UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئالتۇن ۋە قان

ئالتۇن ۋە قان

بەش مىڭ يىل كولومبو، ئامېرىكا قىتئەسىگە يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قەدىمىي ھىندىئانلار دۆلىتى بولۇپ: بىرى، ھازىرقى مېكسىكا قاتارلىق جايلاردىكى ئازتېك؛ يەنە بىرى، ھازىرقى پېرۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئىنكا ئىدى. 1519 - يىلى، ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك كورتېس بىرنەچچە يۈز كىشلىك تاجاۋۇزچى قوشۇننى باشلاپ بېرىپ، مېكسىكا قولتۇقىدىكى بىر يېرىم ئارال ئارقىلىق قۇرۇقلۇققا چىقتى ۋە ئازتېكنىڭ پايتەختى (ھازىر مېكسىكا شەھىرى) گە ئۇدۇل كىردى، ۋە ئۇلار ئازتېكنىڭ پادىشاھىنى قامىۋالدى ھەمدە ئۇنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. تاجاۋۇزچىلار شاھ ئوردىسىدىكى ئالتۇن - كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى. 3 - يىلى يەنە ئازتېكلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، ئۇ يەردىكى ھىندىئانلار ئۈستىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئارقىلىق پۈتكۈل مېكسىكا رايونىنى كونترول قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئازتېكتىن ئىبارەت بۇ دۆلەت دۇنيا خەرىتىسىدىن يوقىلىپ كەتتى. ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئازتېكنى يوقاتقاندىن كېيىن، يەنە ياۋۇزلۇق بىلەن ئىنكاغا قاراپ ئېتىلدى. 1531 - يىلى، بىسارو دېگەن ئۈچ كىشى ئۈچ يەلكەنلىك كېمىدىن تەركىپ تاپقان پىلوت ۋە ئىككى توپ ۋە 50 ئات بىلەن قوراللانغان 200 نەچچە ئەسكەرنى باشلاپ كېلىپ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پېرۇ رايونىغا _ ئىنكا دۆلىتىنىڭ مەركىزىي رايونىغا قاراپ ئۇدۇل ئاتلاندى. ئۇ چاغدا، ئىنكا مەدەنىيىتى كەڭ تۈردە قوللىنىلغان يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن ئىدى. تۇچ قۇراللار كەڭ تۈردە قوللىنىلغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەر كەڭ تۈردە قېزىۋېلىنغان ئىدى. شۇنداقلا سۇغىرىش سىستېمىلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مول، دۆلەت باي ئىدى. پايتەخت كۇسكۇ (ھازىرقى پېرۇنىڭ جەنۇبى) دا غايەت زور قۇياش ئىلاھىسى ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرى ئالتۇن بىلەن زاماسكىلانغان، ئىبادەتخانىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا قۇياش سىمۋول قىلىنغان بىر ئالتۇن شار قويۇلغان؛ ئالتۇن شار ئەتراپىغا قۇياشنىڭ نۇرىغا سىمۋول قىلىنغان نەچچە يۈز تال ئالتۇن زىقچە چىقىرىلغان ئىدى. شۇڭا، تاملار خۇددى نۇر چاقناپ تۇرغاندەك پارقىراپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. پايتەختتىن تاكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جاي - جايلىرىغىچە، جۈملىدىن ھازىرقى پېرۇ، بولىۋىيە، ئېكۋاتور، شۇنداقلا كولومبىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە چىلىنىڭ شىمالى، ئوتتۇرا قىسىملىرىغىچە چوڭ يوللار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسى ئون مىليونغا يېتەتتى. ئەمما، ئۇلار تېخى تۆمۈر تاۋلاشنى، جەڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى ۋە ئات مىنىشنى بىلمەيتتى. ئۇلارنىڭ يېزىقىمۇ پەقەت دىنىي جەمئىيەتتىلا قوللىنىلغاچقا، ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك «ئارغامچا تۈگۈش» تىن ئىبارەت ئىشارەت بەلگىلىرىنى، يەنى رەڭگى، ئارىلىقى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئارغامچىلارنى تۈگۈش ئارقىلىق ئىش - ھەرىكەت ۋە سان - ساناقلارنى خاتىرىلەيتتى. ئىنكا دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مىللىي ماجرا مەۋجۇت بولغانلىقتىن، بىسارو قوشۇنى ئىنتايىن تېزلىكتە ئىناكنىڭ پايتەختىگە قىستاپ بېرىۋالدى. ئەمما، ئىنكا پادىشاھى بۇ خەۋەرنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىدى. چۈنكى، ئىنكا دۆلىتى بويىچە يوللاردا ئۆتەڭ قۇرۇلغاچقا، قىران ئەرلەر بۇ ئۆتەڭدىن ئۇ ئۆتەڭگە، ئۇ ئۆتەڭدىن يەنە بۇ ئۆتەڭگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، پايتەختكە ئۇچقاندەك خەۋەر يەتكۈزگەن، شۇڭا ئۇلار ئاللىقاچان جەڭگە ھازىرلىنىپ تۇرغان ئىدى. 300 دىن ئارتۇق ھىدىئان جەڭچىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، ئىنكا پادىشاھى ئالتۇن مەپىگە ئولتۇرۇپ ئالغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. پادىشاھنىڭ كەينىدىن ھىندىئان جەڭچىلىرىنىڭ چوڭ قوشۇنى كېلىۋاتاتتى. شۇئان ھىندىئانلاردىن بىر يەرلىك ئەمەلدار كېلىپ پادىشاھقا خەۋەر يەتكۈزدى: پادىشاھى ئالەم! كۆزۈمگە ئوچۇق كۆرۈندىكى، ئىسپانىيە قوشۇنىدا ئادەم ناھايىتى ئاز ئىكەن ھەمدە ھېرىپ ھالى قالمىغاچقا چوڭ قويلارغا مىنىۋاپتۇ. _ ھا ... ھا... ھا، قانداق بولۇپ قويغا مىنىۋالغاندۇ؟ _ پادىشاھ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە، ئىسپانىيە قوشۇنلىرى ئاتقا مىنىپ كېلىۋاتاتتى، ھىندىئانلار ئەزەلدىن ئار دېگەننى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئاتنى «چوڭ قوي» دەپ ئاتىغان ئىدى. پادىشاھ خۇشاللىق بىلەن مەپىدىن تۇردى - دە: _ قۇياش ئىلاھىمىزغا رەھمەت، دۈشمەنلەر جەزمەن بىزگە ئەسىر بولىدۇ، - دېدى. _ ھەق راست! جەزمەن! _ دەپ توۋلىدى بارلىق ھىندىئان جەڭچىلەر. شۇ ئەسنادا ئىسپانىيىلىك بىر پوپ توساتتىن ئورمانزارلىقتى چىقىپ كەلدى - دە، دۇئا - تىلاۋەت كالمىنى كۆتۈرگەن ھالدا سالماق قەدەم تاشلاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋەز - نەسىھەت قىلدى: _ ئى پادىشاھ! قۇلاق سالغايسىزكى: خۇدا ئاۋامنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەيسا پەيغەمبەرنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتكەن، ھازىر پاپا ئۇنىڭ ۋەكىلىدۇر. ئۇ زىمىنى ئىقلىمىنى ئىسپانىيە پادىشاھىغا ئىنئام قىلدى. ئىسپانىيە پادىشاھى بۇ زىمىننى باش ۋالىي بىساروغا ئىنئام قىلدى. ناۋادا سىز خۇدانىڭ بۇ ۋەھىمىسىگە ئىشەنمەي، باش ۋالىينىڭ بۇيرۇقىغا قۇلاق سالمىسىڭىز، ئۇ سىزنى ئوت ۋە خەنجەر بىلەن جازالايدۇ! ئەسلىدە پوپ تاقاۋۇزچىلىق كالامىنى تەشچىق قىلىۋاتاتتى. ئىنكا پادىشاھى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھاڭ - تاڭ قالدى - دە: _ بۇ زىمىن بوۋامدىن ئاتامغا، ئاتامدىن ماڭا قالغان تۇرسا، خۇدا قانداق بولۇپ، ئىنئام قىلىدىكەن؟ بىز بۇ يەردىكىلەر قۇياش ئىلاھىغا ئېتىقاد قىلىمىز، دۇنيادىكى ھەممە مەۋجۇداتنى قۇياش ئىلاھى ياراتقان! - دېدى. - ياق، _ دەپ چىڭ تۇردى پوپ - دۇنيادىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى خۇدا ياراتقان، خۇداغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك! _ گۇۋاھ - شاھىڭ بارمۇ؟ - دەپ سورىدى ئىنكا پادىشاھى. _ بار! - مانا مۇشۇ! - پوپ «ئىنجىل» نى كۆرسەتتى. _ نېمەڭ بۇ؟ - دېدى ئىنكا پادىشاھى ۋە «ئىنجىل» نى ئېلىپ يەرگە ئاتتى. پوپ پەينىگە ئۆرۈلۈپ يۈگۈردى - دە، ئورمانزارلىققا مۆكۈپ ياتقان ئىسپانىيە قوشۇنىدىكىلەرگە: «كېلىڭلار! ئۇلارغا ھۇجۇمغا ئۆتۈڭلار! ئۇلار كاپىر ئىكەن!» - دەپ ۋارقىرىدى. ئەسلىدە ئىسپانىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى ئىنكا دۆلىتىنى خۇداغا ئىشەنمەيدۇ دەپ يوقاتماقچى ئىدى. بىسارو شۇ ھامان توپچىلارغا ھىندىئانلارنى توقا تۇتۇشقا بۇيرۇق بەردى. «گۇمباڭ!» «گۇمباڭ!» توپ ئوقى چۈشكەن يەرلەر قانغا بويالدى. قارا مىلتىقچىلارمۇ ھىندىئانلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزدى. «گۈم»، «گۈم» ھىندىئانلار ئارقا - ئارقىدىن يەرگە يېقىلدى. ھىندىئان ئەسكەرلىرى بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئۆز پادىشاھىنى قوغدىدى. ئۇلار ئوق - يا، مىس پالتا، مىس توقماق، مىخلىق