UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭتوماس ميۇنتسېر

توماس ميۇنتسېر

بەش مىڭ يىل مارتىن لۇتېر، بەگلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەر تۈزۈمىنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغاننىڭ ياندۇرقى يىلى، گېرمانىيە زېمىنىدا داغدۇغىلىق دېھقانلار ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ چاغدا، ئىنقىلابقا قاتناشقان كەڭ دېھقانلار ۋە شەھەر پۇقرالىرى بىر مەھەل كىشىلەر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان لۇتېرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆز داھىيسىنى تېپىۋالدى. بۇ داھى - توماس ميۇنتسېر ئىدى. ميۇنتسېر، 1490 - يىلى ستولبۇرگلۇق بىر قول سانائەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆسمۈر چېغىدا، ئۇنىڭ دادىسى بارۇن تەرىپىدىن كاللا كېسىش پەشتىقىغا چىقىرىلىپ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. 15 ياشقا كىرگەندە، ميۇنتسېر ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپتە مەخپىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ، دىنىي جەمئىيەتكە قارشى تۇرغان. كېيىنچە لېيپىسگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە ۋە ئىلاھىيەت ئۆگىنىپ، ئىلاھىيەت دوكتۇرلۇقى ئۇنۋانىنى ئالغان، لۇتېر، پاپىنى شىكايەت قىلىدىغان 95 ماددىلىق تىزىسنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان ۋە لۇتېرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تىسۋىكاۋدا پوپ بولغان. تىسۋىكاۋ، گېرمانىيىنىڭ كۈمۈش كان سانائىتى ۋە توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ئۇ يەردە قۇدرەتلىك ئىشچىلار قوشۇنى بار ئىدى. ئۇ يەردىكى ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە شەھەر پۇقرالىرى فېئودال دىنىي جەمئىيەتكە كۈچلۈك قارشى تۇرغاچقا، لۇتېرنىڭ مۇرەسسەچىلىك پوزىتسىيىسىگە نارازى ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرى «قايتا چوقۇنغۇچىلار» دېگەن بىر تەشكىلاتنى قۇردى. «قايتا چوقۇنغۇچىلار» دەپ ئاتاشتىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ مۇنداق ئىش: خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىسىدى بويىچە ئىمان ئېيتقۇچىلارنىڭ ھەرقاندىقى «چوقۇنۇش» مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى مۇتىۋەللى بىر تەرەپتىن، ئايەت ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن، چوقۇنغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى سۇدا غۇسل قىلدۇرۇش ئارقىلىق، نىجاسەتلەرنى يۇيۇپ تاشلاپ، خۇداغا سادىق ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. رىم ۋاتىكانى ئۆسمۈرلەرنى چوقۇندۇرۇشنى بەلگىلىگەن. ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا رىم ۋاتىكانىغا ئىتائەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. «قايتا چوقۇنغۇچىلار» بولسا: ئۆسمۈرلەر ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ، بۇنداق چوقۇنۇشنى دىنىي جەمئىيەت زورلاپ تاڭغان. شۇڭا، بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. دەپ قاراپ، بۇ تەشكىلگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چوقۇنۇشنى شەرت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن «قايتا چوقۇنغۇچىلار» دەپ ئاتالغسان. قايتا چوقۇنغۇچىلارنىڭ ئېنىق سىياسىي تەشەببۇسى بار ئىدى. ئۇلار: «ساماۋىي جەننەت - بايلار بىلەن كەمبەغەللەرنىڭ پەرقىنى يوقىتىپ، مال - مۈلۈكنى ئومۇمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت» دەپ قارايتتى. ميۇنتسېر قايتا چوقۇنغۇچىلاردىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. 