UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭھارشاۋاردھانا پادىشاھ

ھارشاۋاردھانا پادىشاھ

بەش مىڭ يىل مىلادى 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھندى يېرىم ئارىلى نۇرغۇنلىغان كىچىك دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن بىر پادىشاھلىق يوق ئىدى. ھازىرقى دېھلىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن كانياكوپقا دېگەن بىر كىچىك پادىشاھلىق بار ئىدى. مىلادى 606 - يىلى بىر يىگىت پادىشاھلىق تەختىگە چىقتى. كىشىلەر ئۇنى ھارشاۋاردھانا دەپ ئاتاشتى. پادىشاھ ھارشاۋاردھانا تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن پىللىقلار، ھارۋىلىقلار، ئاتلىقلار ۋە پىيادىلەر قوشۇنلىرىنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچىنى كۈچەيتتى. پىللىقلار قوشۇنى پۈتۈنەلي چوڭ پىللارنى ئاساسلىق جەڭ قورالى قىلغان بولۇپ، پىللارغا پۇختا يوپۇرماقلار يۆگەلگەن ئىدى. پىللار ئۈۇزۇن چىشلىرىنى قورال ئورنىدا ئىشقا سالاتتى، ىارتۇملىرى ئارقىلىق ئېغىر نەرسىلەرنى قاماق ئالاتتى. پىيادە دۈشمەنلەر ئۇچراپ قالسىمۇ خارتۇملىرى ئارقىلىق قاماپ ئالاتتى - دە، ئۇلارنى نەچچە گەز يىراقلىققا ئېتىۋېتەتتى. ئەسكەر باشلىقلىرى پىللارغا مىنىۋېلىپ، ئىككىدىن ئەسكەرنى پىلنى ئارقىسىدىن قوغلاپ مېڭىشقا قوياتتى. ھارۋىلىقلار قوشۇنى تۆت ئات قوشۇلغان بىر ھارۋىنى بىر گۇرۇپپا قىلغان قوشۇن ئىدى. ھەربىر ھارۋىغا برى ئەسكەر باشلىقى باشچىلىق قىلاتى، بىر قانچە ئەسكەر قوللىرىغا ئۇزۇن نەيزىنى تۇتقان ھالدا، ھارۋىدىن نېرى تۇرۇپ دۈشمەن بىلن ئېلىشتاتتى. ھارۋىلار تارقاق تۇرۇپ جەڭ قىلىشتاتتى. چۈنكى بۇنداق تاكتىكىنى قوللانغاندا، تارقىلىپ قېچىپ كېتىۋاتاقن دۈشمەنلەرگە قوغلاپ يېتىۋالغىلى بولاتتى. ئاتلىق قوشۇنى چەۋەندازلاردىن ئىبارەت ئىدى، پىيادىلەر قوشۇنى پىيادە ئەسكەرلەردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار تازا بەرجەس يىگىتلەردىن بولۇپ، ھەممىسى بىردىن يوغان قالقان تاقىۋالغان، قوللىرىغا ئۇچلۇق نەيزە ياكى خەنجەر ئالغان ھالدا باتۇرلۇق بىلەن توسالغۇسىز ئىلگىرىلەيتتى. پادىشاھ ھارشاۋاردھانا ئاشۇ تۆت خىل قوشۇننى تەشكىللىۋالغاندىن كېيىنلا زېمىنىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى. ئۇ تەختكە چىقىپ قىسقىغىنا ئالتە يىل ئىچىدە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغلىقتىن، ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېڭىز بويلىرىغىچە سوزۇلغان كاتتا ئىمپرىيە قۇردى، بۇ ئىمپىرىيە شىچېڭ چۈيدو پادىشاھلىقى دەپ ئاتالدى. شۇندىن كېيىن، ھارشاۋاردھانا ئۆ خاندانلىقىدا فېئوداللىق تۈزۈم ئورنىتىشقا كىرىشىتى. بۇ چاغدا، پادىشاھلىق ئاستىدا 30 نەچچە بەگلىك تەسىس قىلىنغان ئىدى. ھەر دەرىجىلىك ۋەزىرلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مولاپ بېرىلگەن يەرلىرى بار ئىدى. پۇقرالار دېھقانچىلىق، قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋەسودىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، شال، سۆك، پۇرچاق ۋە شېكەر قومۇشى قاتارلىق دېھقانچىلىۇق مەھسۇلاتلىرى، شۇنداقلا ماتا، مىس قوراللار ۋە ئەينەك قاچا - قۇچا قاتالرىق قول سانائەت بۇيۇملىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىراتتى ھەمدە بۇلار ئارقىلىق تاشقى سودا ئېلىپ باراتتى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، ئىقتىساد گۈللەنگەن، دۆلەت بېيىغان ۋە قۇدرەت تاپقان ئىدى. پادىشاھ ھارشاۋاردھانا، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغاچقا، ھەممىلا يەردە بۇددا مۇنازىلىرىنى تۇرغۇزغان، ئىبادەتخانىلىرىنى سالدۇرغان ۋە ھەيكەل ئورناتقان ئىدى. پايتەختى كانائۇج شەھىرىگىلا 100 دىن ئارتۇق بۇددا ئىبادەتخانىسى ياساتقان ئىدى. ئۇ چاغدا بۇددا دىنى ھاھايانا )ئۇلۇغ كۆلەڭگە0 ۋە ھىنايانا )كىچىك كۆلەڭگە( مەرھەپلىرىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھاھايانا مەزھىپىدىكىلەر قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك خالايىقنىڭ ھەممىسىنى تەشەببۇس قىلاتتى. ھىنايانا مەزھىپىدىكىلەر شەخسنىڭ ئاراملىقىنى تەشەببۇس قىلاتتى. پادىشاھ ھارشاۋاردھانا، ھاھايانا مەزھىپىنىڭ مۇرىدى ئىدى. بىر قېتىم پادىشاھ ھارشاۋاردھانا شەخسەن ئۆزى بىر كىچىك بەگلىككە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، بۇ بەەلىكتىكى شەيخلرنىڭ ھەممىسى ھىنايانا مەزھىپىدىكىلەر بولغاچقا، ھاھايانا ئەقدىلىرىگە ئىشەمىگەن، ھىنايانانىڭ بىر ئۇلۇغ ئۇستازى تېخى "ھاھايانانى ئېچىپ تاشلاش توغرىسىدا< دېگەن بىر پارچە ئەسەر يېزىپ ھاھايانى مەسخىرە قىلغان. پادىشاھ ھارشاۋاردھانا بۇنى كۆرۈپ دەرغەزەپكە كەلگەن ۋە ئۇلار بىلەن مۇنازىرىگە سېلىش ئۈچۈن ىوشان بەگلىكتىن ھاھايانا مەزھىپىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازىنى ئالدۇرۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەن. خوشنا بەگلىك جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن سەنزاڭ )ئۈچ يۈرۈش كالامنىڭ ھەممىسىنى بىلىدىغان( ئۇستاز شۇەنجۇاڭنى ئەۋەتكەن. سەنزاڭ ئۇستاز >ۋەھشىلىك قارىشىغا چەك قويۇش توغرىسىدا< دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، ھىنايانا مەزھىپىنىڭ ئەقدىلىرىگە رەددىيە بەرگەن. 642 - يىلى 12 - ئايدا، پادىشاھ ھارشاۋاردھانا - كانائۇج شەھىرىدە بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ مۇنازىرە يىغىنىنى ئاچقان. بۇ يىغىنغا ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى 18 دۆلەتنىڭ پادىشاھلىرى، ھاھايانا ۋە ھىنايانا مەزھەپلىرىنىڭ كاتتا راھىپلىرىدىن مىڭدىن كۆپرەك كىشى، بىراخمان دىنى ۋە باشقا دىنلارنىڭ مۇرىتلىرىدىنمۇ 2000 دىن كۆپرەك كىشى كېلىپ قاتناشقان. ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى ئەللەردىكى پۇقرالارمۇ مۇنازىرە ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى پىلىق، ھارۋىلىق ۋە پىيادە يولغا چىقىپ، تۇغ - ئەلەملەرنى كۆتەرگەن ھالدا قاينام تاشقىنلىق بىلەن يېتىپ كېلىشكەن، مۇنازىرە مەيدانى مىغ ـ مىغ ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ، مىسلىسىز داغدۇغا پەيدا قىلغان. سەنزاڭ ئۇستاز بىر مەزھەپنىڭ ئاساسلىق مۇنازىرچىسى سۈپىتىدە ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ بۇددىزىمنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك شەرھىلىگەن ھەمدە ھىنايانى مەزھىپىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدە كونكرېت تەنقىت ئېلىپ بارغان. نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن >ۋەھىشىلىك قارىشىغا چەك قويۇش توغرىسىدا< دېگەن ئەسرىنى تاختا قەغەزگە يېىزپ، يىغىن زالىنىڭ سىرتىغا چاپلىغان ھەمدە: بىراۋ مېنىڭ مۇھاكىمەمدىكى بىرەر سۆزنىڭ ھەقىقەت ئەمەسلىگىنى تېپىۋالسا، مېنىڭ كاللامنى ئېلىپ خالايىقتىن ئەپۇ سورىسۇن، دەپ بايانات ئېلان قىلغان. مۇنازىرە باشلانغاندا، ھىنايانا مەزھىپىدىن بىر - ئىككى