UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ>ئىنقىلاب بۈركۈتى<

>ئىنقىلاب بۈركۈتى<

بەش مىڭ يىل تۈن تەڭ بولغانىدى، بىر ئەترەت گېرمان ھەربىي ساقچىسى بېرلىننىڭ ۋېلماستوۋ رايونىدىكى بىر قورۇنى توساتتىن قورشىۋالدى. >ھەممە يەرنى قاتتىق كونترول قىلىڭلار، دىققىتىڭلار كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھېلىقى ئىككى كاتتىبېشىنى تۇتۇشتا بولسۇن! تېزدىن مەن بىلەن كېلىڭلار!<، - دەپ ۋارقىرايتتى يول باشلاپ كېتىۋاتقان بىرى تاپانچىسىنى شىلتىغان ھالدا. بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، بېرلىندا ئىنقىلاب پارتلىدى. 1 - دۇنيا ئورۇشىنى قوزغىغان گېرمانىيە پادىشاھى ئالدىراپ - تېنەپ قېچىپ كەتتى. سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ئوڭچىلار باشلىقى ئېبرت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تاتىۋېلىپ، ئۆزى باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئەجەللىك پەيتتە، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بارلىققا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن ئېبرت، 100 مىڭ مارك بەدىلىگە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغان ئىككى رەھبەرلىكنىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا بىر تەشكىلنى كۈشكۈرتىدۇ. بۇ ئىككىيلەن روزا ليۇكسېمبۇرگ بىلەن كارل لىبكنېخت ئىدى. خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن مەخپىي ھالەتتە تۇرغان ليۇكسېمبۇرگ بىلەن لىبكنېختنىڭ تۇرار جايىنى دۈشمەن بىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇ كېچىسىلا ئۇلار قولغا ئېلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى تۇتقۇن ئىنتايىن ئۇشتۇمتۇت بولغاچقا، باشقا جايغا يۆتكىلىشكىمۇ مۇمكىن بولماي قالىدۇ. قورۇنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە پارتىيىنىڭ بۇ ئىككى رەھبىرى قولغا ئېلىنىدۇ. ماشىنا ئۇلارنى شەھەرنىڭ غەربىدىكى ئايدىن مېھمانخانىسىغا ئاپاردى. بۇ دۈشمەننىڭ مۇھاپىزەتچى ئاتلىقلار دىۋىزىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى ئىدى. قىسقىغىنا سوراقتىن كېيىن، بىر ئوفىتسېر ليۇكسېمبۇرگ بىلەن لېبكىنچنى تۈرمىگە سولىتىۋەتتى. ليۇكسېمبۇرگ ئايدىن مېھمانخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن يالاپ چىققاندا، ئوفىتسېر ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قول ئىشارىتى قىلىۋىدى، بىر قاتىل ئېتىلىپ بېرىپ ليۇكسېمبۇرگنىڭ بېشىغا غەزەپ بىلەن بىرنى ئۇردى. ليۇكسېمبۇرگنىڭ ئايلىنىپ كېتىدىغان كېسىلى بولغانلىقتىن، تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن ھوشىنى يوقاتتى. >تېز بولۇڭلار، ئۇنى دەرھال ماشىنىغا تاشلاڭلار!<، - دەپ ۋارقىرىدى ئوفىتسېر جىددىيلىك بىلەن. ھوشىنى يوقاتقان ليۇكسېمبۇرگ ماشىنىغا تاشلانغان ھامان ماشىنا يۈرۈپ كەتتى. يولدا، قانخور ئوفىتسېر تاپانچىسىنى ليۇكسېمبۇرگنىڭ مېڭىسىگە بەتلەپ ئوق چىقاردى ۋە ئۇنىڭ جەسىتىنى بىر قانالغا تاشلىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لېبكىنچىمۇ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. بۇ، 1919 - يىل 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىدى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان گېرمانىيە پرولېتارىياتىنىڭ بۇ ئايال ئىنقىلابچىسى ليۇكسېمبۇرگ شۇ چاغدا ئاران 48 ياشتا ئىدى. ليۇكسېمبۇرگ پولشالىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئىقتىسادىي كىرىمى مۇقىم بولمىغان بىر يەھۇدىي سودىگىرى ئىدى. ئۇ بالا ۋاقتىدا پولشانى، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ئۈچ دۆلەت تالان - تاراج قىلىۋالغىنىغا 70 - 80 يىل بولغانىدى. مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى پولشا مەكتەپلىرىدە پولەك تىلىدا دەرس سۆزلەشنى مەنئىي قىلغانىدى. ليۇكسېمبۇرگ ئۆسمۈر دەۋرىدىلا چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زۇلۇم سىياسىتىگە چوڭقۇر نەپرەتلىنەتتى. ئۇ ۋەتەنپەرۋەر ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان ئالتۇن مېدالدىن مەھرۇم قىلىنغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ بىر ياشلار ئىنقىلابىي تەشكىلاتىغا قاتناشتى ھەمدە ماركىس - ئېنگېلىسلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇلارنى ئوقۇدى. ئەمما بۇ تەشكىلات ئىنتايىن تېزلىكتە چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. ليۇكسېمبۇرگمۇ ئىشپيونلارنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالدى. تۇتقۇن بولۇپ كېتىش خەۋپى ھەر قاچان بۇ قىزغا تەھدىت سېلىپ تۇراتتى. ليۇكسېمبۇرگ يولداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئات ھارۋىسىدىكى شال پاخىلى ئارىسىغا مۆكۈۋېلىپ، چېگرا قاراۋولىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، دۆلەت چېگرىسىدىن يوشۇرۇن قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بۇ قىز، سىياسىي سەرگەردانچىلىق ھاياتىنى باشلىۋەتتى. ليۇكسېمبۇرگ ئاۋۋال شۋېتسارىيىگە باردى. 1890 - يىلى، سيۇرخ ئۇنىۋېرستېتىغا كىرىپ پەلسەپە ئوقۇدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە بىئولوگىيە، ماتېماتىكا، قانۇن ۋە سىياسىي ئىقتىساد ئۆگەندى. ئۇ تىل جەھەتتە ناھايىتى ئىقتىدارلىق بولۇپ، رۇسچە، نېمىسچە، ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە ۋە ئىتالىيىچە قاتارلىق بەش خىل چەت ئەل تىلىنى مۇكەممەل بىلەتتى، يەنە تېخى كلاسسىك لاتىن تىلىنىمۇ پىششىق بىلەتتى. يەتتە يىللىق ئۇنىۋېرستېت ھاياتىدا، ليۇكسېمبۇرگ پولشا، گېرمانىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل سىياسىي مەسىلىلىرىگە ئىزچىل تۈردە يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇردى ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلدى. ئۇ خەلقئارا سوتسىيالىستلارنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىغا دەخىل بولدى ۋە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ۋەكىللىرىگە تەرجىمانلىق قىلدى ۋە ئالاقىچىلىك خىزمىتى ئىشلىدى. 3 - يىللىققا چىققان يىلى يەنە سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پولشا سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىنى قۇردى. ئۇ بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇ تېخى 22 ياشتا ئىدى. ئۇنىۋېرستېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ليۇكسېمبۇرگ بېرلىنغا كۆچۈپ باردى ۋە ئۇ يەردە گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىگە كىردى. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسى ئىككىنچى ئىنتېرناتسئونالدا ناھايىتى يۇقىرى ئابرويغا ئىگە ئىشچىلار پارتىيىسى ئىدى. ئەمما بۇ پارتىيىنىڭ باشلىقى ئېدۋارد بېرنىشتېين ماركىسزمغا قارشى ئىدى. ئۇ بىر كىتاب يېزىپ: ماركسىزمنىڭ ئاللىقاچان >ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى<، ئۇنىڭغا >تۈزىتىش< كىرگۈزۈش كېرەك، دېگەن. ھازىر ئېيتىلىۋاتقان >رېۋىزىئونىزم< دېگەن سۆز، ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن. ليۇكسېمبۇرگ بېرنشتېيىننىڭ رېۋىزىئونىزمغا قەتئىي قارشى تۇردى. ئۇ گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىگە يېڭىدىن ئەزا بولغىنى بىلەن بۇ خىل خاتا پىكىر ئېقىمى ئالدىدا بىپەرۋالىق قىلماستىن، بەلكى باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن پارتىيە يىغىنلىرىدا كۈرەش قىلىشتىن باشقا، ئۇ يەنە بىر ئەسەر يېزىپ، بېرنىشتېيىننىڭ رېۋىزىئونىزملىق نۇقتىئنەزىرىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئەينى زاماندا، مۇنداق مۇرەسسەسىز پرىنسىپال پوزىتسىيىدە تۇرالايدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. 1905 - يىلى دېكابردا، موسكۋا ئىشچىلىرى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ليۇكسېمبۇرگ دەرھال ۋارشاۋاغا قايتىپ كېلىپ، پولشانىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش قارارىغا كەلدى. بۇ چاغدا، ۋارشاۋاغا بارىدىغان خەلققە كېرەكلىك ترانسىپورت ئۈزۈلگەنىدى. ليۇكسېمبۇرگ بىر ئايال يولداشنىڭ پاسپورتىنى ئارىيەت ئېلىپ، ئەسكەرلەر ماشىنىسىغا چۈشۈپ، قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى كېچىدە، ئايرىلغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان ۋارشاۋاغا يېتىپ كەلدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، پولشانىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە، ئومۇمىي ئىش تاشلاش ۋە نامايىشلار پارتلىدى. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى موسكۋادىكى قوزغىلاڭنى باستۇرۇپ بولۇپلا زور تۈركۈملەپ ھەربىي ساقچىلار ۋە ئاتلىقلارنى يۆتكەپ پولشادىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى قورال كۈچى بىلەن دەھشەتلىك باستۇردى. ۋارشاۋانىڭ كوچىلىرىدا، ئىشچىلار كوچا ئىستىھكاملىرىنى ياساپ، >ئاتلىنايلى ئىستىھكامغا< دېگەن جەڭگىۋار ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، روسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش ئېلىپ باردى. ھايات - ماماتلىق ئېلىشىۋاتقان كېچە - كۈندۈزلەردە، ليۇكسېمبۇرگ خېيىم - خەتەرلەردىن قورقماي، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇردى. ئىشچىلار ئاممىسى بۇ ئايال ئىنقىلابچىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەپ ۋە قەدىرلەپ، >ئىنقىلاب بۈركۈتى< دەپ مەدھىيلەشتى. دۈشمەن ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئىنقىلاپ دولقۇنى پەيدىنپەي تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ ئىقنىلابتىن كېيىنلا پۈتكۈل ۋارشاۋانى ئاق تېرورلۇق قاپلاپ كەتتى. 1906 - يىل 3 - ئايدا، ليۇكسېمبۇرگ چارپادىشاھىنىڭ ھەربىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە ئېلىندى. دەسلىپىدە، ليۇكسېمبۇرگ ساقچى تۈرمىسىگە سولانغانىدى. بىر ئايدىن كېيىن، ئۇ مۇھىم سىياسىي جىنايەتكار قاتارىدا >ۋارشاۋا قەلئەسى كامېر< غا سولاندى. بۇ - مۇداپىئەسى ئىنتايىن قاتتىق، قاراڭغۇ ۋە زەيكەشلىكتە داڭ چىقارغان تۈرمە ئىدى. بۇ يەردە ليۇكسېمبۇرگنىڭ تېنى قىيىن - قىستاقلار دەستىدىن ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتتى. ئەمما ئۇ يەنىلا جەسۇر شىجائەت بىلەن ماقالە يېزىپ، پولشا پارتىيىسىنىڭ يەر ئاستى مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىپ تۇردى. يولداشلىرىنىڭ پائال قۇتقۇزۇشى ئارقىسىدا، 6 - ئايدا ليۇكسېمبۇرگ داۋالىنىش نامى بىلەن تۈرمىدىن ۋاقىتلىق چىقىپ كەتتى، بىر ئايدىن كېيىن، پايلاقچىلارنىڭ نازارىتىدىن قۇتۇلۇپ، بېرلىنغا كەلدى. ئۇ چاغدا ھەر قايسى جاھانگىر دۆلەتلەر غالجىرلىق بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانى يېڭىباشتىن بۆلۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى، ئوڭچىلار كونتروللۇقىدىكى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسى بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىماقتا ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ليۇكسېمبۇرگ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا، ئۆزى ئاممىغا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا بەل باغلىدى. بىر قېتىم، ئۇ ئىشچىلار يىغىلىشىدا مەردانىلىك بىلەن: >ئەگەر بىراۋ بىزنى قىرغىنچىلىق قورالىنى كۆتۈرۈپ فرانسىيىدىكى ياكى باشقا ئەللەردىكى قېرنداشلىرىمىزغا قارشى تۇرغۇزماقچى بولسا، ئۇنداقتا بىز: >ياق! بىز ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمىز!< دەپ جاكارلايمىز<، - دەيدۇ. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى >ئۇرۇشقا قارشى تەرغىبات ئېلىپ باردى< دېگەن باھانە بىلەن ليۇكسېمبۇرگنى قولغا ئالدى. 1914 - يىل 2 - ئايدا سوت ئېچىپ ئۇنى سوراق قىلدى. - سەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىشچىلارنى ئۆز ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتتۈڭ، گۇناھىڭنى بىلەمسەن، يوق؟ - دەپ سورىدى سوتچى. - سىلەر مىلتارىزملىقنى يولغا قويۇپ، بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ، ئىشچىلارنى توپقا تۇتۇپ بېرىشكە ئالداۋاتىسىلەر، سىلەر ئۆزۈڭلار جىنايەتكار! - ئەگەر سەن ھۆكۈمەتكە داۋاملىق قارشى تۇرىدىكەنسەن، سوت مەھكىمىمىز ساڭا ئېغىر جازا بېرىدۇ. - بىز ئىنقىلابىي پارتىيە ئادەملىرى ئۆز ئىشلىرىمىزغا سادىق كېلىمىز. سىلەرنىڭ ئېغىر جازالىرىڭلارنى مەنسىتمەيمىز! سوتچى غەزەپ بىلەن ليۇكسېمبۇرگنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە قارىماستىن، ئۆكتەملىك بىلەن ئۇنىڭغا بىر يىللىق قاماق جازاسى بەردى. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئېتىرازلىرى ئارقىسىدا، ئۇنى شۇ ھامانلا نەزەربەند قىلىشقا پېتىنالمىدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتمەيلا 1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. ليۇكسېمبۇرگ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتنىڭ، سىياسىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى ھەربىي ھالەت بۇيرۇقىغا قارىماستىن، داۋاملىق تۈردە ئۇرۇشقا قارشى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەمۇرىي دائىرىلەر 1915 - يىل 2 - ئايدا >ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىشتەك ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى< دېگەن جىنايەت بىلەن ئۇنى يەنە قولغا ئالدى. بىر يىلدىن كېيىن تۈرمىدىن چىقتى، ئەمما تۆت ئايدىن كېيىن يەنە قولغا ئېلىندى. 1918 - يىل 11 - ئايدا گېرمانىيىدە ئىنقىلاب پارتلىغاندا، قوزغىلاڭچىلار ئۇنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. ليۇكسېمبۇرگ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، شۇ ھامانلا غايەت زور ئىنقىلابىي قىزغىنلىق بىلەن يېڭى كۈرەشكە ئاتلاندى ۋە كۈرەش داۋامىدا ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىر ماركىسىزمچى پارتىيە قۇرۇش شەرتلىكىنى تونۇپ يەتتى. 1918 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ليۇكسېمبۇرگ بىلەن لىبكېنخت قاتارلىقلار گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇردى ۋە بۇ پارتىيىنىڭ داھىيىسى بولدى. دۈشمەنلەر، ئىنقىلابىي باستۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئىنقىلابىي داھىيلارغا زەربە بېرىش لازىملىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە بۇ ئىككىيلەننىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلاتتى. ليۇكسېمبۇرگ نائىلاج تۇرالغۇسىنى ھەمىشە ئالماشتۇرۇپ تۇردى، ئەمما، خائىنلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن، ئىشچىلار ئاممىسى تەرىپىدىن >ئىنقىلاب بۈركۈتى< دەپ تەرىپلەنگەن بۇ ئايال ئىنقىلابچى ئاخىر بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىتى تۆت ئايدىن كېيىن تېپىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
>ئىنقىلاب بۈركۈتى< | UyghurWiki | UyghurWiki