جىيەن جېننىڭ شەرققە ئۆتۈشى
بەش مىڭ يىل
چىقتى جيەنجېن سەپەرگەجاسارەتتە دۇڭخەي تامان،
ساپ نىيەتتىن نۇرلىنىپ كەتتى ئۇلۇغ ئوكيان ھەجەپ.
دىن تارقاتقىنىدا ئۇ پىداكارلىق بىلەن،
تاڭ ساباسىغا چۆمۈلدى شۇ ھامان نەيلياڭ تەرەپ.
بۇ - گورمورونىڭ 1963 - يىلى شەيخ جيەن جېن ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 1200 يىللىقىنى خاتىرىلەپ يازغان شېئىرى بولۇپ، شېئىردا جيەن جېننىڭ جاپا - مۇشەقەتتىن قورقماي، جۇڭەو ـ ياپونىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى ۋە ئۆزىنى تەقدىم قىلىش روھى قىزغىن مەدھىيىلەنگەن.
مىلادى 733 - يىلى ئاۋغۇستتا، ياپونىيىنىڭ 9 ـ قېتىملىق ئەلچىلەر ئۆمىگى جۇڭگوغا كەلدى. رۇڭ رۇي، پۇجاۋلاردىن ئىبارەت ياپونىيىلىك ئىككى ياش راھىپ بۇ ئۆمەك بىلەن كەلدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بۇددا دىنىنى تەھسىل قىلىش ۋە ئەمىر ـ مەرۇپچى دانا راھىپلارنى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىش ئىدى.
ئۇ دەل تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاسى شۇەنزۇڭ جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. رۇڭ رۇي ۋە پۇجاۋ توپ - توغرا 20 يىللىق ھاياتىنى جۇڭگودا ئۆتكۈۈزدى. ئۇلار ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ لوياڭ، چاڭئەنلەردىكى مەشھۇر ئىبادەتخانىلاردا بۇددىزىمنى تەھسىل قىلدى ھەمدە >ئۈچ ئۇستاز يەتتە شاھىت< )يەنە ئۈچ ئۇستاز دەرس بېرىپ، يەتتە راھىپ دەرسكە گۇۋاھلىق قىلىش( نىڭ قاتتىق سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، رەسمىي راھىپ سالاھىتىگە ئىگە بولدى. ۋەتىنىگە قايتىشتىن ئاۋال ئۇلار چەڭئەنلىك راھىپ داۋخاڭ بىلەن گاۋلىلىق راھىپ رۇخەيلەرنى ياپونىيىگە بېرىپ ئەمىر ـ مەرۇپچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، ئەمما بۇ ئىككى راھىپنىڭ بۇددا بىلىمىدە تازا يېتىشكەن مۆتىۋەرلەردىن ئەمەسلىگىنى ھېس قىلدى. ئۇلار داۋخاڭدىن ئۇنىڭ ئۇستازى جيەن جېننىڭ ئابرويلۇق دان راھىپلىقىنى، ئۇنىڭ ياپونىيىگە بېرىپ ئەمىر - مەرۇپ تارقىتىشقا تازا يارايدىغان ئادەملىگىنى بىلىۋالدى.
