ئاسوكا
بەش مىڭ يىل
بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن، ھىندىستان ئارخىئولوگلىرى 2000 يىلدىن ئىلگىرى ياسالغان غايەت زور كاتتا خان ئوردىسىنى قازغان. بۇ ئوردىنىڭ سېلىنغىنىغا شۇنچە زامانلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن قېزىلغان ياغاچ ماتىرىياللار شۇ قەدەر پارقىراق ھەم مۇكەممەل ئىكەنكى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۇلانغان يېرىنىمۇ تاپقىلى بولمىغان. بۇنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ «ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇنىڭدىن ئوبدان ياساش ناھايىتى تەس دەپ ھەيران قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
ئەينى زامانلاردا، بۇ ئوردا ئىنتايىن ھەيۋەتلىك قىلىپ ياسالغان. بۇنىڭدىكى ھەممىدىن بەك دىققەتنى تارتىدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭدا نۇرغۇن كاتتا تاش تۈۋرۈكلەر بولغان. بۇ تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 05 توننا، ئىگىزلىكى 15 مېتىردىن كۆپ بولغان. تۈۋرۈكنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئىنتايىن نەپىس شىر ھەيكەللىرى، تۈۋرۈككە پادىشاھنىڭ پەرمانلىرى ئويۇلغان.
بىر پەرماندا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«مۇقەددەس، شەپقەتلىك پادىشاھ ئالىلىرى تەختتە ئولتۇرۇپ 8 _ يىلى كالىنگا بوي سۇندۇرۇلدى، 150 مىڭ ئادەم ئەسىر ئېلىندى، 100 مىڭ ئادەم قىرىلدى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولدى....
«پادىشاھ ئالىيلىرى كالىنگانى بوي سۇندۇرغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلدى، چۈنكى بوي سۇندۇرۇلمىغان بىرەر جاي بوي سۇندۇرۇلغاندا ئادەملەر قىرىلىدۇ. ئۆلىدۇ ۋە ئەسىر ئېلىنىدۇ. شۇڭا پادىشاھ ئالىلىرى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدى....»
پەرماندا يەنە پادىشاھنىڭ ئادەملەرنى قىرىشقا ۋە ئەسىر ئېلىشقا يول قويمايدىغانلىقى، كالىنگادا قىلغانلىرىنىڭ يۈزدىن بىرىنى ياكى مىڭدىن بىرىنى قىلىشنىمۇ خالىمايدىغانلىقى؛ پادىشاھنىڭ ھەقىقى بوي سۇندۇرۇش بۇددا قانۇنلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى بوي سۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن مېھرىبان، كەڭ قورساق بولۇپ، تىرىشىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغانلىقى؛ ئەگەر بىرەر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە قارايدىغان ئىشنى قىلىپ قويسا، ئىمكان قەدەر سەۋرى _ تاقەت قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. يەنە ئۇنىڭ كىشىلەرنى ئۆز نىسىۋىسىگە شۈكرى قىلىپ ، ئۆزىنى تۇتىدىغان، كۆڭلى خاتىرجەم ۋە شاد _ خورام ياشايدىغان قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
بۇ زادى قانداق ئىش؟
ئەسلىدە، مىلادىدىن ئىلگىرى 6 _ ئەسىردە، ھىندىستاندا 10 نەچچە دۆلەت بولغان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا دائىم ئۇرۇش پارتلاپ تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 4 _ ئەسىرگە كەلگەندە، مائۇرىيە خانلىقى قۇرۇلغان. شىمالىي ھىندىستاننىڭ كۆپچىلىك زېمىنى ئاندىن بىرلىككە كەلگەن. مائۇرىيە خانلىقىنىڭ 3 _ ئەۋلاد پادىشاھى ئاسوكا مىلادىدىن ئىلگىرى 273 _ يىلى تەختكە چىققان. ئۇ چاغلاردا، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسىمى بىلەن بولغان بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپتىكى دېڭىزدىكى كالىنگا ۋە باشقا بىر قانچە ئۇششاق دۆلەتلەرلا خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولمىغان. ياش ئاسوكادا ھىندىستاننىڭ شەرقىي، جەنۇبىي، غەربىي ۋە شىمالىدىكى ھەرقانداق جاينى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدا تۇتۇشتەك كۈچلۈك ئارزۇدا بولغان. شۇڭا ئاسوكا تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كالىنگاغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان.
ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن ھەربىي ئىشلارغا دائىر مەخپى دوكلاتلار ئارقا - ئارقىدىن ئاسوكاننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپ تۇرغان:
«پادىشاھ ئالىلىرىغا مەلۇم بولغايكى، مۇقەددەس خانلىقىمىزنىڭ 100 مىڭ پىيادە ئەسكىرى، 50 مىڭ ئاتلىق ئەسكرى، 400 دانە ئۇرۇش ھارۋىسى ۋ 500 دانە ئۇرۇش پىلى ئامان _ ئېسەن دېڭىزدىن ئۆتۈپ كالىنىگا تۇپرىقىغا چىقتى...»
«ئالىلىرىغا مەلۇم بولسۇنكى، مۇقەددەس قۇشۇنلىرىمىز كاتتا زور ھەيۋەت بىلەن بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۈشمەن قوشۇنىدىن بەش مىڭنى قىردى. ئەسرگە ئالغان ئۇرۇش ھارىۋىلىرى، ئۇرۇش ئاتلىرى، پىل، كۈنلۈك، ئالتۇن - كۈمۈش، ئاشلىق، ئايللار، ئۇلاقلارنىڭ ھەددى _ ھېساۋى يوق؛ ....»
«ئالىلىرىغا جىددى مەلۇم قىلىمىزكى، مۇقەددەس قوشۇنىمىز كېچىلەپ ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەن پايتەختىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن پۇقرالارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىدى،... ئوت ئارقىلىق ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتىمىز...»
«خۇش خەۋەر! دۈشمەن پايتەختى بىر كېچىدىلا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ تاشلاندى. جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ بېشى كېسىلىپ سازايى قىلىندى... دۈشمەن پادىشاھى قېچىپ كېتىۋاتىدۇ....»
«خۇش خەۋەر! مۇقەددەس قۇشۇن تەرەپ - تەرەپلەردىن ھۇجۇمغا ئۆتتى. يېقىنقى كۈنلەردە يەنە 50 مىڭ دۈشمەننى قىردى، 100 مىڭ ئەسكىرىنى ئەسىر ئالدى، قارشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قىرىپ تاشلاندى...»
«مۇبارەك بولسۇن ئالىلىرىغا: دۈشمەن پادىشاھى ئەسىر ئېلىندى. بىراق ئۇ باش ئەگمىدى، شۇنىڭدەك ئالىلىرىغا بىرشەملىك بىلەن تىل تەككۈزدى، ھازىر قەپەز ئىچىدە ھالاك بولۇشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ...»
ياش پادىشاھ بۇ خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ دەسلەپتە خوشاللانغان، بىراق بارغانسېرى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يۈزىدە ئاستا _ ئاستا غەمكىنلىك كۆرۈنگەن. ئاخىردا دۈشمەن پادىشاھىنىڭ ئۆلۈۋالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھەسرەتلىنىپ، ئۆز - ئۆزىگە «قورال كۈچى بىلەن يەر -زېمىننى بوي سۇندۈرۈش مۇمكىن ئىكەن. بىراق ئادەم قەلبىنى بوي سۇندۇرغىلى بولمايدىكەن!» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئادەملەرنى قىرىش ۋە ھۇجۇم قىلىشنى دەرھال توختىتىپ، قوشۇنلارنى دەرھال چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەن ھەمدە يۇقۇرىقى پەرماننى جاكالاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىغە ئۆزىنىڭ ئۆكۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاسوكا نېمە ئۈچۈن ھەقىقى بوي سۇندۇرۇش بۇددا قانۇنللىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى بوي سۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك دەيدۇ؟ ئەسلىدە، ئۇ تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى غەربىي ھىندىستاننىڭ بەزى چوڭ شەھەرلىرىدە باش ۋالىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. بۇ شەھەرلەر شۇ زامانلاردا مۇھىم مەدىنىيەت مەركەزلىرى بولۇپ ، بۇددا دىنى بەك تەرەققى قىلغان، پەن _ تېخنىكمۇ خېلى تەرەققى قىلغان، يەنە كېلىپ غەرپ مەدىنىيىتىنىڭ بولۇپمۇ يۇناپ مەدىنىيىتى ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. شۇ زامانلاردا بەزى ئاقسۆڭەكلەر ۋە يۇقۇرىقى تەبىقىدىكىلەر، بولۇپمۇ بىراخمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بۇ شەھەرلەردە تەربىيە ئالغان، بۇلار ئۇنىڭ مىجەز - خۇلقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى چاغلاردىكى پۈتكۈل ئىشى ئۈچۈن يېتىلىشكە ۋە ئۇنىڭ كېينكى چاغلاردىكى پۈتكۈل ئىشى ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ كىچىگىدىنلا بۇددا دىنىنىڭ ئىجاتچىسى ساكيامۇنىغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن قارىغان، بۇ ئەۋلىيانىڭ قانداق قىلىپ نۇرغۇن مەنىۋى كۈرەش ۋە ئازاپ _ ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق ئاخىر ئەۋلىيا بولغانلىقىغا دائىر ھېكايلەرنى بەك قىزىقىپ ئاڭلىغان ئۇ، بۇددا دىنى كىشىلەرنى شەخسى ھەۋەستىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز نىسىۋىسىگە شۇكرى قىلىدىغان قىلالايدۇ، بۇنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا پايدىسى كۆپ، دەپ قارىغان.
بىر مەھەللىك قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ئاسوكا بۇنىڭ ھەقىقى مەنىسنى چۈشەنگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ بۇددا دىنىغا تېخىمۇ سەجدە قىلىپ، بۇددا دىنى ھىندىستاننىڭ دۆلەت دىنى، دەپ جاكارلىغان ھەمدە خان ئوردىسىدا ۋە ئىمپىرىيىنىڭ ھەرقايسى جاكالىغان ھەمدە خان ئوردىسىدا ۋە ئىمپىرىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تاش تۈۋرۈك تۇرغۇزۇپ، تاش تاملار ئۇيۇپ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ پەرمانىنى ئويۇشقا بۇيرۇغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بۇددا راھىلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ، كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈپ، بۇددا كىتاپلىرىنى رەتلەتكۈزگەن، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى جايلاردا نۇرغۇن بۇددا بۇتخانىلىرى ۋە بۇددا مۇنارلىرىنى سالدۇرغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ شاھزادە بىلەن مەلىكىنى ئارقا - ئارقىدىن سىرىلانكىغا دىن تارقىتىشقا ئەۋەتكەن. مەلىكە بىر توپ راھىپلارنى باشلاپ ۋە بۇددا كىتاپلىرىنى ئېلىپ ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى دېڭىز بويلىرىنى بويلاپ سەپەر قىلغان. ئۇ يەنە مۇقەددەس لىپا دەرىخىنىڭ كۆچىتىنى ئېلىپ بېرىپ سىرىلانكىدا تىككەن، بۇ دەرەخ ھازىرمۇ بار ئىكەن. بىر مەھەل تەشۋىش قىلىش ۋە ئەلچىلەرنىڭ بېرىپ _ كېلىشى ئارقسىدا بۇددا دىنى سىرىلانكىغا تارقىلىپلا قالماستىن، بەلكى ناھايىتى تېزلا مىسر، سۈرىيە، بېرما، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان.
ئاسوكا بۇددا دىنىنى تەشۋىق قىلغاندىن تاشقىرى، يەنە بىر قاتار ئىجتىمائى، ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللانغان، مەسىلەن، سۇغىرىش ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى كېڭەيتكەن، يول ياساتقان، دوختۇرخانا سالدۇرغان، ۋاھاكازالار، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان 40 نەچچە يىل ئىچىدە، مائۇرىيە خانلىقى ھىندىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم قۇدرەت تاپقان، بىرلىككە كەلگەن ئىمپىرىيە بولۇپ قالغان. لېكىن، بۇ بىرلىك زادىلا مۇستەھكەملىنەلمىگەن، ئۇ ۋاپات بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بوي سۇندۇرۇلغان كالىنگا ۋە باشقا ئۇشىشاق خانلىقلار ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى ئەسلىدىكى بۆلۈنمە ھالەت يەنە ئەسلىگە كەلگەن.