UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭۋاشىڭتون

ۋاشىڭتون

بەش مىڭ يىل 1781 - يىل 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى يوركتون شەھىرى ئەتراپىدا داقا - دۇمباقلار ياڭراپ كەتتى. ئەسكەرلەر كىيىم - كېچەكلىرى كونا بولۇشىغا قارىماي، ناھايىتى خوشال - خورام ئىدى. ئۇلار يۇلتۇزلۇق يوللۇق بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، «ئاسمان - زېمىن زىلزىلىگە كەلدى، دۇنيا ئاستىن - ئۈستۈن بولدى» دەپ ناخشا ئېيتىشاتتى. توپ - توغرا ئالتە يېرىم يىل داۋاملاشقان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاخىر غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكا مۇستەملىكىدىن مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندى، بۇنىڭ ئۆزى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان زور ۋەقە ئەمەسمۇ؟ ئەنگىلىيىنىڭ كىيىملىرى رەتلىك 8000 ئەسكىرى دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ھالدا يۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئەلەمنى دۈم كۆتىرىۋالغان بولۇپ، بايراقنىڭ ئۇچى يەرگە تېگەي دەپ قالغان. ئالدىمدا ماڭغان بىر گېنېرال ھاكىمىيەتنىڭ سىموۋلى بولغان بىر شەمشەرنى ئىككى قوللاپ كۆتىرىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئالدىدا تۇرغان ئالتۇن چاچلىق ئامېرىكا باش قوماندانىغا چۈشتى - دە، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئالدىغا چىقىپ، شەمشەرنى تاپشۇردى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى كۆكرىكىنى كېرىپ تۇرۇپ، ئەنگىلىيە گېنېرالىنىڭ شەمشىرىنى ئىككى قوللاپ قوبۇل قىلدى. ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ تەسلىم بولۇش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ ئالى باش قوماندانىنىڭ ئىسىمى ۋاشىڭتون ئىدى. گېئورگى ۋاشىڭتون 1732 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتىدىكى بىر ئېكىنزار ئىگىسىنىڭ ئائلىسىدە تۇغۇلدى. ئۇ، ياش ۋاقتىدا ئۆلچىگۈچى بولۇپ ئىشلىدى ھەمدە ئامېرىكىنڭ غەربىدىكى ئوھىئو دەرياسى ساھىلىدا يەر سودىگەرچىلىكى بىلەن شۇغۇللاندى. ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدا مۇستەملىكە تالىشىشى ئۇرۇشىدا، ئۇ ۋىرگىنىيىنىڭ يەرلىك قوراللىق كۈچلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ فرانسىيە قوشۇنلىرىنى شىمالىي ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، شاڭشياۋلىققا كۆتىرىلگەن ئىدى. ئەمما، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى شىمالىي تەرەپتىكى يەرلەرنى پادىشاھ جەمەتىنىڭ خوسۇسى مۈلكى قىلىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ تېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ۋاشىڭتوننىڭ نەچچە ئون مىڭ مو يېرىنى ئەنگىلىيە يەپ كەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇردى. بوستون پاجىئەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىمالىي ئامېرىكىدىكى خەلقلەر ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ ياردەم بەردى. 1774 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ۋىرگىنىيە شىتاتىدا جىددى يىغىن چاقىرىلدى. يىغىندا: _ مەن ئۆز پۇلۇم بىلەن 1000 جەڭچى قوبۇل قىلىپ، بۇ قوشۇننى شەخسەن ئۆزەم باشلاپ بېرىپ بوستونغا ياردەم بېرىمەن، - دېدى ۋاشىڭتون مەردانىلىك بىلەن. ئاندىن ئۇ ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، فلادېلفىيىدە چاقىرىلغان «چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى» غا قاتنىشىپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 شىتاتنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى بىرلەشكەن رەھبەرلىك ئورگىنىنى قۇرۇش ئىشىنى مەسلىھەتلەشتى. 1775 - يىلى، ۋاشىڭتون چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولدى. بۇ چاغدا، لېكسىڭتوندا مىلتىق ئاۋازى ياڭراپ، ئۇرۇش بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالغان ئىدى، ۋاشىڭتون دەرھال ئاتلىق يولغا چىقىپ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بوستونغا يېتىپ باردى. ئەمما، ۋاشىڭتون چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى توپلىغاندا، قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. - بۇمۇ قوشۇن بولامدۇ؟ - دەيتتى ۋاشىڭتون ئات ئۈستىدە ئەتراپىغا قاراپ، ئېگىز - پەس تىزىلغان بۇ قوشۇندىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى يۈزىنى ساقال بېسىپ كەتكەن دېھقانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ قورال - ياراقلىرى كونا، ۋەيرانە، بەزىلىرىنىڭكى ئوۋ مىلتىقى ئىدى؛ كىيىملىرى جۇل - جۇل، ھەر خىل - ھەر ياڭزا بولۇپ، ئارمىيىگە زادىلا ئوخشىمايتتى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسى شىتاتلاردىن ۋاقتىنچە يىغىپ كېلىنگەن، مۇنتىزىم ھەربى تەلىم ئالمىغان خەلق ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكىنى ۋاشىڭتون بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، يېرىم يىل ۋاقىت ئاجرىتىپ، بۇ خەلق ئەسكەرلىرىنى مۇستەقىل جەڭ قىلالايدىغان پولك قىلىپ تەشكىللىدى. ئارقىدىنلا، ئەسكەر تارتىپ ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ بوستوندىكى باش شىتابىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى بارلىق تەمىناتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، پورتلارنى قامال قىلدى. ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئاشلىقى تۈگەپ، ياردىمى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، 1776 - يىل 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بوستوندىن قاچتى. چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى غەلبىسېرى ئىلگىرىلىدى، خەلق ئاممىسى تۇشمۇ تۇش كېلىپ قاتناشتى. ۋاشىنگىتوننىڭ قوشونى بىراقلا 18 مىڭغا يەتتى. غەلبە تەبرىكلىنىۋاتقان كۈنلەردە، ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى ئېچىلدى. 