742 - يىلى ئۆكتەربىردە، رۇڭرۇي، پۇجاۋلار تاڭ ئوردىسىنىڭ ۋەزىرى لى لىنفۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئېلىپ ياڭجۇغا كېلىپ ۋەتىنىگە قايتىدىغان كېمە ھازىرلىقىنى قىلدى. ئۇلار مۇشۇ پۇرسەتتە بۇ يەردىكى دامىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ جيەن جېنگە باش ئۇردى ۋە ئۇنىڭدىن شەرققە بېرىپ ئەمىر ـ مەرۇپ قىلىشنى سەمىمىي تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئەمىر ـ مەرۇپچى دانا ئۇستازلاردىن بىر نەچچىنى تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندى. جيەن جېن ئۇلارنىڭ ياخشى نىيىتىگە يارىشا ئىش كۆردى ۋە ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىدىن:
- ياپونىيىگە بېرىپ بۇددىزىم تارقىتىشنى خاليدىغانلار بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
بىر ھازىرغىچە ھېچكىم زۇۋان سۈرمىگەندىن كېيىن، شاگىرتى شياڭ يەن ھىيىقىپراق سۆز ئالدى:
- بىز بۇددىزىم تارقىتىشنى خالىمايدىغنالاردىن ئەمەس، بىراق ياپوپنىيە بىلەن ئارىلىقىمىزدا دېڭىز بار، ئارىلىق بەكمۇ يىراق، پايانسىز دېڭىزدا شۇنچە يىراققا سەپەر قىلغاندا، قاباھەت كۆپ بولىدۇكى، خاسىيەت ئاز بولىدۇ. ھاياتلىق ھەممىدىن ئەۋزەل، بىزدەك بىلىمى پۈتمىگەن، ئېتىاقد مېۋىسى پىشمىغانلار بېرىپ نېمە قىلارمىز …
- قايسىڭلار بېرىشنى خالايسىلەر؟ - جيەن جېن، شياڭيەننىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتىپ يەنە سورىدى.
يەنىلا ھېچكىم جاۋاپ بەرمىدى. شۇئان جيەن جېن سۆز ئالدى:
ـ ئەقىدە ئۈچۈن ھاياتىمىزنى ئايايمىزمۇ؟ سىلەر بارمىساڭلار ئۆزەم بارىمەن!
جەسۇرلۇق بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆز سورۇندىكىلەردە زىلزىلە پەيدا قىلدى.
- ئۇستازىم بارسا، - دېدى تەسىرلەنگەن شياڭ يەن، - مەنمۇ بارىمەن! - ئارقىدىنلا داۋشىڭ، سىتۇ قاتارلىق 12 شاگىرتى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىش قارارىغا كەلدى. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ مەنزىرە رۇڭ رۇي، پۇجاۋلارنى ھاياجانغا سالدى.
شۇنداق ىلىپ، 55 ياشقا كىرگەن جيەن جېن تارىخ بەتلىرىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان شەرققە ئۆتۈش ئىجادىيىتىنى باشلىدى.
743 - يىلى مارتتا شەرقتىكى ياپونىيىگە بېرىشنىڭ بالرىق تەييارلىقلىرى ھازىرلانغان ئىدى. بۇ چاغدا، جيەن جېنگە ھەمراھ بولۇپ بارىدىغانلار ئارىسىدا توساتتىن بىر ۋەقە يۈز بەردى: چاڭئەنلىك راھىپ داۋخاڭ شاگىرتلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، >گاۋلىق راھىپ رۇخەينىڭ مەلۇماتى تۆۋەن، ئەخلاق - پەزىلىتى ناچار، بىللە بېرىشقا سالاھىيىتى توشمايدۇ< دېدى. باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ياخشى كۆرىدىغان رۇخەي، داۋخاڭ بىلەن قاتتىق جىدەللەشتى ھەمدە ئاچچىقىدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېرىپ، >دۋخاڭنىڭ كېمە ياساپ دېڭىزغا چۈشۈشى، دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ئۈچۈن< دەپ ئەرز قىلدى ۋە ئۇ يۈزلەپ دېڭىز قاراقچىلىرىنى شەھىرىمىزگە باشلاپ كىردى، دېدى. ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئەرزىگە ئىشىنىپ كېتىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتەق ىلماستىنلا داۋخاڭ ۋە رۇڭ رۇي، پۇجاۋلارنى تۇتقۇن قىلدى. رۇڭ رۇي، پۇجاۋلار لى لىنفۇنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىنى كۆرسىتىپ، رۇخەينىڭ تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇلارنى قويۇپ بەردى. ئەمما، ھۆكۈمەت رۇڭ رۇي، پۇجاۋلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ بىللە بېرىشىغا يول قويمىدى. نەتىجىدە قيەن جېننىڭ بىرىنچى قېتىملىق شەرققە ئۆتۈشى مۇۋەپپەقىيەتىسزلىككە ئۇچرىدى.
