ئەھلى سەلىپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى
بەش مىڭ يىل
روژدېتسىۋو بايرىمى )خىرستىئان دىنى رىۋايەتلىرىدىكى ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بايرىمى. ھەر يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ( غا ئون نەچچە كۈنلا قالغان بولسىمۇ، رىمنىڭ ھاۋاسى يەنىلا ناھايىتى ئىسسىق ئىدى. ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، بۇ قەدىمىي شەھەردە ئادەملەر مىغىلدايتتى. ساقچىلار قاتتىق مۇداپىئەدە تۇراتتى، ۋاتىكاننىڭ لاتالاند سارىيىنىڭ ئالدىدا ھەشەمەتلىك بىزەلگەن پەيتۇنلار تۇرۇپ كەتكەن، بەزىبىر ئېسىلزادىلەر سارايغا ئايىقى ئۈزۈلمەي كىرىپ - چىقىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئوزايىدىن ناھايىتىمۇ ئالدىراشتەك كۆرۈنەتتى.
ئەسلىدە پاپا ئىننو كېنت Ⅲ ئەھلى سەلىپنى 5 - قېتىم ئۇزۇن سەپەرگە تەشكىللەپ، >مۇقەددەس جاي<نى مىسىرلىقلار قولىدىن تارتىۋېلىش توغرىلىق بۇ يەردە چوڭ دىنىي يىغىن ئېچىۋاتاتتى. زەردار ئائىلىسىدىن دۇنياغا كەلگەن ئىننو كېنت، پاپا بولۇپ سايلانغان چېغىدا تېخى 37 ياشتىلا ئىدى. ئۇ تەختكە چىققان 1198 - يىلى ئومۇمىي يارلىق چىقىرىپ، ياۋروپا ئەللىرىنى يېڭى >مۇقەددەس ئۇرۇش< ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ۋېنېتسىيە، ئەھلى سەلىپنى يولىنى ئۆزگەرتىپ، رىم ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا دالالەت قىلغىنى ئۈچۈن، >مۇقەددەس ئۇرۇش< تا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. كېيىن، ئۇ ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ، پاپا - قۇياش، پادىشاھ بولسا ئاي، ئاي، قۇياشتىن نۇر ئەمگەنگە ئوخشاش پادىشاھنى پاپا ھاكىمىيەتكە ئىگە قىلىدۇ< دەپ جار سېلىپ، ئەنگىلىيە، شىۋېتسىيە، دانىيە قاتارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ شاھلىرىنى ئۆزىگە باش ئېگىپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، غەربىي ياۋرۇپادىكى پادىشاھلىقلارنىڭ خاقانى بولۇۋالدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر ئىرادىسىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە، ياۋرۇپانىڭ نۇرغۇن ئەللىرىدىكى شۆھرەتلىك ئەرباپلارنى رىمغا چاقىرىتىپ يىغىن ئاچتى. بۇ يىغىنغا 1500 كىشى قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە باش ئېپىسكوپ، ئېپىسكوپلاردىن 400 چە كىشى، پادىشاھ ۋەكىللىرى، كارول، كىنەز، گىرافلاردىن ئىبارەت ئەڭ ھوقۇقلۇق ئەرباپلارمۇ بار ئىدى. بۇ يىغىننىڭ كۆلىمى شۇنداق زور بولدىكى، بۇنىڭدىن 120 يىل ئىلگىرى ئەھلى سەلىپنى تۇنجى قېتىم شەرققە يۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي يىغىننىڭ كۆلىمىدىنمۇ زور ئېشىپ كەتتى.
14 - دېكابىر ئىننو كېنت Ⅲ كۆرەڭلىگەن ھالدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا يارلىقنى ئوقۇپ ئۆتتى:
- بالىلىرىم، مەن كەڭ خىرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس جايىنى دەيۈزلەرنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىش ئارزۇسى ۋە بۇ قېتىمقى مۇقەددەس يىغىنىمىزنىڭ قارارىغا ئاساسەن، بۇيرۇق قىلىمەنكى، دېڭىزدىن ئۆتۈش ھازىرلىقى پۈتكەن بارلىق ئەھلى سەلىپچىلەر 1217 - يىلى 1 - ئىيۇندا سىتىسلىيە پادىشاھلىقىغا توپلىنىدۇ. خۇدا خالىسا، شۇ چاغدا ئۇ يەرگە بېرىپ، خىرىستىئانلار قوشۇنىغا كۆرسەتمە بېرىمەن ۋە تىلەك تىلەيمەن.
