يىپەك يولى
بەش مىڭ يىل
مىلادىدىن ئىلگىرى 115 _ يىلى بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى ھاۋا ئۇچۇق ھەم سالقىن ئىدى.
ئىران ئىگىزلىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدا ھەربىي كىيىم كىيگەن بىر سەركەردە پاتىيە چېگرىسىدا ساقلاپ تۇراتتى، پاتىيە پىرسىينىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى 3 - ئەسىردىن كېيىنكى نامى بولۇپ، بۇ خاندانلىقنىڭ پادىشاھلىرى ئەۋلاتتىن _ ئەۋلاتقىچە ئارساك دەپ ئاتالغاچقا، جۇڭگولۇقلار ئۇنى ئارساك دۆلىتى دەپ ئاتالغاچقا، جۇڭگولۇقلار ئۇنى ئارساك دۆلىتى دەپ ئاتالغاچقا، جۇڭگولۇقلار ئۇنى ئارساك دۆلىتى دەپ ئاتالغاچقا، جۇڭگولۇقلار ئۇنى ئارساك دۆلىتى دەپ ئاتىغان. سەسركەردە ئىگىز ئارغىماققا مىنىپ ئۇ ياق _ بۇياقلارغا ماڭغان. ئۇنىڭ ئارقىسىدا 20 مىڭ ئەسكەر بار ئىدى.ئەسكەرلەر ئاتلىرىغا مىنىپ رەتلىك سەپ بولۇپ، ئۈن _ تىن چىقارماي جىم تۇراتتى.
20 مىڭ ئادەملىك بۇ قوشۇن ئۇرۇش بۇيرۇقى كوتۇپ تۇرغانمۇ؟ ياق! ئۇلار ئارساك پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەت يىراقتىن كەلگەن دوستلۇق ئەلچىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى.
شەرق تەرەپتىن قوڭغۇراقنىڭ «جىرىڭ!»، «جىرىڭ!» قىلغان ئاۋازى ئاڭلانغان، ئەسكەرلەر قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلانغان تەرەپكە قارىسا، يىراقتىن بىر توپ ئاتلىق ئادەم كۆرۈنگەن، ئاتلىقلار ئالدىدا جۇڭگوغا خاس بولغان يېزىق بىلەن «بوۋاڭ بېگى» دېگەن خەتەرلىك تىكىلگەن بىر رەڭدار ئەلەم لەپىلدەپ تۇرغان.
_ كەلدى! كەلدى! _دەپ چوقان كوتىرىشكەن ئارساك ئەسكەرلىرى.
_ سەپكە تىزىلىپ قارشى ئېلىڭلار! _ بۇيرۇق بەرگەن ئات ئۇستىدىكى سەركەردە.
20 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر شارتلا قىلىپ ئوڭ - سول تەرەپكە بولۇنۇپ، قارشى ئالغۇچىلار سېپىنى ھاسىل قىلغان ئوركىستىر ھەربىي مارش ئاتتىن چۈشۈپ، ئوڭ قولىدا ئەلچىلىك تايىغىنى ئىگىز كۆتىرىپ، (خەن سۇلالىسى زامانىدا ئەلچىلەرنىڭ گۇۋانامىسسى ئەلچىلىك تايىغى ئىدى) تەبەسسۇم بىلەن چوڭ قەدەم تاشلاپ كەلگەن. سەكەردە ئاتتىن چۈشۈپ چاستا تۇرۇپ:
_ بۇيۇك خەن سۇلالىسى ئەلچىسىنى قارشى ئالىمىز! _ دەپ توۋىلىغان.
جۇڭگو ئەلچىسى قول قوشتۇرۇپ:
_ ئاۋارە بولۇپلا سەركەردە. مەن ئەلچى جاڭ چىيەننىڭ ياردەمچىسى، بۇيۇك خەن سۇلالىسى خانىغا ۋاكالىتەن ئارساك پادىشاھى ئالىلىرىغا ئېھتىرام بىلدۇرىمەن! _ سالام قايتۇرغان. سەركەردە چوڭقۇر تازىم قىلىپ رەھمەت ئېيتقان.
_ بۇ، _ دېگەن جۇڭگو ئەلچىسى كەينى تەرەتىكى ئاتلارنى كورستىپ، _ بۈيۈك خەن سۇلالىسى خانىنىڭ ئارساك پادىشاھىغا قىلغان ئەرزىمەس سوغىلىرى.
سەركەردە تەبەسسۇم بىلەن ھەر بىرسىگە ئىككى تىڭىق يۈك ئارتىلغان ئاتلارغا نەزەر تاشلىغان. تىڭىقلارغا خىلمۇ _ خىل، نەپس ھەم يېڭى قول سانائەت بۇيۇملىرى، ئالتۇن _ كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا - قۇچىلار ۋە توپ _ توپ تاۋار، داكا شايى، تەتىللا، ھىلىلە قاتارلىق شۇ چاغدا جۇڭگودىلا تۇقۇلىدىغان يىپەك تۇقۇلمىلىرى تىڭىلغان ئىكەن. ئېچىپ شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، رەڭگا _ رەڭ، يالت - يۇلت قىلىپ، تۇرغان بۇ ماللار كۆزنى چاقنىتىپ تۇرغان.
بىز ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان تەشنابولۇپ كەلگەن يىپەك يولى ئەمدى ئېچىلدى، _ دېگەن خوشاللىق بىلەن باش لىڭشىتىپ ئارساك سەركەردىسى، _ مەن ئارساك پادىشاھى ئالىلىرى نامىدىن بۈيۈك خەن سۇلالىسى خانىنىڭ ئەلچىلىرىگە سوغا تەقدىم قىلىمەن.
ئۇ قولى بىلەن ئىشارەت قىلغاندا، تۆت ئەسكەر ئىككى چوڭ قۇتا كەلتۈرگەن. ئېچىپ قارىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭغا ھەر بىرسى بىر جىڭ كېلىدىغان نۇرغۇن يوغان _ يوغان تۇخۇم قاچىلانغان ئىكەن. بۇ تۆگە قۇشىنىڭ تۇخۇمى بولۇپ، ئۇ چاغلاردا جۇڭگولۇقلار بۇنداق تۇخۇمنى تېخى كورۇپ باقمىغان ئىكەن.
جۇڭگو ئەلچىسىى رەھمەت ئېيتاي دەپ تۇرۇشغا، سەركەردە يەنە قول ئىشارىسى قىلغان، بۇ چاغدا ئىككى ئادەم كەلگەن، بۇلار ئەسلىدە سېھىرگەرلەر ئىكەن. بىرىنچىسى بىر خەنجەرنى ئاغزىغا تىقىپ يۇتۇۋەتكەن، ئاندىن كېيىن قوسىغىغا بىرنى ئۇرۇپ، ئاغزىدىن خەنجەرنى چىقارغان. سېھرىگەرلەرنىڭ كارامەت ئويۇنلىرى شۇ سورۇندىكى كىشىلەرنى ھاڭ _ تاڭ قالدۇرغان. سەركەردە كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ بۇلار رىم جۇمھۇرىيىتى پادىشاھيىمىزغا سۇغا قىلغان رېچان (ھازىرقى مىسىرنىڭ ئالېكساندىرىيە شەھىرى) نىڭ سېھىرگەرلىرى ئىدى. پادىشاھىمىز بۇلارنى بۈيۈك خەن سۇلالسى خانىغا تەقدىم قىلدى. شۇڭا بۇلارنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇردۇم، _ دېگەن.
جۇڭگو ئەلچىسى قول قوشتۇرۇپ رەھمەت ئېيتىقان ۋە خوشاللىق بىلەن:
_ بۇ يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق يولى! _ دېگەن.
