UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«ئازادچى» دېگەن شەرەپلىك نام ئالغان كىشى

«ئازادچى» دېگەن شەرەپلىك نام ئالغان كىشى

بەش مىڭ يىل ۋاتىكان چېركاۋىدىن «داڭ - داڭ!» قىلغان ئەكس سادا ئاڭلاندى. پاپا ئۇزۇن پەرىجىنى كىيىپ مۇنبەرگە چىقتى. پاپىنى تاۋاپ قىلىپ كەلگەن كىشىلەر ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇرنىغا قاراپ، بۇرنىنى كۆكسىگە قارىتىپ، ھەتتا تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماستىن. ئېڭىشىپ ئۆتۈشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيىنىڭ باش ئەلچىسىلا خۇشال - خورام ھىجايغان ھالدا بىر ياش بالىنى يېتىلەپ كىردى. ئۇدۇلدا ئولتۇرغان پاپىغا كۆزى چۈشكەن باش ئەلچى«گۈپ!» قىلىپ تىزلاندى - دە، تۇمۇشقىنى سۈزۈپ پاپىنىڭ ئايىغىدىكى كىرىست بەلگىسىنى سۆيدى. باش ئەلچى يېنىدىكى بالىغىمۇ پاپىنىڭ كەشىنى سۆيگىن دەپ ئىشارەت قىلدى. ياش بالا بېشىنى چايقاپ، ئۇنىڭغا قىلچە پەرۋامۇ قىلمىدى. بۇ ياشنىڭ ئىسىمى سىمون بولىۋار بولۇپ، 1783 - يىلى ۋېنېسۇئېلارنىڭ مەركىزى كاراكاستا تۇغۇلغان. بۇ يەر شۇ كەملەردە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، ئىسپانىيە باش ئەلچىسى بۇ ياشنى مۇستەملىكە خەلقنى ئۆزىگە تارتىش مەقسىتىدە پاپىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى، نەتىجىدە بۇرنىغا يىدى. بولىۋار ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەلق قوزغىلڭىغا ئېگىلمەي - سۇنماي رەھبەرلىك قىلدى ۋە نۇرغۇن زېمىننى ئازاد قىلدى، ۋېنېئۇئېلا خەلقى ئۇنىڭغا «ئازادچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى. 1819 - يىل 5 - ئايدا، 1300 جەڭچى ۋە 800 ئاتتىن تەركىپ تاپقان ۋېنېسۇئېلار ۋەتەنپەرۋەرلەر قوشۇنى غەربكە قاراپ يولغا چىقتى. قوشۇندا ئاق تەنلىكلەر، نېگىرلار، يەرلىك لاڭنۇلار ۋە ياۋرۇپادىن كەلگەن پىدائىلار بار ئىدى. ئۇلار كەڭلىكى 1200 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىپتىدائىي ئورمانلىقنى بېسىپ ئۆتتى. ھاۋارايى ئىنتايىن ناچارلىشىپ كەتتى. يامغۇر ئارىلاش قار توختىماي يىغىپ، جەڭچىلەر يەتتە كېچە - كۈندۈز بېلىگىچە سۇ كېچىپ ماڭدى، سۇدا داستەك يوغان ئېغىزلىق تىمساھلار، ئادەمگە توك ئۆتكۈزىدىغان يىلان بېلىقلار، توپ - توپ بولۇپ ئۇچلۇق چىشى بىلەن ئادەم چىشلەيدىغان كاراپ بېلىقلىرى ئىنقىلابىي جەڭچىلەرگە ئۈزلۈكسىز ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. - ھەي، راستلا نەس باستىغۇ! ۋېنېسۇئېلارنىڭ مەركىزى كاراكاسقا ھۇجۇم قىلماي، ئەكسىچە پېرۇغا ھۇجۇم قىلىمىز دەپ شۇنچە ئۇزاق ئورۇنسىز يول ماڭدۇق! - دېدى ۋېنېسۇئېلالىق بىر ۋەتەنپەرۋەر جەڭچى رەنجىپ. - مەن كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ جاپا چېكىش ئۈچۈن ئەمەس، ۋېنېسۇئېلا خەلقىنىڭ ئازادلىقىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن! - دېدى ياۋروپادىن كەلگەن بىر «پىدائى» ئەزمىلىك بىلەن. جەڭچىلەر بېشىنى كۆتىرىپ ئاند تېغىنىڭ بۇلۇتقا تاقاشقان چوققىلىرىغا، تىك تاغ بەللىرىگە، چوڭقۇر ھاڭلارغا، ئېسىلىپ تۇرغان قوراملارغا تىكىلىپ قارايتتى، بۇ چوققىغا چىقىش ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىدى. بۇ چاغدا، ئامېرىكا شىرىنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلدى. - جەڭچىلەر! - دېدى بولىۋار ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ، ئۇ ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتىرىپ ھاياجان ئىچىدە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - بىز باي پېرۇغا بېرىشىمىز، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەڭ چېتىگە بېرىشىمىز كېرەك! تەقدىر بىزنى ئىلگىرىلەشكە چاقىرماقتا!ۋېنېسۇئېلالىق ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىلەر نېمە ئۈچۈن پېرۇغا بارىدۇ؟ ئەسلىدە برازىلىيىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۈتۈن لاتىن ئامېرىكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى. ۋېنېسئۇئېلا تازا شەرقتە، پېرۇ تازا غەربتە بولۇپ، بولىۋار جەڭچىلەرنى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى لاتىن ئامېرىكىسىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن پېرۇغا بېرىشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇشتا ھېچكىمگە تۇيدۇرماسلىق تازا مۇھىم، ئاند تېغىدىن يوشۇرۇن ئۆتۈپ، مۇداپىئەسىز تۇرغان مۇستەملىكىچىلەر قوشۇنىنىڭ ئۇۋىسىنى تىرىپېرەن قىلىۋېتىش كېرەك ئىدى، بولىۋار سۆزىنى داۋام قىلىپ: - ئالغا بېسىشنى خالايدىغانلار كەينىمدىن ماڭسۇن!خالىمىغانلار قايتىپ كەتسە مەيلى! - دېدى. جەڭچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى بولىۋار بىلەن بىللە بولدى، پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكىلەرلا كېتىپ قالدى. قوشۇندا ئەڭ قەتئى ئىنقىلابچىلار قالغان ئىدى، ئۇلار ئاند تېغىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئوتلاقتىن كەلگەن چارۋىچىلار بۇنداق ئېگىز تاغنى كۆرۈپ باقمىغانلىقتىن، سەللا بىخەستىلىك قىلسا، چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ قۇربان بولاتتى. جەڭچىلەرنىڭ كوپچىلىكى يېلىڭ بولغاچقا، 2000 مېتىردىن ئېگىز تاغقا چىققاندا غال - غال تىترەپ، ئەدىياللارنى يېپىنىپ ماڭدى. 4000 مېتىر ئېگىز چوققىغا چىققاندا، بىر مۇنچە ئەسكەر تاغ كېسىلى بىلەن ئاغرىپ، قۇلىقى ئاڭلىماي، كۆزى خىرەلىشىپ ماغدۇرسىز بولۇپ قالدى. كوماندىرلار يول ئۈستىدە يېتىپ دەم ئېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنى يولغا چىقىشقا دالالەت قىلاتتى، چۈنكى، سوغۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا شالاڭ تاغ ئۈستىدە يېتىپ دەم ئالغان كىشىلەر تولا چاغلاردا ئورنىدىن تۇرالماي قالاتتى. سەپەر داۋامىدا، قىيىنچىلىققا دۇچكەلگەن ھامان، ئارغىماققا مىنىۋالغان بىر كىشى ئۇ ياقتىن - بۇ ياققا چېپىپ يۈرۈپ: - جەڭچىلەر، غەلىبە ئالدىرمىزدا! بەخت - سائادەت ۋە شان - شەرەپ بىزنى كۈتمەكتە، خەلق بىزنى كۈتمەكتە، قېنى، ئالغا! - دەيتتى. جەڭچىلەر بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپلا، بولىۋار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالاتتى. ئاند تېغىدا ئۈچ تار ئېغىز بار ئىدى، ئۇنىڭ ئىككىسىدىن دائىم ساياھەتچىلەر ئۆتۈپ تۇراتتى. يەنە بىرىدىن ئادەمزات ئۆتمەيتتى. قايسى ئېغىز بىلەن مېڭىش كېرەك؟ بولىۋار قىيىن يولنى تاللىۋالدى، ئۇ ئېغىز بىلەن ماڭغاندا، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قوشۇنى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى. ئۇلار ماڭا - ماڭا ھېچنېمىنى كۆرەلمەي قالدى. پۈتۈن قاقاس تاغنى تۇمان بېسىپ كەتكەن بولۇپ، ئىككى - ئۈچ مېتىردىن يىراق يەر ئاپئاق كۆرۈنەتتى، جەڭچىلەر قول تۇتۇشۇپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدى. 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ۋەتەنپەرۋەرلەر قوشۇنى ئېغىزدىن ئۆتۈپ بولدى، بۇ چاغدا، ئاتلار ئۆلۈپ تۈگىدى، نۇرغۇن قوراللار يۈتۈپ كەتتى، جەڭچىلەرمۇ ئازىيىپ قالدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى ئۆرلەپ:«ياشىسۇن غەلىبە!» «ياشىسۇن غەلىبە!» دەپ توۋلىشىپ جەڭ قىلىشنى جىددى تەلەپ قىلدى. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسىدى! ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىلەر بىردىن - بىر يول - ئالغا بېسىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئەمما، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن، قوراللىرى يېتىشمىگەنلىكتىن، جەڭگە ئاتلىنىش بىلەنلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، قوشۇن ئۆرە - تۆپە بولۇپ كەتتى. - لۇنتون شاڭشياۋ، ۋەتەننى قۇتقۇزايلى! - دېدى بولىۋار ئالدىنقى سەپكە ئېتىلىپ كەلگەن پېتى مۇراجىئەت قىلىپ. لۇنتون يايلاقتىن كەلگەن لاڭنۇلاردىن ئىدى. ئۇ بۇيرۇقنى ئاڭلاپلا، تاپانچىسىنى قولىغا ئېلىپ قوشۇننى باشلاپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. لۇنتونغا دۈشمەننىڭ ئوقى تېگىپ، بەختكە قارشى قۇربان بولدى. ئەمما ئۇنىڭ جەڭچىلىرى قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. جەڭ داۋامىدا، ياۋرۇپادىن كەلگەن پىدائى جەڭچىلەر ئىنتايىن قەتئى جاسارىتىنى كۆرسەتتى. ئەنگىلىيىلىك جەڭچى لۇكنىڭ بىر بىلىكىنى دۈشمەن ئۈزۈپ تاشلىدى. - سەپداشلار! - دېدى لۇك قانغا مىلەنگەن ئۈزۈك قولىنى پۇلاڭلىتىپ كۆتىرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن، - يۇرتىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى! - سېنىڭ يۇرتۇڭ قەيەردە؟ - دەپ سورىدى يېنىدا تۇرغان ئېرلاندىيىلىك جەڭچى ئۇنىڭدىن. لۇك بوغۇق ئاۋاز بىلەن: _ مەن ياتقان مۇشۇ يەر ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى! - دېدى - دە، قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قوشۇنى داجىش بىلەن تەڭ، بولىۋار پەيتنى قولدىن بەرمەي، غەلبېسېرى قوغلاپ، زەربە بەردى، 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى دۈشمەننىڭ 2900 ئادىمىنى يوقىتىپ، يېڭى گرانادا (ھازىرقى كولۇمبىيە) نىڭ مەركىزى بوگوتانى ئازاد قىلدى، يەرلىك خەلق ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم «ئازادچى» دېگەن نامنى بەردى. ئارقىدىنلا، بولىۋار ئايلىنىپ كېلىپ پۈتۈن ۋېنېسوئېلارنى ئازاد قىلدى، ئاندىن يەنە غەربكە يۈرۈش قىلىپ، كىتو (ھازىرقى ئېكۋادور) نى ئازاد قىلىىپ، «بۈيۈك كولومبىيە جۇمھۇرىيىتى» (ھازىرقى ۋېنېسۇئېلار، كولومبىيە، ئېكۋادور ۋە پانامادىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) نى قۇردى، بولىۋار بىرىنچى قارار زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. بۇ چاغدا، جەنۇبتىكى بۇئېنوس - ئايرىس (ھازىر ئارگېنتىناغا تەۋە) نىڭ ئىنقىلابى قوشۇنلىرى شىمالغا يول ئېلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئارمىيىسىگە ھۇقۇم قىلدى. 1822 - يىل 7 - ئايدا، بولىۋار جەنۇپنىڭ ئالى باش قوماندانى سېن - مارتېن بىلەن گۇاياكىل پورتىدا (ھازىرقى ئېكۋادورغا تەۋە) كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە جەڭ لايىھىسىنى تۈزۈپ، بولىۋار پېرۇغا يۈرۈش قىلدى، 1824 - يىلى، ۋەتەنپەرۋەرلەر قوشۇنى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ پېرۇدىكى ئاساسىي قىسىملىرىنى يوقىتىپ، مۇستەملىكىدىكى باش ۋالىنى ۋە تۆت نەپەر مارشالنى ئەسىر ئالدى. ئىككىنچى يىلى، بولىۋار يەنە ئەسكەر تارتىپ بېرىپ، يوقىرىقى پېرۇنى ئازاد قىلدى.يەرلىك خەلق بولىۋارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، يۇقىرىقى پېرۇنىڭ نامىنى «بولىۋىيە» گە ئۆزگەرتتى، ھازىرقى بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتى ئەنە شۇ. بۇ چاغدا، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى تامامەن يوقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېكسىكا بىلەن برازىلىيىمۇ مۇستەقىللىق جاكارلاپ، لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەملىكىچىلىك بويۇنتۇرۇغىدىن ئاساسەن قۇتۇلدى. 1830 - يىل 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بولىۋار 47 يېشىدا ئۆتكۈر ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئاغرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. تارىخشۇناسلارنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە، ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا 472 قېتىم جەڭگە قاتناشقان بولۇپ، ھەمىشە جەڭ قىلىپ، ئاز ئەسكەر بىلەن كۆپنى يەڭگەن. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدە بۇ ئازاتچىنىڭ مىس ھەيكەللىرى قاتۇرۇلدى، لاتىن ئامېرىكىسى خەلقلىرى نۇرغۇن مەدھىيە ناخشىلىرىنى يېزىپ، ئۇنىڭ مول تۆھپىسىنى مەدھىيىلىدى. ئۇلار ئىچىدىكى بىر شېئىردا مۇنداق يېزىلغان: ئاھ! پۈتكۈل دۇنيا - تىنچ دۇنيا، ئاپىرىدە بولدى سېنىڭ قولۇڭدا؛ دەرھەق قېنىڭدىن پۈتتى تىنچلىق، ئۈندى ئاشلىق - ئالتۇن باشاقلار.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