ساراي تىمتاس ئىدى. پاپا ئولتۇرغانلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، تەلەپپۇزىنى جىددىلەشتۈردى:
- يات دىندىكىلەرگە قورال - ياراق، تۆمۈر ياكى پاراخوت ياسايدىغان ياغاچ ماتىرىياللىرىنى يۆتكەپ بەرگۈچىلەر دەرھال مورتەد قىلىنىدۇ؛ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى يات دىندىكىلەرگە سېتىپ بەرگەن ياكى ئۇلارغا ھەمكارلىشىمەن دەپ مۇقەددەس ئۇرۇشىمىزغا زەرەر يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئۆزى شۇ خىل ھەركەتلىرىنى سېزىۋالغۇچىلارغا قۇل قىلىپ بېرىلىدۇ. بۇيرۇق قىلىمەنكى: دېڭىز ياقىسى شەھەرلەردىكى چېركاۋلار ھەر يەكشەنبە كۈنى ۋە باشقا دىنلارنىڭ بايرام كۈنلىرى مۇشۇ بەلگىلىمىنى ئوقۇپ جاكارلاپ تۇرۇشى لازىم. مەن يەنە شۇنى بۇيرۇيمەنكى، بۇندىن كېيىنكى قازاتقا تۆت يىل ئىچىدە بارلىق خىرىستىئانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قاتناش قورالى ھازىرلىشىمىز ئۈچۈن، كېمىگە ئولتۇرۇپ يات دىندىكىلەر ئىگەللەپ ياتقان شەرققە بېرىشى ياكى باشقىلارنى كېمە بىلەن ئەۋەتىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارمۇ دىنىي جەمئىيەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ!
پاپا گەرچە 5 - قېتىملىق >غازات< قا قاتتىق چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ، بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقۇچىلار ئىلگىرىكى قېتىملاردىن كۆرۈنەرلىك رەۋىشتە ئازىيىپ كەتتى، پەقەت گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە كىنەز ھەم ۋەزىرلەر، ئاۋستىرىيە، ۋېنگىرىيە ھەم گوللاندىيە قاتارلىق كىنەزلەرلا ئۆز قوشۇنلىرىنى توپلىدى. ئىككىنچى يىلى پاپا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ، سېلىتسىيە ئارىلىغا بېرىپ، كىرستى ئارمىيىسىگە كۆرسەتمە بېرىش ۋە تىلەك تىلەشكە ئۈلگۈرەلمىدى، ئەمما يىراققا يۈرۈش قىلىش تەييارلىقى جىددى داۋام قىلىۋەردى.
1217 - يىلى يازدا ئەھلى سەلىپ 5 - قېتىم شەرققە تاجاۋۇز قىلىشنى باشلاپ ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا ئاندىن ئاۋۋال مىسىرنىڭ دامئەتارغا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى.
دامئەتار قورغانلىق شەھەر بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نىل دەرياسىنىڭ دىلتىسىدىكى بىر تارماق ئېقىنغا جايلاشقان، ئوتتۇرا دېڭىزدىن مىسىرغا كىرىدىغان بوغۇز ئىدى. بۇ شەھەرنىڭ ئۈچ رەت سېپىلى ۋە نىل دەرياسىنىڭ كىچىك ئاراللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇستەھكەم ئىستىھكاملىرى بار ئىدى. بۇ ئىستىھكاملار كۆۋرۈك ئارقىلىق شەھەر بىلەن تۇتىشىپ تۇراتتى ھەمدە سۇ يولى دامئەتارغا كىرىدىغان دۈشمەننى توسىدىغان سانسىزلىغان سىم توساقلار بار ئىدى.
