UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭباستى تۈرمىسىنىڭ ئېلىنىشى

باستى تۈرمىسىنىڭ ئېلىنىشى

بەش مىڭ يىل بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەنتەنىلىك مەنزىرىسىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى قېتىملىق ئۈزۈك - كېسىل بۇرژۇئا ئىنقىلابى بولۇپ، نۇرغۇن تەكرارلىنىش ۋە ئەگرى - توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، ئەمدى بىز مۇشۇ ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز: - باستى تۈرمىسىگە بارايلى! - باستى تۈرمىسىگە بارايلى! 1789 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سەھەردە، غەزەپلەنگەن پارىژلىقلار - ئىشچىلار، دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر توپ - توپ بولۇپ باستى تۈرمىسىگە قاراپ ئاقتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مىلتىق ئالغان، بەزىلىرى پالتا تۇتقان، بەزىلىرى نەيزە ئالغان، يەنە بەزىلىرى زەمبىرەكنى سۆرىۋالغان ئىدى. «ھۇررا» دېگەن سادا بىلەن تەڭ، كىشىلەر خۇددى غەزەپلەنگەن دېڭىز ئۆركىشىدەك، مەۋج ئۇرۇپ ئالغا باستى، فرانسىيىنىڭ بۈيۈك بۇرژۇئا ئىنقىلابى داغدۇغىلىق ھالدا باشلاندى. 5 - مايدا «ئۈچ دەرىجىلىك يىغىن» چاقىرىلغاندىن بۇيان، پارىژ خەلقى داۋالغۇپ تۇرغان ئەنسىزلىك ئىچىدە قالدى. ئەسلىدە فېئوداللىق تۈزۈمدىكى فرانسىيە خەلقنى ئۈچ تەبىقىگە بۆلگەن ئىدى: بىرىنچى تەبىقىدىكىلەر راھىپلار؛ ئىككىنچى تەبىقىدىكىلەر ئاقسۆڭەكلەر؛ ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەر ئاددى پۇقرالار ئىدى. يىغىن باشلىنىش بىلەنلا، پادىشاھ ئاۋاز بېرىش مەسلىسىدە ئۇستىلىق قىلىپ، بىر تەبىقە بىر ئاۋاز بېرىدۇ، دېدى ۋە ئارقىدىنلا بىرىنچى، ئىككىنچى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى يىغىن زالىدا قالدۇرۇپ، ئۇلارنى بەش ھەپتىگىچە تاشلىۋېتىپ، بىر ئاۋازغا ئىككى ئاۋاز بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەرنى گەپكە كىرىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسەن بۇرژۇئازلار ۋە زىيالىلار بولۇپ، ئادۋۇكات، ئىشچى، قول سانائەتچى، بانكىر، يازغۇچى قاتارلىقلار بار ئىدى، ئۇلار فرانسىيىنىڭ فېئوداللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىپ، ئەركىنلىككە ئېرىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلاتتى، شۇڭا، كەڭ پارىژ ئاھالىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۇزۇنغىچە چەتكە قېقىلغان ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىللىرى تاقەت قىلىپ تۇرالماي، ئۆز ئالدىغا خەلق پارلامېنتى تەشكىل قىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى پۈتۈن فرانسىيە خەلقىغە ۋاكالىتەن مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىدى. بۇ ھال پادىشاھنى قورقۇنچقا سېلىپ قويدى. ئۇ دەرھال ئارمىيە ساقچىلارنى چاقىرىپ، يىغىن مەيدانىنى پېچەتلەپ، خەلق پارلامېنتىنىڭ يىغىن ئېچىشىنى تەقىپ قىلدى. شۇ كۈنى ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ، ھاۋا تۇتۇلۇپ كەتتى. ۋەكىللەر جۇدۇن ئىچىدە غەزەپ بىلەن نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار ئىچىدىكى بىر ۋەكىل توساتتىنلا: - يىغىن زالى بولمىغاندىن كېيىن، چويلاتوپ مەيدانىغا بارساق! - دەپ تەكلىپ بەردى. ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىللىرى «بولىدۇ! چويلاتوپ مەيدانىغا بارايلى!» دەپ رەتلىك تىزىلىپ، توپ مەيدانىغا كەلدى، مەيداندا ئورۇندۇق بولمىغانلىقتىن ئۆرە تۇردى. كۆپچىلىك ئابرۇيلۇق بارىنى خەلق پارلامىنتېنىڭ رەئىسلىكىگە بىر ئېغىزدىن سايلىدى. بارى جوزا ئۈستىدە تىك تۇرۇپ، ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتىرىپ: - قەسەم بېرەيلى! - دېدى ھاياجان بىلەن. ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىللىرى ھالقىسىمان بولۇپ، بارىغا قاراپ ئوڭ قولىنى كۆتىرىپ: - ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ بولمىغۇچە يىغىننى ھەرگىز تارقاتمايمىز! - دەپ تەكرارلىدى بارلىق ۋەكىللەر تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ. دەل شۇ چاغدا، بىر چاقماق كۆكنى يېرىپ ئۆتتى. خۇددى بۈيۈك تەبىئەتمۇ بۇ بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قوشۇلۇۋاتقاندەك، «گۈلدۈر - گۈلدۈر!» قىلغان گۈلدۈرماما يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈردى. بۇرژۇئازىيىنىڭ دۆلەت تۈزۈمىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، خەلق پارلامېنتى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى نامىنى «ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى»غا ئۆزگەرتىپ، پادىشاھ بىلەن ئاشكارا قارشىلاشتى. بىرىنچى، ئىككىنچى تەبىقىنىڭ دېموكىراتىيىگە مايىل ۋەكىللىرىمۇ، ئارقا - ئارقىدىن ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىغا قاتناشتى، دېمەك، پادىشاھنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۈيىقەستى پۈتۈنلەي تارمار قىلىندى. پادىشاھ لوئى XVI دەرغەزەپ بولۇپ، پارىژ ۋە ۋېرسالغا نۇرغۇن ئەسكەر يۆتكەپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىنى قورال كۈچى بىلەن تارقىتىۋەتمەكچى بولدى. 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، پارىژ ئاھالىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ دەرھال كوچىغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. ئون مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى لوئىر سارىيى ئالدىدىكى گۈللۈكتە يىغىلدى. ئۇلار ئارىسىدىكى بىر يىگىت سەكرەپ جوزا ئۈستىگە چىقتى - دە، يېنىدىن تاپانچىنى ئېلىپ ئېگىز كۆتەردى ۋە: - پۇقرالار، ۋاقىتنى بىر دەقىقىمۇ سوزۇشقا بولمايدۇ. بۈگۈن كېچىدە، ياللىۋېلىنغان شۋېتسارىيە ئەسكەرلىرى بىلەن گېرمانىيە ئەسكەرلىرى بىزنى قىرماقچى! بىزنىڭ بىرلا ھاياتلىق يولىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ قولىمىزغا قورال ئېلىش! - دېدى. - توغرا، قولىمىزغا قورال ئالايلى! - دەپ تەڭ توۋلىدى شەھەر ئاھالىسى. ئۇلار كېلىشىپ، يېشىل دەرەخ شېخىنى قوزغىلاڭنىڭ بەلگىسى قىلدى. ھېلىقى يىگىت بىر تال كاشتان يوپۇرمىقىنى ئېلىپ شەپكىسىگە تىقىۋالدى. قالغانلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئېلىپ، گۈللۈكتىكى كاشتان يوپۇرمىقىنى تۈگىتىۋەتتى. نامايىشچىلار ۋاندوم مەيدانىغا كەلگەندە، ئالدى تەرەپتىن بىر توپ ئاتلىق چارلىغۇچىلار چىقىپ كەلدى. ئامما ئەسكەرلەرگە: - نامايىشقا قاتنىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز! - دېدى. ئاتلىقلار، دېگەندەك، نامايىشچىلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ قالدى. يول بويى شەھەر ئاھالىسى بارغانسېرى كۆپەيدى. بىر توپ گېرمانىيە ئەسكەرلىرى كېلىپ، نامايىشچىلارنى تېزىتىۋەتمەكچى بولۇۋىدى، ئامما تاش ئېتىپ چېكىندۈردى. نامايىشچىلار قوشۇنى شاۋقۇن كۆتىرىپ ئالغا بېسىپ، لوئى XV مەيدانىغىچە باردى. پادىشاھ ئەۋەتكەن ئاتلىق ئەسكەرلەر يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئېگىز ئارغىماقلارغا مىنىپ، قىلىچلىرىنى ئوينىتىپ، قۇرۇق قول ئاممىنى قىرىشقا باشلىدى، ئامما تەرەپ - تەرەپكە قېچىپ، ئۆزىنى دالدىغا ئالدى، ئەسكەرلەر قوغلاپ يۈرۈپ چېپىۋەردى، يەر يۈزى قانغا بويالدى، ھەممىلا يەردە ئۆلۈكلەر ياتاتتى، بەختسىز خەلق قىرغىن قىلىندى. «داڭ - داڭ!» «داڭ - داڭ!» 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئەتىگەندە، پارىژ شەھىرىدىكى بارلىق قوڭغۇراقلار تەڭ چېلىندى، شەھەرلىكلەر قولىغا پالتا - قىڭغىراقلارنى ئېلىپ يىغىلدى، ئۇلار تۈنۈگۈنكى قانلىق قىرغىنچىلىقتىن ساۋاق ئېلىپ، ئىنقىلاپ قىلىش ئۈچۈن قوراللىنىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار دەرھال فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ قورال ئامبىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، نەچچە ئون مىڭ مىلتىق ۋە بىر قانچە زەمبىرەكنى قولغا چۈشۈرۈپ، رەسمىي قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەردى. شۇنىسى قىزىق بولدىكى، تۈنۈگۈن قولىدا ھېچنېمە يوق ئاممىنى دەھشەتلىك تۈردە قىرغان ئاتلىق ئەسكەرلەر، بۈگۈن مىلتىق - زەمبىرەككە ئىگە بولغان ئاممىنى كۆرۈپ، قورققىنىدىن موللا مۈشۈك بولۇپ، قول ئۇزىتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. ئىنقىلابقا ھېسداشلىق قىلغان نۇرغۇن ئەسكەرلەر كەينى - كەينىدىن قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلدى. توپ - توغرا بىر كۈندىلا، ئىنقىلابچىلار پۈتۈن پارىژ شەھىرىنى كونتۇرۇل قىلدى. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى تەرەپ - تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، قوزغىلاڭچىلار ئاساسىدا، خەلق قوغدىنىش قوشۇنى قۇردى. شۇ كۈنى كەچتە، پۈتۈن پارىژدىكى چىراقلار چاقناپ كەتتى. «تاڭ - تۇڭ» قىلىپ تۆمۈر سوقۇۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىناتتى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خوشاللىق ئىچىدە نەيزە سوقماقتا ئىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە يېڭى سوقۇلغان يېڭى قوراللارنىڭ ھېسابىنى ئالغاندا، بىر ئاخشامدىلا 50 مىڭ تال نەيزە سوقۇلغانلىقى مەلۇم بولدى! 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پارىژ قوزغىلىڭى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتىرىلدى. نۇرغۇن قوزغىلاڭچىلار پارىژنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا ھۇشيارلىق بىلەن كۆز تىكىپ، «زەمبىرەك!» «زەمبىرەك!» دېيىشەتتى. شەرقىي جەنۇپ تەرەپتە كاتتا بىر قورغان - باستى تۈرمىسى قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. بۇ تۈرمىگە پۈتۈنلەي ناخشا ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى چىققان «سىياسى مەھبۇسلار»قامىلاتى، ئۇ لوئى XVI نىڭ خەلقنى باستۇرىدىغان تىرورلۇق ئورگىنى ئىدى. قورغان ئۈستىدە ناھايىتى ئېگىز زەمبىرەك قوقتىسىدىن سەككىزى بولۇپ، ھەر بىر زەمبىرەك تۆشۈكىدە بىردىن چوڭ زەمبىرەك بار ئىدى. ئۇلار پارىژدىكى ئىنقىلابىي خەلققە گويا يىرتقۇچ ھايۋاندەك، ۋەھشىلەرچە ھومىيىپ تۇراتتى. - باستى تۈرمىسىنى ئالايلى! - دېدى بىر قوزغىلاڭچى ئۇشتۇمتۇتلا. نەچچە ئون مىڭ قوزغىلاڭچى ئامما «ئۇنى ئالايلى!»