مۇڭغۇل خانلىقى
بەش مىڭ يىل
مىلادى 1219 - يىلى كۈز كۈنلىرى ئىدى، خارىزىم )شۇ چاغدا ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىسىمى، ئافغانىستان، شۇنىڭدەك ئىراننىڭ شىمالىنى ئىگەللەپ تۇرغان بىر دۆلەت ئىدى( نىڭ چېگرا شەھەرلىرىدە كەيپىيات بىردىنلا جىددى تۈس ئالدى.
- يامان بولدى! موڭغۇل قوشۇنلىرى بېسىپ كېلىۋېتىپتۇ!
- ئۇلار خۇداغا ئىشەنمەيدۇ، بىز مۇسۇلمانلار زىيان تارتىدىغان بولدۇق!
خارىزىم، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىخ ئۇزۇن، مەدەنىيەتلىك، بايلىقى مول ئىسلام دۆلىتى ئىدى. لېكىن مۇڭغۇل خاندانلىقى بولسا، يېڭىدىن باش كۆتىرىپ چىققان دۆلەت ئىدى. مۇڭغۇللار ئەسلىدە كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىمدىكى چوڭ يايلاقلاردا كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋا باقاتتى. كۆچكەن چېغىدا چېدىر ئۆيلىرىنى ئات ھارۋىغا شۇ پېتى باساتتى، بۇ خۇددى پۈتۈن كەنت 1206 - يىلى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى چىڭگىزخاننى >ئۇلۇغ خاقان< قىلىپ سايلىغان. شۇنىڭ بىلەن مۇڭغۇللار بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىپ، تەدرىجى ھالدا سىرتقا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان. ئۇلار خۇاڭخې ۋادىسىدىكى ئالتۇن خانلىقىنى زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ ئۇتتۇرا قىسىمىنى )ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يەرلەرنى( بىر قېتىمدىلا ئىگەللىۋالغان ئىدى. ئەمدىلىكتە نىشاننى غەپكە قارىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرمەكتە ئىدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا چىڭگىزخان ئۆزى باشچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 200 مىڭ كىشلىك چوڭ قوشۇن بار ئىدى. كۆڭلى ئەنسىزلىككە چۈشكەن خارىزىملىقلار خىلمۇ خىل مۇلاھىزىلەرنى قىلىشاتتى:
- بىز باتۇر مۇسۇلمان تۇرۇپ، مۇڭغۇللاردىن يېڭىلىمىزمۇ؟
- مۇڭغۇللار دۆلەت قۇرغىلى ئاران ئون نەچچە يىل بولدى، بۇرۇن ئۇلارنىڭ يېزىقىمۇ يوق ئىدى، بىز ئۇلاردىن كۆپ ئىلغار تۇرىمىز - دە!
- دەل بىز ئىلغار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلار ئالتۇن - كۈمۈش، ئېسىل بايلىقلارنى كۆزلەپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.
- ھەي، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ پادىشاھىمىزنىڭ ئوساللىقىدىن بولۇۋاتىدۇ، مۇڭغۇل سودا كارۋىنىنىڭ 450 ئادىمىنى نېمىشكە ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ! شۇنداق قىلىپ بالايى - ئاپەتنى ئۆزى تېرىدى.
خارىزىمنىڭ پۇقرالىرى ۋەسۋەسىچىلىكتە قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى تېخىمۇ بەك ئەندىشىگە چۆمگەن ئىدى. لېكىن، پادىشاھنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنى مۇڭغۇللارنىڭ بېسىپ كىرىشى بولماستىن، بەلكى ئۇرۇش پەيتىدە شاھزادىسى بىلەن سەركەردىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھوقۇقنى تارتىۋېلىش ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئۆزىنىڭ 400 مىڭ كىشلىك ئەسكىرىنى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگە تارقىتىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتتى، شۇنىڭدەك، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىمۇ نازارەت قىلىپ تۇردى. لېكىن ھەربى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىغا تاقابىل تۇرمىدى.
خارىزىمنىڭ چېگرا شەھىرى موڭغۇل قوشۇنلىرى تەرىپىدىن توپ - توغرا بەش ئاي قورشاۋ قىلىندى. شەھەرنى ساقلاۋاتقان قوشۇن ئاران 30 مىڭ بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ياردەمچى كۈچ ياكى زاپاس ئاشلىقمۇ يوق ئىدى. قەلئە سىرتىدىكى مۇڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ سانى 200 مىڭ كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتلىق كارۋانلىرى ئوتتۇرا جۇڭگودىن كۆپ مىقداردىكى مال - بايلىقلارنى توشۇپ تۇراتتى. گەرە ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭ پەرقلەنسىمۇ، لېكىن خارىزىم قوشۇنلىرى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ بىرەرسىمۇ تەسلىم بولمىدى.
>گۇم - گۇم!< موڭغۇللارنىڭ زەمبىرەكلىرى ئېتىلىشقا باشلىدى. زەمبىرەك ئوقى خارىزىم چېگرا شەھەر قەلئەسىنىڭ بىر تېمىنى ئۆرۈۋەتتى.
>گۈم - گۈم - گۈم!< مۇڭغۇللارنىڭ زەمبىرەكلىرى يەنە گۈمبۈرلەپ، چېگرىنىڭ قەلئەسىدىن بىر چوڭ يوچۇق ئېچىلدى.
- ھۇررا! - مۇڭغۇل چەۋەندازلىرى ئوردا ھەرىسىدەك مىژىلدىشىپ شەھەر ئىچىگە ئېتىلىپ كىردى.
مۇڭغۇللار ئەسلىدە كۆچمەن چارۋىچى مىللەت تۇرسا، ئۇنىڭدىكى ئىلغار زەمبىرەكلەر نەدىن كەلگەن؟ ئەسلىدە تۆت يىل بۇرۇن مۇڭغۇل قوشۇنلىرى ئالتۇن خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوتتۇرا ئوردىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، شۇ يەردىكى خەنزۇرلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مىلتىق، زەمبىرەك ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدى. ئۇلار ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلەتكەن بۇ خىل زەمبىرەكلەر چوڭ تىپتىكى مانچاناق بولسىمۇ، لېكىن شۇ چاغنىڭ شارائىتىدا، دۇنيا ۋەھىمىسى زور بولغان ئىلغار قوراللاردىن ئىدى.
موڭغۇل ئەسكەرلىرى شەھەرگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، 30 مىڭ كىشلىك خارىزىم قوشۇنى شەھەر ئىچىدىكى ئىستىھكاملارنى قاتتىق ساقلاپ، يەنە بىر ئايدىن ئارتۇقراق بەرداشلىق بەردى. ئوزۇق - تۈلۈك، قورال - ياراقلىرى تەك - تۆكۈس ئۈزۈلۈپ، ئاخىرىدا ھەممىسى قۇربان بولدى. ئېيتىلىشىچە، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى نەپەر ئەسكەر ھايات قالغان بولۇپ، ئۇلار قىلچە باش ئەگمەستىن، ئۆگزىگە چىقىپ تۇرۇپ مۇداپىئەنى داۋاملاشتۇرغان، كاھىشلارنى قورال قىلىپ، موڭغۇل ئەسكەرلىرىگە ئاتقان ئىكەن.
موڭغۇل ئەسكەرلىرى ئارقىدىنلا خرىزىمنىڭ پايتەختىگە قاراپ ئاتلاندى. ئۇ يەردىكى ئەسكەرلەر بىلەن پۇقرالار شەھەرنى قاتتىق قوغداپ، يېرىم يىلغىچە قولدىن بەرمىدى. شەھەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن، كوچىلاردا ئۆيمۇ ئۆي دېگۈدەك تالىشىش جېڭى بولدى، بۇ جەڭ يەتتە كېچە - كۈندۈز داۋام قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا شەھەردىكى ئەرلەرنىڭ ئاساسىي قىسىمى مۇڭغۇل ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق تۈردە قىرىپ تاشلاندى، ئاياللار بىلەن بالىلار قۇل قىلىندى. موڭغۇل ئەسكەرلىرى پۈتۈن شەھەرنى كۆيدۈرۈش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ئامۇ دەرياسىنىڭ توغىنىنى بۇزۇپ، شەھەرگە سۇ قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر دەۋر گۈللەپ تەرەققىي قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تامامەن ۋەيران قىلىپ تاشلاندى. خارىزىم پادىشاھى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى چوڭ بىر ئارالغا قېچىپ بېرىۋالدى ۋە شۇ يەردە ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتتى.
خارىزىمنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، موڭغۇل قوشۇنى داۋاملىق غەرپكە تاجاۋۇز قىلىپ دوناي دەرياسى ۋادىسىدىكى روسىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. 1227 - يىلى چىڭگىزخان ئۆلدى، موڭغۇللار تۆت خانلىققا بۆلۈنۈپ كەتتى، بۇ تۆت خانلىقنى چىڭگىزخاننىڭ تۆت ئوغلى ئايرىم - ئايرىم باشقۇردى.
چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇچىگە روسىيە، غەربىي - جەنۇبىي سىبىرىيە، كاسپىي دېڭىزى ۋادىلىرى بەخشەندە قىلىپ بېرىلدى ۋە قىپچاق خانلىقى )ئالتۇن ئوردا خانلىقى( دەپ ئاتالدى. كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى باتو موسكىۋاغىچە بېسىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتتى.
2 - ئوغلى چاغاتايغا ئەسلىدىكى قىتاننىڭ تېرىتورىيىسى )ھازىرقى شىنجاڭ ۋە سوۋېتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىسىمى( بەخشەندە قىلىنىپ، چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالدى.
3 - ئوغلى ئوغۇتايغا موڭغۇلنىڭ غەربىي تەرىپى، يەنى ئېرىتىش دەرياسىدىن بالقاش كۆلىگىچە بولغان يەر - زېمىنلار بەخشەندە قىلىنىپ، ئوغۇتاي خانلىقى دەپ ئاتالدى )ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ زېمىنلارنى چاغاتاي خانلىقى ئۆزىگە قوشۇۋالدى(.
موڭغۇللاردا >كەنجى ئوغۇل ھوقۇققا ۋارىسلىق قىلىش< تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىدىغان بولغاچقا، تۆتىنچى ئوغلى مۇڭكەگە موڭغۇللارنىڭ ئەسلى زېمىنى )يېڭىدىن بوي سۇندۇرۇلغان ئالتۇن ىانلىقىنىڭ خۇاڭخې ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىنلىرى( بەخشەندە قىلىنغان بولۇپ، خاقان دەپ ئاتالدى. باشقا ئۈچ خانلىقنىڭ ھەممىسى مۇڭكە خاقانىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. مۇڭكەنىڭ ئوغلى قۇبلەي كېيىن جەنۇبىي سۇڭنى يوقىتىپ، يۈەن سۇلالىسىنى قۇردى ۋە ئۇلۇغ ئوردا )خان بالىق( نى پايتەخت قىلدى. مۇڭكەنىڭ يەنە بىر ئوغلى خۇلاگۇ ئەسكەر چىقىرىپ، پارس بىلەن باغداتنى بوي سۇندۇرۇپ، غەربىي ئاسىيادا ئىل خاندانلىقىنى قۇردى.
13 - ئەسىردە موڭغۇللار )ھەر قايسى خانلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( نىڭ تېرىتورىيىسى پۈتكۈل ئاسىيا ۋە شەرقىي يېرىم ياۋرۇپانى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالدى. موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرى دۇنيانى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئاجايىپ قۇدرەتلىك قوشۇنغا ئايلاندى.