سەلىپچىلەر دەسلەپتە كېمىلەرنى سۇ ئارقىلىق قەلئەگە ھۇجۇم قىلىش ماشىنىسىغا ئۆزگەرتىپ، كېمە ئۈستىگە ئېگىز شوتا ئورنىتىپ، نۇرغۇن ئىستىھكاملارنى ئىشغال قىلدى. بىراق ھەش - پەش دېگىچە تومۇز كۈنلىرى باشلىنىپ، نىل دەرياسىدا تاشقىن بولۇشقا، ئەھلى سەلىپكە ۋابا تارقىلىشقا باشلىدى. شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا قۇربى يەتمىدى. ھەر ئىككى تەرەپ بىر قانچە ئاي تىرەكشىپ، ھېچقايسىسى بىر - بىرىنى يېڭەلمىدى. >ئاللانىڭ لەشكەرلىرى< ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىدى. دامئەتارنى مۇھاسىرە قىلغان ئىككىنچى يىلى، ئاۋستىرىيە كىنەزى قاتارلىقلار ھېچنېمىگە قارىماستىن قوشۇنلىرىنى باشلاپ ياۋرۇپاغا قايتتى. ئەمما سەلىپچىلەرنىڭ قالغانلىرى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشكە ئۇنىمىدى.
بىر كۈنى مىسىر سۇلتانى )ئەڭ ئالى ھۆكۈمران( ئەھلى سەلىپكە ئەلچى ئەۋەتتى. پاپىنىڭ ئەلچىسى، ئەھلى سەلىپىنىڭ قوماندانى قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپ پراگ، ئەلچىنى قوبۇل قىلدى.
- ئېپىسكوپ جاناپلىرى، - دەپ سۆز باشلىدى مىسىر ئەلچىسى، - مەن ئەزىز سۇلتانىمىزنىڭ پەرمانىغا بىنائەن دامئەتارنىڭ تىنچلىقى ھەققىدە ھەر بىرلىرى بىلەن كېڭەشكىلى كەلدىم.
- دامئەتار ئەتىلا مۇقەددەس قوشۇنىمىز ئىلكىگە ئۆتىدۇ، ھەر قايسىڭ ھېلىمۇ تېخى ئۇنىڭ تىنچلىقىنى تىلەپ ئولتۇرۇشامسەن؟ - دېدى ئېپىسكوپ كۆرەڭلەپ.
- يوقسۇ جاناپلىرى، پۇقرالارنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن تىنچلىق ھەققىدە كېڭەشمەك ۋاجىپتۇر. ئەزىز دىنىڭىزلارنىڭ ئەقىدىسىدىمۇ پۇقرالارغا رەھىم قىلىش لازىملىقى كۆرسىتىلگەن ئەمەسمۇ؟
- ھىم، - ئېپىسكوپ دىمىقىنى قاقتى، - ئاللا تائالا يات دىندىكىلەرنى قاتتىق جازالاشنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
- بىراق سىلەر دامئەتارنى بىر يىل مۇھاسىرە قىلىپ ياتتىڭلاركى، ھېچقانداق نەتىجە كۆرەلمىدىڭلار.
ئېپىسكوپ، ئەلچىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپلا مەنسىتمەسلىك بىلەن سورىدى.
- سىلەر قانداق بەدەل تۆلەپ تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى؟
- ئەگەر قوشۇنىڭىزلار مىسىردىن تولۇق چىقىپ كەتسە، ئەزىز سۇلتانىمىز ئىروسالىم پادىشاھلىقىنى سىلەرنىڭ ئىككىڭلارغا تاپشۇرماقچى. ئىروسالىمنىڭ سابىق پادىشاھى بۇندىن 13 يىل مۇقەددەم مۇشەررەپ بولغان دىنىڭىزلارنىڭ ئالاھىدە قىممەت باھالىق مۇقەددەس مىراسلىرىنىمۇ قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇندىن باشقا يەنە قوشۇنىڭىزلارغا پۇل - دۇنيا ئىنئام قىلىدۇ.
ئەلچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئېپىسكوپنىڭ يۈرەكلىرى ئىختىيارسىز ئويناپ كەتتى. ھەقىقەتەن، ئەلچى ئوتتۇرىغا قويغان شەرت خېلىلا پايدا بېرەتتى، ئەمما ئاچكۆزلۈك قان - قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئېپىسكوپنىڭ كۆڭلىگە پۈككىنى يالغۇز >قىممەت باھالىق مۇقەددەس مىراس<لار ۋە ھېلىقى پۇل - دۇنيالا ئەمەس ئىدى، ھەتتا مۇقەددەس شەھەرمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازلىق قىلاتتى، ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇلارنى قورال كۈچى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ نەرسە - كېرەك ئۈندۈرۈۋالماقچى ئىدى.
- ئاللانىڭ مۇھتاجلىقى پۈتكۈل شەرق، - دېدى ئۇ تېخىمۇ كۆرەڭلەپ، - ئەگەر سۇلتانىڭلار پۈتكۈل مىسىرنى ئاللاغا تۇتسا ۋە ھەم خىرىستىئانغا كىرسە، بىز ئۇنىڭغا تىنچلىق ئاتا قىلىمىز.
شەكسىزكى، بۇنداق تەنپەن ئەلۋەتتە بۇزۇلىدۇ. 1219 - يىلى دېكابىرنىڭ باشلىرى ئىدى، ئەھلى سەلىپ، دامئەرتا شەھىرىنى ئاخىرى ئالدى، نەچچە يۈز مىڭ مارك قىممىتىدە غەنىمەت ئالدى، بۇ غەلىبە بىلەن ئېسەڭگىرەپ كەتكەن ئەھلى سەلىپ كاتتىۋاشلىرى دامئەتارغا ياۋرۇپادىن ھەمدەمچى قوشۇن يېتىپ كەلگىچە تۇرۇپ، 1221 - يىلى ئىيۇندا مىسىرنىڭ سۇلتانى قايتا ئەلچى ئەۋەتىپ ئەھلى سەلىپ قوماندانلىرىغا ئىلگىرىكى پىكىرنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، رەت قىلىندى.
ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەھلى سەلىپ قاھىرەگە كىرىدىغان يولدىكى مۇھىم ھەربى بازا - ئەلمەنسۈرەگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار تاللىغان ھۇجۇم باشلاش ۋاقتى دەل نېل دەرياسىدا تاشقىن بولىدىغان مەزگىلگە توغرا كېلەتتى. ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا نېل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغدى، يامغۇر، تاغدىن ئېتىلىپ چۈشكەن كەلكۈن بىلەن قوشۇلۇپ، يار - جىلغىلار ئارقىلىق جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ ئاقتى، ھەش - پەش دېگىچە ئەلمەنسۈرە بەئەينى كۆل بولۇپ كەتتى. ئەھلى سەلىپ بارگاھلىرى توپان ئاستىدا قالدى. بۇ جاينىڭ سۈيىدىن خەۋىرى بولغان مىسىر قوشۇنى دەرھال ئەھلى سەلىپنىڭ دامئەتار بازىسىغا قايتىشىدا مىسىرلىقلارنىڭ ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆلدى.
بۇ نۆۋەت ئەمدى ئېپىسكوپ پىراگ ئۆزى يارىشىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق بۇ بىر قېتىم مىسىرلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرنى قوبۇل قىلىش نۆۋىتى ئەھلى سەلىپكە كەلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئىستىلا قىلىنغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان دامئەتاردىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى ۋە 1221 - يىلى سىنتەبىردە مىسىردىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئېننوكېنت Ⅲ قوزغىغان ئەھلى سەلىپنىڭ 5 - قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولدى.
1228 - يىلدىن باشلاپ، ئەھلى سەلىپ شەرققە يەنە ئۈچ نۆۋەت تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، ھەممىسى دېگۈدەك مەغلۇپ بولدى. شۇندىن كېيىن ئىننوكېنىتنىڭ ۋارىسلىرى خىرىستىئان ئەللىرى پادىشاھلىرىنى قايتىدىن ئۇزۇن سەپەر قىلىشقا چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ، قوشۇن ئۇيۇشتۇرالمىدى. 200 يىل داۋام قىلغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم شەرققە تاجاۋۇز قىلغان ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشى 1291 - يىلى ئەھلى سەلىپنىڭ شەرقتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر بازىسى - ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئاككىنى قولدىن بېرىپ ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملاندى.