ھوس يېڭى
بەش مىڭ يىل
يېرىم كېچە، قارا بوران چىقىپ، يامغۇر چىلەكلەپ قۇيغاندەك يىغىۋاتاتتى. چىخنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بىر چوڭ يولدا زور قوشۇن شىددەت بىلەن يۈرۈش قىلىۋاتاتتى.
يۈزلىگەن ھارۋىلار قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭماقتا. ھەر بىر ھارۋىغا قېتىلغان ئىككى جۈپ ئاتقان بىر ئات يېتىلىگۈچى ئەسكەر مەسئۇل بولۇپ، بىر ئاتقا مىنگەن ھالدا ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. يەتتە - سەككىز پىيادە ئەسكەر ھارۋىغا يېقىن ئەگىشىپ ماڭغان ئىدى. ھارۋىغا تاختايدىن پەس قىلىپ فوڭ ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قوغدىنىش توساقلىرى بار ئىدى، ئەسكەرلەر چىقىپ - چۈشۈش ئۈچۈن بىر تەرىپىدىكى توساقنى ئېلىۋەتسە بولاتتى. ھارۋىغا يەنە يېنىك توپ، پىلتىلىق مىلتىق ۋە باشقا قوراللار، ئوزۇق - تۈلۈك قاتارلىق ئەشيالار قاچىلانغان ئىدى. ھارۋىلارنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى قارىغايلارنىڭ بوراندا چىقارغان شاۋقۇنىغا قوشۇلۇپ، كىشىگە ۋەھىمە سالاتتى!
يامغۇر بارغانسېرى قاتتىق ياغقانلىقتىن، قوشۇننىڭ سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلىدى.
- جارچى! - بىر ھارۋىدىن بىر قېرىنىڭ زەئىپ بۇيرۇق ئاۋازى ئاڭلاندى.
- بار، - ئۈستىۋېشى چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن بىر ئەسكەر دەرھال ھارۋىنىڭ قېشىغا ھازىر بولدى.
- بۇيرۇقۇمنى يەتكۈز! قوشۇن تولۇق سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىسۇن، مەيلى قانداق بولمىسۇن تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى گودېنبورگقا يېتىپ بېرىش كېرەك! خىلاپلىق قىلغۇچىلار ھەربى ئىنتىزام بويىچە جازالىنىدۇ، ھەرگىز رەھىم قىلىنمايدۇ!
بۇ بۇيرۇقنى 60 ياشلار چامىسىدىكى بىر بوۋاي چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇ ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ، ئورا كۆز، چاڭگا ساقال بوۋاي ئىدى. ئۇ ھوس تەرەپدارلىرى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى جون زىزكا بولۇپ، پاپا ۋە گېرمانىيە پادىشاھنىڭ جازا قوشۇنىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، قوشۇن باشلاپ غەبكە قاراپ يۈرۈش قىلىپ گودېنبورگقا كېتىۋاتاتتى.
