UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭلۈشۈنكۇنىڭ ئىشغال قىلىنىشى

لۈشۈنكۇنىڭ ئىشغال قىلىنىشى

بەش مىڭ يىل گېنېرال ستاركى بۈگۈن بەكمۇ خۇشال ئىدى. كەچ سائەت سەككىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ رەپىقىسى بىلەن دېڭىز ئارمىيىسى كۇلۇبى زالىنىڭ ئىشكى ئالدىدا تۇرۇپ، چىرايىدىن كۈلكە جىلۋىلەنگەن ھالدا مۇبارەكلەشكە كەلگەن لۇشۈنكۇنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلارغا بىر +- بىرلەپ سالام بەردى. ستاركى - روسىيە تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى ئىدى. ياپونىيىگە ئۇرۇش باشلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ فلوتى جۇڭگونىڭ لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى لۈشۈنكۇغا تولۇق يىغىلىپ بولغانىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ رەپىقىسىگە نام بېرىش كۈنى بولغاچقا، ئۇ فلوتىردىكى بارلىق ئوفىتسېرلارنى دېڭىز ئارمىيىسى كۇلۇبىغا نام بېرىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغانىدى. كاتتا تانسا باشلاندى. ۋالىس مۇزىكىسىنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ زالدىكى سەتەڭ ياسانغان ئەر - ئاياللار جۈپ - جۈپ بولۇشۇپ تانسا ئويناشقا چۈشۈپ كەتتى. توساتتىن پورت تەرەپتىن زەبىرەكنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، كەينىدىنلا قۇلاقنى يارغۇدەك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئوركېستىر غەنمە - ناۋانى توختاتتى، تانسا مەيدانىدىكى ئەر - ئاياللار ئالاقزادە بولۇپ كەتتى، بەزى ئاياللار قۇلاقلىرىنى ئەتكەن ھالدا چىرقىرىسا، بەزىلىرى دەرۋازىدىن ئېتىلىپ چىققىنىچە بەدەر قاچتى... - خانىملار، ئەپەندىلەر، ھودۇقماڭلار، - دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى بىر ئوفىتسېر بىر ھازادىن كېيىن، - ئېھتىمال فلوتىمىزدىكىلەر قوماندان جانابلىرىنىڭ خانىمىغا نام بېرىشىگە بېغىشلاپ ھۆرمەت زەمبىرىكى ئاتقان بولسا كېرەك! قېنى، ئەمىسە. ئوركېستىردىكىلەر نەغمىنى داۋاملاشتۇرايلى! كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا خۇداغا شۈكرى قىلىشتى ھەمدە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. چىرايى تاتىرىپ كەتكەن گېنېرال ستاركىنىڭ يۈرىكىمۇ دەرھال جايىغا چۈشتى. بىردەم ئۆتمەيلا، بىر ئوفىتسېر گېنېرال ستاركىنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى. گېنېرال ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش بىلەنلا تەرىنى بۇزۇپ، قولىنى شىلتىپ ۋارقىرىدى: - ئوفىتسېرلار، دەرھال ھەربىي پاراخوتلىرىڭلارغا چىقىڭلار! زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟ ئەسلىدە، بايىقى روسىيە قوشۇنىدىكىلەر ئاتقان زەمبىرەك بولماستىن، ياپونىيە فلوتى لۈشۈنكۇغا يوشۇرۇن ئاتقان زەمبىرەك ۋە سۇ مىنالىرى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن روسىيىنىڭ پورتىنىڭ سىرتىدا توختىتىلغان ئۈچ ھەربىي پاراخوتى - ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى، بىر ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتى پارتلىتىۋېتىلگەنىكەن! بۇ 1904 - يىل 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، يەنى ياپونىيە بىلەن روسىيە سۆھبىتى بۇزۇلغانلىقىنى جاكارلىغاننىڭ 3 - كۈنى ئىدى. نەتىجىدە بۇ >ھۆرمەت زەمبىرىكى< ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇردى. ئۇنداقتا، ئىككى تەرەپ نېمىشقا يەنە جۇڭگونىڭ زېمىن، دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۇرۇشىدۇ؟ ئەسلىدە، چارروسىيە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگونىڭ بىرمۇنچە زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىش بىلەن قانائەتلەنمەستىن، يەنە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى مەڭگۈلۈك ئىگىلىۋېلىش، تېىىمۇ ئىلگىرىلەپ سەددىچىنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىننى ئىگىلىۋېلىش كويىدا بولۇپ كەلگەنىدى؛ ياپونىيىدە بولسا، بۇرۇندىنلا چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ئىگىلىۋېلىش قارا نىيىتى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇلار يېرىم يىل سۆھبەت قىلغان بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا يول قويۇشماي، جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ياپونىيە فىلوتى لۈشۈنكۇغا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، بۇ دېڭىز رايونىنى قامال قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىغا بىخەتەر چىقىشقا ۋە دېڭىز ئۈستىدىكى ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى يۆتكەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن روسىيە فلوتىغا ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن لۈشۈنكۇ ئېغىزىنىڭ سىرتىغا بىرمۇنچە قامال لىنىيىلىرىنى قۇرۇپ، لۈشۈنكۇغا قاتتىق قامال يۈرگۈزدى. 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تەڭ كېچە بىلەن ياپونىيە قوشۇنى 70 نەچچە كىشىلىك پىداكار ئەترىتى ئۇيۇشتۇرۇپ يوغان تاشلار قاچىلانغان بەش كونا پاراخوتنى ھەيدەپ لۈشۈنكۇغا يوشۇرۇن يولغا چىقتى. پورتقا يېقىنلاشقاندا، قىرغاقتىكى كۆزىتىش چىرىغى توساتتىن يورۇدى. كونا پاراخوتلار روسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بايقىۋېلىندى. ئارقىدىنلا قىرغاقتىكى زەمبىرەكنىڭ گۈمبۈرلىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. كونا پاراخوتلار ئەتراپىدا سۇ ئاسمان - پەلەك كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. - پارتلاتقۇچقا ئوت يېقىپ، پاراخوتتىن سەكرەشكە تەييارلىنىڭلار! - دەپ ۋارقىرىدى پىداكارلار ئەترىتىنىڭ كوماندىرى. >گۇمباڭ! گۈمبۈر - گۇمباڭ!< ئارقىدىن كۆتۈرۈلگەن دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن تەڭ كونا پاراخوتلار كۇكۇم - تالقان بولۇپ كەتتى. يوغان تاشلار دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى. پىداكارلار ئەترىتى ئەسلىدە بۇ كونا پاراخوتلارنى پورتنىڭ چىقىش ئېغىزىغا بارغاندا پارتلىتىپ، روسىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ چىقىش يولىنى قامال قىلماقچىدى. رورسىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ زەمبىرەك ھۇجۇمى ئارقىسىدا بۇ پاراخوتلارنى مۆلچەرلەنگەن جايدا پارتلىتالمىدى. كېيىن ياپونىيە قوشۇنلىرى يەنە ئىككى قېتىم توسۇش جېڭى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە قوشۇنلىرى لۈشۈنكۇ ئېغىزىنىڭ سىرتىدىكى دېڭىز ساھىلىغا كۆپلىگەن سۇ مىنالىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە ھەربىي پاراخوتلىرىنى پورتنىڭ سىرتىغا چارلاشقا چىقىرىپ، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلمىغان دېڭىز ساھىللىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، پورتقا توختىماي زەمبىرەك ئاتتى. روسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتى بىلەن ياپونىيە فلوتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئانچە پەرقلەنمەيتتى. ئەمما، روسىيىنىڭ يىراق شەرق باش ۋالىيىسى پاسسىپلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن باش تارتىپ، ئىككىنچى تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ ياردەمگە كېلىشىنى كۈتۈپ، روسىيە پاراخوتلىرىنىڭ پورتتىن چىقىپ جەڭ قىلىشنى مەنئى قىلدى، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە كۈنلىرىدە، توققۇز پاراخوت زىيان تارتتى. چارپادىشاھ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى ستاركنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، گېنېرال ماكاروپنى فلوتىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى. 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيە قوشۇنلىرى يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى، 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، ياپونىيىنىڭ 3 - جۈنىدىن 05 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم لۈشۈنكۇنىڭ تۇمشۇقىغا قىستاپ كېلىپ، لۈشۈنكۇ مۇھاسىرىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. چارپ دىشاھ تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ ياپونىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن لۈشۈنكۇدا يوقىتىۋېتىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىسكادرا تەشكىللەپ مۇھاسىرىنى بۇزۇپ ۋلادىۋوستوكقا يۈرۈش قىلىش ھەققىدە يىراق شەرق باش ۋالىيىسىغا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈردى. 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سەھەردە، بىر گېنېرال مايور 20 نەچچە پاراخوتنى باشلاپ، لۈشۈنكۇ پورتىدىن چىقىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈشكە ئاتلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، لۈشۈنكۇغا يوشۇرۇنغان جاسۇسلار روسىيە فلوتىنىڭ مۇھاسىرىنى بۇزۇش ھەققىدىكى ئاخباراتنى ياپونىيە فلوتىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مۇھاسىرىنى بۇزۇشقا چىققان روسىيە پاراخوتلىرى سېرىق دېڭىزدا ياپونىيە پاراخوتلىرىنىڭ يوشۇرۇن ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، فلوتى باشلاپ ماڭغۇچى گېنېرال مايورغا ئوق تېگىپ ئۆلدى. نەتىجىدە، روسىيىنىڭ زەخىملەنگەن توققۇز پاراخوتى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يەنتەي، چىڭداۋ قاتارلىق پورتلارغا بېرىۋالغاندىن باشقا، قالغانلىرى پۈتۈنلەي كەينىگە قايتىپ لۈشۈنكۇغا كەتتى. بۇنىڭ بىلەن تىنچ ئوكيان ئىسكادراسى ۋەيرانە بولۇپ، جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتتى. 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ياپونىيىنىڭ 3 - جۈنى 300 گە يېقىن زەمبىرەك ئوتىنىڭ ياردىمى بىلەن لۈشۈنكۇغا ئومۇمىي ھۇجۇم باشلىدى. لۈشۈنكۇنىڭ مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى تازا مۇستەھكەم ئىدى. ئەسلىدە جۇڭگونىڭ شىمالىي فلوتى بۇ يەرگە 29 مەڭگۈلۈك پوتەي ياساپ، 150 نەچچە زەمبىرەك ئورناتقانىدى. 1894 - يىلدىكى جۇڭگو - ياپونىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ يەرنى ياپونىيە تەرەپ ئۈچ يىل ئىگىلىگەندىن كېيىن، يەنە روسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ بازىسىغا ئايلانغان. روسىيە قوشۇنلىرى بۇ يەرگە يەنە 40 نەچچە قەلئە، 70 نەچچە پوتەي ياساپ، 600 نەچچە زەمبىرەك ئورناتتى. شۇ چاغدا روسىيىنىڭ لۈشۈنكۇنى ساقلاۋاتقان قۇرۇقلۇق قوشۇنلىرىدا 45 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا تىنچ ئوكيان فلوتىدىكى ماتروسلاردىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار ئىدى. روسىيە قوشۇنى مۇستەھكەم مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى تىرەك قىلىپ قەيسەرلىك بىلەن ھۇجۇمغا تاقابىل تۇردى. ئالتە كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭ داۋامىدا 50 مىڭدىن ئارتۇق ياپون ئەسكىرىدىن ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆلدى ۋە يارىلاندى، لېكىن پەقەت ئىككى كىچىك قەلئەنىلا ئىگىلىۋالدى. ياپونىيە قوشۇنى شىددەتلىك ھۇجۇمدا ئۈنۈم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، تونىل تېشىپ، روسىيە قوشۇنىنىڭ تۇمشۇق پوزىتسىيىسىگە بېرىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ياپونىيە قوشۇنى ئىككىنچى قېتىم ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. روسىيە قوشۇنى ھەربىي پاراخوتلىرىدىكى زەمبىرەكلەرنى ئىستىھكاملىرىغائەكىلىپ، دۈشمەنگە ئاتتى. ماتروسلارمۇ جەڭگە ئاتلاندى. تۆت كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭ داۋامىدا ياپونىيە قوشۇنىدىن يەنە 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان بولسىمۇ، يەنىلا زور ئىلگىرىلىيەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ياپونىيە قوشۇنى ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 280 مىللىمېتىرلىق ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەكلەرنى سۆرەپ كېلىپ ئەينى زاماننىڭ يېڭى تىپتىكى قورالى بولغان گراناتنى كۆپلەپ ئىشلىتىپ، ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن باشلاپ بەش كۈنگىچە ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى. نەتىجىدە 3000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قۇربان بېرىش ۋە يارىدار قىلىش ھېسابىغا روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسىم قەلئەلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى. ياپونىيە 3 - جۈنىنىڭ باشلىقى شۇنچە ئۇزاق ھۇجۇم قىلىپمۇ لۈشۈنكۇنى ئالالماي، قىسىملىرىنى ئېغىر زەخمىگە ئۇچراتقانلىقىغا تىت - تىت بولۇپ، كېسەلگە گىرىپتار بولدى. ياپونىيە پادىشاھى ساموراي ۋە مانجۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى دەرھال ئۇنىڭدىن ھال سورىدى ھەمدە ياپونىيىدىن ھەمدەمچىلىككە بىر دىۋىزىيە ئەسكە ئەۋەتتى. 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ياپونىيە قوشۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن 203 - ئېگىزلىككە ھۇجۇم قىلدى. 203 - ئېگىزلىك لۈشۈنكۇنىڭ مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىدىكى ئۈستۈنلۈك نۇقتىسى بولۇپ، ئۇنى ئىگىلىگەندە، لۈشۈنكۇنىڭ پۈتكۈل شەھەر رايونىنى ۋە پورتىنى تىزگىنلىگىلى بولغاچقا، ھەربىي جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. ياپونىيە قوشۇنى يەتتە كۈن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، 16 مىڭ ئەسكىرىنى قۇربان بېرىشتەك ئېغىر بەدەل ھېسابىغا 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بۇ ئېگىزلىكنى ئاقىۋەت ئىگىلىدى. ياپونىيە قوشۇنى شۇ ھامان ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 280 مىللىمېتىرلىق ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەكلىرىنى ئېگىزلىككە توختىتىپ، لۈشۈنكۇ شەھەر رايونى ۋە پورتىنى شىددەتلىك توپقا تۇتتى. بۇنىڭ بىلەن شەھەر رايونى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندى، پورتتىكى روسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلىندى. بۇنىڭ كەينىدىنلا، ياپونىيە قوشۇنى يەنە ھەر قايسى قەلئە ۋە پوتەيلەرگە ھۇجۇم قوزغىدى. 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ياپونىيە قوشۇنى لۈشۈنكۇ ئەتراپىدىكى مۇھىم قەلئەلەرنى ئىگىلىدى. روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شەھەر مۇداپىئە قوماندانى بومباردىماندا ئۆلدى. روسىيە قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھى ۋەيران بولدى. 1905 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، روسىيە قوشۇنىنىڭ لۈشۈنكۇ قورۇلى قوماندانى 22 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار مۇھاپىزەتچى قوشۇننى باشلاپ تەسلىم بولدى. ياپونىيە قوشۇنىنىڭ لۈشۈنكۇنى ئىشغال قىلىش كۈرىشى ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى مۇھاسىرە بەش ئايغا سوزۇلدى، ياپونىيە قوشۇنىدىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 130 مىڭ ئەسكەر جەڭگە قاتنىشىپ، تېڭىگە يېقىن ئەسكىرى ئۆلدى ۋە يارىلاندى. روسىيە قوشۇنىدىن 30 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئۆلدى. بۇ قېتىم لۈشۈنكۇ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان جاھانگىر قاراقچىلارنىڭ ئۇرۇشى جۇڭگونىڭ زېمىن تەۋەلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، جۇڭگو خەلقىگىمۇ غايەت زور ئاپەتلەرنى كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ ئوت كۈچىدە ئۆي - ۋارانلار، ئاھالە، زىرائەتلەر ۋەيران قىلىندى. لۈشۈنكۇ قولدىن كېتىشتىن ئىلگىرى شەھەر رايونىدىكى چوڭ - كىچىك سودا ماگىزىنلىرى مىسلىسىز بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىدى... 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا، رسىيە قورۇقلۇق قوشۇنى شېنياڭدا ياپونىيە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنىپ، 90 مىڭ ئادىمى ئۆلدى ۋە يارىلاندى، روسىيىنىڭ مانجۇرىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى چارپادىشاھ تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. شۇنداق قىلىپ، روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولۇشى تايىن بولۇپ قالدى. ئەمما ياپونىيىنىڭ قۇرۇقلۇق قوشۇنىمۇ ھالسىزلىنىپ، قايتىدىن چوڭ ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇشقا قۇدرىتى يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئىككى تەرەپ ئاشۇ ھالدا شېنياڭنىڭ شىمالىدىكى چاڭتۇ بىلەن سىپىڭ ئارىلىقىدا تىركىشىپ تۇردى. روسىيە قوشۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇبىيەتنى ئىقرار قىلمىدى. ئۇلار كېلىش ئالدىدا تۇرغان تېنچ ئوكيان فلوتىغا ئۈمىد باغلىدى ھەمدە ئىككىنچى فلوتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتىنى ئوڭشاپ بېرىشىگە، پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشەندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