UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭبايراققا سىزىلغان چىغ كەش

بايراققا سىزىلغان چىغ كەش

بەش مىڭ يىل 1453 - يىلى، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئېلزاس رايونىدا (ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىدە) بىر مەخپىي تەشكىلات پەيدا بولدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۈچ بۇرجەكلىك بايرىقى ئالاھىدە بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا دېھقانلار كىيىدىغان چىغ كەش سىزىلغان ئىدى. كەشنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا سىزىلغان ئۇزۇن بۇغۇچ، يىلان باغرى تولغىنىپ بايراقنىڭ ئاخىرقى بۇرجىكىگىچە باراتتى. بۇ تەشكىلاتنى كىشىلەر «كەشلىكلەر جەمئىيىتى» دەپ ئاتىدى. «كەشلىكلەر جەمئىيىتى» موزدۇزلارنىڭ كەسىپداشلىق ئۇيۇشمىسىمۇ؟ ياق! «كەشلىكلەر جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى يېزىلاردىكى دېھقانلار، شۇنداقلا شەھەر پۇقرالىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «كەش كىيىدىغانلار» ئىدى. دېمەك، «كەشلىكلەر جەمئىيىتى» - «كەش كىيىدىغانلار جەمئىيىتى» ئىدى. ئەجەبا كەش كىيمەيدىغان ئادەممۇ بولامدۇ؟ ھەئە، ئۇ چاغدا، گېرمانىيە بەگلەر، ئاقسۆڭەكلەر، بايلار ۋە ئالىي راھىبلار بىردەك ئۆتۈك كىيەتتى؛ شەھەر ۋە ېيزا خەلقىلا قونجى يوق كەش كىيەتتى. «كەشلىكلەر جەمئىيىتى» چىغ كەشنى ئۆز تەشكىلاتىنىڭ بەلگىسى قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈكلۈك ئاقسۆڭەكلەرگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان ئىدى. كەشلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى يىغىلىشتا ئىدى. _ يۇرتداشلار بىز ئاقسۆڭەكلەر ۋە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىسى دەردىدىن ئۆلەر ھالغا كەلدۇق! _ بىز ئىتتىپاقلىشىپ، ئاقسۆڭەكلەر ۋە دىنىي جەمئىيەت بىلەن ئېلىشىشىمىز كېرەك! - جەمئىيەت ئەزالىرىدىن بىرسى خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك توۋلىدى. _ ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئېلىشايلى! - دىنىي جەمئىيەت بىلەن ئېلىشايلى! كەشلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ھەممىسى بىردەك شۇنداق دەپ توۋلىدى. ئۇلار قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلىدى ۋە قوزغىلاڭدىن كېيىن ئاقسۆڭەكلەر بىلەن دىنىي جەمئىيەتكە: ئېغىر باج - سېلىقلارنى بىكار قىلىش، مەھكىمە شەرئىنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تەلەپ قويماقچى بولدى. ئەمما، ئۇلار قوزغىلاڭ كۆتىرىش ھارپىسىدا مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، كەشلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ بىرمۇنچە باشلىقلىرى تۇتۇلۇپ قالدى ھەمدە جىنايەتلىك مەھكىمە شەرئى تەرىپىدىن قۇلىقىنى كېسىش، بۇرنىنى كېسىش، كۆزىنى ئويۇش، قولىنى چاناپ تاشلاش، كاللىسىنى ئېلىش، كۆيدۈرۈش، ھەتتا چوغلانغان قىسقۇچلار بىلەن داغلاپ ئۆلتۈرۈش، پۇت - قوللىرىنى تۆت ئاتقا يۇلدۇرۇپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىلمۇ - خىل دەھشەتلىك جازالارغا ھۆكۈم قىلىندى. 