دەل مانا مۇشۇ چاغدا، گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىن يەنى غەرپتىن شەققە قاراپ ئىلگىرىلەپ گودېنبورگقا يۈرۈش قىلىۋاتاتتى. گودېنبورگ چىخ پايتەختى پىراگانىڭ شەرق تەرىپىدىكى مۇھىم بازار ئىدى. گېرمانىيە پادىشاھى ئۇنى قولغا چۈشۈرسە پايتەختكە ھۇجۇم قىلىپ، ھوس تەرەپدارلىرىنى يوقىتىشقا ئەپلىك بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
بۇ گېرمانىيە پادىشاھى سىگىز موندنىڭ 2 - قېتىم ئەھلى سەلىپنى باشلاپ ھوس تەرەپدارلىرىغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشى ئىدى. 1415 - يىلى ئىيۇلدا، ئۇ پاپا بىلەن بىرلىكتە ھوسنى ئۆلتۈرگەندىن بۇيان، چىخنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلار پەيدا بولدى. 1419 - يىلى ئىيولدا، كەڭ كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى ھوسنىڭ ئىسلاھات تۇغى ئاستىدا پارتىلىدى. پايتەخت، پىراگا ھوس تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن تىزگىنلەندى. زور تۈركۈمدىكى گېرمانىيە دىن تارقاتقۇچىلىرى قوغلاپ چىقىرىلدى، چىخ پادىشاھى قورقۇنچ ئىچىدە ئۆلدى، پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ ئۇكىسى، يەنى گېرمانىيە پادىشاھى قوشۇمچە ئۆتىدى. گېرمانىيە پادىشاھى، ھوس تەرەپدارلىرىنىڭ چىخ پايتەختىنى ئىگەللەپ تۇرۇشىغا ئەلۋەتتە يول قويمايتتى. شۇڭا، 2 - يىلى يازدا نەچچە يۈز مىڭ كىشلىك قوشۇن باشلاپ كېلىپ پىراگاغا ھۇجۇم قىلدى. لېكىن زىزكانىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. گېرمانىيە پادىشاھى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، بىر يىل تەييارلىق قىلىپ 2 - قېتىم ئۆزى بىۋاستە قوشۇن باشلاپ يۈرۈش قىلدى.
بىر كېچە جىددى يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق، زىزكا ئاخىرى ئالدى بىلەن گودېنبورگقا يېتىپ كەلدى. بۇ جاينىڭ يەر شارائىتى ئۇنىڭغا ئىنتايىن تونۇشلۇق بولغانلىقتىن، ئۇ قىسىمنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ئېگىزلىكىنى دەرھال ئىگەللىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھارۋىلارنى ئېگىزلىككە يېقىن دالاغا توختىتىپ قويۇشقا بۇيرۇدى. بىردەمدىلا ئەسكەرلەر زەنجىر بىلەن ھارۋىلارنى باغلاپ، يۇمۇلاق بازا ھاسىل قىلدى. ئاتلار ھارۋا بىلەن ياسالغان چەمبىرەك ئىچىگە توختتىپ قويۇلدى ھەمدە ئۇ يەرگە يېنىك توپلارنى قۇرۇپ قويدى؛ ھارۋىلارنىڭ دۈشمەنگە قارىتىلغان تەرىپىدىكى ئېگىز تاختىلار قالدۇرۇلۇپ، ئۆز تەرىپىدىكى قوغدىنىش تاختىلىرى ئېلىپ تاشلاندى. بۇنىڭ بىلەن سۇپىغا چىقىدىغان ئىشىك ھاسىل بولدى. ھەممىسى تەق قىلىپ قويۇلغاندىن كېيىن، زىزكا لاگىر ئەتراپىغا خەندەك كولاشقا بۇيرۇق قىلدى.
ئاشۇ كۈنى چۈشتىن ئۆتكەندە، گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى گودېنبورگقا يېتىپ كەلدى. ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، راسا تالان - تاراج قىلغاندىن كېيىن، زىزكا بازىسىغا شىددەت بىلەن بۆسۈپ كەلدى.
گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى ئالدى بىلەن خەندەكنىڭ توسقۇنلۇقىغا دۇچكەلدى، بىر قىسىم ئاتلىق ئەسكەرلەر خەندەككە يىقىلدى. ئۇلار قايتا تەشكىللىنىپ ھۇجۇم قىلغان چاغدا زىزكانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تېزلىكتە زەنجىرلەرنى تۇرغۇزدى. ئاتلىق ئەسكەرلەر جەڭ ھارۋىسىنىڭ چۆرىسىدە چۆگىلەپ يۈردى. گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى، دۈشمەننىڭ مۇداپىئەسى بۆسۈپ تاشلاندى، دەپ ھېسابلاپ، بىراقلا ئالغا قاراپ ئاتاكا قىلدى.
ئۇشتۇمتۇت سىگنال چېلىنىشى بىلەن تەڭ، نۇرغۇن يۇمۇلاق دائىرىلەر شەكىللىنىپ زەنجىرلەر قايتا باغلاندى، بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى مۇھاسىر ئىچىگە قامىلىپ قالدى. بۇ چاغدا ئوتتۇرىدىكى بىر قىسىم پىيادە ئەسكەرلەر بىر قولىغا قالقان، بىر قولىغا ئىلمەكلەرنى ئېلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ئاتتىن يىقىتتى؛ بىر قىسىم پىيادە ئەسكەرلەر دەرھال قىلىچ بىلەن چېپىشقا باشلىدى. زىزكانىڭ ئەسكەرلىرى ھارۋىدىكى ياغاچلارنىڭ ھىمايىسى بىلەن پىلتىلىق مىلتىق، ئۇزۇن نەيزە، پالتا قاتارلىق قوراللار بىلەن دۈشمەننىڭ كۆپلىگەن ئادىمىنى ئۆلتۈردى ھەم يارىدار قىلدى. گېرمانىيىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى ھېچقانداق مۇھاپىزەتكە ۋە ياردەمگە ئىگە بولالمىغاچقا، ھارۋىلارنىڭ مۇھاسىرىسىدە ئالاقىزادە بولۇپ كەتتى، بەزىلىرى چېپىپ ئۆلتۈرۈلدى، بەزىلىرى ئات تۇياقلىرى ئاستىدا دەسسىلىپ ئۆلدى.
ھارۋا ئىستىھكامىغا قامىلىپ قالغان گېرمانىيە ئەسكەرلىرى مالىمانچىلىقتا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى. تۇيۇقسىز يەنە بىر سىگنال چېلىنىش بىلەن تەڭ، زىزكانىڭ يىراقتا تۇرغان ئاتلىق ئەسكەرلىرى باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ ھارۋىلارنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن جايىدىن يول ئېچىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى يوقاتقان زىزكانىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى پەيدا بولدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ھارۋا ئىستىھكامىنىڭ سىرتىدىكى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنى يوقاتتى.
گېرمانىيە قوشۇنلىرى جانلىق يوقىتىلغاندىن كېيىن، زىزكا چېكىنىشكە بۇيرۇق بەردى. گېرمانىيىنىڭ دۆلەت پادىشاھى ئۇلارنى قاچى دەپ ئويلاپ، ئاتلىق ئەسكەرلەرگە قوغلاش توغرىسىدا قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇلار كۈتۈلمىگەن يەردە زىزكا ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان ھارۋا مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالدى. ئەسكەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆلدى ھەم يارىلاندى. ئارقىدىنلا زىزكا قوشۇنى گودېنبورگقا جەم بولدى. گېرمانىيە پادىشاھى شەھەرنى كۆيدۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، قوشۇنلىرىنى باشلاپ شەرمەندىلەرچە قاچتى. 2 - قېتىملىق جازا يۈرۈشى ئەنە شۇنداق رەسۋاسى چىققان ھالدا ئاياقلاشتى.
1424 - يىلىدىن 1433 - يىلى يازغىچە بولغان توققۇز يىل ئىچىدە، گېرمانىيە پادىشاھى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئەھلى سەلىپ تەشكىللەپ تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھوس تەرەپدارلىرى ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.
