ليوناردو داۋېنچى
بەش مىڭ يىل
1452 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئىتالىيىنىڭ فلورېنسىيە شەھىرى يېنىدىكى ۋېنچى دېگەن بازاردا بىر ئوغۇل بالا سۈرەن بىلەن دۇنياغا كەلدى. ئۇ، 15 - ئەسىردىكى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئۇلۇغ رەسسام _ ليوناردو داۋېنچى ئىدى.
داۋېنچىنىڭ ئاتىسى شۇ يەرنىڭ ئاتاقلىق گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئائىلىسى باي ئىدى. داۋېنچى كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ سىزغان بىر - بىرىدىن جانلىق رەسىملەر دادىسىنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. 14 ياشقا كىرگەندە، ئائىلىسىدىكلەر ئۇنى شەھەردىكى بىر گۈزەل سەنئەت رەسىمخانىسىغا ھۈنەرگە بەردى. ئۇنىڭ ئۇستازى بۇ رەسىمخانىىڭ باشقۇرغۇچىسى، مەشھۇر رەسسام فرونكى ئىدى.
داۋېنچى رەسىمخانىغا كىرگەن كۈنىلا ئۇستازى ئۇنى تۇخۇم سىزىشقا بۇيرۇدى. ئەتىسى يەنە تۇخۇمى سۈرەتلەپ چىقىشقا بۇيرۇدى. ئۆگىنىمۇ يەنىلا تۇخۇمن سۈرەتلەپ چىقىشقا بۇيرۇدى. داۋېنچى ھەيران بولۇپ «نېمىشقا ماڭا تۇخۇمنىلا سىزدۇرىسىز؟» - دەپ سورىدى. ئۇستازى ئۇنىڭ چىرايىدىن زېرىكىش ئالامەتلىرىنى كۆردى. «تۇخۇم كىچىككىنە تۇرغان بىلەن ئاددىي نەرسە ئەمەس! - دېدى ئۇ چوڭقۇر مەنە بىلەن، - بىلىشىڭىز كېرەككى، مىڭ تۇخۇمنى بىر يەرگە قويۇپ قارىسڭىز، پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان بىر جۈپ تۇخۇم تاپقىلى بولمايدۇ. تۇخۇم بىر بولغاندىمۇ ئۇنىڭغا قاراش ۋە ئۇنى توختىتىشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئۇنىڭغا چۈشكەن نۇرنىڭ ئوجخشاش بولماسلىقى بىلەن ئۇنىڭ شەكلى ھالىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مېنىڭ سىزنى تۇخۇم كۆپلەپ سىزدۇرىشىم، سىزنىڭ ئوبرازلارنى كۈزىتىش ۋە ئىگەللەش ئىقتىدارىڭىزنى يېتىشتۈرۈپ، سىزنى بارلىق شەيئىلەرنى بىمالال ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر. مۇشۇنداق قىلغاندىلا رەسىم سىزىشنى ياخشى ئۆگىنىۋالالايسىز.» بۇ سۆزنى ئاڭلاپ داۋېنچى بىردىنلا چۈشىنىپ يەتتى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن زېھنى - ئىخلاسى بىلەن رەسىم سىزىشنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى مەشق قىلىپ، ماھارەت جەھەتتە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىلگىرلىدى. ئۇ رەسىمخانىدا ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىللىق قىممەتلىك ياشلىق باھارىنى ئۆتكۈزدى.
ئۇ چاغدا، فلورېنسىيىدە سودا - سانائەت ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئىدى. يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيە فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ نادان، قالاق، رەھىمسىز ۋە ئىنسانپەرەۋەرلىكىنى تەكىتلىمەسلىكىگە نارازى بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلاتتى. ياش داۋېنچى مۇشۇنداق يېڭى ئىدىيىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە جىددىي قوزغالدى. بۇنداق قوزغىلىش ئۇنىڭ كېيىنكى سەنئەت ئەمەلىيىتىدە ئاشكارىلاندى.
ئالدى بىلەن، ئۇ مەخسۇس تەقلىد قىلىنىدىغان رەسىملەرگە قارشى تۇرۇپ، تەقلىتچىلىك، سەنئەتنىڭ چۈشكۈنلىشىشى، رەسىم، رىئال تۇرمۇشتىن، چوڭ تەبىئەتتىن ئېلىنىشى كېرەك، دەپ قارىدى ۋە چوڭ تەبىئەتتىكى گۈل - چىمەن، دەل - دەرەخلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆسۈشى قانۇنىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، بوتانىكىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى؛ ھاشارەتلەرنىڭ خىلمۇخىل شەكلىنى، خىلمۇخىل جان - جانىۋارلارنىڭ ئۇچۇش خۇسۇسىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ پەرق ئېتىش ئۈچۈن زوئولوگىيىنى تەتقىق قىلدى؛ ئادەم تېنىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ۋە توغرا نىسبىتىنى ئىگەللەش ئۈچۈن، ئۇ يەنە دىنىي جەمئىيەتنىڭ تەقىپ قىلىش بۇيرۇقلىرىغا قارىماستىن، جەسەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلدى. ئۇنىڭ ئاددىي تەسۋىرلىرىگە قارايدىغان بولساق: ئالدى بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىسكىلىتى چىقىرىلغانلىقىنى، ئاخىرىدا بۇلجۇڭ گۆش چىقىرىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنىڭغا قانچە كۈچ سەرپ بولىدۇ - ھە! ئۇنىڭ تەشۋىشلىرىگە يەنە كىشىلەر تونۇۋالالمايدىغان «خەت» لر يېزىلغان بولۇپ، ئەسلىدە، ئۇ بۇ خەتلەرنى دىنىي جەمئىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سول قولى بىلەن سول تەرەپكە ئىزاھات قىلىپ يېزىپ قويغان ئىكەن.
1476 - يىلى، ئۇنىڭ ئۇستازى فرونكى «خىرىستىئانغا چوقۇنۇش» دېگەن رەسىمنى سىزماقچى بولۇپ، داۋېنچىنى ياردەملەشتۈردى. ئۇستازى يەنىلا دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ناھايىتى قاتمال، قانسىز بىر شەخسنى سىزدى. داۋېىنچى ئۇ رەسىمنىڭ سول تەرىپىگە بىر پەرىشتە سىزدى. پەرىشتە رەسىمىنىڭ سول تەرىپىگە بىر پەرىشتە سىزدى. پەرىشتە رەسىمىنىڭ تەقى - تۇرقى ناھايىتى تېتىك، جانلىق، تەبىئىي بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىدى. ئىككى رەسىمنىڭ سېلىشتۈرمىسىدا ئۇستازى سىزغان شەخس ناھايىتى چېنىپ قالدى. ئۇستازى شۇئان شاگىرتىنىڭ يۇقىرى ماھارىتىگە بارىكاللا ئوقۇدى. ئەمەلىيەتتە، سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىش داۋېنچىنىڭ فېئوداللىق ئەنئەنىۋى رامكىلارنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
داۋېىنچى ھەرتەرەپتىن تالانتلىق ئالىم ئىدى. ئۇ چاغدا، مىلان، ئىتالىيىدە ئىلىم - پەندە مەشھۇر شەھەر ئىدى. 1482 - يىلى، داۋېنچى بۇ يەرگە كېلىپ، ھەرخىل ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ باشقا - باشقا تىپتىكى نۇرغۇن ماشىنىلارنى ئىجاد قىلدى. مەسىلەن، ياۋروپانىڭ ئەسلىدىكى يىپ سۇغۇرۇش ماشىنىسى ئاران بىر تاللا يىپ سۇغۇرالايتتى، داۋېنچى كەشپ قىلغان يىپ سۇغۇرۇش ماشىنىسى نۇرغۇن تال يىپ سۇغۇرۇپ، ئىتالىيىنىڭ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور تۆھپە قوشتى.
داۋېنچى يەنە مەشھۇر ئارخېتوكتور ھەم ھەيكەلتاراچ ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ھەيكەللىرى زامانىمىزغا يېتىپ كېلەلمىدى.
داۋېنچى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىرمۇنچە كېلىشكەن گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ۋەكىللىك ئەسەرلىرى «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» ۋە «موننالىسا» لاردىن ئىبارەت.
«ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» دېگەن رەسىم، مىلان شەھىرىدىكى سان مارىيە دەرۋىشخانسىدىن سەدىقە تاماقخانىسىنىڭ تېمىغا 1495 - يىلىدىن 1497 - يىلىغىچە سىزىلغان. رەسىمدە ئەيسانىڭ مۇرىدى يودانىڭ رىم دائىرىلىرىگە مەخپىيەتلىكنى پاش قىلىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇستازى ئەيسانى ساتقانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت ھېكايە قىلىنىدۇ. ئەيسا، تاماق جوزىسى ئۈستىدە 12 مۇردىغا: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن بىر كىشى ماڭا ساتقىنلىق قىلدى» دەيدۇ. شۇ ھامان مۇرىتلىرىنىڭ چىرايى تۈرلۈكچە بولىدۇ. ئۈچ مۇرىدى پىچىرلاپ غۇلغۇلا قىلىدۇ؛ ئۈچ مۇرىدى دەرغەزەپكە كېلىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى غەزىپى ئۆرلىگەن ھالدا قولى بىلەن جوزىنى ئۇرىدۇ؛ بىر مۇرىدى شۈبھىلىنىدۇ؛ بىر مۇرىدى ھەيران قالىدۇ؛ بىر مۇرىدى گويا ئەيساغا ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلەۋاتقاندەك مىدىر - سىدىر قىلماي ئولتۇرىدۇ. ئىككى مۇرىدى ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. ھەتتا بۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى قولىدىكى قوشۇق بىلەن ئالدى تەرەپنى كۆرسىتىدۇ؛ پەقەت بىر مۇرىدىلا ئالاقزادە بولۇپ، چىرايى تاتارغان ۋە بىر قولىدا چەندازىسىنى مەھكەم قاماللىۋالغان ھالدا كەينىگە داجىپ، ئۆزىنىڭ 30 ئاقچىغا ئەيسانى سېتىۋەتكەن خائىنلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. ئارقا كۆرۈنۈشتە يودانىڭ ئارقىسى قاراڭغۇ، ئەيسانىڭ ئارقىسى يوپ - يورۇق دېرىزە ھالىتىدە بولۇپ، ئەيسانىڭ چىرايى دېرىزىدىن چۈشكەن نۇردا ۋەزمىن، خاتىرجەم، ھەيۋەتلىك ھەم تىنچ كۆرۈنىدۇ. كۈچلۈك سېلىشتۇرما ئارقىلىق ئاپتورنىڭ رەزىللىككە بولغان چەكسىز غەزەپ - نەپرىتى، ھەققانىيەتكە بولغان چەكسىز ئىنتىلىشى ئىپادىلىنىدۇ.
