UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭسۈرگۈم قىلىنغان شائىر

سۈرگۈم قىلىنغان شائىر

بەش مىڭ يىل كۈز كۈنلىرىنىڭ گۇگۇم چۈشكەن بىر كەچلىكى تۆت چاقىلىق بىر ھارۋا رىمدىكى بىر كاتتا ئىمارەتنىڭ ئالدىغاكېلىپ توختىغان. ھارۋا كېلىپ توختاش بىلەن تەڭ قورادىكى كىشىلەر پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆيدىن ئايالنىڭ يىغا ئاۋازى چىققان. بۇ كاتتا ئىمارەتنىڭ خوجاينى رىمدىكى ئەڭ مەشھۇر شائىرلاردىن بىرى بولغان ئوۋىدىئوس ئىكەن. ئۇ 50 ياشلارغا كىرگەن، قامەتلىك كىشى بولغان، چۆرىسىگە جىگەر رەڭ جىلتەك تۇتۇلغان چەۋەندازلا كىيمىنى كىيگەن ھالدا، كۈتۈپخانىسىدا ئۇيان _ بۇيان ماڭغان. ئۇ ئاياللارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ، تۇيۇقسىز توختىغان، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قايغۇ _ ھەسىرەت نۇرى چاقىنىغان. ئۇ بۇ ئازادە ئۆي بىلەن مەڭگۈ خەيرىلىشىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلغان. ئوۋىدىئۇس ئىزچىل تۈردە رىملىقلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن شائىر ئىكەن. ياشلار ئۇنىڭ شېئىرىلىرىنى يادقا ئوقۇيالىغانلىقلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىكەن، تۆرىلەر، ۋەزىرلەر ئۇنى دائىم مېھمانغا چاقىرىپ تۇرىدىكەن، رىمدىكى ئەڭ مەشھۇر زاتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى يوقلاپ تۇرىدىكەن. ئوۋىدىئۇس ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى دۆلەت باشلىقى ئوكتاۋىياننىڭ ئوردىسىغا جىق بارغان ئىكەن.... بىراق، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش بولۇپ قالغان. ئوكتاۋىيان ئۇنى يىراق قارا دېڭىز بويىغا سۈرگۈن قىلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە رىمغا كېلىشكە مەڭگۈ رۇخسەت قىلماسلىق توغرىسىدا تۇيۇقسىز بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇنى سۈرگۈن قىلىشنىڭ سەۋەبى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۆلەت باشلىقىنىڭ قەدىمقى ئەخلاق ئۆرپ _ ئادەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسىغا خىلاپ كەلگەنىمىش. بۈگۈن. يەنى مىلادى 8 - يىل 10 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۆيىدە تۇرىدىغان ئاخىرىقى كۈنى ئىكەن. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىغان ھارۋا ئۇنى رىمدىن ئېلىپ كېتىشكە كەلگەن ھارۋا ئىكەن. ئوۋىدىئۇس خەت شىرەسى ئالدىغا كەلگەن، شىرە ئۈستىدە بىر تالاي سامان قەغەز، قوي تېرىسىدىن ياسالغان قەغەز ۋە لاك بىلەن سىرلانغان كىچىك تاختا بار بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭ قول يازمىلىرى ئىكەن. ئۇ نەچچە باغلام سامان قەغەزنى قولىغا ئېلىپ، ئۈستىدىكى «شەكىل ئۆزگىرىش» دىگەن خەتلەرگە سەپسىلىپ قارىغان. بۇ ئېپىك داستان جەمئى 15 توم، 12 مىڭ مىسرا بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن يۈرەك قېنى سىڭدۈرۈلگەن، ئۆزى ئوڭ مەمنۇن بولغان ئەسىرى ئىكەن. داستان قەدىمقى يۇنان، رىم ئەپسانىلىرىدىن 250 ھېكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەلمىساقتىن تارتىپ ئۆز ياشاپ كەلگەن رىم دەۋرىگىچە بولغان ئەھۋاللارنى مەزمۇن قىلغان ئىكەن. ئۇ داستاننى بىر بەت، بىر بەتتىن ۋاراقلىغاندا، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا مۇنداق ئاجايىپ بىر ئەپسانىۋى دۇنيا ئايان بولغان. خونۈك دۇنيادا بولغان تۇنجى ئۆزگىرىشتىن كېيىن، گۈللەپ ياشنىغان دۇنيا بارلىققا كەلدى. ئېچىلمىغان تىڭدىن ئالما ۋە بۇغدايلار باشاقلىرى ئۆسۈپ چىقتى؛ دەريالاردا سۈت ئاقتى، كاۋچۈك دەرىخىدىن سېرىق ھەسەل تامچىدى. نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىدى، بۇ ئىنسانىيەتنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» كېيىن باش خۇدا پۇپىتېر (رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئالى خۇدا، يەنى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى باش خۇدا زېۋىس) بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ بىر يىلنى ئەتىياز، ياز كۈز ۋە قىش دەپ تۆت پەسلگە ئايرىدى. كىشىلەر سوغاقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تاغ ئۆڭكۈرلىرىگە كىرىدى، ئوزۇقلۇق تېپىش ئۈچۈن جاپالىق ئەمگەكلەرنى قىلدى. بۇ «كۈمۈش دەۋر». ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش پەيدا بولۇپ، ئىنسانلار «مىس دەۋرى» گە قەدەم قويدى. بىراق ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغان «قارا تۆمۈر دەۋرى» يېتىپ كەلدى. ئىلگىرى خۇددى ھاۋا ۋە ئاپتاپ ھەممە ئادەمگە تەئەللۇق بولغىنىدەك، يەرشارىمۇ ھەممە ئادەمگە تەئەللۇق ئىدى؛ ئەمدىلىكتە ئۇ نۇرغۇن رايونلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. كىشىلەر يەر شارىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قاتتىق تۆمۈر ۋە زىيانداش قازىدىغان بولدى. ئىنسانلار بايلىقنى دەپ سەمىمىيەت ۋە نۇمۇس دېگەننى ئۇنتۇدى، ۋەزىيەتكە يارىشا ئالدامچىلىق ۋە مەككارلىق، زورلۇق ۋە بۇلاڭ _ تالاڭ پەيدا بولدى... قۇياش خۇداسى ھېراكېس ھەر كۈنى تۆت ئاتلىق ئالتۇن ھارىۋىغا چۈشۈپ سامادا شەرقتىن غەرپكە قاراپ پەرۋاز قىلدى. ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتتى، دۇنيانى نۇر بىلەن يۇرۇتتى ھەمدە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەممە پائالىيەتنى كۈزەتتى، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئوغلى پائېتون ئاشۇ تۆت ئاتلىق ئالتۇن ھارۋىغا چۈشۈپ ساياھەتكە چىقتى، بىراق ئۇ ھارۋا ھەيدەشكە ئۇستا بولمىغاچقا يەرشارىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغىلى تاس قالدى. بۇ ئىشنى ھەممىگە قادىر باش خۇدا يۇپتېر بىلىپ قېلىپ چاقماق بىلەن پائېتوننى ئۆلتۈردى... ئوۋىدىئۇس ئارگىنالغا قارىمايمۇ بۇ كارامەت ئىسىل شېئىرلارنى يادقا ئوقۇيالايتتى. ھازىر ئۇ بېشىغا كەلگەن پىشكەللىكنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ، ئاخىرىقى بىر ئابزاس سۆزنى ئۈنلۈك قىلىپ ئوقىغان: _ مەن ئەسىرىمنى يېزىپ تۈگەتتىم. بۇ پۇپتېرنىڭ غەزىۋى، ئوتى، خەنجىرى شۇنىڭدەك باشقا ھەر قانداق گۇم بولغان دەۋىرنىڭ نەرسىلىرى بىلەن يوقىتالايدىغان كىتاب ئەمەس. رىم ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇۋاتقان بارلىق جايلاردىكى خەلقلەر بۇنى ھەممە يەردە دىكلاماتىسىيە قىلغۇسى! _ ئۇ بىردەم تۇرۇۋېلىپ، ئۆزىچە پىچىرلىغان، _ بىراق، ھازىر ئۇنىڭ نېمە كېرىگى؟ ئوۋىدىسۇس ئوتى ئۆچۈپ قالاي دېگەن ئوچاقنىڭ يېنىغا بېرىپ، قولىدىكى ئورگىناللارنى بىر _ بىرلەپ ئوچاققا تاشلىماقچى بولغان. خوتۇنى ئېرىنىڭ ئورگىنالنى كۆيدۈرۈۋەتمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، دەھال بېرىپ ئورگىناللارنى تارتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئاخىر بۇ داستاننىڭ ئورگىناللىرى كۆيدۈرۈلمىگەن. ئوۋىدىئۇس ئۆزىنىڭ بۇ يەردىن دەرھال كەتمەكچى ئىكەنلىكىنى خوتۇنىغا ئېيتقان. _ بىز ئاخىر مۇشۇنداق ئايرىلىمىزمۇ؟ _ دېگەن خوتۇنى ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئېتىپ ھەم دەرت _ ئەلەمنى ئىچىگە يۇتۇپ، _ ياق، بىز ئەر _ خوتۇن ئوپېئوسلاردەك بىرگە بولۇشىمىز كېرەك! _ مەن بىلەن خوشلاش! دۆلەت باشلىقىغا ئېيتىپ قوي، مېنى سۈرگۈن قىلىش ئادىل بولمىدى! _ ياق، مەنمۇ سەن بىلەن بارىمەن! مەن سۈگۈن قىلىنغان ئايال مەھبۇس بولۇپ باراي، ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگە بارساممۇ مەيلى! _ خوتۇنى ھۇشىدىن كېتىپ ئوۋدىئۇسنىڭ قۇچىقىغا يىقىلغان. ئوۋدىئوسنىڭ قۇچىقىغا يىقىلغان. ئوۋدىئوس قەتئى نىيەتكە كېلىپ خوتۇنىنى ئىتتىرىۋەتكەن _ دە، ئىشىكىتىن ئېتىلىپ چىقىپ تۆت چاقلىق ھارۋىغا چىققان. ھارۋا ئوۋدىئوسنى تېبىر دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قويۇلىدىغان ئېغىزىغا ئېلىپ بارغان. ئۇزاق مۇددەتلىك خەتەرلىك سەۋەپلەر ئارقىلىق ئۇ ئاخىر سۈرگۈن قىلىنغان دومىيە شەھىرىگە يېتىپ بارغان. ئوۋىدىئۇس يىراق دومىيە شەھىرىدە شۇ جاينىڭ يەرلىك تىلىنى ئۆگەنگەن ھەمدە شۇ تىلدا شېئىر يازغان. ئۇ سۈرگۈندە بولغان توققۇز يىل ئىچىدە، يەنە «مۇڭلۇق ناخشىلار»، «پونتوستىن كەلگەن مەكتۈپلار» دېگەن ئىككى شېئىرلار توپلىمىنى يىزىپ، ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلىگەن. مىلادى 17 - يىلى، ئوۋىدىئوس ئۆزىنىڭ پاجىئەلىك ھاياتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ دومىيىدە خارلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن. شائىر ئوۋىدىئوسنىڭ تەقدىرى تەتۈر كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يازغان شېئىرلار، بولۇپمۇ «ئۆزگىرىش» ئۆلمەس ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. كېيىنكى چاغلاردا، ياۋروپانىڭ ئەدىپىلىرى، رەسساملىرى ۋە ھەيكەلتاراچلىرى، كۆپىنچە، بۇ ئۇلۇغ شېئىرىي ئەسەردىن ۋەقەلىك ئېلىپ، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجات قىلغان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
سۈرگۈم قىلىنغان شائىر | UyghurWiki | UyghurWiki