UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپارىژدا چاقىرىلغان ئولجا بۆلۈشۈش يىغىنى

پارىژدا چاقىرىلغان ئولجا بۆلۈشۈش يىغىنى

بەش مىڭ يىل 1918 - يىلى 7 - نويابر ئاخشمى ئاق بايراق قادالغان بىر پويىز گېرمانىيە بىلەن فرانسىيە ئۇرۇشۇۋاتقان ئۇرۇش سېپىدىن ئۆتۈپ، غەربكە قاراپ ماڭدى. پويىزدا گېرمانىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئولتۇراتتى. ئۇلار ئانتانتا دۆلەتلەر ئارمىيىسنىڭ باش شتابىغا سۈلھ تەلەپ قىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئاپتوموبىل پارىژنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كومپىنې ئورمانلىقىنىڭ لېيتون ۋوگزالىغا كەلدى. بۇ چاغدا بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى، فرانسىيە مارشالى فوچ چۈشكەن پويىز شۇ يەردە تۇراتتى. گېرمانىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دەرھال ۋاگونغا چىقىپ فوچ بىلەن كۆرۈشتى. _ فوچ مارشال، ياخشىمۇ سىلى!- دېدى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول سۇنۇپ. _ جانابلار! نېمە دەپ كەلدىڭلار؟ - دېدى فوچ ئورنىدىن قىمىرلىماي، بەستىنى تولغاپ ھاكاۋۇرلۇق بىلەن. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قولىنى تارتىۋېلىپ تىك تۇرۇپ: _ بىز سىزنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىڭىزنى ئاڭلىماقچىمىز . . . . - دېدى. فوچ تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ گېپى تۈگىمەيلا: _ بىز ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز!- دېدى توغرىدىن توغرا. تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ تەرى تۈرۈلدى ۋە فوچقا گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇشى ئەمدى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقى ۋە ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. _ مانا بۇ ئۇرۇشنى توختىتىشنىڭ شەرتى، - دېدى فوچ ئورنىدىن تۇرۇپ بىر پارچە تىزىملىكنى چىقىرىپ، - ئىمزا قويۇش ئۈچۈن سىلەرگە ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىلىدۇ! تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تىزىملىكنى ئېلىپ بىر قاراپلا، ھودۇققىنىدىن ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى. ئۇ ئۇرۇشنى توختىتىش شەرتلىرىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى بايقىدى. ئۇنىڭ كۆزى تۆۋەندىكىلەرگە چۈشتى: گېرمانىيە ئارمىيىسى ئون تۆت كۈن ئىچىدە بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا بېسىۋالغان فرانسىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ زېمىنىدىن ھەمدە پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا بېسىۋالغان ئېلزاس - لوررېن رايونىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ. بىر ئاي ئىچىدە رىيېن دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گېرمانىيە زېمىنىنى ھەمدە رىيېن دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گېرمانىيە زېمىنىنى ھەمدە رېيېن دەرياسىنىڭ شەرقىدىن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان گېرمانىيە زېمىنىنى بىرلەشمە ئارمىيىگە تاپشۇرىدۇ. 234 ئوكيان چارلاش پاراخوتى، ئۇرۇش پاراخوتى، سۇ ئاستى پاراخوتىنى، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرىنى ھەمدە 5000 زەمبىرەك ۋە نۇرغۇن قورال - ياراغ، ئوق دورىلارنى تاپشۇرىدۇ. ئىككى ھەپتە ئىچىدە 5000 ياراملىق پاراۋۇز، 150 مىڭ ياراملىق ۋاگون، 5000 يۈك ئاپتوموبىلى تاپشۇرىدۇ. . . . بۇ، گېرمانىيە بارلىق بېساتىنى ئاساستىي جەھەتتىن تارتىۋالغان ئەمەسمۇ؟ ئەمما شۇ چاغلاردا گېرمانىيىدە ئىنقىلاب غۇلغۇلىسى كۆتۈرۈلۈپ، داۋاملىق ئۇرۇش قىلىش مۇمكىن بولماي قالغانىدى. 11 - نويابر ئەتىگەن سائەت بەشتە گېرمانىيىنىڭ ئىككى ۋەكىلى پويىزغا چىقىپ ئىمزا قويدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى شۇ كۈنى ئومۇميۈزلۈك توختىدى. ئۇرۇش ئاخىرلىشىش بىلەنلا بىر مەيدان ئولجا بۆلۈشۈش ئويۇنى - پارىژدا سۈلھ كېڭىشى باشلاندى. 