جانسى مەلىكىسى
بەش مىڭ يىل
جانسى ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كىچىك شەھەر. شەھەر سىرتىدا بىر ۋەيرانە ئۆي بار ئىدى. بىر كۈنى، بېشىغا شىلەپە كىيگەن بىر چەتئەللىك ھاسىراپ - ھۆمىدىگەن ھالدا ئاتلىق كېلىپ، تاقەتسىزلىك بىلەن ئۆينىڭ دەرۋازىسىنى قاقتى.
بىر موماي ئىشىكنى ئېچىپ چىقتى.
- ۋاڭ ئاغىچىغا مەلۇم قىلىسىلا، زۆرۈر ئىش بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىم، - دېدى چەتئەللىك.
- مەرھەممەت! - دېدى موماي ئۇنى مېھمانخانىسىغا باشلاپ.
بىر پەستىن كېيىن، ئەمدىلا 20 لەردىن ئاشقان ھىندى خېنىم چىقتى. ئۇ سالاپەت بىلەن ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ، قاپ ئوتتۇرىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى ۋە:
- مەن جانسى ۋاڭ غوجامنىڭ ئاغىچىسى بولىمەن، مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ - دېدى سىپايىگەرلىك بىلەن.
چەتئەللىك ئورنىدىن تىك تۇرۇپ، ھەربىيچە سالام بەردى ۋە:
- ۋاڭ ئاغىچىغا مەلۇم بولغايكىم، پېقىر ئەنگلىيە ئاتلىق ئەسكىرىنىڭ كوماندىرى بولىمەن...، - دېدى.
ۋاڭ ئاغىچا«ئەنگلىيە» دېگەن گەپنى ئاڭلاپلا ئويلىنىپ قالدى...
جانسى ۋاڭ غوجامنىڭ ئاغىچىسىنىڭ ئىسمى لاكسىمباي ئىدى. ئۇ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا يېشى ئۆزىدىن ئۈچ - تۆت باراۋەر چوڭ بولغان جانسى ۋاڭ غوجامغا تەگدى. چۈنكى، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدىكى ۋاڭ غوجاملارنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلى بولمىسا، ئۇلارنىڭ يەر - زېمىن، مال - مۈلكى ئەنگلىيە تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىناتتى. بۇ ۋاڭ غوجامنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقتىن، لاكسىمبايغا ئۆيلەنگەن ئىدى. بۇ قېرى ۋاڭ غوجام ئۆلۈشتىن سەل بۇرۇن، لاكسىمباي بىر پاخلان ئوغۇل تۇغدى.
1854 - يىلى بىر بالايى - ئاپەت يۈز بېرىپ، بۇ بوۋاق بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتتى. ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچى دائىرلىرى دەرھال قوشۇن ئەۋەتىپ، جانسىغا تاجاۋۇز قىلدى ۋە بۇ شىتاتنىڭ بارلىق يەر - زېمىنى ۋە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى ھەمدە بۇ ياش تۇل ئايال لاكسىمباينى جانسى شەھىرىدىن قوغلاپ چىقاردى.
- ئاغىچا خېنىم، ئەنگلىيە باش ۋالىسى ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتى، مەسلىھەتلىشىدىغان زۆرۈر ئىش بار، - دېدى ئەنگلىيە كوماندىرى ئۇنىڭ جىم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ.
لاكسىمباي چوڭقۇر ئوي - خىيالدىن توختاپ سەگەكلەشتى ۋە بۇ يەردە بىر سىر بارلىقىنى بايقىدى - دە:
- مەن تۇل ئايال تۇرسام، ئۇلۇغ باش ۋالى قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقالايمەن؟ - دېدى ئۇ قەستەن.
ئەنگىلىيە كوماندىرى گەپنىڭ تېگىدە گەپ بارلىقىنى بايقىدى ۋە كۈلۈمسىرەپ:
- مۇمكىن، مۇمكىن، چوقۇم قىلالايدىلا! خان ئاغىچا بىز بىلەن بىرلىكتە «تومپاي ئەسكەرلەر»نىڭ ئىسيانىنى باستۇرىدىغانلا بولسا، باش ۋالى جانسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ھى - ھى - ھى، ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، - دېدى.