1502 - يىلى، بادېن (ئېلزاسنىڭ شەرقىي تەرىپىدە، ھازىرقى گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، رېيىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى) دا كەشلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ ئويۇشتۇردى. بۇ قېتىم ئۇلار قانلىق ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي پروگراممىنىڭ مەزمۇنىنى ئېنىق بېكىتتى. قوشۇنىدىمۇ تەرەققىيات بولۇپ، ئادەم سانى 7000 دىن ئېشىپ كەتتى. ئۇلار بروخسا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن بىر ۋەقە يۈز بەردى. چېركاۋدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. بىر قوزغىلاڭچى ئىستىغپارخانىدا خۇداغا تۆۋە قىلىپ، لەۋلىرىنى ئاللىقانداق بىر نېمىلەرنى دەۋاتقاندەك مىدىرلىتاتتى. _ بالام، كۆڭلۈڭدە نېمە بار؟ ئۈنلۈك ئېيتىۋەر! _ پوپ كىچىك چاقماق شەكىللىك بىر ئۆيدە تۇرۇپ سورىدى. _ بىر مەخپىي ئىش ئۈستىدە خۇدا ئالدىدا تۆۋە قىلماقتىمەن، - دېدى قوزغىلاڭچى. _ بالام، خۇدا مېھرى - شەپقەتلىك، ئۇ سېنىڭ بارلىق گۇناھىڭنى كەچۈرىدۇ، كۆڭلۈڭدىكىنى ئېيتىۋەر! - دېدى پوپ تېخىمۇ «رىغبەتلەندۈرۈپ». يەرگە تىزلىنىپ تۇرغان قوزغىلاڭچى ئاخىر كۆڭلىدىكىنى تەقۋادارلىق بىلەن ئېيتتى: _ ئېھ، خۇدا! بىز ئەتە بروخسا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدۇق. بىزنىڭ تىغ كۆتۈرگەن گۇناھىمىزنى كەچۈرگەيسەن! ئامىن! _ بالام، خاتىرجەم قايتىپ كەت، ساڭا ئېسەنلىك بار، - دېدى پوپ ساختىپەزلىك بىلەن قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ. بۇ قوزغىلاڭچى چېركاۋدىن چىقىپ كەتكەن ھامان، پوپ بېرىپ ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلدى. نەتىجىدە قوزغىلاڭ يەنە بىر قېتىم باستۇرۇلدى. گېرمانىيە زىمىنى قانغا بويالدى. مەغلۇپ بولغان جەمئىيەت ئەزالىرى يەنە «»يوقسۇل كانراتلار دېگەن تەشكىلاتقا ئۇيۇشتى. «كانرات» ، «ئامالسىز» دېگەن مەنىدە بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ يېزىلىرىدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئىسمىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلاتتى. شۇڭا «يوقسۇل كانراتلار» _ يوقسۇل، ئامالسىز كىشىلەرنىڭ تەشكىلاتى ئىدى. 1514 - يىلى باھاردا، شىۋابىيە (گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدا) رايونىدىكى يوقسۇل كانراتلار قوزغالدى! قوللىرىغا ئۇزۇن نەيزە، خەنجەر ۋە ئۇزۇن ساپلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرى ئالغان دېھقانلار مىڭلاپ - مىڭلاپ كېلىپ يەرلىك بەگلەرنىڭ تۇرار جايى - كىنەز مەھكىمىسىنى قورشىۋالدى. «كىنەز ئالدىمىزغا چىقسۇن!» «كىنەز ئالدىمىزغا چىقسۇن!» قەلئەگە مۈكۈۋالغان كىنەز ھەدەپ پوتەينىڭ ئېتىش تۆشۈكىدىن ئەتراپقا مارىلايتتى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى، قوللىرى دىرىلداپ تىترەيتتى، ئەسلىدە ئۇنىڭ قولىدا سوكسالتەك ئەسكەرلەردىن ئاز - تولا بولغاچقا، ئوت ئېچىپ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرماقچى بولغان ئىدى، ئەمما دېھقانلار قوشۇنىنىڭ مۇنچىۋالا ھەيۋەت بىلەن تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، تامدەك قېتىپ قالدى. «ئەمدى چىقمىسا ھۇجۇم قىلىپ كىرىمىز!» «ئوت قويايلى! ئوت قويايلى! بۇ قان شورىغۇچىنى كۆيدۈرەيلى!» قەلئەنىڭ سىرتىدا ۋاڭ - چۇڭ كۆتىرىلەتتى، قەلئەنىڭ ئىچى تىمتاس ئىدى، كىنەز ھېچبىر ئىلاج قىلالمىدى. توساتتىن، قەلئە تەرەپتىن كىنەزنىڭ بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى: _ يۇرتداشلار! يۇرتداشلار! سىلەر جاپا تارتتىڭلار! مەن سىلەرنى قارشى ئالىمەن! سىلەرنى قارشى ئالىمەن! ھەرقانداق ئىش بولسا مەسلىھەت بىلەن قىلايلى، مەسلىھەت قىلساقلا ئىش جايىغا چۈشىدۇ! سۆھبەت قىلىشقا ۋەكىل كىرگۈزۈڭلار، تەلىپىڭلارغا جەزمەن ماقۇل بولىمەن، جەزمەن ماقۇل بولىمەن! قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى سۆھبەت قىلىش ئۈچۈن قەلئەگە ئون ۋەكىل كىرگۈزدى. كىنەز ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ئولتۇرۇپ، قوزغىلاڭچى جەڭچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. - بارلىق باج - سېلىقلار بىكار قىلىنسۇن! - دېدى دېھقانلار ۋەكىلى. - قوشۇلىمەن، - دېدى كىنەز. - يانچىلىق تۈزۈم بىكار قىلىنسۇن! - قوشۇلىمەن. دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئىمتىيازىنى بىكار قىلىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ يەرلىرى تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىلسۇن! - قوشۇلىمەن. - مەھكىمە شەرئى بىكار قىلىنسۇن! - قوشۇلىمەن. - شەرتلىرىمىزگە ماقۇل بولغاندىكىن ئىمزا قويۇپ بەر! - ئىمزا قويىمەن. - قاچاندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ؟ - ئۇنى، ئۇنى ئۆلكىلىك كېڭەش يىغىنىدا ماقۇللاش كېرەك. شەرتلىرىڭلار كېڭەشتە ماقۇللانغان ھامان يولغا قويۇلىدۇ. ئالدامچىلىق قىلىۋاتىسەن؟ - يوقسۇ! يوقسۇ! ئۆلكىلىك كېڭەش يىغىنىغا ئۆزەم بىۋاسىتە قاتنىشىپ، شەرتلىرىڭلارنى ماقۇللاشقا كېپىللىك قىلىمەن. سۆھبەت ئاجايىپ ئوڭۇشلۇق بولدى، كىنەز، ئۆلكىلىك كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، دېھقانلار ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى ھەل قىلىشقا ماقۇل بولدى. دېھقانلار قوشۇنى تارقىلىپ كېتىپ ئارام ئالدى. ئەپسۇسكى، بۇ دەل كىنەزنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ھىيلىسى ئىدى. دېھقانلار قەلئەدىن يىراقلاشقان ھامان، قارا نىيەت كىنەز دەرھال ھەمدەمچى قوشۇن يۆتكەشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئەتسى دېھقانلار قوشۇنى ئارام ئېلىۋاتقاندا، ئەكسىيەتچى قوراللىق قوشۇنلار بېسىپ كەلدى. رېيىن دەرياسى يەنە بىر قېتىم جەڭچىلەرنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالدى. قوزغىلاڭچىلار ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇۋەردى. ئەمما، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلدى. شەھەردىكى ئىشچىلار، قول سانائەتچىلەر، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە، شۇنداقلا يېزا - قىشلاقلاردىكى ۋەيران بولغان چەۋەندازلارنىڭ ھەممىسى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوشۇلدى. پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى قىيامىغا يەتتى!
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