دەپ، باستى تۈرمىسىگە باتۇرلارچە بېسىپ كىردى. باستى تۈرمىسىنى ساقلاۋاتقان قوماندان ۋەزىيەتنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ:«ئاسما كۆۋرۈك كۆتىرىلسۇن!» دەپ ئالمان - تالمان بۇيرۇق بەردى، ئەسكەرلەر ئاسما كۆۋرۈكنى تارتىۋېلىپ، ئاممىنىڭ يولىنى توسىدى. ئەسلىدە، باستى تۈرمىسىنىڭ ئەتراپىدا 25 مېتىر كەڭ خەندەك بولۇپ، ئاسما كۆۋرۈك بىلەن كىرىشتىن باشقا يول يوق ئىدى. كۆۋرۈك ئالدىدا توسۇلۇپ قالغان ئامما تۇشمۇ تۇشتىن غۇلغۇلا قىلىشتى. ئۇلار ئارىسىدىكى بىر ياغاچچى: - ئۇزۇن شوتىنى ئېلىپ كېلىڭلار، خەندەكتىن شوتىغا دەسسەپ ئۆتەيلى، - دېدى. - توغرا، - دېدى بىر تامچى، - خەندەكتىن شوتا بىلەن ئۆتكەندىن كېيىن، سېپىلغا قويۇپ چىقساق بولىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بۇ پىكرىگە قوشۇلدى. ھايال قىلماي بىر نەچچە ئۇزۇن شوتىنى ئېلىپ كېلىپ، ھەممەيلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلاندى. قوماندان ئاممىنىڭ ئۇزۇن شوتىلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قورققىنىدىن قارا تەرگە چۆمدى ۋە تىترىگەن قولىنى كۆتىرىپ: - ئۆلگۈرلەر، ئوق چىقارماي قاراپ تۇرۇشامسەن، ئېتىش! - دېدى ئەسكەرلەرگە ۋارقىراپ. ئەسكەرلەر دەرھال مىلتىقلىرىنى بەتلەپ، سىرتتىكىلەرگە «پاڭ - پۇڭ!» «پاڭ - پۇڭ!» ئوق چىقاردى. بىر توپ ئامما يەرگە يىقىلدى، ھۇجۇم توسۇلۇپ قالدى. ئەھۋال تازا جىددىلىشىپ قالغاندا، زەمبىرەكنى ئېلىپ كەلدى. قوزغىلاڭچى ئامما تەنتەنە قىلىشتى. زەمبىرەكچىلەر زەمبىرەكنى ئوقلاپ، باستى تۈرمىسىگە توغرىلاپ «گۈم!» «گۈم!» ئوققا تۇتتى. بىر تال زەمبىرەك ئوقى ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئارغامچىسىغا تېگىپ، كۆۋرۈك «پالاق!» قىدا چۈشتى. قوزغىلاڭچى ئامما كۆۋرۈك چۈشتى! «ئۇررا!» دېيىشىپ، باتۇرلارچە ئالغا ئېتىلىپ، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ باستى تۈرمىسىگە ھۇجۇم قىلدى. قوماندان ۋەزىيەتنىڭ يامانلىقى پەملىدى - دە، دەرھال مەشئەلنى تۇتاشتۇرۇپ، قورال ئىسكىلاتىغا قاراپ ئېتىلدى. ئۇ ئوت قويۇپ پۈتۈن باستى تۈرمىسىنى پارتلاتماقچى بولغان ئىدى. ئەمما ئەسكەرلىرى توخۇ يۈرەك بولغانلىقتىن، ئۆزلىرىنىڭمۇ قورغان بىلەن بىللە يەكسان بولۇشىدىن قورقۇپ، قومانداننى تۇتۇۋېلىپ، ئوت قويغۇزمىدى. بۇ چاغدا، قوزغىلاڭچىلارمۇ يېتىپ كېلىپ، قومانداننى شۇ جايدىلا تۇتتى - دە، ئېتىپ تاشلىدى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ «ياشىسۇن ئەركىنلىك!» دەپ سەكرىشىپ، يەر - زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈردى. تۆت سائەت قاتتىق جەڭ قىلىش ئارقىسىدا، فېئودالىزىمنىڭ بۇ جاھىل قورغىنى ئاخىر ئېلىندى! شۇنىڭدىن كېيىن، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. قوزغىلاڭچىلار ئارقىدىنلا باستى تۈرمىسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمنى ئۈزۈل - كېسىل سۈپۈرۈپ تاشلاش ئىرادىسىنى بىلدۈردى. فېئودالىزىمنىڭ جىنايى سىمۋولى بولغان باستى تۈرمىسى شۇنىڭدىن تارتىپ يەر يۈزىدىن يوقالدى! ھازىر بىز پارىژغا بارساق، ئىنقىلابى خەلق قۇرغان باستى مەيدانىنى كۆرىمىز. ئىنقىلابىي خەلقنىڭ فېئودالىزىمغا قارشى كۈرەشتىكى ئۇلۇغ غەلبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، فرانسىيە خەلقى باستى تۈرمىسى ئېلىنغان بۇ كۈننى - 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنىنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى قىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