شۇندىن كېيىن گېرمانىيە پادىشاھى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ھوس تەرەپدارلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تۇراقسىز ئۇنسۇرلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. ئەسلىدە ئۇ چاغلاردىكى ھوس تەرەپدارلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمى ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنگەن ئىدى: ئۇلارنىڭ بىرى، دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر ۋە باشقا تۆۋەن قاتلام خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان تابور مەزھىپى بولۇپ )ئۇلارنىڭ پائالىيەت مەركىزى تابور رايونىدا بولغاچقا، تابور مەزھىپى دەپ ئاتالغان(، رادىكاللار ھېسابلىناتتى، ئۇلار فېئوداللىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىمتىيازلىق تەبىقە بولمىغان ئەركىن دىنىي جەمئىيەت كوممۇنىسى ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. زىزكا مۇشۇ مەزھەپنىڭ مەشھۇر رەھبىرى ئىدى. يەنە بىرى، ئوتتۇرا، كىچىك فېئوداللار ھەم شەھەردىكى ئوتتۇرا تەبىقىغە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇقەددەس جامچىلار مەزھىپى ئىدى )ئۇلار ئاددى مۇرىتلارنىڭمۇ دىن تارقاتقۇچىلارغا ئوخشاش >پەيغەمبەر غىزاسى< يىگەندە مۇقەددەس جام بىلەن ھاراق ئېچىشكە ھوقۇقلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلغاچقا مۇقەددەس جامچىلار دەپ ئاتىلاتتى(، دەسلىپىدە، ئۇلار تابور مەزھىپى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، بىرلىكتە گېرمانىيە پادىشاھىغا قارشى تۇردى، لېكىن زىزكا ئارمىيىسى گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم مەنپەئەتى قاندۇرۇلدى، شۇڭا ئۇلار بىلەن تابور مەزھىپى ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. 1433 - يىلى قىشتا گېرمانىيىدە چاقىرىلغان بىر قېتىملىق دىنىي يىغىن، مۇقەددەس جامچىلار مەزھپىدىن ئۇرۇشتا دىنىي جەمئىيەتلەردىن ئولجا ئالغان مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇۋالماسلىقنى، >پەيغەمبەر غىزاسى< يىگەندە ئاددى مۇرىتلارنىڭمۇ >مۇقەددەس جام< بىلەن مەي ئىچىشىنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس جامچىلار ئاشكارا ھالدا گېرمانىيە پادىشاھى تەرەپكە ئۆتتى. ئۇزاق ئۆتمەي، گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ ماددى ياردىمى بىلەن مۇقەددەس جامچىلارنىڭ قوشۇنلىرى تابور مەزھىپىنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
ئۇرۇش 1434 - يىلى ماينىڭ ئاخىرلىرىدا پىراگانىڭ شەرق تەرىپىگە ئانچە يىراق بولمىغان لىپاندا يۈز بەردى. بۇ چاغدا زىزكا، كېسەل بىلەن ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ پروكوپ، تابور ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلدى. ئۇمۇ قەھرىمان ھەم ئۇرۇشتا ماھىر قوماندان بولۇپ، گېرمانىيە پادىشاھى تەشكىللىگەن 4 -، 5 - قېتىملىق جازا يۈرۈشىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى.
چوڭ پروكوپ ئۆز قوشۇنلىرىنى بىر ئېگىزلىككە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭ بازىسى ناھايىتى مۇۋاپىق تاللىنىپ، ھارۋا بىلەن ياسالغان مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى تۆپىلىككە جايلاشتۇرۇلدى. مۇقەددەس جامچىلار مەزھىپىنىڭ قوشۇنلىرى ئويمان جايدا قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ توپ - زەمبىرەكلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئەسكىرىي كۈچى قارشى تەرەپكە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاز ئىدى. مۇقەددەس جامچىلار مەزھىپىنىڭ قوشۇنىدا 25 مىڭ كىشلىك پىيادە ئەسكەر، نەچچە مىڭ كىشلىك ئاتلىق ئەسكەر ھەم 660 دانە ھارۋا بار ئىدى. بىراق چوڭ پروكوپنىڭ پەقەت 10 مىڭ كىشلىك پىيادە ئەسكىرى، 800 كىشلىك ئاتلىق ئەسكىرى ھەم 360 ھارۋىسىلا بار ئىدى.
ئىككى تەرەپ ئۈچ كۈن خىرىس قىلىپ تۇرۇشتى، لېكىن ھېچقايسىسى ھەركەت قوللانمىدى. 30 - ماي كۈنى تاڭ سەھەر سائەت ئۈچتە، مۇقەددەس جامچىلار مەزھىپى ئاخىرى ھۇجۇمغا ئۆتتى.
