ئىنقىلابىي شائىر پېتوفى
بەش مىڭ يىل
قوزغىلىڭلار، ۋېنگرلار، ۋەتەن چاقىرىق قىلماڭلار!
كەلدى پەيتى، ھىلىھەم، ۋاق قالمىدۇق بىز!
خالامسىلەر ئەركىنلىكنى ياكى قۇللۇقنى؟
مەسىلە شۇ، قېنى ئەمدى تاللاڭلار تېز!
ۋېنگرىيىنىڭ پايتەخت مۇزېي ئالدىدا ئۇچىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك پەلتۇ كىيگەن، يېنىغا قىلىچ ئاسقان، يېڭىگە قىزىل - ئاق - يېشىل رەڭلىك يەڭ بەلگىسى تاقىغان بىر يىگىت خالايىق ئالدىدا تۇرۇپ، ئۆزى ئىجات قىلغان بۇ شېئىرىنى ھاياجان ئىچىدە مەردانىلىك بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇۋاتاتتى.
- ئەركىن بولىمىز! ئەركىن بولىمىز! - دېيىشتى ئامما تەڭلا.
ياش دېكلاماتسىتيىنى داۋاملاشتۇردى:
ۋېنگرلارنىڭ خۇداسىغا قەسەم بېرىمىز،
قەسەم بېرىمىز.
قەسەم بېرىمىز بىز!
ئەمدى ھەرگىز قۇل بولمايمىز!
- ئەمدى قۇل بولۇۋەرمەيمىز! - دەپ قەسەم بەردى ئون مىڭدىن ئارتۇق ئامما، ئۇلارنىڭ تەنتەنە ساداسى كۆكتە ياڭرىدى.
بۇ تەنتەنىلىك شېئىر 1848 - يىل
3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنىڭ خىتابنامىسى _ «مىللەت كۈيى» نىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بۇ ياش ئىنقىلابىي شائىرنىڭ ئىسىمى پېتوفى ساندور ئىدى.
پېتوفى 1823 - يىلى دوناي دەرياسى بويىدىكى بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتمەيلا، ئوقۇشتىن توختاپ قالدى. ئۇ ۋېنگىرىيە ئارمىيىسىدە ئەسكەر بولدى، كوچىلاردا سەرگەردان ئەدىپ بولۇپ يۈردى، پۈتۈن مەملىكەتنى كېزىپ يۈرۈپ، ۋېنگىرييە خەلقىنىڭ ئاۋستىرىيە پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تارتىۋالغان كۈ لپەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا بەل بەغلىدى، مانا ئەمدى ئاۋسترىيە خەلقى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ پادىشاھقا قارشى چىقتى، پېتوفى دەرھال ۋېنگىرىيە خەلقىنى قوزغىلىپ ئىنقىلاپ قىلىپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
پېتوفىنىڭ باشچىلىقىدا، ئون مىڭدىن ئارتۇق ئامما ھەيۋەتلىك نامايىش ئۆتكۈزدى.
- كىرىڭلار! ئىشغال قىلىڭلار! - دىدى پېتوفى ۋېنگىرىيىدىكى ئەڭ چوڭ باسما زاۋۇتىنى كۆرسىتىپ.
ئامما قىزىل - ئاق - يېشىل رەڭلىك بايراقنى زاۋۇت دەرۋازىسىغا شۇئان قادىدى. ئاۋستىرىيە ئەمەلدارى ئۇلارنى توسىماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ئامما ئېتىلىپ دەرۋازىدىن كىردى. ئۇلر زاۋۇت ئىشچىلىرى بىلەن بىرلىكتە «مىللەت كۈيى» نى ۋە ۋېنگىرىيە ئىنقىلابىنىڭ پروگراممىسى «12 ماددىلىق سىياسى پروگىرامما» نى ھايال قىلماي بېسىپ چىقاردى. بۇ ئىككى ئىنقىلابىي تەشۋىق دەرۋەقە پۈتۈن پېشت شەھىرىگە تارقىتىلدى.
- بۇداغا بارايلى! سىياسى مەھبۇسلرنى قويۇپ بېرەيلى!
پېتوفى ئۈچ رەڭلىك بايراقنى كۆتىرىپ، دوناي دەرياسى كۆۋرۈكىگە قەدەم باستى. ئىلگىرى بۇدا بىلەن پېشت بىر - بىرىگە يانداش شەھەرلەر بولۇپ، ئۇلارنى دوناي دەرياسى ئايرىپ تۇراتتى. دەريانىڭ شەرقىدىكى پېشت شەھىرى ۋېنگىرىيىنىڭ ھازىرقى پايتەختى ئىدى؛ دەريانىڭ غەربىدىكى بۇدا شەھىرى ۋېنگىرىيىنىڭ ئىلگىرىكى پايتەختى بولۇپ، سىياسى مەھبۇسلارنى نەزەربەنت قىلىدىغان تۈرمە بار ئىدى. ئىنقىلابىي ئامما پېتوفىنىڭ باشچىلىقىدا تۈرمىگە باستۇرۇپ كىرىپ، سولاقتىكى نۇرغۇن سىياسى مەھبۇسلارنى - ۋېنگىرىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى پۈتۈنلەي ئازات قىلدى. ئىنقىلابىي قوشۇن تېخىمۇ زورايدى.
نامايىش بىر كۈن داۋام قىلىپ، ئىنقىلابىي قوزغىلاڭغا ئايلاندى. ئامما بۇدا _ پېشت شەھىرىنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتىنى قۇردى.
ئاۋستىرىيە پادىشاھى غالجىرلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ ۋېنگىرىيىلىك ئاقسۆڭەك گراف لانپېگنى باش ۋالىلىققا تەيىنلەپ، ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كەچتە، لانپېگ بۇداغا يېتىپ كەلدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئامما يىغىلدى. بەزىلىرى قورال ئىسكىلاتلىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، مىلتىق بىلەن قوراللاندى؛ ئاممىنىڭ كۆپ قىسىمى قولىغا كالتەك ۋە پالتىلارنى ئېلىپ جەڭگە تەييارلاندى. پېتوفى رەھبەرلىك ئىشىغا قاتناشتى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، « جىرىڭ! جىرىڭ!» قىلغان بىر پوچتا بۇدا تەرەپتىن دوناي دەرياسى كۆۋرۈكىگە كېلىپ توختىدى. پۇزۇر پوچتىدا گىدىيىپ ئولتۇرۇۋالغان لانپېگ پېشت شەھىرىگە «مەنسەپكە ئولتۇرۇش» ئۈچۈن كېتىۋاتاتتى. ئەمما پوچتا كۆۋرۈك بېشىغا يېتىپ كەلگەندە:
- خائىننى دارغا ئاسايلى! ياشىسۇن جۇمھۇرىيەت! - دېگەن تەنتەنىلىك ئاۋاز ئاڭلاندى.
بۇ پېتوفنىڭ ئاۋازى، شۇنداقلا مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئاممىنىڭو يۈرەك ساداسى ئىدى.
قولىغا قورال ئالغان 1000 دىن ئارتۇق ئامما گۈررىدە ئېتىلىپ كېلىپ ئەكسىيەتچى ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى توزۇتۇۋېتىپ، لانگېنى پۇچتىدىن تارتىپ چۈشۈردى. كالتەك، تۆمۈر ئارا، مىلتىق پاينىكى تەڭلا تېگىپ گرافنىڭ مىجىقىنى چىقاردى، بىر ۈمەھەل جاھانغا پاتماي قالغان بۇ باش ۋالى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئۇ دۇنياغا راۋان بولدى.
دەل شۇ چاغدا، ئاۋسترىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادىكى قوزغىلاڭچى ئاممىمۇ ئاۋستىرىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى لاتۇلنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. پېتوفى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قالتىس روھلىنىپ، دەرھال «پادىشاھنى دارغا ئاسايلى» دېگەن شېئىرنى يېزىپ، ئىنقىلابىي خەلقنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسىنى قىزغىن مەدھىيلىدى. شېئىردا:
لانپېگ ئۆلتۈرۈلدى، لاتۇل دارغا ئېسىلدى،
زالىم پادىشاھلارنىڭمۇ ئاقىۋىتىمۇ بولىدۇ شۇنداق!
