UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئاڭكور مەدەنىيىتى

ئاڭكور مەدەنىيىتى

بەش مىڭ يىل مىلادى 1295 - يىلى جۇڭگونىڭ يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كامبودژاغا زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. جۇداگۇاڭ ئىسىملىك بىر ياش ئەمەلدار كامبودژادىكى ئاڭكۇر شەھىرى ھەم ئاڭكور ئىبادەتخانىسىنىڭ ناھايىتى داڭلىق ئىكەنلىكىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئالاقىدار خاتىرىلەرنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئاددى خاتىرىلەنگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىپ يۈرگەچكە، ئوردىنىڭ كامبودژاغا ئەلچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، دادىللىق بىلەن تەلەپنامە سۇنۇپ، ئەلچىلەر بىلەن بىللە زىيارەتكە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىپى تەستىقلاندى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خوشاللىقىدىن جۇداگۇاڭ بىر قانچە ئاخشام ئۇخلىيالمىدى. 2 - يىلى فېۋرالدا، جۇڭگو ئەلچىلەر ئۆمىكى كېمە بىلەن ۋېنجۇدىن يولغا چىقىپ، دېڭىز ياقىسىنى بويلاپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلدى. كېمە شىمالىي قولتۇقتىن ئۆتۈپ، جياۋجژ ئارقىلىق مېيگۇڭ دەرياسى ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى؛ ئاندىن كېيىن كېمىنى يەڭگۈشلەپ، مېيگۇڭ دەرياسىنى بويلاپ ئىلگىرىلىدى ۋە دۇڭسا )پنوم - پېن( كۆلىدىن ئۆتۈپ، شۇ يلى ئىيۇلدا ئاڭكۇر شەھىرىگە يېتىپ باردى. كامبۇدژا پادىشاھى جۇڭگو ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ۋەزىرنى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتتى. جۇداگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ۋەزىر بىلەن بىللە شەھەر دەرۋازىسىدىن كىردى. ئۇلار جەندەكنىڭ تاش كۆۋرۈكىگە چىقىپ، كۆۋرۈكتە كۆرۈنۈشى يىرگىنىشلىك بولغان نۇرغۇن تاش مەئبۇتلارنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى تەرەپتە يۈكۈنۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. تاش مەئىبۇتلارنىڭ قوللىرىغا تاشتىن ئۇيۇلغان بىردىن چوڭ ئەجدىھا تۇتقۇزۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ كۆۋرۈككە رىشاتكا قىلىنغان ئىدى. ئۇلار كەڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، >زەپەر دەرۋازىسى< غا كەلدى. جۇداگۇاڭ بېشىنى كۆتىرىپ قارىۋىدى، دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىن تۆت تەرەپكە قاراپ تۇرغان بەش بۇتساتىۋانىڭ بېشى كۆرۈندى، بۇتساتىۋالار كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تۆت تەرەپكە تىكىلىپ، تىنچ، سۈكۈت ھالىتىدە تۇراتتى. ئۇ، بۇ بەلكىم كامبودژا پايتەختىنىڭ مۇھاپىزەت ئىلاھىسى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى. دەرۋازىنىڭ ئىككى ياقىسىدا ئۈچ باشلىق بىردىن تاش مەئىبۇت قويۇلغان ئىدى. مەئىبۇتنىڭ چىشى يەرگە تەككەن، بۇرنىغا نىلۇپەر گۈلى قىستۇرۇلغان بولۇپ، ئىنتايىن جانلىق، قىزىقارلىق كۆرۈنەتتى. ئەزىز مېھمانلار دەممۇ دەم چېلىنىپ تۇرغان داقا - دۇمباق ساداسى ئىچىدە دەرۋازىدىن كىردى. شەھەر يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخلەرنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇرغان كوچىلاردا ئادەملەر مىژىلداپ يۈرگەن بولۇپ، ئىنتايىن ئاۋات ئىدى. جۇداگۇاڭ تەرەپ - تەرەپكە كۈزىتىپ، بۇتخانا، مۇنارلارنىڭ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتىرىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. شەھەر مەركىزىگە كەلگەندە، يەنە بىر غايەت زور بۇددا دىنى ئىمارەتلىرى ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. - نېمە دېگەن ھەيۋەتلىك ھە! - دېدى ھەيران بولغان جۇداگۇاڭ ئىختىيارسىز ھالدا. - بۇ باشۇ بۇتخانىسى، - دېدى ساھىپخان دەرھال ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇپ، - بۇ بۇتخانا مۇندىن 300 يىل ئىلگىرى ياسالغان. ئەپسۇسكى، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە چەتئەللىك دۈشمەنلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەچكە، بۇتخانىلار ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان. ھازىر بۇ بۇتخانىنى ئاكۇر پادىشاھى شېيېبامۇ Ⅶ نىڭ ھەيكىلى ئۇنىڭ پادىشاھلىق كۈچ - قۇدرىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلارغىچە يېتىپ بارغانلىقىنىڭ سىموۋولى ئىدى. ئۇلار باشۇ بۇتخانىسىدىن ئۆتۈپ شىمال تەرەپتىن ئانچە يىراققا بارمايلا، ھەشەمەتلىك خان سارىيىغا يېتىپ كەلدى. ساراي تامامەن ياغاچتىن سېلىنغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي چۈشەنچىسى بويىچە، پەقەت ئىلاھلا تاش ئىمارەتلەردە ئولتۇراتتى، ئىنساننىڭ پەقەت ياغاچ ياكى قومۇشتا ياسالغان ئىمارەتتە ئولتۇرۇشى لازىم ئىدى. شۇڭا پادىشاھمۇ ياغاچتىن ياسالغان سارايدا ئولتۇرغان ئىدى. پادىشاھ بۇ يەردە جۇڭگو ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئەلچىلەر، پادىشاھقا جۇڭگودىن ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىنى تەقدىم قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياغا مەشھۇر ۋېنجۇ سىرلىق قاچىلىرى، چۇەنجۇ ساپال قاچىلىرى، جېنجۇ قەللىسى ۋە مىڭجۇ بورېلىرى بار ئىدى. يەنە نۇرغۇن كەشتە - كىمخاپ ھەم دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇنىڭ ھەممىسى كامبودژىلىقلار ياخشى كۆرىدىغان >تاڭ مېلى< )جۇڭگو مېلى دېمەكچى( ئىدى. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدى ۋە شۇ زاماندىلا جۇڭگو ئەلچىلەر ئۆمىكىگە نۇرغۇن قىممەتلىك سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى. جۇداگۇاڭ قاتارلىقلار پايتەختتە بىر قانچە كۈن سەيلە قىلغاندىن كېيىن، يەنە ساھىپخانىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاڭكۇر شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدىن ئاتلىق يولغا چىقىپ، مەشھۇر ئاڭكۇر ئىبادەتخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا باردى. شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىشى بىلەنلا ھەيۋەت بىلەن تىك قەد كۆتىرىپ تۇرغان مۇنارىلار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تاشلاندى، ئاڭكۇر ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى سەينا بەش كىلومېتىردىن ئاشاتتى، ئەڭ چېتىگە كەڭ خەندەك ئويۇلغان ۋە ئىككى قاتار تاش سېپىل سوقۇلغان ئىدى. سېپىلنىڭ غەربىدە بىر دەرۋازا بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىرگەندە كەڭ ئازادە ھويلا بار ئىدى. ئاندىن كېيىن، بىر قانچە يۈز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ يول ئارقىلىق ئىچكى تام دەرۋازىسىغا يېتىپ بېرىشقا بولاتتى. بۇنىڭدىن كىرگەندىن كېيىن ئالدى تەرەپتە ئۈچ سۇپىلىق بەش گۈمبەز بولۇپ، ئوتتۇرىدىكىنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە - يەتتە مېتىر كېلەتتى. ئۈچ سۇپىنىڭ تۆت تەرىپىدە تاش بىنا ھەم ئايلانما كارىدور بار ئىدى. - بۇ بۇندىن يۈز يىل ئىلگىرى ئۆتكەن سۇلىيېباموⅡ نىڭ قەبرىسى، - دەپ تونۇشتۇردى ساھىپخان مېڭىپ كېتىۋېتىپ، - ئۇ چاغلاردا مەملىكەت بويىچە ئەڭ مەشھۇر ئۇستىكارلار يىغىلىپ، نەچچە تۈمەن ھاشارچى ئىشلىتىپ، ئون يىل ئىچىدە ئاران بۇ قەبرە پۈتكۈزۈلگەن ئىكەن. ئۇلار سۆزلەشكەچ ئايلانما كارىدورنىڭ ئەڭ پەس قەۋىتىگە چۈشتى. ئايلانما كارىدور تاملىرى ئىككى مېتىردىن ئېگىز بولۇپ، تۆت تەرەپنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 800 مېتىر كېلەتتى، ھەممە تامغا نەپىس تاش قاپارتما نەقىشلەر، نەقىشلەنگەن بولۇپ، مەزمۇنى تولاراق ھىندىستاننىڭ >رامايانا<، >ماھا بماراتا< داستانلىرىدىكى ئەپسانىلەرنىڭ ۋەقەلىكلىرىدىن ئېلىنغان ئىدى. - بۇ نېمە؟ - سورىدى جۇداگۇاڭ شەرقىي تامدىكى قاپارتما نەقىشلەرنى كۆرسىتىپ. ساھىپخان ئۇنىڭغا مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى: - بۇنىڭدا ھىندىستان دىنىدىكى ئالەم ئىلاھى پىنشۇنىڭ ئىشى سۆزلەنگەن. ئالۋاستى بىلەن ئىلاھ، سۈت دېڭىزىنىڭ تېگىدىكى قېرىتماس دورىسىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرلىكتە شەرتنامە تۈزۈپتۇ. سۈت دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر تاغدا بىر چوڭ ئەجدىھا يۆگىلىپ ياتقان ئىكەن، ئالۋاستىلار ئەجدىھانىڭ بىر بېشىدىن تارتسا، ئىلاھىلار يەنە بىر بېشىدىن تارتىپتۇ، بىر - بىرىنى تارتىشىپ، تاغ چۆگىلەپ كېتىپ، دېڭىزنى قوچۇۋېتىپتۇ... - ئۇنداق بولسا، بۇ كىم؟ - دەپ سورىدى جۇداگۇاڭ بىر ئىلاھنى كۆرسىتىپ. - پىشىنۇ دېگەن ئەنە شۇ! - دېدى ساھىپخان، - تاغ يىمىرىلەي دەپ قالغاندا، پىشىنۇ غايەت زور تەڭداشسىز تاشپاقىغا ئايلىنىپ قاتتىق قاسرىقى بىلەن بۇ تاغنى كۆتىرىۋاپتۇ، تاغ چۆگىلەۋاتقانلىقى، سۈت دېڭىزى قوچۇلۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل گۆھەرلەر دېڭىزدىن لەيلەپ چىقىشقا باشلاپتۇ. پىشىنۇنىڭ سۆيگۈنى دېڭىز تۇمانىدا تۇغۇلۇپتۇ، قېرىتماس دورىسىمۇ چىقىپتۇ، لېكىن، ئالۋاستىلار شەرتنامىنى بۇزۇپ، بۇ مېھرىگىياھنى ئوغرىلاپ كەتمەكچى بولۇشۇپتۇ. شۇڭا پىشىنۇ ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ، ئاخىرى ئالۋاستىلارنى يېڭىپ، قېرىتماس دورىسىنى ئېلىپ مانلۇ تېغىغا قايتىپ كەپتۇ... - ئوھوي، نېمە دېگەن ئوخشىتىپ سىزىلغان ھە! قالتىس ئىكەن، قالتىس! - جۇداگۇاڭ ۋە جۇڭگو ئەلچىلىرى ئۇنى ھەدەپ ماختاپ، ئاجايىپ - غارايىپ ھۈنەر - سەنئەت دۇنياسىغا غەرق بولۇشتى. جۇداگۇاڭ كامبودژادا توپ - توغرا بىر يىل تۇردى. ئۇ ئاڭكۇرنى مەركەز قىلىپ، كۆپ قېتىم سەيلە - ساياھەت ھەم زىيارەت ئېلىپ باردى. كامبودژانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئىگەللىدى ۋە ئۆگەندى، ئۇ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن >كامبودژاغا زىيارەت< دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقتى. بۇ كىتاب ساياھەت خاتىرىسى شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، كىتابتا قەدىمكى پايتەخت ئاڭكۇي ۋە ئاڭكۇي ئىبادەتخانىسى قاتارلىق ئىمارەتلەر ئۆز ئەينى خاتىرىلەنگەن، پۈتكۈل ئاڭكۇر مەدەنىيىتى ئومۇمىي يۈزلۈك تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا زوقلانغان ھالدا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كىتاپ دۇنيادا ئاڭكۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان تۇنجى ئەسەر بولۇپ قالماستىن، بەلكى كامبۇدژانىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇداگۇاڭ كامبودژادىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئېلىپ بارغان جۇڭگونىڭ لىجژ مېۋە دەرەخ ئۇرۇقى، بىر تاغقا تېرىلدى. كېيىن كىشىلەر بۇ تاغنى >جۇڭگونىڭ لىجژ تېغى< دەپ ئاتاپ، جۇڭگو - كامبودژا ئەللىرى خەلقلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇق ئالاقىسىنى خاتىرىلەيدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