UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭسەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشى

سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشى

بەش مىڭ يىل جۇڭگو بوخەي قولتۇقىنىڭ غەربىدىكى خەيخې دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدا داگۇ ناملىق بىر پوتەي بار ئىدى. ئۇ تيەنجىندىن پەقەت 50 - 60 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىننى قوغداشتا دېڭىز تەرەپتىكى دەرۋازا ھېسابلىناتتى. ئۇ يەرگە نۇرغۇنلىغان زەمبىرەك ۋە جۇڭگونىڭ 1000 دىن كۆپرەك ئوفىتسېر - جەڭچىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. 1900 - يىل 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچقۇرۇن سائەت سەككىزدە، چەت ئەللىك ئىككى ئوفىتسېر بۇ پوتەيگە كېلىپ، پوتەينى ساقلىغۇچى ئوفىتسېر لو رۇڭگۇاڭ بىلەن دەرھال كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. لو رۇڭگۇاڭ ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىدە يامان غەرەز بارلىقىنى بىلىپ، قول ئاستىدىكىلەرگە دەرھال قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جېكىلىدى. ھېلىقى ئىككى چەت ئەللىك، ئوفىتسېر لو رۇڭگۇاڭنى كۆرۈپلا: - بىز روسىيە، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سىزگە ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرىمىز: ئەتە ئەتىگەن سائەت ئىككىدە، سىلەر پوتەينى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار، ئۇنى بىز ئىگىلەيمىز! - دېدى ئۇ ئولتىماتۇمنى لورۇڭگۇاڭغا تاپشۇردى، - شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، بۇنى روسىيە، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىرى بىرلىشىپ سىزگە يوللىدى. بۇ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمغا لورۇڭگۇاڭ ھەيران قالمىدى. يېقىندىن بۇيان، بۇ بىر نەچچە دۆلەت >ئەلچىخانىلارنى مۇھاپىزەت قىلىمىز< دېگەن نام بىلەن بىر مۇنچە قوشۇنلارنى بېيجىڭغا ئەۋەتكەنىدى؛ بۇنىڭدىن بەش كۈن ئىلگىرى، 1800 كىشىلىك بىر بىرلەشمە قوشۇن بۇ يەردىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تىيەنجىندىن پويىز بىلەن بېيجىڭغا بېسىپ كىرگەنىدى، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ پوتەينى ئىگىلىمەكچى بولۇشى، جەزمەن چوڭ چاتاق چىقىرىشتىن دېرەك بېرەتتى. لوزۇڭگۇاڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمنى كۆرۈپ بولۇپ، تەمكىنلىك بىلەن: - پوتەينى نېمىشقا سىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز؟ - مۇشۇنىمۇ بىلمەي يۈرەمسىز، تېخى؟ ھۆكۈمىتىڭىز يىخېتۇەننى كۈشكۈرتۈپ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىندار، سودىگەرلىرىنى خالىغانچە ئۆلتۈردى، بۇنىڭ ھەر قايسى ئەل قوشۇنلىرىنىڭ مۇھاجىرلارنى قوغداپ، مەملىكىتىڭلارنىڭ يىخېتۇەننى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تيەنجىندىن بېيجىڭغا بارىدىغان يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك، شۇڭا پوتىيىڭلارنى ئارىيەتكە بېرىشىڭلارنى سورايمىز! - ئەگەر بەرمىسەكچۇ؟ بەرمىسەڭ؟ ھا - ھا - ھا...، ئاۋۇ يەردە 30 نەچچە ھەربىي پاراخوتتىكى زەمبىرەك سىلەرگە بەتلىنىپ بولدى، ناۋادا پوتەينى ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىكەنسىز، بىز ئۇنى كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتىمىز! - داگۇ پوتىيى - جۇڭگونىڭ مۇقەددەس زېمىنى، - دېدى لورۇڭگۇاڭ ئورنىدىن تۇرۇپ جىددىيلىك بىلەن، - مەن بۇيرۇققا بىنائەن ساقلايمەنكى، ھېچقانداق چەت ئەللىككە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمەن! بىز بارلىق ئوفىتسېر - جەڭچىلەر پوتەي بىلەن ھايات - ماماتتا بىللە بولىمىز! >ماگۇەن شەرتنامىسى< ئىمزالانغاندىن كېيىن، جاھانگىر مۇشتۇمزورلارنىڭ جۇڭگو خەلقى ئۈستىدىكى زۇلمى چېكىگە يەتكەنىدى. دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر، ترانسىپورت ئىشچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھاياتى تېخىمۇ پاجىئەلىك ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇلار تەشكىللىنىپ چامباشچىلىقنى مەشىق قىلىپ، ھەممىلا يەردە ماھارەت سورۇنلىرىنى قۇرۇپ، >يىخېتۇەن< دەپ ئاتىغان ھەمدە >ئەجنەبىيلەرنى يوقىتىپ، ئىپلاس ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرەيلى!< دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغان، دەسلىپىدە، چىڭ ھۆكۈمىتى باستۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىدە يىخېتۇەن يوقىتىلمايلا قالماستىن، بەلكى بارغانسېرى زورايغان. كېيىنچە، بېيجىڭ، تيەنجىننىڭ ھەممىلا يېرىنى يىخېتۇەن كۈچلىرى قاپلاپ كەتكەن ھەمدە ئۇلار، >ئەجنەبىيلەرنى يوقىتىش< ھەرىكىتىنى قوزغىۋەتكەن. ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان بەزى ئەمەلدارلارمۇ يىخېتۇەن تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. ھازىر تاجاۋۇزچىلارقوشۇنىنىڭ يىخېتۇەننى يوقىتىشنى باھانە قىلىپ داگۇ پوتىيىنى ئىشغال قىلىشى، ئەمەلىيەتتە جۇڭگوغا كەڭ تۈردە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن بولغاچقا، لورۇڭگۇاڭ قەتئىي رەت قىلدى. ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشماي تۇرۇپلا، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى ھۇجۇمنى باشلىۋەتتى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 11 دە، دەريا ئېغىزى سىرتىدىكى ھەربىي پاراخوتلار پوتەينى توپقا تۇتۇشقا باشلىدى. لورۇڭگۇاڭ ئاللىقاچان تەييارلىق قىلىپ قويغاچقا، شۇ ھامانلا زەمبىرەك بىلەن قايتۇما زەربە بېرىشكە بۇيرۇق بەردى. گۈمبۈرلىگەن زەمبىرەك ئاۋازى ئەتراپتىكى يىخېتۇەن ئاممىسىنى ئويغاتتى، كۆپچىلىك بىرلىكتە كېلىپ جەڭگە ياردەملەشتى. ئالتە سائەتتىن كۆپرەك جىددىي جەڭ ئارقىلىق، پوتەيدىكى ھەربىي ۋە خەلق دۈشمەن پاراخوتلىرىدىن ئالتىنى سۇغا چۆكتۈردى ۋە زەخىملەندۈردى. دۈشمەن ئەسكەرلىرىدىن 200 دىن ئارتۇقنى يارىدار قىلدى. ئەمما دۈشمەن كۆپ، بىز تەرەپتىكى ئادەم ئاز بولغاچقا، ئارمىيە ۋە خەلقىمىزدىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى قۇربان بولۇپ، داگۇ ئېغىزىدىكى پوتەيمۇ قولدىن كەتتى. شۇ كۈنى ھەربىي ئىشلار باش ۋەزىرى رۇڭ لۇيشى تەيخۇ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. >ئۇلۇغ ئىلاھىي ئانىمىزغا مەلۇم بولسۇنكى، ئەجبەبىيلەر تەلۋىلىك قىلىپ، تەپ تارتماستىن، ئۇلۇغ ئىلاھىي ئانىمىزدىن ھوقۇقنى پادىشاھى ئالەمگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!< ئەسلىدە، شۇ چاغدىكى گۇاڭشۇ پادىشاھى شى تەيخۇ تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان بولۇپ، شى تەيخۇ يەنە بىر مەرتىۋە ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىپ، ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى تەنھا ئىگىلىۋالغانىدى. ئۇ گۇاڭشۇ پادىشاھنى ئاشكارا بىكار قىلىپ، باشقىدىن شاھزادە تۇرغۇزماقچى بولغان، بۇ ھەرىكەتلەر چەت ئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانىدى. ھازىر ئەجنەبىيلەرنىڭ ئۇنى گۇاڭشۇ پادىشاھقا ئىتائەت قىلدۇرماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، شى تەيخۇ دەرغەزەپكە كەلدى. - ئەمدى بۇ ئەجنەبىيلەر بوزەك قىلمىغان مەن قاپتىمەنمۇ؟ بۇ تازىمۇ ئۇچىغا چىققان زەھەرخەندىلىك - دە! مۇشۇنداق تۇرغاندىن كۆرە، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، نوچىلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويغان ئەلا! شى تەيخۇ ئۇدا نەچچە كۈن تەييارلىق يىغىنى ئېچىپ، ئۇرۇش باشلاش توغرىسىدىكى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى. ۋەزىرلەرنىڭ بەزىلىرى >ئۇرۇش قىلماي بولمايدۇ<، - دېسە، بەزىلىرى >ماجىرا چىقارماسلىق كېرەك<، - دېدى. شۇ ئەسنادا، ئەجنەبىيلەرنىڭ داگۇ ئېغىزىنى بېسىۋالغان خەۋىرى يېتىپ كەلدى. شى تەيخۇ دەرغەزەپ بىلەن ھەممىنى بىر قېتىمدىلا دوغا تىكىپ، يىخېتۇەننىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، سەككىز دۆلەت بىلەن بىر چاغدا ئۇرۇشماقچى بولدى. 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چىڭ ھۆكۈمىتى پادىشاھنىڭ نامىدا يارلىق چىقىرىپ، روسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيىدىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتكە >ئۇرۇش ئېلان قىلدى< ئارقىدىنلا، ساختىپەزلىك بىلەن يىخېتۇەننى >ھەققانىي خەلق< دەپ، ئۇلارغا ئاشلىق ۋە كۈمۈش تارقىتىپ بەردى ھەمدە چوڭ ئارمىيىگە يىخېتۇەنگە ياردەملىشىپ، چەت ئەللەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. يەنە كېلىپ بىرلەشمە ئارمىيە داگۇئېغىزىنى بېسىۋالغاندىن كېيىنلا تىيەنجىنگە قاراپ كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلىدى. روسىيىنىڭ 2000 دىن كۆپرەك تاجاۋۇزچى ئەسكىرى تيەنجىندىكى لاۋلۇڭتۇ پويىز ئىستانىسىسىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇندى. يىخېتۇەننىڭ باشلىقى ساۋفۇتيەن ئىستانسىسىنىڭ يېنىدا تەييارلىق كۆرۈپ بولغانىدى. تاجاۋۇزچىلار ئىستانسىسىغا كىرگەن ھامان يىخېتۇەن جەڭچىلىرى قولىغا قېلىچ ئېلىپ، دەرھال دۈشمەنگە زەربە بەردى. ئەتراپ بەكمۇ قاراڭغۇ ھەمدە ئارىلىق يېقىن بولغاچقا، تاجاۋۇزچىلارنىڭ مىلتىق، زەمبىرەكلىرى كارغا كەلمىدى. جەڭچىلەر باتۇرلۇق بىلەن قىلىچ ئۇردى، ئون نەچچە سائەتلىك شىددەتلىك جەڭ ئارقىلىق 500 دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى، دۈشمەن رەسۋا بولۇپ تىكىۋەتتى. يېقىن ئەتراپتىكى پۇقرالار شاد - خۇراملىق بىلەن >غالىبىيەت نېنى< ۋە ماش شورپىسى ئەكىلىپ، يىخېتۇەننىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا يىخېتۇەن تيەنجىندىكى چەت ئەللىكلەر تەۋەلىكىدىكى بامبۇكزارلىققا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. بىر بۆلەك چىڭ ئەسكەرلىرىمۇ يىخېتۇەننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى ئاستىدا، كۈرۈشكە قاتناشتى. ئۇزاق ئۆتمەي، يىخېتۇەنچىلەرنىڭ يەنە بىر باشلىقى جاڭ دېچېڭ 5000كىشىنى باشلاپ، تيەنجىنگە يېتىپ بېرىپ، بامبۇكزارلىققا بىرلىكتە ھۇجۇم قىلدى. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كېچىدە، جاڭ دېچېڭ ئۆزى قىلىچ ئوينىتىپ يىخېتۇەن جەڭچىلىرىنى باشلاپ، تەۋەلىك جايدىكى تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدى. بەش سائەتتىن كۆپرەك شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئەنگلىيە، فرانسىيە تەۋەلىكىنىڭ سىرت بىلەن تۇتاش يېرىگىچە بۆسۈپ كىردى. ئەمما، كۈتۈلمىگەن بىر ئەھۋال جەڭنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى ھەممە يەرگە مىنا كۆمۈۋەتكەچكە، جەڭچىلەر ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ناھايىتى كۆپلەپ قۇربان بولۇپ كەتتى. جاڭ دېچېڭ باتۇر ھەم ئەقىل - پاراسەتلىك ئادەم بولغاچقا، شۇ زامانلا: - دەرھال يۇرتداشلار قېشىغا بېرىپ كالا يېتىلەپ كېلىڭلار، مىنانى كالا جايلىسۇن، - دەپ بۇيرۇدى. جەڭچىلەر شۇ ھامان بىر نەچچە ئون كالىنى يېتىلەپ كەلدى. جاڭ دېچېڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ، جەڭچىلەر بىر توپ كالىنى مىنا كۆمۈلگەن جايلارغا ھەيدىدى. >گۈمبۈر - گۇمباڭ! گۈمبۈر - گۇمباڭ!< قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر يۈرۈش مىنا ئارقا - ئارقىدىن پارتلىدى. ھايت - ھۇيت دېگۈچە دۈشمەن كۆمىگەن مىنانىڭ ھەممىسى پارتلاپ تۈگىدى. جەڭچىلەر بۇ ئوڭۇشلۇق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بازىغا بۆسۈپ كىرىپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ جاجىسىنى بەردى. يىخېتۇەن غەلىبىلىك ھۇجۇم قىلغاندا، چىڭ ھۆكۈمىتى ئارقىدا تۇرۇپ يىخېتۇەننى ساتتى. >ئۇرۇش ئېلان قىلىپ< تۆت كۈندىن كېيىن، شۇ تەيخۇ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانلارنى قورشاشنى توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى؛ سەككىز كۈندىن كېيىن، جاھانگىر دۆلەتلەردىن ئەپۇ سورىدى. ئۇ يەنە ئالدىراپ - تېنەپ گۇاڭدۇڭ - گۇاڭشىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن لى خۇڭجاڭنى بىۋاستە قاراشلىق جايلارنىڭ ۋالىيلىقىغا، قوشۇمچە شىمالىي تەرەپ ۋەزىرلىكىگە يۆتكەپ، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىغا تەسلىم بولماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن تيەنجىندىكى چىڭ قوشۇنلىرى يىخېتۇەننى توپقا تۇتتى. كېيىنچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىيەنجىندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. بۇ تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى ئۈچۈن چوڭ ياردەم بولدى. تاجاۋۇزچىلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تىيەنجىننى كونترول قىلىۋالدى. تىيەنجىننىڭ قولدىن كەتكەنلىك خەۋىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، شى تەيخۇ ئالاقزادە بولۇپ كېتىپ، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ ھەر قايسى ئەللەر بىلەن سۈلھ قىلدى. ئۇ يەنە ئادەم ئەۋەتىپ قورشاۋدىكى ئەلچىخانىلارغا تاۋۇز، كۆكتات، مۇز، ئۇن قاتارلىق ئەشيالارنى ئەۋەتىپ، قۇللارچە باش ئېگىپ ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئەمما، تاجاۋۇزچىلار پىسەنتكە ئالماي، ئۇرۇشنى كېڭەيتىۋەردى. 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن 20 مىڭ كىشى تيەنجىندىن قانالىنىڭ ئىككى ياقىسى بىلەن بېيجىڭغا يۈرۈش قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە، يىخېتۇەن بىلەن چىڭ ئەسكەرلىرى بېيساڭدا بىرلەشمە ئارمىيىگە زەربە بېرىپ، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىدىن 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى. 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى بېيجىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىغا ئاران يېتىپ كەلدى. 2 - كۈنى بىرلەشمە ئارمىيە ئاخىرى بېيجىڭنى باستۇرۇۋالدى. بىرلەشمە ئارمىيە بېيجىڭنى باستۇرۇۋالغان كۈنى ئەتىگەندە، شى تەيخۇ پۇقراچە كىيىنىپ، گۇاڭشۈ پادىشاھ بىلەن ئىشەنچلىك ۋەزىرلەرنى ئېلىپ بېيجىڭدىن ئالمان - تالمان قېچىپ چىقىپ كەتتى. قېچىپ كېتىۋېتىپ چىڭ قوشۇنلىرىغا يىخېتۇەننى قويماي قىرىپ تاشلاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن يىخېتۇەننى باستۇرۇشقا ياردەملىشىشنى شەرمەندىلەرچە تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ يىخېتۇەن ھەرىكىتى ئىچكى - تاشقى ئەكسىيەتچى كۈچلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى، پۇقرالارنى مىسلىسىز بالايى - ئاپەتكە ئۇچراتتى. ئۇلار باسقۇنچىلىق، ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك قىلمىغان ئەسكىلىكلەر قالمىدى. يىخېتۇەن >چامباشچىلىق مەيدانى< قۇرغانلىكى جاينى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىۋەتى. تاجاۋۇزچىلارنىڭ بىر قوشۇنى جۇڭگولۇقلارنى بىر