UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭيەر ئاستىدىكى سىرلىق ئوردا

يەر ئاستىدىكى سىرلىق ئوردا

بەش مىڭ يىل قەدىمقى ھىندىستان مەدەنىيىتى كىشىنى مەپتۇ قىلىدۇ، قەدىمقى يۇنان مەدىنىيىتىمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئەمدى بىز قەدىمقى يۈنانغا (ئېگەي دېڭىزى رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دائىر قىزىقارلىق ھىكايىلەرگە ئۆتىمىز. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ بىر ئارخولوگ ئەترىدى ئېگەي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى بىر ئارالغا كىرېت ئارىلىغا كەلگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، يىراق قەدىمقى زامانلاردا، مىنۇس دېگەن بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ كىرېت ئارىلىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن. ئۇ سانسىزلىغان سارايلىرى بولغان بر سىرلىق ئوردا سالدۇرۇغان ئىكەن. ئۇنىڭ كارىدورلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئوردىغا كىرىپ قالغان كىشى چىقالمايدىكەن. بولۇپ، بۇ ئوردىغا كىرىپ قالغان كىشى چىقالمايدىكەن. ئوردىنىڭ ئىچىدە ئادەم تەنلىك، كالا باشلىق يىرتقۇچ ھايۋان - بىر مىنو كالىسى بېقىلغان ئىكەن. پادىشاھ ئۇنى ئارزۇلاپ بېقىش ئۈچۈن، يۇناننىڭ ئافىنا شەھىرىگە كىشنى چۆچىتىدىغان مۇنداق بىر يارلىق چىقارغان: سىرلىق ئوردىدىكى يىرتقۇچ ھايۋان مىنو كالىسىغا يەم قىلىش ئۈچۈن ھەر 9 يىلدا يەتتە جۈپ ئوغۇل _ قىز ئولپات تاپشۇرۇلسۇن. ئافىنالىقجلارغا 4 - قېتىم ئولپات تاپشۇرۇش نۆۋىتى كەلگەن. كىشىلەر يىغا _زارلىق ئىچىدە يەتتە جۈپ بەختسىز ئوغۇل قىز بىلەن خوشلاشقان ھەمدە ئۇلارنى ئېلىپ ماڭىدىغان كېمىگە قارا يەلكەن ئاسقان. ئافىنا پادىشاھى ئېگەينىڭ ئوغلى تېرىۇس ئۆز خەلقىنىڭ مۇشۇنداق ئازاپ _ ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىغا تاقەت قىلالماي، ئۇلار بىلەن بىللە كىرېت ئارىلىغا بېرىپ مىنو كالىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قارارىغا كەلگەن. ئۇ دادىسى بىلەن كېلىشكەن، يەنى ئىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقسا، قايتىپ كېلىشتە كېمىدىكى قارا يەلكەننىڭ ئورنىغا ئاق يەلكەن ئاسلىدىغان بولغان؛ ئېگەي پادىشاھى ئاق يەكەننى كۆرسە، ئوغلۇم سالامەت قايتىپ كېلىپتۇ دەپ بىلىدىغان بولغان. تېرىۇس كىرېت ئارىلىغا باغاندىن كېيىن، ئۇ يەرنىڭ پادىشاھىنڭ قىزى ئۇنىڭغا كۆيۈپ قاپتۇ. قىز تېرىۇسنى مىنو كالىسى يەپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر خەنجەر ۋە بىر كاللەك يىپ بېرىپتۇ. زېرەك ھەم باتۇر تېرىۇس سىرلىق ئوردىغا كىرىپلا يېنىڭ ئۇچىنى ئوردا دەرۋازىسىغا چېگىپ قويۇپتۇ ھەمدە يىپنى چۇۋۇپ، مۇرەككەپ كارىدۇرلارنى بويلاپ سىرلىق ئوردىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپتۇ. ئاخىر، ئۇ مىنو كالىسىنى ئۇچرىتىپتۇ ۋە ئۇنىڭ مۇڭگۇزىدىن چىڭ تۇتۇپ، خەنجەر تىقىپ ئۇنى ئولتۇرۇپتۇ. ئاندىن ئولپانغا ئېلىپ بارغان ئوغۇل - قىزنى باشلاپ، يىپنى بويلاپ سىرلىق ئوردىدىن چىقىپتۇ. مىنو پادىشاھىنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ قوغلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئۇلار دېڭىز بويىدا كىرېت ئارىلىدىكى كېمىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تېنى تېشىۋېتىپ، ئاندىن كېيىن پادىشاھنىڭ قىزى بىلەن كېرىت ئارلىغا كەلگەندە چۈشكەن كېىمىگە يەلكەن چىقىرىپ ۋەتەنگە قايتىپتۇ. ئۇلار بىر نەچچە كۈن سەپەر قىلغاندىن كېيىن ئافناغا يېقىنلىشىپتۇ. بىراق تېرىۇس خوشاللىقىدا قارا يەلكەننى يۆتكەشنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتۇ. دېڭىز بويىدا ساقلاپ تۇرغان پادىشاھ ئېگەي يېقىنلىشىۋاقتان كېمىدە يەنىلا قارا يەلكەن ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغلۇم قازا تېپىپتۇ دەپ قاراپتۇ _ دە، ئۈمىتسزلىك ئىچىدە دېڭىزغا سەكرەپ ئۆلۈۋاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پادىشاھ ئېگەي ئۆزىنىڭ تاشلىغان دېڭىز ئېگەي دېڭىزى دەپ ئاتىلىپتۇ... ئارخولوگ ئەترىدى ئاخر كىرېت ئارىلىنىڭ شىمالدىكى كنوسسوس دېگەن يەرنىڭ ئاستىدىن بۇ سىرلىق ئوردىنى _ مىنوس ئورىسىنى تاپقان! بۇ خان ئوردىسى تققا يۆلەپ سېلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن ئۆي - ئىمارەتتىن تەركىپ تاپقان بىرىكمە گەۋدە ئىكەن. ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 16000 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىكەن. ئوردىنىڭ مەركىزىدە بىر تۆت چاسا ھويلا بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىغا پادىشاھنىڭ تېشى سارىيى، خانىش ياتىغى، دىنىي مەزمۇنغا ئىگە بولغان قوش پالتا شەكلىدىكى ساراي، يەرنىڭ يانتۇلۇقىغا ئاساسەن سېلىنغان بىنا ۋە قازناق، غەزنە قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ھەر قايسى ھەشەمەتلىك بىنالار، كارىدور، دەرۋازا، قوش يوللار، پەلەمپەي قاتارلىقلار كۈرمىڭلىغان ئۆيلەر ئەگرى _ توقاي قۇرۇلمىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ئىكەن. كارىدورلىرى. ساراي _ ئۆيلەر گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ مۇرەككەپ بىناغا كىرگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن ئوڭايلا ئادىشىپ قېلىپ، چىقىشقا يول تاپقىلى بولمايدىكەن. راستنلا ئۇنى سىرلىق ئوردا دېسە بولىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەرنىڭ بەزى مۇرەككەپ قۇرۇلمىلار ۋە ئورۇنلارشتۇرمىلارنى سىرلىق ئوردىغا تەمسىل قىلىدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئارخولوگ ئەترىدى سىرلىق ئوردىنىڭ تاملىرىدىن نۇرغۇن تام رەسىملىرىنى تاپقان. بۇ رەسىملەرگە گەرچە ئۈچ مىڭ نەچچە يىل يۈز يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رەسىملەر ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، خۇددى سەنئەتكارلار ھېلىلا سىزىپ پۈتتۈگەندەك تۇرغان. ئۇزۇن كارىدورغا مەرىكە نامايىشچىلىرىنىڭ رەسىم قۇرۇلمىلىرى چۈشۈرۈلگەن. پادىشاھنىڭ قاش تېشى سارىيى ۋە خانىشنىڭ ياتىقىغا، پادىشاھ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە يىغىلىشقا دائىر رەسىملەر، شۇنىڭدەك تەبىت مەنزىرلىرى چۈشۈرۈلگەن. بۇ رەسىملەردە ئەرلەر ئالتۇن _ كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا _ قۇچا تۇتۇپ تۇرغان. ئاياللار كەڭ جىلتەك تۇتۇلغان ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن، بەزىلىرى ئاق جىلتەك تۇتۇلغان قارا يوپكا كىيىگەن، بۇ رەسىملەر نازۇك، راستتەك قىلىپ سىزىلغان. بىر رەسسىمدە پادىشاھ ئىپادە قىلىنغان. ئۇ بېشىغا پىياز گۈللۈك تاج كىيگەن، بوينىغا بويۇن چەمبىرىگى ئاسقان، قولىغا بىلەيزۇك تاقىغان ھالدا گۈللۈك ئىچىدە مېڭىۋاتقان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، بەلكىم ئۇ گۈل _ گىياھلار بىلەن ئالاقىدار بولغان دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسا كېرەك. بۇلاردىن كىيىنىشلىرى كىرېتچە بولمىغان بىرمۇنچە قۇللارنىڭ ئبرازلىرىمۇ ئۇچرىتىلغان، ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇلار ئولپان تەرىقىسىدە بۇ يەرگە ئەۋەتىلگەن قۇللار بولسا كېرەك. لېكىن ئارخولوگلارنى ئوردىدىكى 2000 دانە سېغىز تاختا تېخىمۇ قىزىقتۇرغان. روشەنكى بۇنداق سېغىز تاختا سېغىز لايدىن ياساپ قۇرۇتۇلغان. ئۇنىڭ شەكلى پالما دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرىغا ئوخشاش ئۇزۇنچاق بولۇپ، ئۇنىڭغا سىزىقچىلاردىن تەركىب تاپقان يېزىقلار ئويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا تامغا، قاچا - قۇچىلارغا ئوخشاش نەرسىلەردىنمۇ ئاشۇنداق يېزىق تېپىلغان. سىزىق شەكىللىك يېزىق دېگەن ئەنە شۇ 1953 - يىلىغا كەلگەندە، ئاندىن بۇ يېقنىڭ بىر قىسمى ئۈستىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، سېغىز تاختايلارغا ئوردا مەنقۇلاتلىرىنىڭ ھېساپ _ كىتاپى خاتىرىلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە پادىشاھنىڭ ھەرقايسى جايلاردىن باج _ سېلىق ئالغانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارمۇ بولغان، ھېساپلاش ئۇسۇلى ئونلۇق سېستىما بويىچە بولغان. يادناملاردىكى نۇرغۇن سۆزلەر قەدىمقى يۇناندا قوللىنىلغان سۆزلەردىن ئاز تولا پەرقلەنگەن. بۇنىڭدىن كىرېت ئارىلى مەدىنىيىتىنىڭ قەدىمقى يۇنان مەدىنىيىتى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئارخولوگ ئەترىدى سىرلىق ئوردىنى چورىدەپ قېزىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە بەزى سارايلارنىڭ ئالاھىدە ياسالغان لەخمىلەر ئارقىلىق سىرلىق ئوردىغا تۇتاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان. ئارخولوگ ئەترىدى سىرلىق ئوردىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن بىر ھەشەمەتلىك تۇرار جاي قېزىپ چىققان، ئۇنىڭدا ئىسسىق _ سوغاق سۇ تورۇبىلىرى تەل سەرراپ بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ يەر ئاستى ئۆيىدىن كۆك مىستىن ياسالغان دەم بىلەن تاقالغان گەمە ۋە ئامبار تېپىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كاتتا تۇرار جاينىڭ يانلىرىدىن يەنە نۇرغۇنلىغان ئاددى كىچىك ئۆيلەر ۋە ساتما ئۆيلەر تېپىلغان، بۇلارنىڭ نامراتلار ياكى قۇللارنىڭ تۇرار جايى ئىكەنلىكى ئېنىق. يەر ئاستىدىكى سىرلىق ئوردىنىڭ سىرىنىڭ يېشىلىشى كىشىلەرنى مىلادىدىن ئىلگىرى 15 - ئەسىرنىڭ ئالدى _ كەينىدىكى ئېگەي رايونىدىكى كىرېت مەدىنىيىتىنىڭ يۈكسەك مۇۋەپەقىيەتلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