1919 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سۈلھ كېڭىشى پارىژ يېنىدىكى ۋېرسال سارىيى ئەسلىدە فرانسىيە ئەينەكلىك زالىدا ئېچىلدى. ۋېرسال سارىيى ئەسلىدە فرانسىيە فېئودال پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىسى ئىدى. يىغىننىڭ بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا كۆزلەنگەن مەخسەت بار ئىدى. ۋېرسال سارىيى شۇنىڭدىن 48 يىل ئىلگىرى 1871 - يىلى 1 - ئاينىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنى پرۇسىيە پادىشاھى غالىبلارچە تەكەببۇرلۇق بىلەن فرانسىيىدىكى ۋېرسال سارىيىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئەينەكلىك زالدا ئۆزىنىڭ گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. مانا ئەمدى دەل شۇ مەيداندا گېرمانىيە ئىنتىقام خاراكتىرلىك جازاغا تارتىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا فرانسىيە زۇڭتۇڭى كۆرەڭلىك بىلەن: _ 48 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى مۇشۇ زالدا دۇنياغا كەلگەنىدى. ئۇ ھارامدىن دۇنياغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزى ئاھانەت ئىچىدە ئۆلدى! - دېدى. سۈلھ كېڭىشى ئالتە ئايغا سوزۇلدى. 27 دۆلەتتىن 1000دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى. ئەمما يىغىننى پەقەت ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ۋەكىللىرىلا باشتىن - ئاخىر قاتناشتى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە فرانسىيىلەر خوجانلىق قىلدى. بۇنى چوڭ دۆلەتلەر ھەممىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان دېيىشكە بولىدۇ. يىغىننىڭ ئاساسىي كۈن تەرتىپى ئالاھەزەل تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشتىن ئىبارەت بولدى: 1 - كۈنتەرتىپى - يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت روسىيىنى ئۇجۇقتۇرۇشنى قەستلەش، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋېلسۇننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، سۈلىھ كېڭىشى سوۋېت روسىيىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىشىنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، گېرمانىيىنىڭ شەرقىي سەپتىكى ئارمىيىسىنى ساقلاپ قېلىپ، «مۇداپىئە سېپى» دېگەن نېمىنى قۇرۇشنى بەلگىلىدى. يىغىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قوراللىق مۇداخىلە پىلانىنى تەستىقلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ روسىيىدىكى ھەرىكەت دائىرىسىنى ئايرىپ چىقتى. شۇڭا پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن سۈلھى كېڭىشى، ئەمەلىيەتتە سوۋېت روسىيىگە قورالىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈشنىڭ ھەربىي شىتابى بولۇپ قالدى. 2 - كۈنتەرتىپى - خەلقئارا ئىتتىپاق تەشكىل قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋېلسۇن «خەلقئارا ئىتتىپاق» قۇرۇپ، لېنىن بەرپا قىلغان كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى تۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلدى. سۈلھ بۇ قارارنى ماقۇللىدى. خەلقئارا ئىتتىپاق شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەرقايسى ئەللەر ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئىنقىلابىي خەلقنى قانلىق باستۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلدىغان ئىنقىلابقا قارشى بىر ئاق بايراق بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا ئىتتىپاق ئارقىلىق ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە، بېلگىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەرنى گېرمانىيىنىڭ مۇستەھكەملىكلىرىگە « ھۆكۈمرانلىق قىلىش» قا «تەيىنلىدى» بۇ ئەمىلىيەتتە مۇستەملىكلەرنى يېڭىباشتىن بۆلۈشۈش بولدى. ئامېرىكا بولسا «پۇرسەتنى تەڭشەش» ئارقىلىق ئاشۇلار بىلەن ئوخشاش مەنپەئەتدار بولدى. 3 - كۈنتەرتىپى - گېرمانىيىنى قاتتىق جازالاش ۋە تەھدىت سېلىپ تارتىۋېلىش. بۇ ئەنگىليە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق جاھانگىرلارنىڭ ئولجا بۆلۈشۈشتىكى كونكىرت مەنپەئەتى بولۇپ، ئۇلار ئەڭ قاتتىق جەڭگى - جېدەل قىلىشتى. بىردەم ئىتالىيە يىغىنىدىن قايتىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىسا، بىردەم ياپونىيە ئوتتۇرىغا قىسىلىپ، جۇڭگودىكى جياۋجۇ قولتۇقى (چىڭداۋ ئەتراپى ) نى ئېلىۋېلىش كويىدا بولدى. بىرنەچچە ئاي سودىلىشىش ئارقىسىدا ئاخىرىدا مۇنداق كىلىشىم ھاسىل قىلىندى: فرانسىيە ئېلزاس - لوررېننى قايتۇرۇۋالدى. گېرمانىيىدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر كېنى سائارغا فرانسىيە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيە زېمىننىڭ سەككىزدىن بىر قىسىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا فرانسىيە، بېلگىيە، پولشا، چېخولۇۋىسىكىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بۆلۈپ بېرىلدى. گېرمانىيە يەنە باش قوماندانلىق