- ئەجەبا بىز ياپونىيىگە مۇشۇنداق قۇرۇق قول قايتىپ كېتىمىزمۇ؟ - دېدى رۇڭ رۇي، پۇجاۋلار تىت - تىت بولۇپ.
- قايغۇرماڭلار، - جيەن جېن بىر تەرەپتىن ئۇلارغا تەسەللى بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرققە ئۆتۈشنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تەييارلىقىغا كىرىشتى. ئۇ ئۆزى جۇغلىغان 80 تىزىق پۇلنى )يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن پۇل بولۇپ، ھەر مىڭ تىزا بىر تىزىق ئىدى( چىقىرىپ بىر دانە كېمە سېتىۋالدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە 08 كېمىچىنى ياللىۋالدى. بۇ نۆۋەت 70 راھىپ ۋە نەقىشگەر، رەسسام، كەشتىچىلەردىن85 كىشى جيەن جېنگە ھەمراھ بولۇپ چىقتى. ئۇلار دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر ئايدىڭ كېچىدە ياڭجۇدىن مەخپىي يولغا چىقتى. ئۇلار لاەڭگۇپۇغا بارغاندا تېخىمۇ دەھشەتلىك بوران - چاپقۇنغا ئۇچرىدى. كېمە خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ چۆكۈپ كەتى. ئۇلار يا ئاشلىق، يا سۇ يوق بىر تاقىر ئارالغا چىقىۋالدى. بۇ يەردە ئۈچ كۈن ئاچ - زارلىقتا قىينالغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە كەلگەن بېلىقچىلار كېمىسى ئۇلارنى كۆرۈپ ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلدى، ئارىدىن سەككىز كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھۆكۈمەت كېمە ئەۋەتىپ ئالدۇرۇپ كەتتى. جيەن جېن، رۇڭ رۇي، پۇجاۋ ۋە ھەمرا بولۇپ چىققان شاگىرتلار جېجياڭدىكى ئاسۇكا ئىبادەتخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇلدى. ئىككىنچى قېتىملىق شەرققە ئۆتۈشمۇ مەغلۇپ بولدى.
مۇشۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى ئون يىل داۋامىدا، جيەن جېن، رۇڭ رۇي، پۇجاۋلار خىلمۇ خىل خەۋپ - خەتەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يەنە ئۈچ قېتىم شەرققە ئۆتۈشكە ئاتلاندى. بەشىنچى قېتىم ئۇلار ياڭجۇدىن مەخپى يولغا چىقىپ، شەرققە قاراپ مېڭىپ لاڭشەنگە باردى. رەسمىي دېڭىزغا چىقماي تۇرۇپلا بوران - چاپقۇن چىقىپ كېتىپ، كېمىنى جېجياڭنىڭ ئۇدۇلىغىچە ئۇچۇرۇپ كەتتى. ئارقىدىنلا يەنە قارا بوران كۆترىلىپ دېڭىز دولقۇنلىرى قەھىرلىك ئۆركەشلىدى، كېمە بىردەم دولۇنسېرى تاغدەك ئىگىزگە كۆتىرلىسە، بىردەم جىلغىدەك پەسكە چۈشۈپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېمىدىكى تاتلىق سۇ تۈگەپ كەتكەچكە، كۆپچىلىكنىڭ گېلى قۇرۇپ ھۆ قىلغۇچى كېلەتتى، قۇرۇق گۈرۈچ بىلەن ئۆزلىرىنى ئەمەك ئېتىپ چايناپ باقسىمۇ يا يۇتالماي، يا ياندۇرۇۋېتەلمەي قىينىلاتتى. ئامالسىزلىقتىن دېڭىز سۈيىنى ئىچكەن بەزىلەر قوساق ئىسىگىنىڭ دەردىدە تولغىناتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق ئازاپ بىلەن چەكسىز دېڭىزدا 14 كۈن لەيلەپ يۈرۈپ، >ئېلان دېڭىز<، >ئۇچار بېلىق دېڭىزى<، >ئۇچار قۇش دېڭىزى< قاتارلىق دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ، خەينەنداۋ ئارىلىغا بارغاندىلا، ئاخىرقى ھېساپتا قۇرۇقلۇققا چىقتى. جيۇەن جېننى تەكلىپ قىلغان جۇڭگو - ياپنىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى چەككەن ياپونلۇق راھىپ رۇڭ رۇي، ئۇزاق مۇدەتلىك چارچاش ئارقىسىدا كۆپ ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ كەتتى. 63 ياشلىق جيەن جېن رۇڭ رۇينىڭ ۋاپاتى بىلەن ھەسسىلەپ ماتەم قايغۇسىغا چۆمدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇپنىڭ ئىسسىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئەما بولۇپ شەرققە ئۆتۈش ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ ئىرادە قىلغان شياڭ يەنمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئەمما، ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن بۇ بىر يۈرۈش زەربىلەر جيەن جېننىڭ شەرققە ئۆتۈش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىدى. ئۇ كۆڭلىدە 6 - قېتىملىق شەرققە ئۆتۈش سەپىرىگە داۋاملىق تەييارلىق كۆردى.
753 - يىلى ئۆكتەبىردە، ياپونىيىنىڭ ئونىنچى قېتىملىق >تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ئۆمىگى< ۋەتىنىگە قايتماقچى بولدى. ئەلچى تېڭيۈەن چىڭخې، جىبېي جېنبېي ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققان جاۋ خېڭ قاتارلىقلار بىرلىكتە ياڭجۇدىكى يەنگۇاڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، جيەن جېننى زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭ بەش قېتىملىق دېڭىزدىن ئۆتۈشتىكى پائالىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئېيتتى ھەمدە ئۇنى شەرققە ئۆتۈش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەكلىپ قىلدى. يېشى 60 تىن ئاشقان جيەن جېن تولۇق رازىلىق بىلدۈردى. ھۆكۈمەتنىڭ توسقۇنلۇغىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جيەن جېن، ئەلچىلەر كېمىسىنى ئاۋال ياڭجۇدىن چقىپ كېتىپ خۇاڭسىپۇدا ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. 19 - ئۆكتەبىر كېچىلىگى جيەن جېن اتارلىقلار بىر كىچىك كېمىگە چۈشۈپ يولغا چىقتى، سىتو قاتارلىق 14 شاگىرتى ۋە باشقا خادىملردىن 24 كىشى ئۇنىڭغا ھەمرا بولدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پۇ جاۋمۇ دەرھال كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلدى. تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ئۆمگىنىڭ تۆت كېمىسى 15 ـ نويابىر كۈنى بىرلا ۋاقىتتا يولغا چىقتى. جيەن جېن ئاخىرى 6 - قېتىملىق شەرققە ئۆتۈش سەپىرىگە قەدەم قويدى.
جيەن جېنلەرنىڭ ھەممىسى بىر كېمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بەختكە ئەمم ئىككى ئاي جاسارەت بىلەن كۈرۈش قىلىش نەتىجىسىدە، خەۋپ - خەتەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ 26 - دېكابىردا ياپونىيىگە يېتىپ باردى. ئەپسۇسكى، تېڭيۈەن چىڭخې ۋە جاۋ خېڭ قاتارلىقلار چۈشكەن كېمە بوراندا ئۇچۇپ كەتكىنىچە ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى ۋيېتنامغا بېرىپ توختىدى. كېمىدىكى ئادەملەردىن 160 نەچچە كىشى خەتەرگە ئۇچراپ قازا تاپتى، تېڭيۈەن چىڭخې، جاۋ خېڭ قاتارلىق ئون نەچچە كىشى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىپ چاڭئەنگە قايتىپ كەلدى.