ئاھ، خەلق! نامايەن قىلدىڭلار كۈچۈڭلارنى،
ئەمما تۇرۇپتۇ ئالدىمىزدا ئاخىرقى ئىش -
پادىشاھنى دارغا ئېسىش!
دېيىلگەن.
ئاۋستىرىيە پادىشاھى قانلىق قىلىچىنى يالىڭاچلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن مەملىكەت ئىچىدىكى خەلق قوزغىلىڭىنى قوراللىق باستۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن ئەسكەر چىقىرىپ ۋېنگرىيىگە ھۇجۇم قىلدى. 1848 - يىل 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى پايتەخت پېشت قولدىن كەتتى. ۋېنگرىيە خەلقى كوسسۇتنىڭ رەھبەرلىكىدە، قەھرىمانلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پېشت ئازات قىلىنىپ، ئىنقىلاب ۋەزىيىتىدە يېڭى دولقۇن بارلىققا كەلدى.
ئاۋستىرىيە پادىشاھى دەرھال ۋارشاۋاغا بېرىپ، روسىيە چار پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئەسكەر چىقىرىپ ۋېنگىرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1848 - يىل 5 - ئايدا، روسىيە ئار4مىيىسى ۋېنگىرىيىگە كىردى. پېتوفى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى شەرقىي ئۇرۇش مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ، ئىنقىلابىي ئارمىيىگە قاتناشتى ھەمدە خەلقنىڭ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدىغان جەڭگىۋار شېئىر «مۇقەددەس ئۇرۇشقا ئاتلىنايلى» دېگەن شېئىرنى يازدى. شېئىردا:
روسىيىلىكلەر كەلدى، روسىيىلىكلەر كەلدى،
ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىدا ئاپىرىدە بولدى.
... يېتىپ كەلدى ئاخىرقى ھۆكۈم ۋاقتى،
قورقمايمەن مەن، ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس،
ۋەتىنىم ئۈچۈن ئاخىرغىچە قىلىمەن قانلىق كۈرەش!
دېيىلگەن.
7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، روسىيە ئارمىيىسى ۋېنگىرىيە قوزغىلاڭچى قىسىملىرىنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋالدى. 300 ئاتلىق ئەسكەردىن تەركىپ تاپقان ۋېنگرىيە ئاتاكىچىلىرى ئالدىنقى سەپكە كېلىپ، روسىيە قوشۇنلىرىغا قارشى ئاخىرقى ئاتاكىغا ئۆتمەكچى بولدى. پېتوفى قىسىم بىلەن بىللە ئالغا باستى.
«تاڭ!» «تۇڭ!» ئوق چىقتى، روسىيە ئەسكەرلىرى مايور كىيىمىنى كىيگەن بىر يىگىتنى - پېتوفىنى كۆرۈپ قالدى، ئوقلار يامغۇردەك يېغىشقا باشلىدى. پېتوفى چەبدەسلىك بىلەن قوناقلىققا مۆكۈۋالدى. روسىيىنىڭ ئىككى كازاك ئەسكىرى ئات چېپىپ تۇيۇقسىز كېلىپ قالدى، كازاكلاردىن بىرى قىلىچىنى ئويناتقان پېتى كېلىپ پېتوفىنى چاپقان ئىدى، «ۋىش» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى - دە، قىلىچ بوشلۇقتا ئايلىنىپ، پېتوفى بۇرۇلۇپلا قاچتى. بۇ چاغدا يەنە بىر كازاك ئاتنى ئۇچقاندەك چېپىپ كېلىپ پېتوفىگە نەيزە سالدى، ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. شۇ چاغدا پېتوفى تېخى 26 ياشقا توشمىغان ئىدى.
پېتوفى روسىيىلىك كازاكنىڭ نەيزىسى سانجىلىپ جان بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىنقىلابىي شائىرنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى مەڭگۈ سېغىنىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ تكۋەندىكى ئىنقىلابىي ھېكىمەتلىك شېئىرى - «ئەركىنلىك ۋە مۇھەببەت» نى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ ھەمدە مىڭ مەرتىۋە يادلايدۇ:
ھاياتلىق ماڭا ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.
بىراق كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىن ئازاتلىق ئۈچۈنلا پەقەت.