىنىدۇ ۋە تېپچەكلەيدۇ. بۇنى كۆرگەن شائىر خوشاللىقىدىن توۋلىۋېتىدۇ:>گۇناھغا جازا دېگەن مانا شۇ! بۇلار پانى ئالەمدە چاغدا، ئاق كۆڭۈل كىشلەرنى ئاياق ئاستى قىلىپ، قەبىھلەرنى بېشىغا ئېلىپ كۆتەرگەن. شۇڭا بۇلار ئەبىدىل - ئەبەد جازالىنىشى كېرە!<
شائىر >دوزاق< نى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن>ۋەيلۇن دوزاق<قا بارىدۇ. >ۋەيلۇن دوزاق< جەنۇبىي دېڭىزدا لەيلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپى ناھايىتى ھاۋالىق دېڭىز ساھىلى بولۇپ، بۇ يەردە ئاچكۆز، تويماس - قارنى يامانلار، ھورۇن - يالقاۋلار، ئىچى قارا قىزىل كۆزلەرگە ئوخشاش گۇناھى يېنىكرەك كىشلەر تۇرىدۇ. بۇلار ئوتتا كۆيۈپ، پاكلانغاندىن كېيىن، >جەننەت< كە كىرەلەيدۇ.
شائىر >جەننەت< كە بارىدىغان چاغدا، ئاسماندا بالىلىق چاغلىرىدا ئاشىق بولغان بياتېلس پەيدا بولىدۇ ۋە بياتېلىسنىڭ يول باشلىشى بىلەن >جەننەت< كە كېلىدۇ. >جەننەت< مۇ توققۇز قەۋەت بولۇپ، بۇ يەردە ھايات ۋاقتىدا ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ياشانغانلار تۇرىدۇ. بۇلار جەننەتتە ماڭگۈلۈك بەخت پەيزىنى سۈرىدۇ. 9 - قەۋەتنىڭ ئۈستىدە تەڭرى تۇرىدىغان تەڭرى ئوردىسى بار بولۇپ، بۇ يەر شۇنداق ھەيۋەتلىك چىرايلىقكى، ھەممە يەر قۇياش نۇرى ۋە شاتلىق - خوراملىققا چۆمگەن، شائىر مانا مۇشۇ يەردىلا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ غايىۋى دۇنياسىنى كۆرگەندەك بولىدۇ...
>تەڭرى كۈيلىرى<نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدا دانتې يوشۇرۇن ئوخشىتىش ۋە سىمۋوللاشتۇرۇش ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، چۈشنى تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن پىپەن قىلغان، پاپا، راھىپلارنىڭ زوراۋانلىقلىرى، ئاچكۆزلۈكلىرىنى دادىللىق بىلەن ئەيىپلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە غايە - ئىستەكلىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان. بۇ ئەينى زاماندا قىيىن ھەم قىممەتلىك ئىش ئىدى، يېڭى مەدەنىيەت پىكىر ئېقىمىنىڭ بىخلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
دانتې >تەڭرى كۈيلىرى< ئىجادىيىتىنى 1300 - يىلى باشلاپ، ۋاپات بولۇشتىن سەللا ئىلگىرى تاماملاپ، ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ جەمئىي 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.
دانتې، 1321 - يىلى، يەنى 56 ياشقا كىرگەن يىلى، كېسەل بىلەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. 9 - ئايلاردا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. راۋېننا خەلقى كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزاتتى. ئۇنىڭ تاۋۇتىنى شەھەرنىڭ ئەڭ داڭدار سانىلىدىغان كىشىلىرى كۆتىرىپ، مەلۇم بىر مۇناستىرغا قاراپ ئاستا باراتتى، پۈتكۈل شەھەر خەلقى ھەممىسى دىگۈدەك كوچىلارغا چىقىپ تەزىيە بىلدۈردى. دانتېنىڭ جەسىدى تاش تاۋۇتقا سېلىندى. بۇ تاش تاۋۇت تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
دانتې غەربىي ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىشىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى. ئېنگېلس ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ:>ئۇ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كۈنجى شائىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى زاماننىڭ تۇنجى شائىرى< دېگەن ئىدى.