1921 - يىلى، قايتا چوقۇنغۇچىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا، تىسۋىكادىكى ھۈنەرۋەن كاسىپلار قوزغىلاڭ قىلىشنى غۇلغۇلا قىلدى. كىشىلەر ميۇنتسېرنىڭ فېئوداللارغا قارشى ئۈزۈل - كېسىل روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ئۇنى مەنىۋىي داھىي ھېسابلىدى. ئەمما، قوراللىق قوزغىلاڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن بىلىنىپ قېلىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. تىسۋىكاۋ شەھەر مەمۇرىيىتى، ميۇنتسېر ۋە قايتا چوقۇنغۇچىلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇلار گېرمانىيىنىڭ جاي - جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى ھەمدە دىنىي جەمئىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە دىنىي جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىنىمۇ گېرمانىيىنىڭ بۇلۇڭ - بۇچقاقلىرىغا ئېلىپ باردى. بۇ يىلى يازدا، ميۇنتسېر شۇ چاغدا گېرمانىيىگە قاراشلىق چېخوسلوۋاكىيىگە بېرىپ، چېخ دېھقانلىرىنى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىشكە چاقىردى. گېرمانىيىگگ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، گېرمانىيە دائىرىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاچقا، ئۇ تۇرالغۇسىنى ئۈزلۈكسىز يەڭگۈشلەپ، گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن شىمالىي قىسمىغا كەلدى. ميولخاۋزېن قاتارلىق يېزىلاردىكى مەجلىسدە ميۇنتسېر يەنە بىر قېتىم قولىنى كۆتىرىپ ئۈنلۈك توۋلىدى: _ سۈتخورلۇق، قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقنىڭ تۈپ مەنبەسى _ خوجا ئاقسۆڭەكلەر ۋە بەگلىكلەردىكى كىنەزلەر، ئۇلار ئېرىق- ئۆستەڭلەردىكى بېلىقلار، ئۇچۇپ يۈرگەن جان - جانىۋارلار، زىمىن ئۈستىدىكى دەل - دەرەخلەر ۋە زەل - زىرائەتلەردىن تارتىپ ھەممىنى ئىگەللەپ بولۇپ، يوقسۇللارغا: «ئوغرىلاشقا يول قويۇلمايدۇ» دېسە، مۇشۇمۇ ئادالەت بولامدۇ؟ .. يوقسۇللار، يەنىلا كۈتۈپ تۇرساق بولمايدۇ، پۈتۈن دۇنيادا چوڭ بىر داۋالغۇش بولۇشى شەرت! ... بارلىق ھاكىمىيەت بىزدەك ئاددىي خەلققە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك! ئۇنىڭ سۆزى دېھقانلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى. ميۇنتسېرنىڭ تەسىرىدە جايلاردىكى دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن شەمشەر، مىلتىق، كالتەك، چۇماقلىرىنى كۆتىرىپ چىقىپ، ئاشۇ قان شورىغۇچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلدى. ئاممىنىڭ پىداكارلىق دولقۇنىدا، ميۇنتسېر، گېرمانىيىدىكى ئېزىلگۈچى سىنىپلارنىڭ كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا يادرو بولغۇچى تەشكىلات «خىرىستىئانلار ئىتتىپاقى» نى بەرپا قىلىپ، ئىنقىلابى دېھقانلار، كانچىلار ۋە شەھەر پۇقرالىرىنى قاتناشتۇردى. كۈرەشنىڭ قوشۇنى بارغانسېرى ئۇلغايدى. 1524 - يىلى، قاينام تاشقىنلىق گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ يالقۇنى ئاخىرى لاۋۇلداپ پەلەككە كۆتىرىلدى! ئۈچ قوزغىلاڭچى قوشۇن خۇددى ئۈچ دانە ئۆتكۈر شەمشەردەك، گېرمانىيىدىكى فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ يۈرىكىگە سانچىلدى. بۇلار: جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى شىۋابىيە دېھقانلار قوشۇنى، ئوتتۇرا گېرمانىيىدىكى فرانكونىيە دېھقانلار قوشۇنى، شىمالىي گېرمانىيىدىكى تيۇرنىيىگە ۋە ساكسونىيە دېھقانلار قوشۇنىدىن ئىبارەت ئۈچ دېھقانلار قوشۇنى ئىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