1776 - يىل 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مۇھىم بىر ھۆججەت - «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى» ماقۇللاندى. بۇ خىتاپنامە بۇرژۇئازىيىنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى قېتىم پرۇگرامما شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي تەلىپى بولۇپ، ئۇنىڭدا: «ھەممە كىشى باب باراۋەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا ئاتا قىلغان، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان ھوقۇققا، جۈملىدىن تىرىكچىلىك ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەختكە ئىنتىلىش ھوقۇقىغا ئىگە» دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ رەسمىي مۇستەقىللىقى جاكارلانغان. «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى» دە، شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى بايان قىلىنغانلىقتىن، نىۇ - يورك خەلقى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەنگلىيە پادىشاھى گېئورگى III نىڭ شۇ يەرگە ئورنىتىلغان مىس ھەيكىلىنى چېقىپ ئەسكەرلىرىگە زەربە بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنىنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ ئەنگلىيە مۇستەملىكچى دائىرىلىرى غالجىرلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلار نۇرغۇن ھەربىي پاراخوت ۋە 35 مىڭ ئەسكەر توپلاپ، نيۇ - يوركنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى. ۋاشىڭتوننىڭ قىسمى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاران يېرىمىغا تەڭ كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىي پاراخوت ۋە زەمبىرەكلىرىمۇ يوق ئىدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق يېرىم ئاي قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقتىن، چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ چاغدا، ۋاشىڭتوننىڭ 5000 دىن ئازراق ئەسكىرىي كۈچى قالغان بولسىمۇ، ئەسكەرلىرىنىڭ روھىي - كەيپىياتى ناھايىتى يۇقۇرى ئىدى. ئۇلار كۆك مۇز قاپلىغان دېلاۋەر دەرياسىغا كەلگەندە، ۋاشىڭتون مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەمىلىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە دەريا ئېقىنىدىكى سۇنىڭ ئېقىش ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئۇرۇش قىلىشنىڭ يېڭى لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقتى. 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى «روژدىستىۋا بايرىمى» دا كەيپى - ساپا سۈرۈۋاتقاندا، ۋاشىڭتون تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇشتۇمتۇت دەريادىن ئۆتۈپ ترېنتون شەھىرىنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق گېرمانىيىلىك ياللانما ئەسكىرىنى ئەسىر ئالدى. ئارقىدىنلا، 1777 - يىل 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كېچىدە، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ مۇھىم تايانچ بازىسى بولغان پرىنستونغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ تاللانغان قىسمىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلدى. ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى ئىزا - ئاھانەت ئىچىدە غەزەپلىنىپ، ئەسكىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى پايتەختى فلادېلفىيىنى بېسىۋالدى. ۋاشىڭتون قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ئەنگىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى تايانچىسىز قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا يەنە دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى ھەر تەرەپلىمە قانات يايدۇرۇپ، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈردى. 1778 - يىل 6 - ئايدا، فرانسىيە ھەربى پاراخوتلىرى ئامېرىكىغا كىردى، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى فلادېلفىيىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. 1780 - يىلى، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچىنى جەنۇپتىكى پورت شەھىرى يوركتىۋىنغا يۆتكىدى. فرانسىيە قوشۇنلىرى بىلەن ۋاشىڭتوننىڭ قوشۇنلىرى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئالدىنقىسى دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن پورتنى قامال قىلدى، كېيىنكىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى شەھەرگە قامىلىپ قېلىپ، بىر ئايدىن كۆپرەك جان تالىشىپ زادى ئامال قالمىغاندىن كېيىن، قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاخىر ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلدى. ۋاشىڭتون ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، 1787 - يىلى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈتۈشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە 1789 - يىل 4 - ئايدا، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلىنىپ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ مكتىۋەر قۇرغۇچىسى بولدى. ۋاشىڭتون ئىككى قارار زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ۋىرگىنىيە شىتاتىدىكى ۋېلنون تاغلىق كەنتىگە تەركىي دۇنيا بولۇپ ياشاش ئۈچۈن كەتتى. ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشى ئۈچىنچى قارار زۇڭتۇڭ بولۇشقا تەكلىپ قىلغاندا، ۋاشىڭتون ئۆزرە ئېيتىپ رەت قىلدى. 1799 - يىل 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ۋاشىڭتون يۇرتىدا كېسەل بولۇپ قازا قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشى ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 1791 - يىلى، ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى بوتوماك دەرياسى ۋادىسىدا يېڭى پايتەخت قۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭغا «ۋاشىڭتون» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى. 1800 - يىلى يېڭى پايتەخت پۈتۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى فلادېلفىيىدىن ۋاشىڭتونغا كۆچۈپ كەلدى ھەمدە ئامېرىكىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ بۇ باش قوماندانىنى ئەسلەش ئۈچۈن، بۇ يەردە ۋاشىڭتون خاتىرە مۇنارى ياسىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