بۇددا دىنى 6 - ئەسىردىن باشلاپ كورىيە يېرىم ئارىلىدىن ياپونىيىگە تارقالغان بولۇپ، 8 - ئەسىرگە كەلەەندە ناھايىتى ئەۋج ئالغان ئىدى. ياپونىيە خاندانلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىردەك بۇددا دىنى ئارقىلىق >دۆلەتنى ساقلاپ تۇرغان< ئىدى. جيەن جېن، ياپونىيىگە يېتىپ كەلگەن خەۋەر تارقىلىش بىلەنلا ئوردا، ئاۋام خەلق ۋە دىنىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدا چوڭ بىر زىلزىلە پەيدا قىلدى. جيەن جېن پايتەخت نەيلياڭ شەھىرىگە يېتىپ بارغان كۈنى، ياپونىيىنىڭ ۋاپادار سامماۋى خانى شەھەر دەرۋازىسىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئەلچى چىقاتتى. جيەن جېن كىشىلەرنىڭ قولداشلىقى بىلەن نەيلياڭ شەھىرىگە كىردى. نەيلياڭ شەھىرىنىڭ كوچىلىرى تۈپ - تۈز ھەم كەڭ بولۇپ، كېسىشىپ ھەر تەرەپكە ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. >مىڭلىغان ئۆيلەر گويا شاخمات تاختىسى ئۈستىگە قويۇلغاندەك رەتلىك، 12 كوچا خۇددى ئوتياش چۆنەكلىرىگە ئوخشاش تۈپ ـ تۈز بولۇپ< پۈتۈنلەي چاڭئەنگە ئوخشاش كېتەتتى، جيەن جېن بۇ مەنزىرىگە بەكمۇ سۆيۈنۈپ كەتتى ۋە گويا ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغان چاڭئەنگە كېلىپ قالغاندەك بولدى.
جيەن جېن، بۇددىزىمنىڭ مەشھۇر مۇقەددەس جايى بولغان دۇڭدا ئىبادەتخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سامماۋى ىان يەنە جيەن جېنلەردىن 12 كۈن كېيىن يېتىپ كەلگەن ئەلچى جىبېي جېنبېينى دۇڭدا ئىبادەتخانىسىغا ئەۋەتىپ، قيەن جېنگە >ماياك يەتكۈزۈپ بەرگۈچى بۈيۈك ئۇستاز< دېگەن ئۇنۋاننى بېرىپ، ئۇنى ئەمىر - مەرۇپچىلىقق رىياسەتچى قىلىپ تەيىنلىگەنلىك پەرمانىنى يەتكۈزدى. جىبېي جېنبېي يەنە جيەن قېننىڭ شاگىرتلىرىغا بېرىلگەن ئۇنۋانلارنىمۇ ئەنگە ئېلىپ، بىر بىرلەپ نام بەردى ۋە بىر بىرلەپ سوغا تەقدىم قىلدى.
