UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭدېرىزىدىن تالاغا تاشلىۋېتىش ۋەقەسى

دېرىزىدىن تالاغا تاشلىۋېتىش ۋەقەسى

بەش مىڭ يىل مىلادى 962 - يىلى، گېرمانىيە پادىشاھى پاپانىڭ رىمدا تاج كىيدۈرۈشى بىلەن پادىشاھ بولۇپ، گېرمان مىللىتىنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلغان ئىدى. ئىمپېرىيىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىدىكى دائىرىسىگە گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، چېخوسلوۋاكىيە، شىمالىي ئىتالىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق جايلار كىرگەن ئىدى. ئەمما، 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، گېرمانىيە بىرمۇنچە مۇستەقىل بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەچكە، پادىشاھ پۈتكۈل ئىمپېرىيىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى. خۇددى گېرمانىيىنىڭ مەشھۇر شائىرى ھېينى بىر ھەجۋىي شېئىرىدا يازغاندەك: قۇرۇقلۇقتا خوجا بولدى فرانسۇز بىلەن روسلار، ئوكيان ھەم دېڭىزلاردا بېگىمدۇر ئېنگېلىز ياۋلار؛ تالاشمايلى خالايىق گېرمان قالدى پەگادا، شىرىن خىيال ئۆزىدۇر، ئۇنىڭ ھوقۇقى نىگادا. پادىشاھ ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغىنىغا تەن بەرمەي جان - جەھلى بىلەن بۇرۇنقى ھەيۋىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كويىغا چۈشتى. شۇ تۈپەيلى بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر تېخىمۇ ئەدەپ كېتىپ، شىددەتلىك ئۇرۇش پارتلىدى. ئىش، چېخوسلوۋاكىيە «دېرىزىدىن تاشلىۋېتىش ۋەقەسى» دىن باشلانغان ئىدى. چېخوسلوۋاكىيە، 1562 - يىلى گېرمانىيىنىڭ تەۋەلىكىگە كىرىپ، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ چاغدا، ئاۋستىرىيە بۇ ئىمپېرىيە ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بەگلىك ئىمپېرىيىنىڭ پادىشاھى ئاۋستىرىيىنىڭ ھابسبۇرگ جەمەتىىن سايلانغاچقا، چېخوسلوۋاكىيە ئاۋستىرىيىلىك ھابسبۇرگ جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. 1617 - يىلى، گېرمانىيە پادىشاھى ھابسبۇرگ جەمەتىدىن بولغان فېردىناندىن چېخوسلوۋاكىيىنىڭ پادىشاھلىقىغا بەلگىلىدى. چېخوسلوۋاكىيە خەلقى ھابسبۇرگ جەمەتىدىن بولغان پادىشاھقا ماقۇللۇق بىلدۈرگەندە: بۇ پادىشاھ جەزمەن پادىشاھلىقىمىزنىڭ قانۇنىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشى، چېخوسلوۋاكىيە ئۆزىنىڭ پارلامېنت، دىن ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئاۋۋالقىدەكلا ساقلاپ قېلىشى شەرت، دەپ شەرت قويدى. ھابسبۇرگ جەمەتى بۇ شەرتلەرگە بىر - بىرلەپ ماقۇل بولدى. ئەمما، پادىشاھ فېرىدىناد تەختكە چىقىۋېلىپلا بۇ ۋەدىلىرىدىن تېنىۋېلىپ، چېخوسلوۋاكىيىنى بېقىندى دۆلەت قاتارىدا كۆردى. پۈتۈن چېخوسلوۋاكىيە يۇقىرىدا شەھەردىن تارتىپ، تۆۋەندە يېزىلارغىچە ئاۋستىرىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ نازارىتى ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىسىدە بولدى. ئاۋستىرىيىلىكلەر ئۇ يەردە خالىغىنىچە ئىش قىلىپ، ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇۋېلىپ دەۋران سۈردى. يەنە بىر ئىشمۇ چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنىڭ ئىنتايىن ئوغىسىنى قايناتتى: 16 - ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادا دىنىي ئىسلاھات بولۇشى ئارقىسىدا «پىروتېستانت دىنى» (ئەيسا دىنى) مەيدانغا چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، دىنىي ئىسلاھاتقا قارشى جاھىللار يەنە «ئىيېزوئىتچىلار جەمئىيىتى» نى تەشكىللەپ، كونا دىنىي تەرتىپلەرنى جان تىكىپ قوغدىدى. گېرمانىيە پادىشاھى بەلگىلىگەن چېخوسلوۋاكىيە پادىشاھى فېردىناد ئەسەبىي ئىيېزوئىتچى ئىدى. ئۇ تەختكە چىقىپلا چېخوسلوۋاكىيىدىكى پىروتېستانت مۇخلىسلىرىغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى. پىروتېستانت چېركاۋلىرى چېقىپ تاشلاندى، پىروتېستانت دىنىنىڭ نامىزىنى ئوقۇغانلار تۈرمىگە قامالدى. پادىشاھنىڭ بۇ تەدبىرلىرى چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىدى. 1618 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، تۆمۈر كالتەك ۋە ئۇزۇن نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان بىر توپ ئامما ۋە پىروتېستانت مۇخلىسلىرى پادىشاھ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، پادىشاھنىڭ ئەڭ سادىق ئىككى يالاقچىسىنى تۇتۇۋالدى. «ئۇلارنى تالاغا تاشلىۋېتەيلى!» «تاشلايلى! تاشلايلى!» غەزەپ دولقۇنى ئىچىدە، بۇ ئىككى يالاقچى كىشىلەر تەرىپىدىن، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ قەدىمكى ئادىتى بويىچە، 20 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى دېرىزىدىن تاشلىۋېتىلدى. بەختكە يارىشا شەھەر مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئويۇلغان خەندەكتىكى ئەخلەتنىڭ تۆپىسىگە چۈشۈپ، بىرسى پۇتلىرى يارىلانغان ھالدا ۋايجان قىچاردى؛ بىرسى يەرگە چۈشكىچە قىمىر قىلالماي ھوشىدىن كەتتى، ئەمما ھەر ئىككىسى ئۆلمىدى. «دېرىزىدىن تالاغا تاشلىۋېتىش ۋەقەسى» ياۋروپادىكى ھەممە دۆلەتلەرنىڭ ئوردىلىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. ئاۋستىرىيە دەھشەتلىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ چېخوسلوۋاكىيىنى بىر يولىلا ئىستىلا قىلىۋېتىشكە بەل باغلىدى. چېخوسلوۋاكىيە خەلقى ئارقا - ئارقىدىن قوراللاندى ۋە: «ئاۋستىرىيىگە باستۇرۇپ بارايلى!» «ھابسبۇرگ جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى!» - دەپ توۋلىدى. ئۇلار قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن 30 نەپەر كونسۇل (بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى پىروتېستانت دىنىدىكى ئاقسۆڭەكلەر) سايلاپ ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. ئامما كونا ھۆكۈمەتنىڭ ئورگانلىرىنى ئىگەللەپ، بارلىق باج - سېلىقلارنى بىكار قىلدى ھەمدە پىروتېستانت مۇخلىسلىرىغا زۇلۇم سېلىشتا ئەڭ ۋەھشىي بولغان ئىيېزۇئىتچىلارنىڭ ھەممىسىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىنتايىن تېزلىكتە ئاۋستىرىيە چېگرىسىدىن ئۆتۈپ، ئاۋستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېناغا قىستاپ باردى. ئاۋستىرىيىدىكى پىروتېستانت مۇخلىسلىرىمۇ پادىشاھنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغاچقا، ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ، قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشتى. بۇ چاغدا قېرى پادىشاھ ئۆلۈپ كېتىپ، فېردىناند تەختكە چىققان بولۇپ، ئۇ يەنىلا چېخوسلوۋاكىيىنىڭ پادىشاھلىقىنىمۇ قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان ئىدى. چېخوسلوۋاكىيە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ۋېنا شەھىرىگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئالاقزادە بولغانلىقىدىن تەمتىرەپ قالدى. ئاقسۆڭەك ھەم ۋەزىرلەر ئوردىغا تىقىلىۋېلىپ لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى. ئۇلار ئارىسىدىن بىرسى پەرىشان بولغان ھالدا پادىشاھنىڭ پاگونىغا ئېسىلدى - دە: «پادىشاھى ئالەم، سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ توختام ئىمزالاشقا تېزدىن ۋەكىل ئەۋەتمەمسىز!» - دېدى. قوزغىلاڭنىڭ غەلىبە قىلىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا ئىدى. ئەمما قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى چېخوسلوۋاكىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاچقا، ئۇلار ئاممىۋىي قوزغىلاڭنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشلىرىدىن قورقۇپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ۋېنا شەھىرىگە بارغان ھامان ھۇجۇمنى توختىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ يېنىغا ئارقا - ئارقىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋەكىل كىرگۈزدى. پادىشاھ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسپانىيىدىن ھەمدەمچى قوشۇن تىلەپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن چېخوسلوۋاكىيە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىنتايىن تېزلىكتە پادىشاھ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ئۇرۇش ئاۋستىرىيىدىن چېخوسلوۋاكىيە زىمىنىغا يۆتكەلدى. 1620 - يىلى 11 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ئىككى قوشۇن چېخوسلوۋاكىيىنىڭ پايتەختى پراگانىڭ يېنىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. نەتىجىدە چېخوسلوۋاكىيە قوشۇنى تارمار قىلىندى، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولدى. چېخلارنىڭ داھىيىلىرىدىن 27 كىشىنىڭ مويتۇڭزىدا كاللىسى ئېلىندى، قوزغىلاڭغا قاتناشقانلار زور تۈركۈملەپ ئۆلتتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، چېخوسلوۋاكىيە ھابسبۇرگ ئاۋستىرىيىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ، چېخوسلوۋاكىيە خەلقى ئاۋستىرىيىنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالدى. چېخوسلوۋاكىيە، قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ ئىمپېرىيىنىڭ ھەقىقىي پادىشاھى نامى بىلەن بارلىق بەگلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىشقا باشلىدى. پادىشاھ يالغۇز چېخوسلوۋاكىيىنى ئىشغال قىلىۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىسپانىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىقىنى ساقلاپ، تەسىر دائىرىسىنى غەربىي ۋە شىمالىي گېرمانلارغا كېڭەيتتى. ئىسپانىيە بولسا گوللاندىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن، پىروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىرمۇنچە گېرمان بەگلىكلىرى ناھايىتى ئالاقزادە بولۇپ كەتتى - دە، تېزلىكتە بىرلىشىۋالدى. ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئارقا - ئارقىدىن قول سېلىپ ھەرىكەتلەندى. گېرمانىيىنىڭ پىروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەر ۋە دانىيە، شىۋېتسىيە، فرانسىيىلەر بىر تەرەپ بولۇپ، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە روسىيىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى؛ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى، گېرمانىيىنىڭ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەگلىكلىرى ۋە ئىسپانىيە بىر تەرەپ بولۇپ، پاپا ۋە پولشانىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك ئۇرۇش باشلاندى. بۇ ئۇرۇش 1618 - يىلىدىكى چېخوسلوۋاكىيە قوزغىلىڭىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ دانىيىنىڭ مۇداخىلىسى، شىۋېتسىيىنىڭ تاجاۋۇزى، فرانسىيىنىڭ قاتنىشىشى ئارقىسىدا تاكى 1648 - يىلىغىچە توختىماي، توپ - توغرا 30 يىل داۋاملاشتى. شۇڭا بۇ قېتىمقى ئۇرۇش تارىختا «30 يىللىق ئۇرۇش» دەپ ئاتالدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