گالىلېي
بەش مىڭ يىل
بىر كۈنى پىسا ئۇنىۋېرسىتىتېتىنىڭ تىببىي فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلىرى چېركاۋدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. زالدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. چېركاۋنىڭ كاھىنى زالنىڭ تورۇسىغا ئېسىلغان بىر چىراققا ماي تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى پەرۋاسىزلىق بىلەن قويۇپ بەردى - دە، چىراق بوشلۇقتا بىر خىل قېلىپتا پۇكلاڭلىدى.
ئاسما چىراق زەجىرنىڭ پۇلاڭلىغاندىكى تىرىكلىغان ئاۋازى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇئا - تىلاۋەتىگە تەسىر يەتكۈزدى. بۇ چاغدا بىر ئوقۇغۇچى ئاسما چىراقنىڭ تىرىكلىغان ئاۋازىغا بەنت بولدى. ئۇ، زەنجىرنىڭ رىتىمىدا بىر قانۇنىيەت بارمۇ - نېمە؟ زەنجىرنىڭ پۇلاڭلىغان چاغدىكى ئارىلىقى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىت تەڭ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى.
ئۇ توساتتىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى - دە، تالاغا قاراپ يۈگۈردى. باشقا تىلاۋەتچىلەر ھەيران بولۇشۇپ ئۇنىڭغا قاراپ قالدى. ئۇ ئۆيگە بېرىپ ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتىكى ئىككى تال ئارغامچىنى تاپتى - دە، ھەربىرىگە ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى قوغۇشۇن پارچىسىنى چىگىپ، ئۇلارنى پۇلاڭلىتىپ سېلىشتۇردى، شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنڭ يېڭى كەشپىياتى - ماياتنىك تەۋرىنىش ۋاقتىنىڭ تەڭلىكىنى ئىسپاتلىدى.
تىببىي پەندە ئوقۇۋاتقان بۇ ياش ئوقۇغۇچى كىمن ئىدى؟ ئۇ كېيىنكى كۈنلەردىكى ئىتالىيىنىڭ ئۇلۇغ ماتېماتىك، فىزىك ۋە ئاسترونومى گالىلېي ئىدى.
گالىلو گالىلېي، 1564 - يىلى 2 - ئايدا ئىتالىيىنىڭ پىسا شەھىرىدە تۇغۇلدى. ئۇنىڭ دادىسى ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك بولۇپ، مەشھۇر مۇزىكانت ۋە ماتېماتىكىنى تولۇق بىلىدىغان ئادەم ئىدى. گالىلېي كىچىكىدىنلا رەسىم ۋە مۇزىكىغا قىزىققان. ئەمما، دادىسى ئۇنىڭ رەسسام ۋە مۇزىكانت بولۇشىنى خالىماي، ئۇنى دەرۋىشخانىغا لاتىنچە ۋە يۇنانچە ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بەردى. 17 ياشقا كىرگەندە، يەنە ئۇنى پىسا ئۇنىۋېرسىتېتىغا مېدىتسىنا ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئەستايىدىل خاتىرە يېزىش بىلەن بىر چاغدا، مەسىلە قويۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مۇستەقىل ئويلاشقا ماھىر بولغان. ھەر خىل تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە خۇشتار بولۇپ، ئىنتايىن تېزلىكتە ئۆزىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىستىداتىنى ئاشكارىلىدى.
گالىلېي ئۇنىۋېرسىتېتدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئارخىمېدنىڭ پىشاڭ ۋە «لەيلىتىش قانۇنى» دىن پايدىلىنىپ، شەيتان (سۇ يۈزى تەكشىلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب) نى ئىختىرا قىلدى؛ ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە «قاتتىق جىسىملارنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن گالىلېينىڭ تېزلىكتە نامى چىقىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «زامانىمىزنىڭ ئارخىمېدى» دەپ ئاتالدى. پىسا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنى ماتېماتىكا لېكتورلىقىغا تەكلىپ قىلدى.