ئۇ چاغدا، ياپونىيىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىدا باج ـ سېلىق ۋە ئالۋاڭ ـ ياساقنى كەچۈرۈم قىلىش ئىمتىيازى بولسىمۇ، ئەمما، ئەمىر - مەرۇپچىلىك ئۇنۋانى بېرىدىغان قاتتىق تۈزۈم بولمىغاچقا، راھىپ بولماق ناھايىتى ئاسان ئىش ئىدى، ئادەتتە راھىپلار بۇتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، بۇددا قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا قەسەم بېرىپلا >ئۆزىگە ئۆزى ئەمىر - مەرۇپچى< دەپ نام بېرىپ راھىپلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇۋالاتتى. مۇشۇ تەرىقىدە كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن راھىپ بولۇپ كەتكەچكە، ئوردىغا تاپشۇرۇلىدىغان باج بارغانسېرى ئازلاپ كېتىپلا قالماستىن، باشقا ئىەللەتلەرمۇ كۆپلەپ كۆرۈلۈپ تۇراتتى. جيەن جېن، ياپونىيىگە يېتىپ بارغاندا كېيىن، ياپونىيە خان ئوردىسى ئۇنى قاتتىق ھەم مۇكەممەل بولغان ئەمىر - مەرۇپچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا بەلەىلىدى. خان ئوردىسى يەنە دۇڭدادا ئەمىر ـ مەرۇپچىلىك مۇنبىرى قۇرۇپ، ياپونىيە ساموراي خاقانى، خانىش، ۋاپادار سامماۋى خان قاتارلىقلارمۇ باشلامچىلىق بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ، جيەن جېندىن ئەمىر ـ مەرۇپچىلىك ئۇنۋانى ئالدى؛ ئارقىدىنلا خان جەمەتى ۋە ياش سىرامانلار )ئەمىر - مەرۇپچىلىك دەرىجىسىگە توشمىغان ئەر دۇئا - تىلاۋەتچىلەر( دىن 400 نەچچە كىشىمۇ ئارقا - ئارقىدىن شۇ تەرىقىدە ئۇنۋان ئالدى. ئەمما، بۇددىزىم ساھەسىدىكى >ئۆزى قەسەم بېرىپ ئۇنۋان ئېلىۋېلىش< قا ئادەتلىنىپ قالغا بەزى راھىپلا ئاۋالقىدەكلا مۇنبەرگە چىقىپ ئۇنۋان ئېلىشنى خالىمىدى. شۇنىڭ بىلەن جيەن جېن، شاگىرتلىرىنى ئۇلار بىلەن دوستانە زوكۇنلىشىشقا ئەۋەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارمۇ مۇنبەرگە چىقىپ ئەمىر ـ مەرۇپچىلىك ئۇنۋانى ئېلىشقا چىن دىلىدىن قايىل بولۇشتى.
بۇنىڭ بىلەن جيەن جېننىڭ ئىناۋىتى ناھايىتى ئۆسۈپ كەتتى. جاي ـ جايلاردىكى راھىپلا بەس - بەس بىلەن كېلىپ جيەنجېنگە باش ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھەققانى قائىدە ۋە ئەمىر ـ مەرۇپچىلىك قانۇنىنى ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. شاگىرتلارنى كەڭ تۈردە كۆپەيتىش ئۈچۈن، جيەن جېن، جۇڭگونىڭ ۋۇتەيشەن تېغىدىكى چىڭلياڭ ئىبادەتخانىسى ۋە خېڭياڭدىكى يۆشى ئىبدەتخانىسىنى تەقلىد قىلىپ، يېڭى بىر ئىبادەتخانا قۇرۇش ھەققىدە خان ئوردىسىغا تەكلىپ بەردى. خان ئوردىسى بۇ تەكلىپنى دەرھال تەستىقلىدى. جيەن جېن ۋە شاگىرتلىرىنىڭ مىڭبىر جاپا بىلەن ئىشلىشى نەتىجىسىدە بۇ ئىبادەتخانا 759 - يىلى ئاۋغۇستتا پۈتتۈرۈلدى. ۋاپادار خاقان )بۇ چاغد ئۇ پاك ھەم رەھىمدىل سامماۋى خانغا ئورۇن بەرگەن ئىدى، شۇڭا >خاقان< دەپ ئاتالغان( شەخسەن ئۆزى >تاڭجاۋتى ئىبادەتخانىسى" دەپ ۋىۋىسكا يېزىپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھەر يەر - ھەر يەرلەردىن كەلگەن راھىپلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ بۇددىزىمنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىپ، ئەمىر - مەرۇپ قوبۇل قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىبادەتخانا ياپونىيە بويىچە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بۇددىزىم مەكتىۋىگە ئايلاندى.
جيەن جېن، شەرقتىكى ياپونىيىگە ئۆۈپ، جۇڭگونىڭ بۇددىزىمى ۋە ئەمىر ـ مەرۇپچىلىگىنى تارقىتىپلا قالماستىن، بەلكى شۇ چاغدىكى ئەڭ يېتىشكەن تاڭ مەدەنىيىتىنى ياپونىيىگە تونۇشتۇردى.
جيەن جېن تېبابەتكە ناھايىتى پۇختا ئىدى. ئۇ ئەمىر ـ مەرۇپ ئۆگىنىپ ئۇنۋان بېرىشتىن باشقا يەنە تىببىي داۋالاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياپونىيىگە تىبابەت بىلىملىرىنى تارقاتتى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئەمما بولدىمۇ، بۇرنى بىلەن پۇراش، تىلى بىلەن تېتىش، قولى بىلەن سىلاش ئارقىلىق سېزىم ئەزالىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ، دورىلارنى پەرق ئېتىش جەھەتتىكى بىلىمىنى سېخىلىق بىلەن ياپونىيە خەلقىغە ئۆگەتتى. بىر قېتىم سامماۋى خان كېسەل بولۇپ قالغاندا، داۋالاشقا ماھىر شەيخلەردىن 120 كىشىنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاشتقان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن جيەن جېن قاتارلىق داۋالاش ئۈنۈمىدە ئەلا نەتىجە قازىنىپ مۇكاپاتقا ئىگە بولدى.
جيەن جېن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بۇددىزىم ئىبادەتخانا ئىمارەتچىلىگىدە ماھىر ئىدى. تاڭجاۋتى ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا، جايلاشتۇرۇلۇشى يېقىملىق، بۆلەكلىرى برىسى بىرسىگە مۇناسىپ بولۇپ، كىشىدە بىر خىل ھەيۋەتلىك تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى. ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىمارتچىلىگىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتچىلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ياپونىيە ئىبادەتخانا ئىمارەتچىلىكىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
يۇقۇرقىلاردىن باشقا، جيەن جېن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئەدەبىيات، ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق، خەتتاتلىق، تىلشۇناسلىق ۋە قەن چىقىرىش، جياڭيۇ چقىرىش، پۇرچاق پىشلىقى چىقىرىش، ماشىنىچىلىق جەھەتلەردىمۇ ياپونىيە خەلقىغە قىممەتلىك تۆھىپلەرنى قوشتى.
763- يىلى 6 - مايدا، بۈيۈك ئۇستاز جيەن جېن، تاڭجاۋتى ئىبادەتخانىسىدىكى ياتىغىدا، بەدەشقان قۇرغان ھالدا غەرپ تەرەپتىكى ۋەتىنىگە قاراپ ئولتۇرۇپ نەپەستىن توختىدى، بۇ چاغدا ئۇ 76 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. جيەن جېن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى، شاگىرتى سىتو ئۇنىڭ ئولتۇرغان ھالىتىدىكى تەقى - تۇرقىغا تەقلىد قىلىپ، ئاق كەندىر كاناپلىرىنى يۆگەپ ئۈستىگە سىر بېرىپ زاماسكىلاش ئۇسۇلى بىلەن ھەيكىلىنى قاتۇرغان ئىدى. بۈيۈك ئۇستازنىڭ ئوچۇق قىزىل جىلىتكە كىيگەن، ئۈستىگە كاسايا يېپىنچاقلاپ، كۆزىنى يۇمغان ھالدا كۈلۈمسىرەپ بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ھەيكەل كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ رەھىمدىل، شەپقەتلىك، خۇش خۇي سىياقىنى ۋە قاسارەتلىك ئىرادىسىنى قايتا گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ ھەيكەل، ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي شىمالى بۇرجىەىدىكى كەيشەن زالىغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلانماقتا ۋە ياپونىيە خەلقى تەرىپىدىن "دۆلەت ئەڭگۈشتىرى< دەپ قارالماقتا. جيەن جېننىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ يۇرتى ياڭجۇغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردىكى راھىپلار ماتەم كىيىمنى كىيىپ، شەرققە قاراپ تەلمۈرۈپ ئۈچ كۈن ماتەم تۇتتى.
بۈيۈك ئۇستاز يەن جېن ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جۇڭگو - ياپونىيە دوستلۇغىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى، ئىككى مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.