لاكسىمباي ئەنگىلىيىلىك ھۆكۈمراننىڭ ھىندىستانلىق ئەسكەرلەرنىڭ قوزغىلىڭىنى «تومپاي ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىيانى» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ مالال بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:
- بولىدۇ، مەن ئويلاپ كۆرەي، ئىككى كۈن ئىچىدە جاۋابىنى بېرىمەن، - دېدى - دە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئەنگىلىيە كوماندىرى ئىلاجسىز ئۆيدىن چىقىپ، ئاتلىق كېتىپ قالدى.
ئات تۇيىغىنىڭ «دۈپ - دۈپ» قىلغان ئاۋازى يىراقلاشقاندا، ئىشىك يەنە ئېچىلدى، موماي ئەتراپىدىكى دەرەخزارلىقلارغا سىنچىلاپ قاراپ چىقىپ، ئادەم كۆرۈنمىگەنلىكىنى دەلىللىگەندىن كېيىن، ئىشىكنى ئاۋايلاپ يېپىپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىردى ۋە پىچىرلاپ:
- ئاغىچا خېنىم، ئاۋۇ ئەنگىلىيىلىك غالجىر ئىت يىراقلاپ كەتتى، - دېدى.
لاكسىمباي ئىچكىرىكى ئۆيگە كىردى، ئۆي بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى.
- ھەممىڭلار كېلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ - دېدى لاكسىمباي ئەتراپىدىكى سەركەردىلەرگە قىزىققان ھالدا. بۇ سەركەردىلەر جانسى ۋاڭ غوجامنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەنلەر ئىدى.
- ھەممەيلەن كېلىپ بولدۇق! - دېدى سەركەردىلەرنىڭ ھەممىسى تەڭ پىچىرلاپ.
- ئۇنداق بولسا، ھەممىڭلار ئۆزەڭلارنىڭ ئادەم سانىنى مەلۇم قىلىپ بېقىڭلار!
- مېنىڭ 120 ئادىمىم بار!
- مېنىڭ 80 ئادىمىم بار!
مېنىڭ 60 - 70 ئادىمىم بار!
- مېنىڭ ...، - سەركەردىلەر ئۆزلىرى توپلىغان ئادەملەرنىڭ سانىنى بىر - بىرلەپ مەلۇم قىلدى.
- لاكسىمباي مىيىقىدا كۈلۈپ بېشىنى كۆتەردى. سەركەردىلەر ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇراتتى. لاكسىمباي ئۇشتۇمتۇتلا جىم بولۇپ، قۇلىقىنى دىڭ قىلىپ تىڭشىدى. سەركەردىلەر زەڭ قويۇپ تىڭشىۋىدى، دېگەندەك يىراقتىن يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى.
كىمدۇر «تاق! تاق! تاق!» قىلىپ ئىشىكنى قاقتى.
- خەۋەر كەلدى! - دېدى لاكسىمباي خۇشال ئورنىدىن تۇرۇپ.
بىر «تومپاي ئەسكەر» - ئەنگىلىيە قوشۇنىدا خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھىندىستانلىق بىر ئەسكەر ئۆيگە ھاياجانلانغان ھالدا ئېتىلىپ كىردى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ئوڭ قولىنىڭ ئىككى بارمىقىنى چىقىرىپ:
_ ئىككى كۈن، ئىككى كۈن! - دېدى ئالدىراپ.
- ئالدىرىماي سۆزلەڭ، - دددى لاكسىمباي ئۇنى ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ.
- بولىدۇ، شەھىرىمىزدىكى ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر ئەتە كېچىدە قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ. كېچە سائەت 12 دە شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىمىز، سىلەر چوقۇم ۋاقتىدا بېرىڭلار!
كۆپچىلىك قوزغىلاڭنىڭ خەۋرىرىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدى ۋە ھەممىسى تەڭلا لاكسىمبايغا قارىدى. لاكسىمباي ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئوڭ قولى بىلەن قىلىچنى ئالدى، سول قولىنىڭ بارمىقىنى چىقاردى - دە، ئىتتىك قىلىچ بىلەن سول قولىنىڭ بارمىقىنى «شىرت» قىلىپ كەستى، قىپ - قېزىل قان يەرگە تېمىشقا باشلىدى.
- قان، ھە، بىز تاجاۋۇزچىلارغا ئىسسىق قېنىمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرايلى! - دېدى لاكسىمباي جەڭگە قەيسەرلىك بىلەن قەسەميات قىلىپ.
- توغرا! قان قەرزنى قان بىلەن تۆلىتىۋالايلى! - دېيىشتى سەركەردىلەرنىڭ سەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاندىن «قوزغىلاڭ مارشى» نى پەس ئاۋاز بىلەن ئوقۇدى:
... ئىشەنچىمىز كامىل خەنجىرىمىزگە، ياۋروپالىقلارنى ئىرغىتىمىز يار تۆۋىنىگە؛غەرق قىلايلى ئۇلارنى بىپايان دېڭىزغا...
ئەتىسى، يەنى 1857 - يىل 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شەھەر ئىچىدىكى ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر بىلەە شەھەر سىرتىدىكى جانسى ۋاڭ غوجامنىڭ كونا قىسىملىرى بىرلىشىپ، جانسى شەھىرىنى غەلىبىلىك ھالدا قايتۇرۇۋالدى. ھەممەيلەن لاكسىمباينىڭ جانسى شىتاتىغا شاھبانۇ بولۇشىنى بىردەك ھىمايە قىلدى، ئەنگىلىيە كوماندىرلىرىنىڭ ئۆلگەنلىرى ئۆلدى، قاچقانلىرى قاچتى. بۇ، لاكسىمباينىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە ئەنگىلىيە باش ۋالىسىغا بەرگەن جاۋابى ئىدى.
جانسى قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، شاھبانۇ پۈتۈن ھىندىستاندىكى قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەرگە ماسلىشىپ، تەرەپ - تەرەپتە ئۇرۇش قىلىپ، ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى. بىراق، 1857 - يىل 9 - ئايدا ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى دېھلىغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ھەمدە ياندۇرقى يىلى 3 - ئايدا، ھىندىستاندىكى قوزغىلاڭنىڭ يەنە بىر مەركىزى بولغان لۇكنوۋ قولدىن كەتكەندىن كېيىن، تاجاۋۇزچىلار غالجىرلىق بىلەن توپ - توغرا جانسىغا ھۇجۇم قىلدى. جانسى شاھبانۇسى خەلققە يولباشچىلىق قىلىپ، سەككىز كۈن قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلدى، ئاخىرىدا قورال - ياراقلىرى يېتىشمەي، جانسىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، لاكسىمباينىڭ قوشۇنلىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ يولباشچىسى تانىتيا توپىنىڭ قوشۇنلىرى ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىم جاي بولغان گۋالىئوردا ئۇچراشتى. شۇ كەملەردە، دېھلىدىكى موۋېل سۇلالىسى ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغانلىقتىن، پۈتۈن ھىندىستاندىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى قوماندانلىق مەركىزىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى، لاكسىمباي بىلەن توپى فاناساھىبنى رەھبەر قىلىپ سايلىدى، ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەرنىڭ ۋەزىرلىرى تەيىنلەندى، توپى قوزغىلاڭچى قىسىملارنىڭ باش قوماندانى بولدى، لاكسىمباي گۋالىئور شەھىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا مەسئۇل قىلىندى، ئەنگىلىيىگە قارشى كۈرەش داۋاملاشتۇرۇلدى.
6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلاندى! ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى بىر نەچچە يولغا بۆلۈنۈپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، گۋالىئورنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى، لاكسىمباي جەڭگە شەخسەن ئۆزى قوماندانلىق قىلدى، ئۇ ئاق ئارغىماققا مىنىپ، ئۇزۇن قىلىچنى ئوينىتىپ، جەڭ مەيدانىدا ئۇچقاندەك چېپىپ يۈرۈپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا غايەت زور ئىلھام بەردى.
ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ «گۈلدۈر - گۈمباڭ!» قىلغان زەمبىرەكلىرى شەھەرگە شىددەتلىك ئوت ئاچتى. سېپىل «گۈلدۈر - گۈلدۈر!» قىلىپ ئۆرۈلدى. تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەر شەھەرگە بېسىپ كرىشكە تاس قالدى.
- ئارقامدىن مېڭىڭلار، ئەنگىلىيە زەمبىرەكلىرىنىڭ سېپىگە ھۇجۇم قىلىڭلار ! - دېدى لاكسىمباي قىلىچى بىلەن ئالدى تەرەپنى كۆرسىتىپ. قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى ئۇچقاندەك ھۇجۇمغا ئۆتتى.
ئەنگىلىيىنىڭ زەمبىرەكچى ئەسكەرلىرى ھاپىلا - شاپىلا زەمبىرەكنى تاشلاپ، قولىغا مىلتىق ئېلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە تەييارلانماقچى بولغان بولسىمۇ، ئۈلگۈرەلمىدى. لاكسىمباينىڭ قىلىچىنى شىلتىش بىلەنلا، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كاللىسى يەرگە دومىلاپ چۈشتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن چاپ - چاپ ئۇرۇش قىلىپ، ئەنگىلىيە زەمبىرەكلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يوقاتتى.
توساتتىنلا «تىتىت - » قىلغان مىزگان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەنگىلىيىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى تەرەپ - تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ھايال قىلمايلا قوزغىلاڭچىلارنى قورشىۋالدى.
- مۇھاسىرە بۇزۇپ تاشلانسۇن! - دېدى لاكسىمباي ئات ئۈستىدە تۇرۇپ.
- جانسى شاھبانۇسى لاكسىمباي دېگەن ئاشۇ، ئۇنى تۇتۇڭلار! - دېدى ئەنگىلىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ كوماندىرى ئەسەبىلەرچە ۋارقىراپ.
لاكسىمباينىڭ غەزىپى ئۆرلەپ بىر ھومايدى - دە، ئاتنى ئۇرۇپ ئېتىلىپ باردى ۋە «قىلىچ سال!» دەپ ۋاقىرىدى.
ھېلىقى ئەنگىلىيە ئەسكىرى يالتىراپ كېلىۋاتقان قىلىچنى كۆرۈپ، قورققىنىدىن جان - پېنى چىقتى - دە، ئاتنىڭ بېشىنى بۇراپ قاچتى. لاكسىمباي زەرپ بىلەن قوغلاپ، ئۇنىڭغا يېتىشىۋالاي دەپ قالدى. بۇ ئەبلەخ توساتتىنلا ھىلىگەرلىك بىلەن ئارقىغا بۇرۇلدى - دە، لاكسىمباينىڭ بېشىغا قىلىچ چاپتى.
قىلىچ باشنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن چۈشۈپ، لاكسىمباينىڭ ئوڭ كۆزىنى چېپىۋەتتى. بۇ شاھبانۇنىڭ باش - كۆزىدىن قان ئېقىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئاتنىڭ ئۈستىدە قەت كۆتىرىپ ئولتۇرۇۋەردى. ئۇ قىلىچىنى مەھكەم تۇتۇپ، ئىگەرنى يوتىسى بىلەن چىڭ قىسىپ، ئات بىلەن بىر چۇراپلا، ئەنگىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئالدىغا باردى - دە، يالتىراپ تۇرغان قىلىچنى چاقماقتەكلا ئەنگىلىيە ئەسكىرىنىڭ كۆكسىگە تىقتى. بۇ ئەنگىلىيە ئەسكىرى دات - پەرياد ئېيتىپ ئاتتىن يىقىلدى.
جانسى شاھبانۇسى مەردلەرچە قۇربان بولدى. ھىندىستاندىكى قوزغىلاڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ھىندىستان خەلقى ھەرگىز تېز پۈكمىدى. ئۇلار دۇنيادا ئاران 22 ياش ياشىغان بۇ ئايال قەھرىماننى مەڭگۈ ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ.