UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«ئۇلۇغ ئىجادىيەت»

«ئۇلۇغ ئىجادىيەت»

بەش مىڭ يىل سوۋېت دۆلىتى 1919 - يىلى باھاردىن ئېتىبارەن، يەنە چەتئەل جاھانگىرلىكىنىڭ قوراللىق مۇداخلىسىدىن ئىبارەت ئېغىر سىناققا دۇچ كەلدى. پويىزلار مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئارقا - ئارقىدىن ئالدىنقى سەپكە مېڭىپ تۇردى، تۆمۈريول ترانسپورتى نەقەدەر مۇھىم - ھە! بىر كۈنى، موسكۋا - قازان تۆمۈر يول شۆبە ئىدارىسى پاراۋۇز ئىسكىلاتىنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى يىغىن ئېچىپ، ھەربىي ئەشيالارنى ئالدىنقى سەپكە قانداق قىلىپ تېخىمۇ تېز توشۇپ، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ دۈشمەننى تېخىمۇ ياخشى يوقىتىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىش مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. _ ھازىر ، - دېدى پارتىيە ياچىكسىنىڭ شۇجىسى، - ئەنگىلىيە، فرانسيە جاھانگىرلىرى يۆلەۋاتقان كۆلچاكنىڭ ئاق باندىتلىرى ۋولگا دەرياسىغا باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك. پارتىيە مەركىزى كومېتىتى بىزنى « ئىنقىلابى روھ بىلەن ئىشلەش» كە چاقىردى. بىز قانداق ئاۋاز قوشۇشىمىز كېرەك؟ مەن شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن قايتىپ كەتمەي، ئارتۇق ئىشلەپ پاراۋۇز رېمونت قىلىشنى تەكلىپ قىلىمەن. پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى بۇ تەكلىپكە بىر ئېغىزدىن قوشۇلدى. 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەنبە كۈنى ئىدى. ئۇلار ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ، بۇ ياچېيكىدىكى ئون ئۈچ نەپەر پارتىيە ئەزاسى، ئىككى نەپەر ئاكتىپ قېپقېلىپ داۋاملىق ئىشلىدى. سائەت سەككىز بولغاندا، ئۇلار ئىككى پويىزنىڭ دەرھال ئالدىنقى سەپكە ماڭىدىغانلىقىنى، ئەمما پويىز ئوچاستىكىسى ياراملىق پاراۋوز ئاجرىتالمغانلىقتىن، 2000 دىن ئارتۇق قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋاگونلاردا تىت - تىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇلار دەرھال ئىككى پاراۋوزنى رېمونت قىلىپ، قىزىل ئارمىيىنى بالدۇرراق يولغا سېلىش قارارىغا كەلدى. پارتىيە ياچىكىسىنىڭ شۇجىسى كىيىمىنى سېلىۋېتىپ بىر ياققا قويدى - دە، پاراۋۇز چاقىنىڭ كۈدىسىنى توشۇش كۈرىشىگە ئاتلاندى. كۆپچىلىك ئەمگەك رىتىمىنى توۋلاپ، 60 - 70 كىلو كېلىدىغان چاق كۈدىلىرىنى بىر - بىرلەپ ئىسكىلاتتىن رېمونت مەيدانىغا توشۇدى، ئاندىن پاراۋۇز ئاستىغا شۇڭغۇپ، جىددىي قۇراشتۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى. بىر نەچچە سائەت قاتتىق ئىشلەپ، ھەممەيلەن قارا تەرگە چۆمدى. يۈز - كۆزلىرى مەينەت بولدى. قورسىقى ئاچتى. شۇ كەملەردە بىر كىشى كۈنىگە يېرىم قاداقمۇ بولكا يېيەلمەيتتى. بىر كۈن ئىشلىگەننىڭ ئۈستىگە يەنە داۋاملىق ئىشلەش ھەقىقەتەن تەس ئىدى. ئەمما كۆپچىلىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ « ئىنقىلابىي روھ بىلەن ئىشلەش» دېگەن چاقىرىقىغا ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. بۈگۈن پاراۋۇزنى جىددىي رېمونت قىلىشنىڭ ئۆزى كۆلچاكنىڭ ئاق باندىتلىرىغا بېرىلگەن زەربە ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ روھىي ئۇرغۇپ، ئاچلىق ۋە ھارغىنلىقنى تامامەن ئۇنتۇدى. كېچە سائەت 12 بولغاندا، ئۇلار ئىككى پاراۋۇزنى رېمونت قىلىپ بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىككى پويىز ۋوگزالدىن قوزغىلىپ، ئالدىنقى سەپكە يول ئالدى. پارتىيە ياچىكىسىنىڭ شۇجىسى شەپكىسىنى قولىغا ئېلىپ، پۇلاڭلاتقان پېتى «ئېنتېرناتسىئونال شېئىرى»نى ئوقۇدى. دەل شۇ چاغدا ۋوگزالدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويىزلاردا تەنتەنىلىك ناخشا ساداسى ياڭراپ كەتتى. پويىز كۆزىدىن غايىب بولدى. كىمدۇر بىرى: - يولداشلار، پاراۋوزدىن يەنە بىرىنى رېمونت قىلىۋەتسەك قانداق؟ - دېدى. _ بولىدۇ، - دېيىشتى ھەممەيلەن تەڭلا ئۇلار يەنە ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. تاڭ ئاتقۇچە ئۈچىنچى پاراۋوزمۇ رېمونت قىلىنىپ بولدى. بۇ ئىش ھايال قىلماي تۆمۈر يول شۆبە ئىدارىسىگە پۇر كەتتى. بۇ پاراۋوز ئىسكىلاتىدىكى يولداشلاردىن ئۆگىنىش ئۈچۈن، شۆبە ئىدارىنىڭ پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاكتىپلار يىغىنىدا كۆپچىلىك تاكى كۆلچاك ئۈستىدىن تولۇق غەلبە قىلغانغا قەدەر ھەر شەنبە كۈنى ئالتە سائەت ھەقسىز ئەمگەك قىلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى. «ھەقىقەت» گېزىتى بۇ ئىشنى دەرھال خەۋەر قىلدى. لېنىن بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن « بۇ بىر ئۇلۇغ ئىجادىيەت!» دەپ ئارقا - ئارقىدىن ماختىدى. لېنىن يەنە بۇ ھەقتە ئالاھىدە ماقالە يازدى ۋە دوكلاپ بەردى. ئۇ روسىيىنىڭ ھازىرقى تۈزۈمىمۇ بەزى كوممۇنىستىك نەرسىلەر بار. ئۇ بولسىمۇ شەنبىلىك خالىس ئەمگەك، ئۇ بۇرژۇئازىيىنى ئاغدۇرۇشتىنمۇ، مۈشكۈل، تېخىمۇ زور، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆزگىرىشنىڭ باشلىنىشىدۇر، دېدى. سان - ساناقسىز زاۋۇتلار، ئىدارىلەر، مەكتەپلەر ۋە يېزىلار تۆمۈر يول شۆبە ئىدارىسىنىڭ تەشەببۇس ۋە لېنىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شەنبىلىك خالىس ئەمگەك دولقۇنى قوزغىۋەتتى. 1920 - يىللىق 1 - ماي بايرىمى يېتىپ كەلدى. پارتىتە مەركىزى كومىتېتى چاقىرىق چىقىرىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ بۇ بايرام كۈنىنى مەملىكەت خاراكتېرلىك شەنبىلىك خالىس ئەمگەك كۈنى قىلىپ، ئۇنى ئىلگىرىكى كوچا نامايىشىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. شۇ كۈنى ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولدى. لېنىنمۇ كرىمېل سارىيى ئالدىدىكى مەيدانغا كېلىپ، خالىس ئەمگەككە قاتناشتى. لېنىن بېشىغا ئاددىي شەپكە، ئۇچىسىغا كونا چاپان كىيىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە قاتار تىزىلىپ ئەمگەك مەيدانىغا كەلدى. ئۇ يەردە نۇرغۇن تاش - داشقاللار، ئوتۇن - ياغاچ، ئەخلەت - ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ تۇراتتى. ھەممە يەردە زەمبىرەك ئوقى چۈشكەن ئازگاللار بار ئىدى. _ ئېيتىڭا، نېمە ئىش قىلىدىكەنمىز؟ - دەپ سورىدى لېنىن ئەترەت باشلىقىدىن. _ يولداش لېنىن، - دېدى ئەترەت باشلىقى، - بىزگە ياغاچ توشۇش تەقسىم قىلىنىپتۇ. ياغاچلار ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ھەربىر ياغاچنى ئۈچ - تۆت كىشى كۆتۈرەتتى. ئەترەت باشلىقى بىلەن لېنىن بىرلىكتە تۇشۇدى. ئەترەت باشلىقى قاۋۇل ھەربىي بولغانلىقتىن، ياغاچنىڭ كىچىك بېشىنى لېنىنغا كۆتۈرۈتتى. لېنىن بۇنى دەرھال سىزىپ، ياغاچنىڭ چوڭ بېشىنى كۆتۈرۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن تالىشىپ قالدى. _ يولداش ئەترەت باشلىقى، سىز نېمە ئۈچۈن ياغاچنىڭ يەڭگىل تەرىپىنى ماڭا كۆتۈرتۈپ قويىسىز؟ - دېدى لېنىن. _ يولداش لېنىن، - دېدى ئەترەت باشلىقى، - مەن ئەمدى 28 ياشقا كىردىم. سىز ئەللىك ياشقا كىرىپ قالدىڭىز! _ مەن سىزدىن چوڭ بولغاندىن كېيىن، تالاشمايلا قويۇڭ! - دېدى لېنىن قىزىقچىلىق قىلىپ. كىچىكرەك ياغاچلار توشۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ - چوڭ دوب ياغاچلىرى توشۇلدى. ئەمدى بىر تال كىچىك ياغاچنى ئالتە ئادەم كۆتۈرۈشكە توغرا كەلدى. _ يولداش لېنىن، - دېدى بىر ئىشچى لېنىنىڭ پاكار ۋە ئاجىز بەستىگە قاراپ، - بۇ ئىشلارنى سىز قىلمىسىڭىزمۇ بىز قىلىۋېتىمىز، سىزنىڭ بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىشىڭىز بار. _ شۇ تاپتا قىلىۋاتقان ئىشىمىز ھەممىدىن مۇھىم!- دېدى لېنىن كەسكىن ھالدا. بۇ يەردە لېنىن بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى 20 نەچچە ياشلىق يىگىتلەر ئىدى. ئەمما، لېنىنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىتتىك - ئىتتىك ماڭاتتى. ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن ھەركەت قىلاتتى. يىگىتلەردىن بىرەرىمۇ قېلىشمىدى. دەم ئالغاندىن كېيىن، لېنىن يەنە كۆپچىلىك بىلەن بىللە زەمبىلدىن تاش ۋە ئەخلەت توشۇدى. شۇ كۈنى لېنىن توپتوغرا تۆت سائەت ئەمگەك قىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
«ئۇلۇغ ئىجادىيەت» | UyghurWiki | UyghurWiki