توقماقلار بىلەن جەڭ قىلدى. بىر ھىندىئان جەڭچىسى يىقىلسا، نەچچە ھەمراسى ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇردى. ئۇلار ناھايىتى كۆپلەپ قۇربان بولدى. ئەمما قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، جەسۇرلۇق بىلەن ئاخىرىغىچە تاقابىللاشتى. بىسارو بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھۇدۇقۇپ كەتتى. چۈنكى، ھىندىئانلاردىن ئۆلگەن، يارىلانغانلار كۆپ بولغان بىلەن، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ سانىمۇ كېمىيىپ كېتىۋاتاتتى. بىسارودا ھەممىسى بولۇپ 200 نەچچە ئەسكەر تۇرسا، قانداقمۇ ئون مىڭلىغان ھىندىئانلار بىلەن ئۇزاققىچە جەڭ قىلالىسۇن؟ ئۇ جەڭ مەيدانىغا بىر كۆز يۈگۈرتتى - دە، بىر ئەقىل تاپتى. ئۇ ئىنكا جەڭچىلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى بايقىۋېلىپلا، ئۇلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا ئىنكا پادىشاھىنىڭ مەپىسىگە قاراپ شىددەتلىك ئېتىلدى. ئىسپانىيە ئەسكەرلىرى ھە دېسە ھە دەپ بىسارونىڭ كەينىدىن چاپتى. بىسارو پادىشاھنى چېچىدىن تارتقىنىچە يەرگە باستى. ئىسپانىيە ئەسكەرلىرى ئۇنى ئارغامچا بىلەن باغلىۋالدى. ھىندىئان جەڭچىلىرى ئۇشتۇمتۇت بېرىلگەن بۇ زەربىدىن چۆچۈپ كېتىپ، دەرمەھەل جەڭنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى. شۇئان ئىسپانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق ئۈزگەن ئاۋازى گۈمبەزلەپ كەتتى. ئىنكا جەڭچىلىرى ئارقا - ئارقىدىن چېكىندى. بۇنى كۆرگەن تاجاۋۇزچى قوشۇنلار ئۇررا كۆتىرىپ ئېتىلدى - دە، پادىشاھنىڭ مەپىسىنى چېقىشقا ئالدىراشتى. چۈنكى، بۇ مەپە، ئالتۇندىن ياسالغاچقا، ئۇنى چاققاندا ھەر بىر تاجاۋۇزچى ئالتۇن پارچىلىرىغا ئىگە بولالايتتى. تاجاۋۇزچىلاردىن بىرسى تەختىراۋاننى چاقىمەن دەپ ئەقلىنى يوقاتقان ھالدا بىسارونىڭ قولىغا ئۇرۇپ تاشكىدى. بىسارو ئەسەبىيلەرچە ۋايجان قىچقىرىپ ئالەمنى مالەم قىلدى. ئىنكا پادىشاھى قاماققا ئېلىندى. بىسارو، ھىندىئانلارنىڭ باشلىقىغا: ئۆيىمىزنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەر بىلەن تولدۇرساڭلار، پادىشاھىڭلارنى قويۇپ بېرىمىز، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە ھىندىئانلار توپ - توپ بولۇشۇپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ قونالغۇسىغا ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى توشۇدى. بىر قانچە كۈنگە قالماي ئىككى ئېغىزلىق ئۆينى ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن تولدۇرۇپ بەردى. ئەمما ھىندىئانلار يەنىلا ئۆز پادىشاھىنىڭ بوشىنىپ چىققانلىقىنى كۆرەلمىدى. «ھىم، _ دېدى شۇنچىۋالا ئالتۇن - كۈمۈشنى كۆرگەن بىسارو زەھەرخەندىلىك بىلەن، _ ئەمدى ئۇلارنىڭ پادىشاھىنى ئېتىپ تاشلاش ۋاقتى كەلدى!» باغرى تاش تاجاۋۇزچىلار ئىنكا پادىشاھىنى ئېتىپ تاشلىغاندىن كېيىنلا كەڭ تۈردە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ھىندىئانلارنى پۈتكۈل كەنت - كەنتلىرى بويىچە ئەر - ئايال، ياش - قېرى دېمەي پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. ئەسلىدىكى مۇنبەت ئېكنزارلىقلارنى پۈتۈنلەي قاقاس چۆللەرگە، ئەسلىدىكى ئاۋات شەھەرلەرنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئىنكا زىمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىگە جەسەتلەر تاشلىنىپ، تىرىكلەرنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئېچىنىشلىق مەنزىرە پەيدا بولدى. ئىنكا پادىشاھىنىڭ ئوغلى ئىنكا مەنكۇ ئېغىر زەربە ئالدىدا ئكزىنىڭ غۇرۇرىنى يوقاتماي، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسى ھەققىدە باش قاتۇردى. ئۇ ئىنتايىن ئىتائەتمەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىسپانىيىلىكلەرگە يېقىنلاشتى، ھەتتا تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا پايدىلىق بەزى ئىشلارغىمۇ ياردەملەشتى. ئەمما ئاستىرتتىن دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتتى، ئات مىنىشنى، قارا مىلتىق ئېتىشنى ئۆگەندى. 