راھىپ چىقىپ بەزى مەسىلىلەرنى قويغان بولسىمۇ، سەنزاڭ ئۇستاز شۇ ھامانلا ئۇلارنىڭ گېپىگەرەددىيە بەرەەنلىكتىن، ئۇلار لام - جىم دېيەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن باشقىلار مۇنازىرە قىلىشقا پېتىنالمىغان. يىغىن بىر قانچە كۈنلەپ ئېچىلغان. سەنزاڭ ئۇستاز ھەر كۈنى ئۇلارغا بۇددىزىم ئەقىدىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ نۇتۇق سۆزلىگەن، جامائەت جىمجىت تۇرۇپ قېتىقىنىپ ئاڭلىغان، بىر كىشىمۇ غىڭ - پىڭ قىلالمىغان. يىغىن مۇشۇ تەرىقىدە 18 كۈن داۋاملاشسىمۇ، بىرەر ئادەم چىقىپ مۇنازىرە قىلىشقا پېتىنالمىغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ ھارشاۋاردھانا مۇنازىرە يىغىنىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى جاكالىغان. يىغىن ئاياقلاشقاندا، پادىشاھ ھارشاۋاردھانا بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەنزاڭ ئۇستازىغا 10 مىڭ تىللا، 30 مىڭ يامبۇ، يۈز يۈرۈش ئالى راھىپلىق كىيىملىرىنى ھەدىيە قىلغان؛ 18 ئەلنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنىڭغا قىممەتلىك سوغىلارنى تەقدىم قىلغان. سەنزاڭ ئۇستاز ھەممىسىگە تەشەككۇر ئېيتقانۇ، قوبۇل قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھارشاۋاردھانا، سەنزاڭ ئۇستازنى ئىنتايىن گۈزەل بىزەلگن بىر پىلغا مىندۈرۈپ، مۇنازىرە مەيدانىنى بىر ئايلاندۇرۇش ئاقرىلىق مۇنازرىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن. پىلنىڭ ئىككى يېنىدا ھەمراھ بولۇپ ماڭغۇچىلار سەنزاڭ ئۇستازنىڭ پېشىگە ئېسىلغان ھالدا پۈتۈن مەيداندىكىلەرگە قاراپ: ئەي خالايىق ئاڭلاڭلار، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار! ئون سەكىز كۈن ھەم قاراتۈن قۇلاق سالدۇق سۆزلەرگە. سەنزاڭ ئۇستاز راست دېدى - ھاھا - يانا ھەقىقەتە، ھىنايانا دېگەنلەردىن چىقمىدى بىر ئىشەنگۈدەك ئىجازەت. دەپ ۋەز توۋلاپ مېڭىشقان. يىغىن ئاياقلاشقاندىن كېيىن، پادىشاھ ھارشاۋاردھانا، ئۇنى ھىندىستاننىڭ بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان >ئوچۇق يىغىن< غا قاتناشتۇرغان. >ئوچۇق يىغىن< بۇددىزىمنىڭ قائىدە ـ قانۇنلىرىنى شەرھىلەيدىغان ۋە مال - مۈلۈك، سەدىقە قىلىدىغان بىر خىل يىغىن بولۇپ، ھەرقانداق كىشى قاتنىشالايتتى. بۇ يىغىنغا پادىشاھ ھارشاۋاردھانا ۋە 18 دۆلەت پادىشاھلىرى قاتناشقان. يىغىن 75 كۈن داۋاملىشىپ ئۇنىڭغا ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەردىن كەلگەن 50 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان، شۇڭا بۇ يىغىن ھىندىستان تارىخىدا ئەڭ كاتتا >ئوچۇق يىغىن< ھېساپلانغان. سەنزاڭ ئۇستازنىڭ ئۇ يىغىندا بۇددىزىم قانۇنلىرىنى شەرھىلەپ كۆپ قېتىملاپ قىلغان سۆزلىرى جامائەتنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئوچۇق يىغىن تولۇق ئاياقلاشقاندىن كېيىن، بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەنزاڭ ئۇستاز ۋەتىنىگە قايتماقچى بولغان. پادىشاھ ھارشاۋاردھانا ئۇنىڭدىن بۈيۈك تاڭ پادىشاسى لى شىمىنگە سالام ئېيتىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن ھەمدە ئۇنىڭغا مىنىشكە بىر پىل بېرىپ، چېگرىدىن ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئوردا ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، ھىندىستان بىلەن جۇڭگو دوستانە خوشنا ئەلەردىن بولۇپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
ھارشاۋاردھانا پادىشاھ | UyghurWiki | UyghurWiki