UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ200 مىڭ مىسرالىق داستان

200 مىڭ مىسرالىق داستان

بەش مىڭ يىل ھىندىستاننىڭ يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان بۇتخانا سەيلىسىدە، ياشانغان سەنئەتكارلار ھامان قەدىمى شېئىر ئوقۇيدۇ. بۇ شېئىر ھەقىقەتەن بەك ئۇزۇن بولغاچقا، سەنئەتكارلار ئۇنىڭ پارچىلىرىنىلا ئوقۇيدۇ. بۇ شېئىردا تەسۋىرلەنگەن ھېكايە بەك تەسىرلىك بولغاچقا، بىرەر پارچىسىنى ئوقۇسىمۇ كىشىلەر ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلىشىدۇ. بۇ «ماخاپخاراتا» دېگەن 200 نەچچە مىڭ مىسرالىق داستان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھىندىستاندىكى ئىككى جەمتنىڭ ئۇرۇش قىلىشىدىن ياراشقىنىغىچە بولغان پۈتۈن جەريان تەسۋىرلەنگەن. ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، بۇ داستاننى ئىككى _ ئۈچ مىڭ يىلدىن ئىلگىرى رىۋايەتتىكى ھىندىستان ئەۋلىياسى بىيېسا ئىجات قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمقى ھىندىستان مەدىنىيەت - سەنئىتىنىڭ شانلىق جەۋھىرى. ئۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە ۋەقەلىكنىڭ مەزمۇنى ۋە بەدىئى ئۇسلۇپ جەھەتلەردە ھىندىستاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىگە تەسىر كۆسىتىپ كەلمەكتە. بۇ ھېكايىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: قەدىمقى زاماندا، ھىندى يېرىم ئارىلىدا بىر خاقانلىق بولغان، ئۇنىڭ پادىشاسى تۇغۇلۇشتىلا ئەما بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭ ئىنسى باشقۇرغان. بۇ پادىشاھنىڭ 100 ئوغى بولۇپ، بۇلار بىر جەمەت _ كۇدى جەمەتى بولۇپ ئويۇشقان. شاھزادە بۇ جەمەتنىڭ ئاقساقىلى بولغان. پادىشاھنىڭ ئىنسىنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، ئۇلارمۇ بىر جەمەت - پاندا جەمەتى بولۇپ ئۇيۇشقان. پادىشاھنىڭ ئىنىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پاندا جەمەتىدىكى بەش ئاكا _ ئۇكىنى پادىشاھ بېقىپ چوڭ قىلغان. پادىشاھ ياخشى ئۆلىما ئەۋەتىپ ئۇلارنى تەربىيىلىگەن، ئۇلارمۇ ئوبدان تىرىشىپ ئۆگەنگەن. ئاكا _ ئۇكا بەشەيلەن ناھايىتى يۇقۇرى ماھارەت ئۆگەنگەن، بۇنىڭدىن ئىچى ئادىغان كۇدى جەمەتىدىكى ئاكا - ئۇكىلار بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىدا بولغان. _ قېرىنداشلار، دادىمىز پادىشاھى ئالەم جىمجىت بىر ماكاندا كارامەت غەلىتە بولغان يىلىم ئۆي سالدۇردى. سىلەر شۇ يەردە تۇرۇڭلار! _ دېگەن ھىلىگەرلىك بىلەن شاھزادە پاندا جەمەتىدىكى بەش ئاكا _ ئۇكىغا. بەش ئاكا - ئۇكا بۇنى رەت قىلالماي پايتەختتىن چىقىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ يىلىم ئۆيدە ئولتۇراقلىشىپ بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان شاھزادە ئادەم ئەۋەتىپ ئوت قودۇرۇۋاتقان. يىلىمغا ئوڭاي ئوت تۇتىشىدىغان بولغاچقا، بۇ ئۆي بىردەمدىلا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان... ئارىلىقتا بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ، بىر كۈنى خان سارىيى كارامەت قىزىپ كەتكەن، پادىشاھ ۋەزىرلىرىنىڭ مەدھىيىلەرنى ئاڭلاۋاتقان، شاھزادە بۇ دۇنياغا ئەمدى كۇدى جەمەتى تەنھا ئىگە بولىدىغان بولدى، دەپ خۇشاللىقىدىن گۇلقەقەلىرى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە، مۇھاپىزەتچى كىرىپ، پەنگو دۆلىتى پادىشاھسىنىڭ بەش كۈيئوغلى سالامغا كېلىپتۇ. دەپ خەۋەر قىلغان. پادىشاھ كىرسۇنن دەپ بۇيرۇق بەرگەن. ئۇلار قارىغۇدەك بولسا بۇلار پاندا جەمەتىدىكى بەش ئاكا _ ئۇكا ئىكەن. بۇ قانداق ئىش؟ ئەسلىدە، شاھزادە يىلىم ئۆيگە ئوت قۇيۇشقا ئادەم ئەۋەتكەندە، بىرسى بۇ خەۋەرنى پاندا جەمەتىدىكى بەش ئاكا _ ئۇكىغا دەپ قويغان. ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال لەخمە ئارقىلىق قېچىپ كەتكەن. بەش ئاكا _ ئۇكا ئورمانلىققا قېچىپ بېرىپ، دالىدا يېتىپ، سەرسانلىقتا كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان. كېيىن، ئۇلار پەنگو دۆلىتىگە بارغان. پەنگو دۆلىتىنىڭ پايتەختىدە كۇيئوغۇل تاللاش مەرىكىسى بولۇۋاتقان ئىكەن. ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ شاھزادىلىرى كەلگەن ئىكەن. پەنگو دۆلىتىنىڭ پادىشاھى خەلقى ئالەمگە ئوقيانىڭ ياسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: _ كىمكى مۇشۇ يانى كېرىيەلىسە ھەمدە ئوقيانى قارىغا تەككۇزەلىسە، مەلىكىنى شۇنىڭغا بېرىمەن! _ دەپ جاكالاپتۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن شاھزادىسىلە ئارقا - ئارقىدىن يانى تارتىسىمۇ، لېكىن ھىچقايسىسى كېرىيەلمەپتۇ. _ مەن كېرىپ كۆرەي! _ دەپ سورۇنغا سەكرەپ چۈشۈپتۇ. پاندا جەمەتىدىكى ئاكا - ئۇكىلاردىن بىرىسى، ئۇ قولىغا يانى ئېلىپ، يانى ئوغاقتەك ئېىۋېتىپتۇ. ئاندىن ئونى قويۇۋېتىپتىكەن. ئۇتتۇر بېرىپ قارىغا يەنى پىقىراۋاتقان بېلىقنىڭ كۆزىگە تاسلا قىلىپ تېگىپتۇ. _ بەللى ! يارايسەن! _ پۈتۈن سورۇندىكىلەر بىردەك بارىكاللار ئېيتىپتۇ. مەلىكە ئۆز قولى بىلەن پاندا جەمەتىدىكى ئاكا _ ئۇكىلاردىن ھىلىقى كىشىگە گۈلتاج كىيگۈزۈپتۇ. شۇ زامانلاردىكى ئۆرپ - ئادەت بويىچە بەش ئاكا - ئۇكا پەنگو دۆلىتى پادىشاھىغا كۈيئوغۇل بولۇپتۇ. پاندا جەمەتىدىكى بەش ئاكا _ ئۇكا پەنگو دۆلىتىنى ئارقا تىرەك قىلىپ خاقان خانلىقىغا مەردانە قىياپەتتە قايتىپ كلېپتۇ. خاقان دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئاخىر ئۆزىگە قاراشلىق زىمىننىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ. شۇ چاغدا شاھزادە بىر زەھەرلىك ئەقىل كۆرسىتىپ پۈتۈن بوز يەرنى پاندا جەمەتىگە بۆلۈپ بېرىپتۇ؛ كۇدى جەمتى بولسا پايتەخت ئەتراپىدىكى مۇنبەت رايونلارنى ئېلىپ قاپتۇ. ئاشۇنداق قاقاس يەرلەرنىمۇ شاھزادىنىڭ پاندا جەمەتىدىكى ئاكا - ئۇكىلارغا بەرگۈسى كەلمەپتۇ. ئۇ يەنە يامان ئەقىل كۆرسىتىپ، پاندا جەمەتىدىكى ئاكا _ ئۇكىلارنى خالى ئويناشقا قىزىقتۇرۇپتۇ. ئۇ خالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: _ كىم ئۇتتۇرۇپ قويسا، شۇنى 12 يىل سۈرگۈن قىلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە 13 - يىلى كىشىلەر ئۇنى تونۇيالماسلىقى كېرەك. ئۇندق بولمىسا يەنە 12 يىل سۈرگۈن قىلىمىز! _ دەپتۇ. پاندا جەمەتىدىكى ئاكا - ئۇكىلار يۇۋاشلىق قىلىپ ماقۇل بولۇپتۇ ۋە خال تاشلاپ ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ. بەش ئاكا - ئۇكا ئاخىر ئورمانلىققا كىرىپ 12 يىل سۈرگۈنلەر تۇرمۇشىنى كەچۈرۈپتۇ. قەرەل توشقاندىن كېيىن، ئۇلار كىيىم _ كېچىكىنى يەڭگۈشلەپ، ھېچكىمگە تۇيدۇرماي باشقا بىر دۆلەتكە بېرىپ خان ئوردىسىدا ئىشلەپتۇ. ئۇلار ناھايىتى ئوبدان نىقاپلانغاچقا ئۇلارنى ھىچكىم تونۇيالماپتۇ. يەنە بىر يىل ئۆتۈپ، ئۇلار خاقان خانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، شاھزادىدىن بۇرۇنقى ۋەدىسىنى ئورۇنلاپ ئۇلارغا تەئەللۇق بولغان يېرىم زىمىننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. شاھزادە پاندا جەمەتىدىكى بەش ئاكا _ ئۇكىنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىر كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتىلاپتۇ! كۇدى جەمەتى نۇرغۇن دۆلەتنى ئىتتىپاقچى قىلىپ توپلاپتۇ، پاندا جەمەتىدىكى ئاكا _ ئۇكىلارمۇ نۇرغۇن دۆلەتنى ئىتتىپاقچى قىلىپ توپلاپتۇ. ئىش قىلىپ ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپتۇ. ئۇرۇش 18 كۈن داۋام قىلىپتۇ. كۇدى جەمەتى قۇشۇنى ۋە ئۇلانىڭ ئىتتىپاقچى قۇشۇنىنىڭ 18 يول قوشۇنى پۈتۈنلەي تارمار قىلىنىپتۇ. پادىشاھنىڭ 100 ئوغلىدىن 99 ى ئولۇپتۇ. پەقەت شاھزادىلا قېچىپ كېتىپتۇ. پاندا جەمەتىدىكى بەش ئاكا - ئۇكا ئۇنى قوغلاپتۇ. «ھە! بۇ كۆلنى قانداق قىلغۇلۇق!» _ شاھزادە چېتى يوق كۆلگە قاراپ قايغۇغا چۆمۈپتۇ. شۇ زامان ئۇ بىر ئەقىل تېپىپ، كۆلگە سەكرەپتۇ. _ بۇ نەگە كەتتى؟ _ پاندا جەمەتىدىكى بەش ئاكا _ ئۇكا كۆل بويىنى ئىزلەپتۇ. _ ھەي، بۇ نېمە؟ _ دەپتۇ كۆلدىكى مىدرىۋاتقان قۇمۇشنى كۆرسىتىپ ئۇلاردىن بىرىسى. ئەسلىدە. شاھزادە دەم ئېلىش ئۈچۈن بىر تال قۇمۇش نەيچىسىنى چىشلىۋالغان ئىكەن. _ توخۇ يۈرەك، سۇغا يۈشۈرۇنۇپ قۇتۇلماقچىمۇ سەن! _ بەش ئاكا - ئۇكا كۆل بويىدا ھەر خىل يامان گەپلەر بىلەن شاھزادىنى ھاقارەتلەپتۇ. _ بۇلۇپتۇ. ، مەن سەنلەر بىلەن ئېلىشىمەن! _ شاھزادە سۇدىن باش چىقىرىپ قىرغاققا چىقىپتۇ. ئېلىشىش نەتىجىسىدە شاھزادە ئۆلۈپتۇ. پاندا جەمەتىدىكى ئاكا _ ئۇكىلار شاھزادىنىڭ بېشىنى ئېلىپ، قېنىنى ئىچىپتۇ. كۇدى جەمەتى ئەسكەرلىرى شاھزادە ئۇچۇر ئىنتىقام ئېلىشقا بەل باغلاپتۇ، لېكىن ياخشى ئامال تاپالماپتۇ. ئۇلار بىر كۈنى دەرەخ تۈۋىدە قونغان ئىكەن. قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئەسلىدە ھۇقۇش قاغا ئۇۋىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇۋىدىكى قاغىلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇپ ئولتۇرۇپ قويغان ئىكەن. «چارە تېپىلدى! دەرھال تۇتۇش قىلايلى!» ئۇلار بۇ ئەھۋالىدىن ئىلھام ئېلىپ، كېچىلەپ بېرىپ پاندا جەمەتى بارىگاھلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، چېدىرلاردا ئۇخلاپ ياتقان پاندا جەمەتى ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىرىۋېتىپتۇ، پەقەت ئاكا _ ئۇكا بەشەيلەنلا قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. ئەتىسى بەش ئاكا - ئۇكا ئۇرۇش بولغان مەيدانغا قايتىپ كېلىپتۇ. ئۇلار مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ ئۆلۈكنىڭ ياتقانلىقىنى، قاندىن دەريا ھاسىل بولغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال _ ھە! ئۇلار قېرىنداش جەمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا قىرغىنچىلىقنىڭ پۈتۈن ھىندىسىتان ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر بالايى _ ئاپەت كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۇدى جەمەتى بىلەن يارىتىشىپ ئۇرۇشماي، تېچ ئۆتۈش ئوچمەنلىكىنى تۈگىتىپ، دوستانە ئۆتۈش قارىغا كېلىپتۇ. كويدۈرۈپ دەپنە قىلىش باشلىنىپتۇ. دۆۋە - دۆۋە ئوتۇنغا ئوت يېقىلىپ ئۇرۇشتا ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسىدى بىر - بىرلەپ كويدۇرۇلۇپتۇ. ئاچكۆزلۈك ۋە ئاداۋەتنىڭ كۈلى ئاسمانغا سورۇلغانلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوت يالقۇنى ئاسمانغا كۆتىرىلىپتۇ... داستان «ماخاپخاراتا» دا قەدىمقى ھىندىستاندىكى ھەر قايسى تەبىقىلەرنىڭ كەڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ نى قەدىمقى ھىندىستان جەمىئىيىتىگە دائىر ۋە مۇس دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ھەققانىيەتكە ئوقۇلغان مەدھىيە ۋە رەزىللىك ئۈستىدە قىلىنغان پىپەن ھىندىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى - بىرلىكىنىڭ سىمۋولى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