قان بىلەن ئوت قىرغىنچىلىقى
بەش مىڭ يىل
سەككىز دۆلەت ئارمىيىسى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغاندا، چارروسىيە بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىشتىن باشقا، يەنە ئۆز ئالدىغا ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىغا ئەسكەر چىقىرىپ، قان تۆكۈپ، ئوت قويۇپ مىسلىسىز پاجىئە پەيدا قىلدى...
1900 - يىل 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چارروسىيىنىڭ خەيلەنباۋ دائىرىلىرى شەھەردىكى جۇڭگو ئاھالىسىگە: روسىيە جۇڭگو بىلەن ئۇرۇش باشلىدى. ھاياتىڭلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى خېيلۇڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويىمىز دېگەن بۇيرۇقنى چۈشۈردى. بۇيرۇقتا يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى تاقاپ چىقىپ كەتمەسلىك بەلگىلەندى.
خەيلەنباۋ ئەسلىدە جۇڭگونىڭ زېمىنى، ئۇ خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بىلەن گىيا دەرياسى قوشۇلىدىغان جايدا بولغاچقا، 1858 - يىلى چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى تىيەنجىنگە ھۇجۇم قىلغاندا، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاپ، خېيلۇڭجياڭ گېنېرالى لۇەن شەنگە قورال كۈچى بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ، تەڭسىز >جۇڭگو روسىيە ئەيخۇي شەرتنامىسى< نى ئىمزالاتقۇزۇپ، جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭنىڭ شىمالىدىن شىڭئەنلىك تېغىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن كۆپرەك زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان، مۇشۇ قاتاردا چارروسىيە خەيلەنباۋنى ئىشغال قىلىۋالدى! بۇلاڭچىلىقنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن چارروسىيە خەيلەنباۋنىڭ نامىنى براگوۋېشنىك >خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى شەھەر< گە ئۆزگەرتكەن. بۇ شەھەردە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، تەڭدىن تولىسى جۇڭگولۇق بولغاچقا، ئۇلار بۇيرۇقنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلماقچىلىقىنى بىلەلمەي، ساراسىمىگە چۈشتى.
7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەيلەنباۋ دائىرىلىرى يەنە: خېيلۇڭجياڭ ئېقىمىدىكى بارلىق كىچىكلەرنى قامال قىلىش، جۇڭگولۇقلارنىڭ كېمىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش، ھېچقانداق ئادەمنى دەريادىن ئۆتكۈزمەسلىك ھەققىدە تۇيۇقسىز بۇيرۇق چۈشۈردى.
بىر پەستىلا، چارروسىيىنىڭ تولۇق قوراللانغان ھەربىي ساقچىلىرى كېچىكلەرنى قامال قىلىپ، جۇڭگولۇق كېمىچىلەرنى زورلۇق بىلەن قوغلىدى. دەريا ياقىسىنى جىددىي كەيپىيات قاپلاپ كەتتى. شۇئان جۇڭگولۇقلاردىن بەزىلەر روسىيە ھەربىي ساقچىلىرىدىن:
- بىزنى روسىيە قانۇنىنىڭ تولۇق ھىمايىسىگە ئېرىشىسىلەر، بۇ يەردىن كېتىشىڭلار ھاجەتسىز، دەپ ئاللىقاچان جاكارلىغان ئىدىڭلارغۇ؟ ئەمدى نېمىشقا بىزنى بىردەمدە دەريادىن ئۆتكۈزۈپ، يەنە بىردەمدە دەريادىن ئۆتكىلى قويمايسىلەر؟ - دەپ سورىدى.
- يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق! - روسىيە ھەربىي ساقچىلىرى تەرىنى تۈرۈپ جاۋاب بەردى.
- ئۇنداقتا، سىلە ياخشىلىق قىلماقچىمۇ، يامانلىقمۇ؟
- بىلمەيمىز، بۇ دېگەن بۇيرۇق!
ئەمەلىيەتتە، روسىيە ھەربىي ساقچىلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسىنى قويماي قولغا ئېلىش ھەمدە يوقىتىش ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، پەقەت ئاشۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش سائىتىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتۈپ تۇراتتى.
شۇ كۈنى كەچتە، بىر مۇنچە ئەسكەر، ساقچى ۋە لۈكچەك مۇتتەھەملەردىن تەشكىللەنگەن >پىدائىيلار< جۇڭگولۇقلارنىڭ ئولتۇراقلىرىغا ئارقا - ئارقىدىن ۋەھشىيانە باستۇرۇپ كىرىپ، ئەر - ئايال، قېرى - ياش دېمەي ھەممىنى تۇتۇپ، زوراۋانلىق بىلەن ساقچى مەھكىمىسىگە يالاپ باردى. كىمكى قارشىلىق كۆرسەتسە دەرھال ئۆلتۈردى. ئۇلارنىڭ بارلىق مال - مۈلكىنى قويماي بولاپ كەتتى. بۇ دەھشەتتىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ، شەھەردىن قېچىپ چىقىپ، دالالارغا ۋە ئورمانلىققا مۆكۈۋالغان جۇڭگولۇقلار ۋە شەھەر سىرتىدىكى يېزا - كەنتلەردە تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇقلارنىمۇ ھەممىنى قولغا ئالدى.
تۇتقۇن قىلىنغان جۇڭگولۇقلار بىردەمدىلا بىر نەچچە مىڭغا يەتكەن تۇرسا، مۇنچىۋالا ئادەم ساقچىلار مەھكىمىسىگە قانداقمۇ پاتسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گىيا دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر زاۋۇتنىڭ قورۇسىغا سولىدى.
كېچە بىر يەرگە بارغاندا، سولاققا چۈشۈپ قالغان جۇڭگولۇقلار تاڭ يورۇغاندىن كېيىنلا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى سەزدى.
- ھامان ئۆلىدىكەنمىز، ئۇندىن كۆرە بۇ بۇلاڭچىلار بىلەن ئېلىشمايلىمۇ!
- توغرا، بۆسۈپ چىقساق، ھايات يولى چىقىپ قالار!
بىر قىسىم كۈچلۈك ياشلار جان تىكىپ ئېلىشىش ئىرادىسىگە كېلىپ، سىرتقا ئېتىلدى.
ئەتراپنى مىلتىقنى بەتلەپ تۇرغان رۇسلار قورشىۋالغانىدى، ياشلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشى بىلەن تەڭلا، ئۇلار ئاللىقاچان چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇققا بىنائەن يوليۇرۇق سورىماستىنلا باستۇرۇشقا باشلىدى. ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇلارنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن چىقىپ كېتەلمەي، قانلىق قىلىچى ئاستىدا قۇربان بولدى.
- نېمىشقا قېچىپ يۈرۈيسىلەر؟ - دەپ سورىدى ئەتىسى بىر روس ئوفىتسېرى ساختىپەزلىك بىلەن، - بۇ بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىش ئەمەسمۇ! ھازىر سىلەنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەپ قويىمىز، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىنلا ئائىلەڭلارغا قايتىسىلەر، مېڭىڭلار!
ئوفىتسېرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ نەچچە مىڭ جۇڭگولۇق خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ياقىسىغا يالاپ مېڭىلدى. تازا ئىسسىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئازابىدىن تولىمۇ چارچاپ كەتتى: بەزى ياشانغانلار بىلەن بالىلار تېخىمۇ ماڭالماي قالدى. شۇنداقتىمۇ بۇلاڭچىلار قىلىچلىرىنى تەڭلەپ ھەيۋە قىلىپ، كىشىلەرنى زورلۇق بىلەن ھەيدىدى. كېيىن، تېز يۈرەلمەي قوشۇندىن چۈشۈپ قالغانلارنى شۇ يەردىلا چېپىپ تاشلىدى.
بۇلاڭچىلارنىڭ قوراللىق ھەيدىشى بىلەن كىشىلەر ئاخىر خېيلۇڭجياڭ دەرياسى قىرغىقىغا يېتىپ كەلدى.
- دەريادىن ئۆتۈڭلار! تېز ئۆتۈڭلار! - بۇلاڭچىلار جېنىنىڭ بېرىچە جارقىرىدى.
خېيلۇڭجياڭ دەرياسىدا دولقۇنلار ئۆركەشلەپ تۇراتتى، بىرمۇ كېمە يوق ئىدى. كىشلەر قانداق ئۆتۈشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.
- تېز ئۆتۈڭلار، تېز! - بۇلاڭچىلار ئەسەبىيلىشىپ ۋارقىرىدى.
كىشىلەر نەچچە يۈز مېتىر كەڭلىكتىكى بۇ دەرياغا تەلمۈرۈپ تۇردىيۇ، قىمىر - سىمىر قىلالمىدى. ئەمدى ئۇلار بۇلاڭچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى دەرياغا غەرق قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدى.
بۇلاڭچىلارنىڭ تەھدىتى بىلەن، دەريانىڭ بويىدا تۇرغان جۇڭگولۇقلاردىن بەزىلىرى دەرياغا سەكرەشكە مەجبۇر بولدى، ئۇلار شۇ ھامان دەھشەتلىك دولقۇنغا غەرق بولدى.
- ئۇلارنى دەرياغا ھەيدەڭلار، - رۇس ئوفىتسېرى ۋارقىرىدى.
ئۇنىڭ گېپى بىلەن تەڭلا بىر مۇنچە ئاتلىقلار قىلىچلىرىنى ئوينىتىپ ئېتىلىپ كېلىپ، دەرياغا چۈشكىلى ئۇنىمايۋاتقان كىشىلەرنى چاپقىلى تۇردى. ئارقىدىنلا مىلتىق ئاۋازى ئالەمنى بىر ئالدى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان روسىيە بۇلاڭچىلىرى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق جۇڭگولۇقلارنى ئوققا تۇتتى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دەريا بويى جەسەتزارلىققا ئايلاندى، سۇغا چۈشۈشكە ئۇنىمىغان ئەر - ئايال، قېرى - ياش قارا - قويۇق تۈركۈم - تۈركۈملەپ قانغا مىلەندى. ئۆلمىگەنلەر شۇئان ئۆزىنى دەرياغا ئاتتىيۇ، ئەمما يەنىلا ئۆركەشلەۋاتقان دەرياغا غەرق بولۇپ تۈگەشتى.
بۇ كۈنى چارروسىيە بۇلاڭچىلىرى تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا قىرغىن قىلىنغان ۋە دەرياغا غەرق قىلىنغانلار جەمئىي 5000 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلاردىن 80 نەچچە كىشىلا دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ كېتەلىدى.
چارروسىيە بۇلاڭچىلىرى بىر نەچچە كۈنگىچە تەخمىنەن، يۇقىرىقىدەك چارىلەر بىلەن جۇڭگولۇقلارنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ قانلىق قىرغىن قىلدى. خەيلەنباۋ شەھىرىنىڭ ئەتراپىنىمۇ تاكى جۇڭگولۇقتىن بىرى قالمىغۇچە ئاختۇرۇپ چىقتى.
خەيلەنباۋنى قانغا بوياش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زور تۈركۈمدىكى چارروسىيە بۇلاڭچىلىرى دەريانىڭ شەرقىدىكى 64 يېزىغا باستۇرۇپ كىرىپ، يەنە بىر مەيدان پاجىئەلىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى.
شەرقتىكى 64 كەنت، خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى جايلار بولۇپ، خەيلەنباۋدىن يىراق ئەمەس ئىدى. >جۇڭگو - روسىيە ئەيخۇي شەرتنامىسى< دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ كەنتلەر يەنىلا جۇڭگوغا تەۋە بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەڭگۈلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. >دەريانىڭ شەرقىدىكى 64 كەنت< دېگەن ناممۇ بۇرۇندىنلا بۇ يەرلەردە ياشاپ كېلىۋاتقان جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ جايدا 64 كەنتى بارلىقىدىن ئاتالغانىدى. چارروسىيە ئىزچىل تۈردە بۇ يەرنى يۇتۇۋېتىش نىيىتىدە بولغان ۋە بۇ يەردىكى ئاھالىنى جۇڭگودىن ئايرىلىپ روسىيىگە قوشۇلۇپ كېتىشكە قىستىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ 64 كەنت ئاھالىسى تەۋرەنمىگەن. شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە كۈچلۈك قورال كۈچى بىلەن بۇ يەرنى ئىشغال قىلىش قارارىغا كەلگەن.
چارروسىيە ئالدى بىلەن ئاتلىق ئەسكىرىنى بۇدىڭ كەنتىگە ئەۋەتىپ، دەريادىكى كېمىلەرنىڭ ھەممىسىنى چۆكۈرۈۋېتىپ، كەنتتە ئوت قويۇپ، قىرغىنچىلىق قىلىپ ھېچنېمىنى قويمىدى. ئارقىدىنلا شەرقتىكى 20 نەچچە كەنتكە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى ئاھالىنى بىر يوغان ئۆيگە قاماپ، شۇ يەردىلا ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت دەريانىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەنخۇي شەھىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ھەربىي ۋە خەلقنى چۆچۈتتى. ئۇلار دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى ۋەتەن تۇپرىقىنىڭ چارروسىيە بۇلاڭچىلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ پاجىئەلىك ھالدا قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يەرلىك ئەمەلدارلاردىن جەڭگە ئاتلاشنى قايتا - قايتا تەلەپ قىلدى. ئەيخۇينىڭ مۇئاۋىن ۋالىيىسى دەريادىن ئۆتۈپ قايتۇرما زەربە بېرىشنى قارار قىلدى. شۇ كۈنى كېچىدە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ھەر مىللەت خەلقىدىن تەشكىللەنگەن بىر قوشۇن دەريادىن ئۆتۈپ روسىيە ئارمىيىسىگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى، روشىيە قوشۇنلىرى قورققىنىدىن ئالدى - ئارقىغا قارىماي قاچقان پېتى خەيلەنباۋغا بېرىۋالدى. خەيلەنباۋغا توپلانغان روسىيە قوشۇنىدا 5000 پىيادە ئەسكەر، 2000 ئاتلىق ۋە بىر مۇنچە زەمبىرەكچىلەر بار ئىدى. قوماندان ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ يېڭىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، نۇرغۇن ئەسكەر يۆتكەپ، 64 كەنتكە يېڭىباشتىن ھۇجۇم قىلدى. جۇڭگو قوشۇنى كۆپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالماي ئىككى قىرغاققا چېكىندى، ئەمما كۆپ ساندىكى ئاھالە دەريادىن ئۆتۈشكە ئۈلگۈرەلمەي، كەنتلەردە قېپقالدى.
چارروسىيە قاراقچىلىرى خەيلەنباۋدا جۇڭگو ئاھالىسىگە قوللانغان رەھىمسىز ۋاستىلەر بىلەن 64 كەنتتىكى كىشىلەرنى خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىغا ھەيدەپ بېرىپ، مىلتىق ۋە نەيزىلەر بىلەن دەرياغا ئىتتەردى. ھەتتا ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى بىر - بىرىگە چىگىپ، بىر نەچچەيلەننى بىردىن تىزىق ئېتىپ دەرياغا ئىتتەردى. كىمكى دەرياغا چۈشمىسە شۇ يەردىلا چېپىۋەتتى؛ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققانلارنى ئېتىپ تاشلىدى...
شىددەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان خېيلۇڭجياڭ دەرياسى يەنە بىر قېتىم جۇڭگولۇقلارنىڭ قېنى بىلەن بويالدى. 64 كەنتتە 7000 كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىنمۇ سان - ساناقسىز جۇڭگولۇقلارنىڭ جەسەتلىرى دەريا يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ تۇردى.
64 كەنتتىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى چارروسىيە بۇلاڭچىلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. ئۆز ۋاقتىدا ئاھالىسى زىچ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق گۈللەنگەن، ماددىي مەھسۇلات مول، ياخشى بىر جاي، ئەمدىلىكتە قاقاسلىققا ئايلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دەريانىڭ شەرقىدىكى 64 كەنت چارروسىە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.
بۇنىڭدىن كېيىنلا، چارروسىيە بۇلاڭچىلىرى خېيلۇڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، شەرقىي شىمال خەلقىگە قان ۋە ئوت قىرغىنچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەكەلدى. ئىككى ئاي ئىچىدىلا تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، ئەيخۇي، خاربىن، نىڭگۇتا )ھازىرقى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭئەن شەھىرى(، چىچىخار، جىلىن، فېڭتىيەن )ھازىرقى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرى(. جىنجۇ قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، پۈتكۈل شەرقىي شىمالنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالدى.
چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى جۇڭگو خەلقىنىڭ چەكسىز غەزىپىنى قوزغىدى. 1900 - يىلدىن بۇيان، شەرقىي شىمال خەلقى ۋە يىخېتۇەن تۈمەنلىگەن كىشىلەرنى >ساداقەتچىلەر قوشۇنى< غا ئۇيۇشتۇرۇپ )بۇ قوشۇن بىر مەھەل 200 مىڭ كىشىگە يەتكەن(، >روسىيە ئالۋاستىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇۋالايلى< دېگەن شۇئار ئاستىدا، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى بىلەن باتۇرانە ئېلىشتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ باتۇرانە كۈرىشى ۋە جاھانگىرلارنىڭ زىددىيەت - تالىشىشلىرى ئارقىسىدا، چارروسىيە 1907 - يىلى خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.