داۋېنچىدىن ئىلگىرى بىرمۇنچە رەسساملار يۇقىرىدىكى تېمىنى سىزغان بولسىمۇ، ھەممىسى مەغلۇپ بولغان ئىدى. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى، ئۇلار 12 مۇرىتىنىڭ، بولۇپمۇ يودانىڭ مۇرەككەپ روھىي ھالىتىنى ھەقىقىي تۈردە سۈرەتلەپ بېرەلمىگەن ئىدى. داۋېنچى سىزغان رەسىمدە بۇ مەسىلىلەر تولۇق ھەل بولۇپ، بۇ رەسىمنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى تېخىمۇ روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئاشۇنىڭدىن باشلاپ باشقا رەسساملار داۋېنچىنىڭ مەشھۇر ئەسىرىدىن ئېشىپ كېتىش ئاسان ئەمەسلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ تېمىنى سىزىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
داۋېنچى بۇ رەسىمنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك مېھنەت سەرپ قىلدى، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغىمۇ ئۇچرىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىيىنچىلىق يودادىن ئىبارەت مۇشۇ شەخسنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ رەسىمنى سىزىشتىن بۇرۇن، داۋېنچى پىرسوناژلار ئۈستىدە تەكرار - تەكرار تېز سىزما مەشقى ئېلىپ بارغان. يودانى لايىھىلەپ تەقى - تۇرقى ئوخشىمايدىغان بىر نەچچە يۈز پارچە رەسىم سىزغان بولسىمۇ، ئۆزى قانائەتلەنگۈدەك ئوبراز تۇرغۇزالمىغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مىلان شەھىرىدىكى ھەرخىل سورۇنلارغا بېرىپ جىنايەتچى، لۈكچەك ۋە قىمارۋازلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتى، يۈرۈش - تۇرۇشىنى كۆزەتكەن. دەرۋىشخانىنىڭ راھىبلىرى ئۇنىڭ ئۇزاققىچە سەدىقە تاماقخانىسىغا بېرىپ رەسىم سىزماي ھەر كۈنلۈكى سىرتتا قاتراپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، مىلاننىڭ ئۇلۇغ بېگىگە: داۋېنچى خىزمەتكە ئېتىبارسىز قاراپ، لاغايلاپ يۈرىدۇ، دەپ ئەرز قىلغان. شۇڭا، داۋېنچى، راھىبلار بىلەن تاكاللىشىپ قالغان. بەختكە يارىشا بەگ ئىسنىڭ يولىنى بىلىدىغان ئادەم بولغاچقا، داۋېنچىنىڭ غايەت كاتتا بۇ رەسىمنى پۈتتۈرۈشكە ئىمكانىيەت بەرگەن. ھازىر بۇ رەسىم يەنىلا دەرۋىشخانىنىڭ تېمىدا تۇرماقتا.
«موننالىسا» 1503 - يىلى ئەتراپىدا سىزىلغان ئوبراز تەسۋىرى بولۇپ، رەسىمدە فلورېنسىيىلىك چوكان گوگوڭدا تەسۋىرلەنگەن. رەسىمدىكى ياش چوكاننىڭ بىلىنەر - بىلىنمەس تەبەسسۇم قىلىۋاتقان رۇخسارىغا ماس چىمىرلاۋاتقان لەۋلىرىدىكى نازۇك سىزىقچىلار ئۇنىڭ ياشلىق باھارىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ نامايەن قىلغان. ئەڭ گەۋدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ روھلۇق كۆزلىرى چىرايىغا خۇشاللىق بېغىشلىسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىگە سائادەتكە بولغان قىزغىنلىق ۋە ئۈمىدلەر بىلەن تولغان نازاكەت ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ رەسىم، ھازىر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى لوففىل مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
داۋېنچىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى سەرسان - سەرگەردانلىقتا ئۆتتى. ئۇ ئۇزاق مۇددەت فىئودال دىنىي كۈچلەرنىڭ زۇلمى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. 1517 - يىلى، ئۇ ساقىلى ئاقارغان 65 ياشلىق بوۋايغا ئايلانغان بولسىمۇ، يەنىلا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇشقا مەجبۇر بولدى. 1519 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئىززەت - ھۆرمەتلىك، نامى ئۆلمەس بۇ رەسسامنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىدى، ئەمما ئۇنىڭ رەسىملىرى، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.