مۇقەددەس جامچىلار مەزھىپى، ھارۋا ئىستىھكامى تاكتىكىسىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى تولۇق بىلەتتى. ئۇلارنىڭ پىلانى قارشى تەرەپنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنى ھارۋا ئىستىھكامىنىڭ كەينىدىن ئالداپ چىقىرىپ، سان ئۈستۈنلۈكى قارشى تەرەپنى بېسىش ئىدى. ئۇلار 11 ھارۋا ئەترىتى تەشكىللەپ، يالغاندىن تابور قوشۇنىنىڭ لاگىرىغا ھۇجۇم قىلدى. توپ ئوقى يەتكۈدەك ئارىلىققا كەلگەندىن كېيىن، توپ - زەمبىرەك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ھارۋا ئىستىھكامىنى توپقا تۇتتى.
تابور قوشۇنى مەلۇم زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، زەمبىرەك بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى. ئىس - تۈتەك تارقىغاندىن كېيىن، مۇقەددەس جامچىلار مەزھىپى قوشۇنىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى بايقالدى.
چوڭ پروكوپ بۇنىڭ دۈشمەن قوشۇنىنىڭ بىر تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالماي، دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ يالغاندىن چېكىنگەنلىكىنى مەغلۇپ بولۇپ قېچىش دەپ قاراپ، قوغلاپ زەربە بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى:
- ئالغا، دۈشمەن قاچتى! - بىردەمدىلا بۇنداق غەلىبە ساداسى تۆت ئەتراپنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. قىسىملار ئالغا قاراپ شىددەت بىلەن ئېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ھارۋا بىلەن ياسالغان مۇداپىئە ئىستىھكامىنىڭ مۇداپىئەسى ئاجىزلاشتى ۋە بۇزۇلدى.
مۇشۇ جىددى پەيتتە مۇقەددەس جامچىلار مەزھىپىنىڭ زور بىر تۈركۈم چەۋەندازلىرى قوغلىغۇچىلارنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى - دە، قىلچىمۇ مۇداپىئە كۈچى بولمىغان ھارۋا ئىستىھكامىغا بىرلا چاغدا تۇشمۇ تۇشتىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى.
بۇ چاغدا، چوڭ پروكو دۈشمەننىڭ چەۋەندازلىرىنى توساپ تۇرۇشقا كۈچ تەشكىللەپ، خىلمۇ خىل تەدبىرلەر بىلەن ھارۋا ئىستىھكامىنى ساقلاپ قالالىسا مەغلۇبىيەت ۋەزىپىسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ بۇنداق قىلمىدى.
مۇقەددەس جامچىلار مەزھىپىنىڭ چەۋەندازلىرىدىن كېيىنلا، زور تۈركۈمدىكى پىيادە ئەسكەرلەر ھارۋا ئىستىھكامىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن ھارۋا ئىستىھكامىنىڭ ئىچىدە شىددەتلىك جەڭ بولدى. بۇ چاغدا چوڭ پروكوپ ۋاپات بولغان ئىدى. شۇڭا تابور قوشۇنى قوماندانلىق بىرلىكىدىن ئايرىلىپ كەتتى، - دە، دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ ئۈستۈن ھەربى كۈچىنىڭ ئاتاكىسىنى توساپ قالالماي، مۇداپىئەدە بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتتى. كەچ كىرگەندە، بازا ئاخىرى مۇقەددەس جامچىلار مەزھىپىنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ئىگەللەندى. 18 مىڭ كىشلىك تابور قوشۇنىدىكىلەردىن 13 مىڭ كىشى ئۆلدى. قالغانلىرى ئەسىر قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاندى.
لىپاندا ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى چىخ دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئەمما، تابور شەھىرى تاكى 1452 - يىلىغىچە بەرداشلىق بەردى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا ھوس تەرەپدارلىرى رەھبەرلىك قىلغاچقا، تارىختا بۇ ئۇرۇش >ھوس جېڭى< دەپ ئاتالدى.
1436 - يىلى گېرمانىيە پادىشاھى مۇقەددەس جامچىلار بىلەن سۈلھى قىلىپ، ھوس دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى، باشقىلارنىڭ چىخ دىنىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى، مۇقەددەس جامچىلار مەزھىپى بولسا گېرمانىيە پادىشاھىنى چىخ پادىشاھى دەپ ئېتراپ قىلدى.