يىپەك يولى قانداق ئېچىلغان؟
مىلادىدىن ئىلگىرى 138 - يىلى ھونلارنىڭ ئاتالىق ئەسكەرلىرى ئۇلۇغ ياۋچىلار دىگەن قەبىلىگە (ھازىرقى گەنسۇنىڭ غەربىي قىسىمدا) ھۇجۇم قىلغان. ھون تەڭرىقۇتى ئۇلۇغ ياۋچىلار قەبىلىسى پادىشاھىنىڭ بېشىنى كېسىپ، باش سۇڭىكىدە جام ياساتقان. ئۇلۇغ ياۋچىلار قەبىلىسى نائىلاج غەربكە كۆچۈپ كەتكەن ۋە ئۆچ ئېلىش كويىدا بولغان. بۇ چاغلاردا ھونلار دائىم ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىغا پاراكەندىچىلىك سالغان،شۇڭا خەن ۋۇدى ئۇلۇغ ياۋچىلار قەبىلىسى بىلەن بىلىشىپ ھونلارغا ھۇجۇم قىلىشقا بەل باغلىغان، لېكىن ئۇلۇغ ياۋچىلار قەبىلىسىگە بارىدىغان يول ھونلار ئىشغالىيىتىدىكى جايلاردىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، بۇ يول ئىىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن شۇنىڭ بىلەن خەن ۋۇدى چاڭئەندە سېپىل دەرۋازىسىغا «دانىشمەن تەكلىپ قىلىش ياكى» چاپلاپ، غەربىي رايونغا ئەلچىلىككە بېرىشنى خالايدىغانلارنى كاتتا تارتۇقلايدىغانلىقى جاكارلىغان ئەتىسى بىر ياش مەردانىلىق بىلەن مەن بارىمەن دەپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. بۇ ئوتتۇرا جۇڭگودىكى چېڭگۇ (ھازىرىقى شەنشى لۇق جاڭ چىيەن ئىكەن.)
جاڭ چىيە 100 دەك ئادەمنى باشلاپ، ئەلچى تايىنىنى ئېلىپ، چاڭئەندىن خوشلىشىپ، ياڭگوەن (ھازىرىقى دۇنخۇاڭنىڭ ئەتراپى) دىن ئوتۇپ، غەرپكە قاراپ، دەشت _ قۇملۇقتا جاپالىق سەپەر قىلغان. تۇيۇقسىزلا ھۇنلارنىڭ مىڭدەك ئاتلىق ئەسكىرى ئۇلارنى قورشىۋالغان. جاڭ چىيەن دەرھال مۇلازىلىرىنى باشلاپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاز بولغاچقا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. ئۇلار ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئوردىسىغا (ھازىرىقى ئىچكى مۇڭغۇلىنىڭ كوكخۇت شەھىرىگە) يالاپ ئېلىپ بېرىلغان.
_ تەلىم بولۇڭلار! ئەمدى قايتىپ كېتەلمەيسىلەر، _ دېگەن ھون تەڭرىقۇتى جاڭ چىيەنگە.
_ ياق، بۈيۈك خەن سۇلالىسى ئەلچىلىرىدە تەسلىم بولۇش دېگەن گەپ يوق،_ دېگەن جاڭ چىيەن تەمكىن ھالدا.
_ بېشىڭنى ئالىمەن! _ دەپ تەھدىت قىلغان ھون تەڭرىقۇتى.
_ ئالساڭ ئال، _ دېگەن جاڭ چىيەن پىسەنت قىلماي.
_ ئۇنداق ئوڭاي ئىش يوق. مەن سېنى بىر ھون قىلىمەن، _ دېگەن غەزەپ بىلەن ھون تەڭرىقۇتى.
تەڭرىقۇت جاڭ چىيەننى ئەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ھونلار ئىچىدە قالدۇرۇپ قالغان. جاڭ چىيەن لام _ جىم دېمەي، ئۆزىنىڭ ئەلچى تايغىنى پەخەس بىلەن يوشۇرغان.
بۇ ئارىلىقتا 10 يىل ئۆتۈپ كەتكەن، بوران _ پاچقۇنلۇق بىر كېچىدە جاڭ چىيەن ھەمرالىرىنى چاقىرىپ ھونلار زىمىنىدىن قېچىپ چىقىپ، پەرغانە (ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى) غا كىرگەن.
پەرغانە پادىشاھى خەن سۇلالىسى ئەلچىسىنى زىياپەت بېرىپ كۈتۈۋالغان. مۇزىكانتلار جۇڭگولۇقلار ھىچقاچان كۆرۈپ باقمىغان ئەسۋاپلار _ بەرباپ (پىپا)، غوڭقا، چورى، نەي قاتارلىق چالغۇلار بىلەن مۇڭلۇق سازلارنى چالغان. كاتتا زىياپەتتە جۇڭگولۇقلار زادىلا كۆرۈپ باقمىغان تائاملار _ تەرخىمەك، پالەك، سەۋزە، لەززەتلىك شاراپ يەنى ئۇزۇم ھارىغى كەلتۈرۈلگەن. جاڭ چىيەن قاتارلىقلارنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، پەرغانە پادىشاسىغا كاتتا زىياپەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتقان.
پەرغانە پادىشاھى قوشۇن قويغان كىشىلەر جاڭ چىيەنلەرنى قاڭلىغىچە (ھازىرىقى باغراش كۆلى تەرەپلەر) ئۇزىتىپ قويغان، قاڭلى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئادەم ئەۋەتىپ جاڭ چىيەنلەرنى ئۇلۇغ ياۋچىلار قەبىلىسىگىچە ئۇزىتىپ قويغان بىراق، بۇ چاغدا ئۇلۇغ ياۋچىلار قەبىلىسى ئولتۇراقلىشىپ بولغان، ئۇلارنىڭ يەرلىرى مۇنبەت، بايلىقى مول بولغاچقا، ھونلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان، خەن سۇلالىسى بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈشنمۇ خالىمىغان ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن جاڭ چىيەنلەر باكتېرىيە دۆلىتىگە يېنىپ كەلگەن.
باكتېرىيە دۆلىتى (ھازىرىقى ئافغانىستان تەرەپلەر) ئاھالىسىنىڭ نۇغۇنلىرى يۇنانلىق بولۇپ، بۇ يەردە سودا ئىشلىرى بەك تەرەققى قىلغان. جاڭ چىيەنلەر بۇ يەردە جۇڭگولۇقلار ھىچقاچان كۆرۈپ باقمىغان تاۋارلارنى - ئۇلۇغ ياۋچىلار قەبىلىسىنىڭ گىلەملىرى، رىم خەسىلىرى، ئارساك چىتىلىرى، قاڭلىنىڭ قارا بولغۇن تېرىلىرى، چالجىيە (ھازىرقى سۈرىيە تەرەپلەر) ئارغىماقلىرىنى كۆرگەن...
_ بۇ نېمە؟ _ دېگەن جاڭ چىيەننىڭ ياردەمچىسى تاڭ يىغۇ بىر دوۋە تاۋارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
جاڭ چىيەن قارىغۇدەك بولسا، ئەسلىدە خەن سۇلالىسىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئىشلەنگەن بامبۇك قاچىلار ۋە سىچۇەن سەگەزلىرى ئىكەن.
_ بۇ تاۋارلار نەدىن كەلتۈرۈلدىكىنە؟ _ دەپ سورىغان جاڭ چىيەن سودىگەرلەردىن .
_ ھىندىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن، _ دەپ جاۋاب بەرگەن يۇنان سودىگەرلىرى.