1535 - يىلىدىن باشلاپ، ئىنكا مەنكۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدا كۈچ توپلىدى. ياندۇرقى يىلى 4 - ئايدا، جاسارەت بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىى باشلاپ چىقىپ، كوسكۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇ ئىسپانىيىنىڭ ئېگىز ئېتىغا مىنىۋېلىپ، قولىغا ئىسپانىيىنىڭ قارا مىلىتىنى ئالغان ھالدا، بىر تەرەپتىن، تاجاۋۇزچىلارنى ئوققا تۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ تاجاۋۇزچىلار قورشاۋغا ئالدى. ئەسىرگە چۈشكەن سەككىز تاجاۋۇزچىنى ھەربىي مەخپىيەتچى، توپچى، پارتلاتقۇچى بولۇشقا قىستاپ، ئىسپانىيىنىڭ قورالى ۋە ئادىمى بىلەن ئىسپانىيىلىكلەرنى بومباردىمان قىلدى. غەنىيمەت ئالغان ئىسپانىيە ئاتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىسپانىيىلىكەرگە زەربە بېرىپ، ناھايىتى زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما، ئىنكا بىرمۇنچە قەبىلىلەردىن تەركىب تاپقان دۆلەت بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەت كۆپ ئىدى. ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى خائىنلارنى سېتىۋېلىش ۋە ھىندىئان قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش يولى بىلەن، ئىنكا مەنكۇ باشچىلىقىدىكى ھىندىئانلار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە يوقىتىپ تاشلىدى. ئىنكا مەنكۇ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئىسپانىيىگە تەسلىم بولغان قەبىلىلەرمۇ ئوخشاشلا ئىسپانىيە قوشۇنى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلاندى، ئىسپانىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلەر بىرسى پەسەيسە، يەنە بىرسى ئۆرلەپ تۇردى. جاي - جايلاردىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ كۈرەشنى ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ 35 يىل داۋاملاشتۇردى. ئىسپانىيىلىكلەر ئوتتۇرا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، قۇل قىلىنغان ھىندىئانلارنى تېرىقچىلىق مەيدانلىرىدا شېكەر قۇمۇچى تېرىشقا، ئالتۇن - كۈمۈش كانلىرىدا ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىدى، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ تەكرار قىرغىنچىلىق قىلىشى قوشۇلۇپ، ھىندىئانلارنى ئەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا كەلتۈرۈپ قويدى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا (جۈملىدىن ئازتېك، ئىنكالاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت ۋە باشقا نۇرغۇن قەبىلىلەر) لاردا ئىسپانىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى تەرىپىدىن 15 - 12 مىليون ھىندىئان ئۆلتۈرۈلگەن. ھايتى ئارىلىدا ئەسلىدە 60 مىڭ ئاھالە بولۇپ، 1548 - يىلىغا كەلگەندە پەقەت 500 ئادەم قالغان. 1548 - يىلىغا كەلگەندە كۇبا ۋە يامايكىلاردا بىرمۇ ھىدىئان قالمىغان! ئەمما، 1521 - 1544 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ھەر يىلى 2900 كىلوگرام ئالتۇن، 30 مىڭ 700 كىلوگرام كۈمۈشنى بۇلاپ كېتىپ تۇرغان. 1545 - يىلىدىن 1560 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر يىلى 5500 كىلوگرام ئالتۇن، 246 مىڭ كىلوگرام كۈمۈشنى بۇلاپ كېتىپ تۇرغان! ھىدىئانلارنىڭ قىزىل قېنى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ كەڭ زىمىنىنى بويىغان، ئالتۇن - كۈمۈش ئۈزۈلمەستىن ئىسپانىيە يېرىم ئارىلىغا توشۇلۇپ تۇرغان. مانا بۇ _ «يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئېچىش» تىن ئىباەرت مۇستەملىكە تارىخى!
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