خالتا كوچىغا ھەيدەپ كىرىپ، پىلىموت بىلەن ئون مىنۇتچە ئوققا تۇتۇپ، نەق مەيداندىلا ھەممىنى قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار بۇلاپ كەلگەن ئاياللارنى بىر خالتا كوچىغا قاپلاپ، ئەسكەرلىرىنى خورلاشقا بۇيرۇدى؛ نۇرغۇن ئاياللار چىداپ تۇرالماي، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. بىرلەشمە ئارمىيە قوماندانلىق شتابى تاجاۋۇزچىلارغا ئۈچ كۈنگىچە ئاشكارا بۇلاڭچىلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى تاكى بېيجىڭدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكۈچە بۇلاڭچىلىق قىلدۇردى. ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىندارلىرى ۋە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلومات ىادىملىرىمۇ بۇلاڭچىلىققا قاتناشتى. ئەنگلىيە قوشۇنىدىكىلەر كوللېكتىپ بۇلاپ، زاڭ ماللارنى بازاردا ئاشكارا ساتتى ۋە مەنسەپ دەرىجىسىگە قاراپ بۆلۈشۈۋالدى؛ ياپونىيە قوشۇنىدىكىلەر بىر يامۇل مەھكىمىسىنىڭ ئىسكىلاتىدىن كۆپلىگەن كۈمۈشلەرنى بولۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ مەھكىمىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يوشۇردى؛ روسىيە قوشۇنىدىكىلەر ئوردىغا باستۇرۇپ كىرىپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى بۇلاپ كەتتى. يۆتكىيەلمىگەن ۋە ئېلىپ ماڭالىمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى چېقىپ يەنجىۋەتتى؛ ئامېرىكا قوشۇنىدىكىلەر كەڭلىكى ئون مېتىر، ئېگىزلىكى بىر مېتىر كېلىدىغان >كۈمۈش دۆۋىسى< بولغۇدەك يامبۇنى بىر ئەتىگەندىلا بۇلاپ چىقىپ كەتتى. جاھانغا مەشھۇر بولغان جۇڭگو قەدىمقى مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنىڭ بىر مۇنچىسى جاھانگىر مۇشتۇمزورلار تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلدى. 1900 - يىل 8 - ئايدا، شى تەيخۇ لى خۇڭجاڭنى يەنە بىر قېتىم تولۇق ھوقۇقلۇق سۈلھ ۋەزىرى قىلىپ ئەۋەتىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىگە تېز پۈكۈپ تەسلىم بولدى. شۇ يىلى 12 - ئايدا، بېيجىڭ تاشقى ئىشلار ئۆمىكى >سۈلھ پروگراممىسى< نى لى خۇڭجاڭغا تاپشۇرۇپ، بىر سۆزىنىمۇ ئۆزگەرتمەسلىككە مۇراجىئەت قىلدى. شى تەيخۇ جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەددىدىن زىيادە خۇشال بولۇپ كېتىپ، دەرھال ھەممە شەرتلىرىگە ماقۇل بولدى. 1901 - يىل )كونا يىلنامە بويىچە شىنچۇ يىلى( 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، چىڭچىن پادىشاھى لۇەن كۇاڭ بىلەن لى خۇڭجاڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن روسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، ۋەتەنگە ھاقارات كەلتۈرىدىغان >شىنچۇ شەرتنامىسى< نى ئىمزالىدى. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: چىڭ ھۆكۈمىتى 450 مىليون سەر كۈمۈشنى 39 يىلدا تۆلەپ بولىدۇ؛ چىڭ ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ چەت ئەللىك تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشنى قاتتىق مەنئىي قىلىدۇ؛ داگۇ پوتىيىنى چېقىپ تاشلاپ، جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدىن شەنخەيگۇەنگىچە بولغان تۆمۈر يول بويىدىكى مۇھىم رايونلارغا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ بېيجىڭنىڭ شەرقىي چېگرىسىدىكى ئاۋام كوچىلىرىنى >ئەلچىخانىلار تەۋەلكى قىلىپ بۆلۈپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا يول قويماي، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئەسكەر توختىتىپ قوغدىشىغا يول قويىدۇ< قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو پۈتۈنلەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