شىتابىنى تارقىتىۋېتىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ھەربىي ئايروپىلان، ئېغىر زەمبىرەك ۋە تانكا، سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىق قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشنى مەنئىي قىلىنىپ، ئاران 100 مىڭ ئەسكىرى قالدۇرۇلدى. رېيىن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى 50 كىلومېتىر جايدا ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا رۇخسەت قىلىنمىدى. رېيىن دەرياسىنىڭ غەربىنى بىرلەشمە ئارمىيە ئىشغال قىلىپ (15 يىللىق مۇددەت بىلەن) تۇرىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە يەنە فرانىسيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق بىرمۇنچە دۆلەتلەرگە نۇرغۇن تۆلەم تۆلەيدىغان بولدى. كېيىن ھېسابلىنىشىچە، 132 مىليارد ئالتۇن مارك ( گېرمانىيە پۇلىنىڭ نامى) بولغان. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، فرانىسيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىلگەن دۆلەت خەلقىنى ھېچبىر ئەيمەنمەستىن كەڭ كۆلەمدە بۇلاپ - تالىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 7 - ماي كۈنى گېرمانىيە ۋەكىلى يىغىن مەيدانىغا چاقىرتىلدى. فرانسىيە زۇڭلىسى كلېمانسو تەييارلاپ قويۇلغان ئولجا شەرتنامىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: _ ھېساب ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى. ھازىربۇ تېنچلىق ھۈججىتى سىلەرگە تاپشۇرۇلىدۇ، - دېدى. يىغىن گېرمانىيە ۋەكىلىنىڭ يىغىندا شىكايەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقنى قارار قىلدى. شۇنداقتىمۇ گېرمانىيىلىكلەر شۇنچە ئېغىر تالان - تاراجنى كۆرگەندىن كېيىن، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ: _ بىزنى ئۇرۇشنىڭ بىردىنبىر باش جىنايەتچىسى دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇدىغان بولسا، ئەگەر مەن بۇنى ئىقرار قىلىدىغان بولسام، بىمەنىلىك بولىدۇ، - دېدى ئىجابىي جاۋاب بېرىپ، بۇ ئەمىلىيەتتە ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۇرۇش جىنايىتى بار، دەپ ئەيىبلىگەنلىك ئىدى. بىراق ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن قوراللىق پوپوزا قىلىشى ئارقىسىدا، گېرمانىيە ۋەكىلى سۈلھ شەرتنامىسىگە مەجبۇرىي ئىمزا قويدى. 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بارلىق دۆلەتلەر سۈلھ شەرتنامىسىگە ئىمزا قويىدىغان كۈن ئىدى. جۇڭگومۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەت ئىدى. ئەمما شۇ كۈنى جۇڭگو ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشماي، ئىمزا قويۇشنى رەت قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ پارىژ سۈلھى شەرتنامىسىدە جۇڭگوغا ئالاقىدار ئۈچ ماددا بار ئىدى. بۇ ئۈچ ماددا: ئۇرۇشتىن ئىلگىرى گېرمانىيە بېسىۋالغان شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جياۋجۇ قولتۇقىدىكى زېمىنغا ھەمدە ئۇ يەردىكى تۆمۈر يوللار، كانلار دېڭىز ئاستىدىكى ئېلېكتر لىنىيىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياپونىيە ئېگىدارلىق قىلىدۇ. دېگەن ئاساسىي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۇڭگونىڭ گېرمانىيە ئىگىلىۋالغان ھوقۇقلىرىنى قائىدە بويىچە جۇڭگو قايتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك تۇرسا، ئۇنى نېمە ئۈچۈن ياپونىيە تارتىۋالىدۇ؟ ئەمما جۇڭگونىڭ شىمالىي مللىي تارست ھۆكۈمىتى ۋاز كېچىپ ئەلگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان بۇ شەرتنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلاندى. جۇڭگو خەلقى تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى. ئاخىرى داغدۇغىلىق «4 - ماي» ھەركىتى پارتلىدى. پارىژدىكى جۇڭگولۇق ئىشچىلار بىلەن جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار مۇ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇۋەتتى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ تەسىرى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، سۈلىھ كېڭىشىگە جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگودىكى ئېمىتيازىنى بىكار قىلىش، ياپونىيە جۇڭگوغا مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرغان «21 ماددا» نى بىكار قىلىپ، شەندۇڭدىكى ھوقۇق - مەنپەئەتنى قايتۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەت ئىككى تەكلىپنى بەردى. ئەمما بۇ تەكلىپ سۈلھ كېڭىشىنىڭ رەئىسى، فرانسىيە زۇڭلىسى كلېمانسو تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئارقىدىن، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ ئىككى مەزمۇننى قوشۇمچە ھۈججەت قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپنامىنى ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى رەت قىلدى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۈلھ كېڭىشىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلىرى مەغلۇپ بولدى. ئىمزا قويۇش ۋاقتى قىستاپ كەلدى. ساتقىن شىمالىي مىللىيتارىسلار ھۆكۈمىتى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىگە سۈلھ شەرتنامىگە ئىمزا قويۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەتىگەندە، پارىژ كوچىسىغا ئونمىڭدىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار قوشۇنى چىقتى. ئۇلار دەبدەبىلىك ھالدا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكى چۈشكەن ئورۇنغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار قارا چاچلىق، سېرىق تەنلىك، قارا كۆزلەر بولۇپ، ھەممنى يەنخۇاڭ ئەۋلادى - جۇڭگولۇقلارئىدى. _ شەندۇڭ قايتۇرۇپ بېرىلسۇن! _ پارىژ سۈلھ يىغىنى بايقۇت قىلىنسۇن! _ سۈلھ شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلايلى ! غەزەبلەنگەن ئاۋازلار كۆكتە پەرۋاز قىلدى. بىرمۇنچە دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى چۆچۈدى. ئۇلار جۇڭگو خەلقىدە مۇشۇنداق زور ئىرادىنىڭ بارلىقىنى، شۇنچە زور ۋەتەنپەرۋەرلىك قەلبى بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋېلسۇن ياپونىيە ۋەكىلىگە قاراپ: _ قاراڭ، جۇڭگولۇقلار ۋەكىلى ئىمزا قويارمۇ؟ - دېدى شىۋىرلاپ. _ ھەي! - دېدى ياپونىيە ۋەكىلى يالغان كۈلۈمسىرەپ، بۇرۇتىنى سىلاپ تۇرۇپ، كۆزى قىزارغان ھالدا، - بىزىدە «21 ماددا» بار. ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ سابىق زۇڭتۇڭى يۈەن شىكەي جانابلىرى«خۇشاللىق بىلەن قوشۇلغان». جۇڭگونىڭ سابىق زۇڭلىيسى دۈەن چىرۈيمۇ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن. ھازىرمۇ ئۇلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قوشۇلغان تۇرسا، جۇڭگو ۋەكىلى ئىمزا قويمامدۇ؟ شەندۇڭ بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتۈپ بولغان! ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. ياپونىيە جياۋجۇ قولتۇقىغا ئەسكەر چىقىرىپ بولغانىدى. بىراق ياپونىيە جاھانگىرلىكى بەك بالدۇر خۇشال بولۇپ كەتتى! 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يەنى ئىمزا قويۇلىدىغان كۈنى، پارىژدىكى جۇڭگولۇق ئىشچىلار بىلەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلاردىن 30 مىڭ كىشى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇۋاتقان جايغا تەڭلا توپلاندى. - ئىمزا قويۇشقا بولمايدۇ!- دەپ توۋلىدى 30 مىڭ كىشى تەڭلا. _ كىمىكى ئىمزا قويىدىكەن، ئۇ ۋەتەن خائىنى بولىدۇ! - دەپ توۋلىدى 30 مىڭ كىشى بىر نۆۋەت. 20 نەچچە ياشلىق بىر يىگىت سۇپىغا «شاپپىدە »چىقىپ: _ جۇڭگو ۋەكىلى ئىمزا قويىدىكەن، ئۇ دەرھال ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ! بىز كېلىشىپ قويدۇق، بىرجانغا ئۈچ جاننى تىكىپ قويۇشقا رازىمىز! - دېدى ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇ ئاندىن يانچۇقىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئىمزا قويغان بىر پارچە قەغەزنى ئېلىپ: _ مانا بۇ بىز 15 كىشىنىڭ ئىمزاسى! -دېدى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدى جەمئىي بەش كىشى بار ئىدى. ئىسسىق قېنى قايناپ تاشقان بۇ 15 نەپەر ۋەتەنپەرۋەر ياش مىليونلىغان ۋەتەن خەلقنىڭ ھوقۇقى ۋە شان - شۆھرىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىسسق قېنى ۋە كاللىسىنى تىكىپ قويغانىدى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاخىرى: _ شەندۇڭ مەسىلىسى ھەل قىلىنمايدىكەن، سۈلھ شەرتنامىسىگە ھەرگىزمۇ ئىمزا قويمايمىز! - دەپ بايانات ئېلان قىلدى. جاھانگىرلار ئولجا بۆلۈشكەن پارىژدا سۈلھ كېڭىشى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىي خەلىقنىڭ ئەيىبلەش سادالىرى ئىچىدە تىمتاسلا ئاياغلاشتى. ئۇ ھەرگىز قانداقتۇر تېنچىلىق يىغىنى ئەمەس، بەلكى جاھانگىرلارنىڭ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشى جەريانىدىكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بەرگەن قىستۇرمىدىنلا ئىبارەت خالاس.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