ئۇ چاغدا، ياۋروپادىكى زىيالىيلار ساھەسى ئاۋالقىدەكلا ئارستوتېل ئىدىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورلار بارلىق پەنلەردىكى مەسىلىلەرنى ئارستوتېل ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلغان دەپ جاكارلىماقتا ئىدى. مەيلى قايسى ئوقۇغۇچى بولسۇن، باشقىچە پىكىر بەرگەن ھامان، پروفېسسورلار «ئۇستازىمىز ئاللىقاچان يوليۇرۇق بېرىپ بولغان» دەيتتى - دە، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا گەپ - سۆز قىلىشقا ھېچقانداق ئورۇن قالمايتتى. ئەمما، گالىلېي قېرىشقاندەك مۇقىملىشىپ قالغان ئوقۇتۇش تەرتىپىگە جەڭ ئېلان قىلىپ: ھەقىقەتنى بايقاش يولى، ئارستوتېلنىڭ ئەقىدىلىرىنى يادلاش ئەمەس، بەلكى «چوڭ تەبىئەتتىن ئىبارەت گۆھەر كىتابنى ئۆگىنىش» ئارقىلىق بارىدۇ. دەپ جاكارلىدى.
بىر قېتىملىق دەرستە ئوقۇغۇچىلىرىغا: «ئارستوتېلنىڭ ئوخشىمايدىغان ئېغىرلىقتىكى جىسىملارنىڭ چۈشۈشتىكى تېزلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، دەيدىغان بىر نەزەرىيىسى بار. مەسىلەن، ئۇ، ئون قاداق ئېغىرلىقتىكى جىسىمنىڭ پەسكە چۈشۈشتىكى تېزلىكى بىر قاداق جىسىمنىڭ تېزلىكىدىن ئون ھەسسە تېز بولىدۇ. شەكلەن قارىماققا بۇ نەزەرىيە ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، خاتا» - دېدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش بىلەنلا بىردەك گۇمانلاندى، بەزىلىرى ھەتتا يۈز خاتىرە قىلماستىن ئۇنى ھەزىلە قىلدى.
«بۇ پۈتۈنلەي قالايمىقان جۆيلۈش، - پرافېسسورلارمۇ ئۇنى رەسۋا قىلىمىز دەپ تىللىدى، - بىر تال پەينىڭ بىر توپ ئوقى بىلەن ئوخشاش تېزلىكتە ھاۋادىن پەشكە چۈشۈشىگە ساراڭدىن باشقا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ!»
پروفېسسورلار گالىلېينى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا دېگىنىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇرلاپ، نەق مەيداندا ئۇنى مات قىلماقچى بولدى. گالىلېي شەرتنى قوبۇل قىلدى. ئۇ پىسادىكى يانتۇ مۇنارنى تەجرىبە مەيدانى قىلىپ تاللىدى. پروفېسسورلار سۆسۈن رەڭلىك مۇۋۇت تونلىرىنى كىيىشىپ مۇنار ئالدىغا كەلدى. ئوقۇغۇچى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىمۇ گالىلېينىڭ كۈلكىگە قېلىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن گۈلقەقەلىلىرى ئېچىلغان ھالدا يېتىپ كېلىشتى.
گالىلېي بىر قولىغا ئون قاداق كېلىدىغان، يەنە بىر قولىغا بىر قاداق كېلىدىغان قوغۇشۇن توپنى ئالغان ھالدا دادىل قەدەم بىلەن بېسىپ يانتۇ مۇنارغا چىقتى:
«جامائەت دىققەت بىلەن قاراڭلار، مانا بۇ توپلارنى قويۇپ بېرىمەن!»
ئۇ شۇنداق دەپلا بۇ توپلارنى تەڭلا قويۇپ بەردى. دەرۋەقە بۇ ئىككى توپ يەرگە تەڭ چۈشتى. سورۇندىكى ئىشتىراكچىلارنىڭ ھەممىى ھاڭ - تاڭ قېلىشتى. ئەمما پروفېسسورلر يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ كۆزىگە ئىشەنمىدى، ئارستوتېلدىمۇ خاتالىق بارلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنمىدى - دە، گالىلېي بىرخىل سېھىرگەرلىك بىلەن بۇ توپلارنى تەڭ چۈشۈردى دەپ جۆيلۈشتى.
گالىلېي دەرغەزەپكە كەلدى - دە، پىسا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ چىقىپ كېتىپ، ئۇزاققا بارمايلا 16 - ئەسىردە ياۋروپادا داڭلىق بولغان بادۇيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولدى. 1600 - يىلى، ئۇ تازا بېرىلىپ دەرس سۆزلەۋاتقاندا، ئىتالىيىلىك مەشھۇر پەيلاسوپ برۇنو، كوپېرنىكنىڭ تەلىماتىنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئون يىللىق تۆمۈر قەپەز ھاياتىنى بىېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى رىم شەھىرىنىڭ مەيدانىدا پاپا تەرىپىدىن ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، گالىلېي ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ زىيانكەشلىكتىن خەۋەرلەندى، ئەلۋەتتە. بۇ دەرتتىن ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى پىچاقتا تىلىپ تاشلىنىۋاتقاندەك ئازاپلىنىپ، قاتتىق قايغۇ - ھەسرەتتە قالدى. گالىلېيمۇ كوپىرنېكنىڭ مۇرىدى بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىت شارائىتى بىلەن برۇنونى ئاشكارا ئاقلاشقا پېتىنالمىدى. ھەقىقەتنى ئىزدەش ئۈچۈن، ئۇ ئۆز ئالدىغا تۈرلۈك ئىلمىي تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كوپېرنىكنىڭ تەلىماتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشتى.
بىر قېتىم، ئۇ گوللاندىيىلىك بىر سودىگەر ئاجايىپ بىر ئىشنى بايقاپتۇ: بىر پارچە كۆپۈنكى ئەينەك بىلەن بىر پارچە پېتىنقى ئەينەكنى جۈپلەپ قارىسا، يىراقتىكى نەرسە يېقىندىكى نەرسىگە ئوخشاش يوغان كۆرۈنىدىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلىدى. گالىلېيدا بۇ ئىشقا ناھايىتى زور ئىشتىياق تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ تەكرار تەتقىق قىلىش ئارقىلق، 1609 - يىلى دۇنيادا 1 - بولۇپ 32 ھەسسە چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان دۇربۇننى ئىجاد قىلدى.
گالىلېي ئۆزى ئىجاد قىلغان بۇ قورال بىلەن ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىپ، ئالدى بىلەن ئاينىڭ يۈزىدە ئوڭغۇل - دوڭغۇل تاقىر تاغلار بارلىقىنى ھەمدە يانار تاغلاردا يېرىلغان ئېغىزلار بارلىقىنى بايقىدى؛ ئاندىن يەنە يۇپېتىرنىڭ ئەتراپىدا تۆت پىلانتنىڭ دەۋر قىلىپ ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى.گالىلېي ئۆزىنىڭ ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدىكى بۇ كەشپىياتلىرىنى «پىلانتلار ھەققىدە ئېلان» نامى بىلەن دۇنيغا خەۋەر قىلىپ، تېزلىكتە زىيالىيلار ئارىسىدا زىلزىلە پەيدا قىلدى، گالىلېينىڭ دۇربۇنىغا خېرىدار بولغان زاكازنامىلەر توختىماي كېلىشكە باشلىدى. ئەمما ئۇ ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلماستىن بۇ دۇربۇننى ۋېنېتسىيە بېگىگە تەقدىم قىلدى. ۋېنېتسىيە بېگى ئۇنى بادۇيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پروفېسسورى قىلىپ بەلگىلەشكە پەرمان چۈشۈردى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىسى - توسكانانىڭ ئۇلۇغ بېگى كوسسىم II تەرىپىدىن فلورېنسىيىگە تەكلىپ قىلىنىپ، ئوردا ماتېماتىكىلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
ئوردىغا بارغاندىن كېيىنمۇ گالىلېي ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىشنى داۋاملىق ئېلىپ باردى. ئۇ زۆھرە (ۋېنىرا) نىڭ ئورنىنى، قۇياشتىكى داغلارنى ۋە قۇياشنىڭ ئايلىنىشىنى بايقىدى، يەنە يۇپېتىرنىڭ سەييارىلەر ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلدى، ساتورىننى كۈزەتتى، ئۇ دوستلىرىغا: «مەن 1 - كۈزەتكۈچى بولدۇم ... بۇرۇن ئېچىپ بېرىلمىگەن بىرمۇنچە ئاجايىپ ھادىسىلەرنى كۆردۈم. ئەمما ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزە - يېڭى تۆت سەييارىنى بايقىشىم بولدى. مەن ئۇلارنىڭ قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ چىقتىم» - دېدى. ئۇ گەرچە يەر شارىنىڭ قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەققىدە توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتى دىنىي ھۆكۈمەتخانىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 1616 - يىلى 3 - ئايدا، ئۇ بۇيرۇق بىلەن قازىخانىغا بېرىپ، ئۆز ئۈستىدىكى سوراققا قاتناشتى.
قىزىل چاپانلىق ئېپىسكوپ ئۇنىڭغا يەرشارى، قۇياش ۋە ئۇششاق يۇلتۇزلار توغرىسىدىكى تەتۈر تەلىماتلىرىدىن يان، دەپ نەسىھەت قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا بۇنداق ئويلارد بولۇشۇڭغا رۇخسەت يوق، بۇ نەرسىلىرىڭنى تارقىتىشقا تېخىمۇ رۇخسەت يوق دەپ بۇيرۇق قىلدى. گالىلېي شەكلەن ماقۇل دەپ قويۇپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى خۇپىيانە ھالدا داۋاملاشتۇردى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چىداپ تۇرالماي، ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدە يازغان بىر پارچە كىتابىنى نەشر قىلدۇردى. قازىخانا «ئېغىر گۇناھكار» دېگەن نام بىلەن ئۇنى 2 - قېتىملىق سوراق قوبۇل قىلىشقا خەۋەر قىلدى. بۇ چاغدا، ئۇ 70 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، كېسەل بولۇپ ياتاتتى. دوختۇرلار: «گالىلېي كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى. ئۇ ئېھتىمال رىمغا بارالماي ئاخىرەتكە كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئىسپات يېزىپ بەردى. ئەمما قازىخانا شەپقەتسىزلىك بىلەن: «ئۇ زورۇقۇپ تۇرالغۇدەك بولسىلا، كىشەن سېلىپ رىمغا يالاپ كېلىنسۇن!» دەپ بۇيرۇق قىلدى.
1633 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، گالىلېي دىنىي ھۆكۈمخانىغا ئېلىپ كېلىندى. بۇ قېتىم ئۇ گۇۋاھ - شاھىدى يوق جازا ئۆيىدە سوراققا تارتىلدى، خىلمۇ خىل قورقۇتۇشلار ئارقىسىدا، ئۇ ئەلەڭ - سەلەڭ بولۇپ قالدى ۋە مەجبۇرىي ھالدا يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا دەۋر قىلىپ ئايلانمايدۇ دېدى ۋە ھۆكۈمنامىگە ئىمزا قويدى. ئۇنىڭ دوستلىرى چارچاپ مادارىدىن كەتكەن، لاغىلداپ تىترەپ تۇرغان بۇ بوۋاينى مەھكىمە شەرئىدىن يۆلەشتۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇ: «يەرشارى ھەقىقەتەن ئايلانماقتا!» دەپ ئاستاغىنا پىچىرلىدى.
گالىلېي تۈرمىگە تاشلاندى، تۈرمىدە ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى قاتتىق چەكلەندى، ئەمما ئۇ يەنە ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەر - «ھەرىكەت قانۇنى» نى يېزىپ چىقتى. بۇ كىتابتا دىنامىكنىڭ تۈپ قانۇنلىرى يەكۈنلەنگەن ئىدى، كىتابنى مەخپىي يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بىر ئاماللار بىلەن خۇپىيانە ھالدا گوللاندىيىگە ئەۋەتىپ نەشر قىلدۇردى.
ئۇزاق ئۆتمەيلا گالىلېي ئەما بولۇپ قالدى، 1642 - يىل 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋاپات بولۇش ئالدىدا، بۇ كىتابنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ، ئاڭلىنا - ئاڭلانماس ھالدا: «مېنىڭچە بۇ كىتاب مېنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىم ئىچىدە ئەڭ قىممەتكە ئىگە، چۈنكى بۇ مېنىڭ ئازاپ ئوقۇبەتلىرىمنىڭ مېۋىسى» - دەپ پىچىرلىدى.