UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭخىيالنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغۇچى

خىيالنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغۇچى

بەش مىڭ يىل - يېڭى لېناركقا بارايلى! ئۇ يەر «بەخت ماكانى» ئىكەن. - راست، ئۇ يەرگە بېرىپ ياۋروپادىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق مەرىپەتچىنى كۆرۈپ كېلەيلى! 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى، ياۋروپادىكى بىر مۇنچە دۆلەتلەرنىڭ شاھزادىلىرى، ۋەزىرلىرى، بەگ - غوجاملىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىسلاھاتچىلار ئارقا - ئارقىدىن يېڭى لېناركقا كەلدى، ئۇلار ئىچىدىكى بىر مۇنچە كىشىلەر پۈتۈنلەي قىزىقىپ كەلگەن ئىدى. لېنارك - بىر كارخانىنىڭ نامى. ئۇ ئەنگىلىيىدىكى شوتلاندىيىنىڭ كلىد دەرياسى جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تۆت فابرىكا، بىر ماشىنا زاۋۇدى، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە 2000 ئائىلىلىكتىن كۆپرەك يېڭى مەھەللىدىن تەركىپ تاپقان. بۇ يەر 20 يىلنىڭ ئالدىدا، پاتقاق - مەينەت نامراتلار مەھەللىسى بولۇپ، نۇرغۇن ۋەيران بولغان دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر، تىلەمچى ۋە سەركەردانلار، يېتىم بالىلار ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ چۈشكۈنلەشكەن ھەر خىل، ھەر ياڭزا ئۇنسۇرلار تۇراتتى. ئەمما ئەمدى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. - قاراڭ، بۇ يەردىكى كوچىلار نېمە دېگەن كەڭ ۋە ئازادە! تېخى نۇرغۇن چىرايلىق گۈللەر تېرىلىپتۇ، دەرەخلەر تىكىلىپتۇ. - ھوي! ئاۋۇ يەردە نۇرغۇن بالىلار ئويناپ يۈرىدۇ، كۆرۈپ كېلەيلى. مېھمانلار ھەشەمەتلىك پوچتىلارغا ئولتۇرۇپ، نەپىس سېلىنغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۆينىڭ ئالدىدىكى گۈلزارلىقتا ئونچە بالا تەربىيىچىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئويۇنچۇقلارنى ئويناۋاتاتتى، ئۆيدىكى بالىلار ئېيتقان ناخشا ساداسى دەرىزە سىرتىغا پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى. - بۇ قانداق يەر؟ - دەپ سورىدى بىر ئاقسۆڭەك خېنىم ئەجەبلىنىپ بالىلارغا قاراۋاتقان تەربىيىچىدىن. - خېنىم، بۇ بالىلار باغچىسى، - دېدى تەربىيىچى. - بەللى! «بالىلار باغچىسى» دەڭ! مەن نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېرىپمۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن، راستلا يېڭىلىق ئىكەن! - دېدى ئاقسۆڭەك خېنىم ۋە ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن بەگلەر، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلارغا بۇرۇلۇپ سورىدى، ئۇلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇ كەملەردە، دۇنيادا ھېچكىم بالىلار باغچىسى ئېچىپ باقمىغان ئىدى. - خانىملار، ئەپەندىلەر، بالىلار باغچىسى بىزنىڭ يېڭى لېناركتىلا بار، - دېدى تەربىيىچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - ئىلگىرى ئايال ئىشچىلار زاۋۇتتا ئىشلىسە، بالىلىرىنى ئۆيىگە سولاپ قوياتتى، بۇ بالىلار ئۆمىلەپ يۈرەتتى، ئەمدى بالىلار باغچىسى ئېچىلدى، بالىلار بۇ يەردە ناخشا ئېيتىدۇ، ئوينايدۇ، ئويۇنچۇقلارنى ئوينايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاپىسى ئىشتىن قايتىپ، ئۇلارنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتەي دېسىمۇ ئۇنىمايدۇ. - دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ياخشى ئىش بولىدىكەن، راستل چوڭ يېڭىلىق بوپتۇ! - دېيىشتى مېھمانلار ماختىشىپ. - شۇنداق، بالىلار باغچىسىنى ئوۋېن جاناپلىرى بىرىنچى بولۇپ كەشپ قىلدى ۋە قۇردى، بىراق، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ! - دېدى تەربىيىچى. مېھمانلار بۇ گەپكە ناھايىتى قىزىقتى. ئۇلار پوچتىغا چۈشۈپ يېڭى لېناركنىڭ ئومومى ئىشلار باشقارمىسىغا كېلىپ، بۇ كارخانىنى قۇرغان ئوۋېننى زىيارەت قىلدى. ئوۋېن چاچلىرى ئالتۇندەك قىران كىشى ئىدى، ئۇ، قىزىقسىنىپ كەلگەن بۇ زىيارەتچىلەرنى كەمتەرلىك بىلەن كۈتۈۋالدى. - ئوۋېن جاناپلىرى، يېڭى لېناركنى قۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرسىلە! - دېيىشتى مېھمانلارنىڭ ھەممىسى. - بۇ ئىشنى باشتىن سۆزلەپ بېرەي، - دېدى ئوۋېن كۈلۈمسىرەپ ۋە تونۇشتۇرغىلى تۇردى. روبېرت ئوۋېن 1771 - يىلى بىر نامرات ئىگەر - جابدۇقى ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. توققۇز يېشىدا شاگىرتلىققا كىردى، 20 يېشىدا يىپ ئىگىرىش فابرىكىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، كاپىتالىزىمنىڭ ئەمگەكچى خەلققە كەلتۈرگەن ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنى باشتىن كەچۈردى. شۇڭا ئۇ، ئىشچىلار ۋە ئەمگەكچىلەرگە قانداق قىلىپ كۆپرەك پاراۋانلىق يارىتىپ بېرىشنى ئويلاپ يۈرەتتى. 1800 - يىلى، 29 ياشلىق ئوۋېن يېڭى لېناركنىڭ جىڭلىلىغىغا تەيىنلىنىپ، 2500 دىن ئارتۇق ئىشچىسى بار چوڭ كارخانىنى باشقۇردى، ئۇ پۈتۈن زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇ كەملەردە، كاپىتالىستلار پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن، ئىشچىلارنى 13 - 14 سائەت ئىشلىتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۈن بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتەتتى؛ ئۇلار ئىش ئۈستىدە سەللا بىخەستىلىك قىلسا، كاپىتالىستلار جەرىمانە قوياتتى؛ كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىمايتتى، ئىش ھەققىمۇ بەرمەيتتى؛ قېرىغان، ماغدۇرىدىن كەتكەنلەر زاۋۇتتىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئاچ - يالىڭاچ قالاتتى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتەتتى. ئوۋېن جىڭلى بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئەمگەك ۋاقتىنى 10 يېرىم سائەتكە قىسقارتتى ھەمدە توققۇز ياشتىن تۆۋەن بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلدى، ھەر خىل، ھەر ياڭزا جەرىمانە تۈزۈمىنى ئېلىپ تاشلىدى، زاۋۇتنىڭ تازىلىقى ۋە ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىشچىلارنىڭ ئىستېمال كوپېراتىپى، ئىشچىلار ئاشخانىسى، يەسلى، بالىلار باغچىسىنى قۇردى؛ بۇلاردىن سىرت، ئىشچىلار مەكتىپى ئېچىپ، ياش ئىشچىلارنىڭ ئۆگىنىپ بىلىم ئېلىشىغا پۇرسەت تۇغدرۇرۇپ بەردى؛ قېرىغان ياكى كېسەلمەن ئىشچىلارغىمۇ داۋالىنىش راسخودى ۋە پېنسىيە پۇلى بېرىپ، يېڭى لېناركنى «پاراۋانلىق زاۋۇتى» قىلىپ قۇردى. سەرگەردانلار خىزمەتكە، تەربىيىگە ئىگە بولغانلىقتىن، يېڭى لېناركتا بىرەر يانچۇقچى ۋە ئوغرىنى تېپىش تەس بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەرنى «نەمۇنىلىك يېزا» دەپ ئاتىدى. - ئوۋېن جاناپلىرى، سىلى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ خەير - ساخاۋەتچى ئىكەنلا! - دېيىشتى مېھمانلار بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەڭلا ماختاپ. - يوقسۇ، يوقسۇ، - دېدى ئوۋېن بېشىنى چايقاپ، - مەن كىمگە مېھىر - شەپقەت قىپتىمەن؟ زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ تەمىناتى ياخشىلانسا، ئىشلەش غەيرىتى ھەقىقەتەن چوڭ بولىدۇ. بىراق ئىشچىلار ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، كاپىتالىستلارنىڭ پايدىسى ئون ھەسسە، 100 ھەسسە كۆپىيىۋاتىدۇ. يەنىلا كاپىتالىستلارنىڭ يانچۇقىغا ھەممىدىن كۆپ كىرىۋاتىدۇ! - ئوۋېن جاناپلىرى، سىلىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى...، - دېيىشتى مېھمانلار چۈشىنەلمەي ھەيران بولۇپ. ئوۋېن ئىككى قولىنى چىقىرىپ، بارمىقىنى ساناپ ۋە چوڭقۇر ئويلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: - بىزنىڭ يېڭى لېناركتىكى 2500 ئىشچى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى يېرىم ئەسىرنىڭ ئالدىدا 600 مىڭ ئىشچى ئاران ئىشلەپچىقىرالايتتى. نېمە ئۈچۈن بىر كىشى 200 نەچچە كىشىنىڭ ئىشىنى قىلالايدۇ؟ يېڭى ماشىنىلار ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ئەمما ئىشچىلارنىڭ كىرىمى 200 نەچچە ھەسسە كۆپەيتىلدىمۇ؟ ياق! بۇ ئارتۇق پۇل نەگە كەتتى؟ ئۇنىڭ ھەممىسى كاپىتالىستلارنىڭ پايدىسى بولۇپ قالدى! ئىشچىلارنىڭ نامراتلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەقىقى سەۋەب خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك، ئىشچىلار ھازىرمۇ كاپىتالىستلارغا قۇل بولماقتا! مېھمانلارنىڭ بىر مۇنچىسى شاھزادە، ۋەزىر ۋە غوجاملار ئىدى. ئۇلار ئوۋېننىڭ بۇ مۇلاھىزىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ناھايىتى بىئارام بولدى: - سىلىچە قانداق قىلىش كېرەك! - دەپ سورىدى ئۇلار. - كوممۇنىزىم بولۇشى كېرەك؟ - دېدى ئوۋېن ھاياجانلانغان ھالدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، - خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى يوقىتىپ، ئەمگەك مېۋىسىدىن ھەممە كىشى باپ - باراۋەر بەھرىمەن بولىدىغان كوممۇنىزم جەمئىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى لازىم! مېھمانلار «كوممۇنىزم» دېگەن گەپنى ئاڭلاپلا، خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇشتى - دە، خوشلاشتى، ئۇلار كېتىش ئالدىدا: - ئوۋېن جاناپلىرى، سىلىنىڭ قانداق يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانلىرى بار؟ - دەپ سورىدى يەنە. - بار، مەن ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ، كوممۇنىستىك كوممۇنا قۇرىماقچىمەن، - دېدى ئوۋېن ئىنتايىن سالماقلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن. - غەلىتە ئادەمكەن! - دېيىشتى يېڭى لېناركتىن چىقىپ كېتىۋاتقان مېھمانلار بېشىنى چايقىشىپ، ئۇلار پوچتىلىرىغا چىقىپ ئولتۇرۇۋېتىپ، ئوۋېننى «ساراڭ» دەپ تىللىغىلى تۇردى. 1824 - يىلى، ئەنگىلىيىنىڭ بىر كېمىسى ئاتلانتىك ئوكيانغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. كېمىدە 100 دىن ئارتۇق ئىگىلىك ياراتقۇچىلار بولۇپ، يېشى 50 تىن ئاشقان بىر مويىسپىت ئالاھىدە تەسىرلەنگەن ھالدا دېڭىزغا قاراپ:«ئىخ! ئۇلۇغۋار ئىش باشلاندى!» - دېدى ئۆز - ئۆزىگە. بۇ كىشى روبېرت ئوۋېن ئىدى. بۇ قېتىم ئوۋېن بارلىق ئۆي بىساتىنى سېتىپ، تۆت ئوغلى ۋە بىر تۈركۈم دوستلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھىندىيانا شىتاتىغا بېرىپ، چوڭ بىر پارچە زېمىن سېتىۋالدى ۋە «يېڭى ئىناقلىق» كوممۇنىسىنى قۇردى. ئۇلار پايانسىز جاڭگالدا دەل - دەرەخلەرنى كېسىپ، ئوت - چۆپلەرنى ئۆرتەپ، كەپىلەرنى ياساپ، يەر ئاچتى، ئاشلىق تېرىدى، ھەممەيلەن بىللە ئىشلەپ، تەڭ تەقسىم قىلدى. بىراق، پۈتۈن كاپىتالىزىم جەمئىيىتىنىڭ قارشىلىقى ۋە بېسىمى ئارقىسىدا، بۇ كوممۇنا تۆت يىل ئۆتە - ئۆتمەيلا مەغلۇپ بولدى. ئوۋېن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «بىرلىككە كەلگەن پۈتۈن ئەنگىلىيە ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى بىرلەشمىسى» - نى تەشكىل قىلىپ، ئىشچىلار ئارىسىدا ئۆز غايىسىنى تەشۋىق قىلدى، كاپىتالىزىمنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. ئەمما ئۇ، سىنىپىي كۈرەشنىڭ يولىنى بىلمىگەنلىكتىن، پارلامېنتتا ئىشچىلارغا پايدىلىق بولغان بەزى قانۇن - پەرمانلارنى ماقۇللىتىش بىلەنلا بولۇپ، بالا ئىشچىلارنىڭ كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىدىغان قانۇن - پەرمانلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئىشچىلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنىش ئورنىنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلمىدى. شۇڭا، كىشىلەر ئوۋېننى خىيالىي سوتسىيالىزىمنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغۇچى دەپ ئاتىدى. فرانسىيىلىك سېن - سىمون ۋە فوريې ۋە ئەنگىلىيىلىك ئوۋېن 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى خىيالىي سوتسىيالىزىمنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرى كاپىتالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى، ئىشچىلار سىنىپى تېخى مۇستەقىل سىياسى كۈچ بولالمىغان چاغدىكى سوتسىيالىزىم ئىدىيىسى ئىدى. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئىشچىلار سىنىپى دۇنيادا سىياسى سەھنىگە چىقتى، يېپ - يېڭى سوتسىيالىزىم ئىدىيىسى - ماركىس، ئېنگېلس بەرپا قىلغان ئىلمىي سوتسىيالىزىم ئىدىيىسى كۈرەش داۋامىدا دۇنياغا كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، پۇرۇلېتارىياتنىڭ ئازادلىق ھەركىتى توغرا يۆنۈلۈشكە ئىگە بولۇپ، ئىنقىلابى كۈرەش غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