ئەسلىدە، سچۇەندىن چىقىپ جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ، ئاندىن غەربىي شىمالغا بۇرۇلۇپ ماڭسا باكتېرىيە دۆلىتىگە بارغىلى بولىدىكەن. شۇنداق قىلىپ جاڭ چىيەنلەر بىرمۇنچە جۇغراپىيىۋى بىلىملەرگە ئىگە بولغان.
يەنە بىر يىل ئۆتۈپ، جاڭ چىيەنلەر قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققان. ئۇلار پامىردىن ئۆتۈپ، كوئېنلۇننىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ ماڭغان. كۈتۈلمىگەن يەردىن ھونلارنىڭ بىر توپ ئاتلىق ئەسكەرلىرى يەنە ئۇلارنى قورشىۋېلىپ، ئۇلارنى ھونلار دۆلىتىگە ئېلىپ كەتكەن.
بىر يىلدىن كېيىن ھونلار ئىچىدە يېغىلىق بولغان، جاڭ چىيەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياردەمچىسى تاڭ يىفۇ بىلەن جاڭئەنگە قايتىپ كەلگەن. شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىم غەربىي رايونغا بېرشتەك شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، خەن ۋۇدى ئۇنىڭغا «بوۋاڭ بەگ» دېگەن نام بەرگەن.
مىلادىدىن ئىلىرى 119 - يىلى جاڭ چىيەن ئىككىنچى قېتىم غەربىي رايونغا ئەلچى بولۇپ بارغان. بۇ قېتىم نۇرغۇن ئادەمدىن تەركىپ تاپقان دوستلۇق ئۆمىكىنى باشلاپ بارغان. ئۇلار «بوۋاڭ بەگ _ جاڭ چىيەن» دېگەن ئەلەملەرنى كۆتىرىپ ھەرقايسى ئەللەرگە يول ئالغان: بەزىلىرى ئارساكقا (پىرسىيىگە)، بەزىلىرى چالجىيگە (سۈرىيگە)، بەزىلىرى كاسىمىراغا (ھازىرىقى كەشمىرگە) ... بارغان، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرىمۇ جۇڭگوغا كېلىپ دوستانە زىيارەتتە بولغان. يىپەك يولى ياۋرۇپا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرىگە تۇتاشقان يۇنانلىقلار جۇڭگونىڭ يىپەكلىرىنى ياخشى كۆرگەچكە، جۇڭگونى «يىپەك دولىتى» دەپ ئاتاشقان. رىملىقلار جۇڭگونىڭ يىپەكلىرىنى ياخشى كۆرگەچكە، ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگونىڭ يىپەك رەختلىرىدىن يەكتەك تىككۈزۈپ كىيگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئانتونىۇس چاڭئەنگە ئەلچى ئەۋەتىپ، شەرق بىلەن غەرپ مەدىنىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئالماشتۇرغان.
شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن تۈركۈم - تۈركۈم تۆگە كارۋانلىرى يىپەك يولىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان، ئۇلار قاتمۇ - قات تاغ _ داۋانلاردىن ئېشىپ، جۇڭگونىڭ پىلە بېقىش، يىپەك تارتىش، تۆمۈر ئېرىتىش، يەرسۇغىش، قەغەز ياساش قاتارلىق تېخنىكىلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋرۇپالارغا ئېلىپ بارغان؛ ئۇ يەرلەردىن ئۈزۈم، ياڭاق، ئانار، پۇرچاق، تەرخىمەك، كۈنجۈت، ئەنجۈر، پالەك قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا شىر، ئارغىماق، كەركىدان، توز، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارمۇ جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىنگەن. جۇڭگونىڭ مۇزىكا، ئۇسۇل، رەسىم سىزىش، ھەيكەلتاراشلىق ئىشلىرىدا غەربىي رايون ئالاھىدىلىكلىرى قوبۇل قىلىنىپ، يېڭى سەكرەش بالىققا كەلگەن ھەمدە ئۇ تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگەن.