UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭشۇەن خۇاڭنىڭ غەرپكە سەپەر قىلىشى

شۇەن خۇاڭنىڭ غەرپكە سەپەر قىلىشى

بەش مىڭ يىل پادىشاھ ھارشاۋاردھانا توغرىسىدىكى ھېكايىدە، بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەنزاڭ ئۇستازىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. ئۇنداقتا، بۇ ئۇستاز >غەرپكە ساياھەت خاتىرىسى< دىكى تاڭ سېڭ )تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەن راھىپ( مۇ - ئەمەسمۇ؟ بۇ سوئالغا بىز: ھەم شۇ، ھەم ئەمەس، دەپ جاۋاپ بېرىمىز. تاڭ سېنىڭ دېيىشىمىزدىك سەۋەپ شۇكى، >غەرپكە ساياھەت خاتىرىسى< نىڭ ئاپتورى سەنزاڭ ئۇستازنڭ ھىندىستانغا بېرىپ بۇددىزىمنى ئۆگىنىپ كەلگەنلىگى توغرىسىدىكى پاكىتلارغا ئاساسەن، بۇ روماننى يېزىپ چىققان، تاڭ سېڭ ئەمەس دېيىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇكى، تاڭ سېڭ ئەرشىدىكى ئىلاھى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئادەم. ئۇنىڭ ئەرشىدىكى ئوردىنى ئەرەختەن ـ پەرەختەن قىلغنالىقى، بەيگۇجىڭغا ئۈچ قېتىم زەربە بەرگەنلىگى، يانار تاغدىن يەلپۈگۈچ ئارىيەت ئالغانلىقى قاتارلىق بىر مۇنچە ھېكايىلەرنى ئالىدىغان بولساق، ھەممىسى ئاپتورنىڭ بەدىئىي ئويدۇرمىسىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە تاڭ سېڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى: تاڭس ېڭنىڭ ئەسلى پەمىلىسى چېن، ئىسمى ۋېي بولۇپ، مىلادىن 600 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئاكىسى لويڭ جىڭتۇ ئىبادەتخانىسىدا شەيخ بولغاچقا، ئۇمۇ 15 يېشىدىلا شەيخ بولۇپ، ئۆزىگە بۇددىزىمغا خاس بولغان شۇەن جۇاڭ دېگەن ئىسىمنى قويۇۋالغان. شەيخ شۇەن جۇاڭ، جۇڭگونىڭ چاڭجياڭ ۋە خۇاڭخې دەريالىرىنىڭ ۋادىلىرىنى كېزىپ يۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان دانا راھىپلاردىن بۇددىزىمنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئۆگەنگەن. ئەمما ئۇ، ئوخشاشمىغان مەزھەپتىكىلەرنىڭ بۇددا نوملىرىنى شەرھىلىشى بىردەك بولمايۋاتقانلىقىنى، بۇددا نوملىرىنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىدىمۇ بىرسى بىرسىگە ئوخشاشمايدىغان جايلارنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا نۇرغۇن نوملارنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە قىلىشقا، ھىندىستانغا بېرىپ بۇددا نوملىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ، بۇددىزىمنىڭ چن ھەقىقىتىنى ئۆگىنىشكە بەل باغلىغان. پادىشاھ ئوردىسى شۇەن جۇاڭنىڭ چەتكە چىقىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىمىدى. شۇنىڭ بىلەن، 627 - يىلى ئۆزى يالغۇزلا ئون مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە مەخپى ئاتلاندى. لياڭجۇغا يېتىپ كەگەندە، تۇتۇق ھىراۋۇل جاناپلىرىنىڭ چاپارمەنلىرى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى پايتەخت چاڭئەنگە قايتۇرۇۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەردىكى داڭلىق بىر راھىپنىڭ ياردىمى بىلەن قېچىپ چىقىپ، كۈندۈزلىرى مۆكۈنۈپ، كېچىلىرى يول يۈرۈش ئارقىلىق چېگرا شەھەرگۇاجۇ )گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ( غا كېلىۋالغان. ئويلىمىغاندا، تۇتۇق ھىراۋۇلىنىڭ شۇەن جۇاڭنى تۇتقۇن قىلىش توغرىسىدىكى تەستىقنامىسى گۇاجۇغا يەتكۈزۈلگەن، بەختكە يارىشا، شۇەن جۇاڭنىڭ يەرلىك ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان بىر شاگىرتى ئۇنى باشقا يوللار بىلەن مېڭىپ يۈرۈپ يۈمېنگۇەندىن چىقىرىپ قويغان. يۈمېنگۇەندىن چىققاندىن كېيىن، چەكسىز قۇملۇق ئىدى، ھاۋا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇراتتى. شۇەن جۇاڭ قۇملۇقتا ئۆزى يالغۇز بەش كېچە ـ كۈندۈز يول يۈرۈش جەريانىدا ئىچكىلى ۋۇ تاپلامىغاچقا، ھۇشدىن كېتىپ يىغىلىپ قالغان، تۈن نىسبىدە سالقىن شامالنىڭ سەگىتىشى بىلەن ھۇشىغا كېلىپ ئەتراپنى ئاخترۇپ سۇ تېپىپ ئىچىپ، شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە بەش كۈن يول يۈرۈپ ئېۋىرغۇل )ھازىرقى قۇمۇلغا( يېتىپ كەلگەن. ئېۋىرغۇلنىڭ يېنىدا قۇجۇ خانلىقى بار ئىدى، 0ازىرقى تۇرپان( بۇ خانلىقنىڭ خانى ئۇنىڭ كەلگەنلىگىدىن خەۋەر تاپقن ھامان ئادەم ئەۋەتىپ شۇەن جۇاڭنى بۇددا نوملىرىنى شەرھىلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. خان قىزغىن كۈتۈۋېلىپ ۋە كۆپ ھەق بېرىش ئارقىلىق شۇەن جۇاڭنى قۇجۇدا ئېلىپ قالماقچى بولغان. ئەمما شۇەن جۇاڭ، ھىندىستانغا بېرىپ تەجرىبە ئېلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى بايان قىلغان. خان ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن يات پەمىلىلىك ئاكا - ئۇكا بولۇشقان، يول ئۈستىدىكى 24 خانلىقنىڭ خانلىرىغا ئۆز قولى بىلەن 24 پارچە نامە يېزىپ، ئۇلاردن شۇەن جۇاڭنىڭ چېگرىلاردىن ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن. يولغا چىققاندا، ئۇ يەنە 30 ئات ۋە 25 ھەمرا قوشۇپ بەرگەن ھەمدە ئۇلارغا 20 يىللىق سەپەرگە يەتكۈدەك لازىمەتلىك بۇيۇملارنى بەرگەن. شۇەن جۇاڭلار مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن پامىردىن ئۆتۈپ سيئاپ شەھىرى )ھازىرقى قىرغىزىستان تەۋەلىگىدە( گە كەلدى؛ ئاندىن يەنە ھازىرقى ئافغانىستان رايونى ئاقرىلىق داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، 628 - يىلى شىمالىي ھىندىستانغا يېتىپ بارغان. شۇەن جۇڭ كاسمىرا 0ازىرقى كەشمىر( دە ئىكك يىل بېرىلىپ ئۆگىنىپ، شۇ چاغدا ئۆتۈكزۈلگەن 4 - قېتىملىق بۇددىزىم يىغىلىشىدا، بۇددىستلار توپلىغان 300 مىڭ مەدھىيە )ئەينى چاغدا ھىندستاندا سانسىكىرت يېزىقى بىلەن يېزىلغان قاپىيىلىك نەزمە بولۇپ، ھەر ئىككى قۇردا بىر قاپىيە چۈشەتتى، مۇشۇنداق ھەر بىر قاپىيە بىر >مەدھىيە< )دەپ ئاتىلاتتى( لىك نومنى تولۇغى بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتى، جەمئىي 960 مىڭ سۆزلۈك بۇددىزىم كالامنى ئۆگەندى ھەمدە >سىراتۇۋىدىيا< )قەدىمكى ھىندىستان تىل ـ يېزىقشۇناسلىقى( ۋە >ھېتۇۋىدىيا< )قەدىمكى ھىندىستان لوگىكىسى( نىمۇ ئۆەىنىۋالدى. ئىكى يىلدىن كېيىن، شۇەن جۇاڭ پۈتكۈل ھىندىستاننى ساياھەت قىلىشقا كىرىشىپ، بۇددىزىمنىڭ قەدىمىي يادىكارلىقلىرىنى زىيارەت قىلدى، داڭلىق ئۇستازلاردىن ئۆگەندى. ئۇلار كاسمىرادىن چىقىپ غەربىي جەنۇپقا قاراپ 700 چاقىرىمدىن كۆپرەك يول ماڭغاندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇپقا بۇرۇلپ يەنە 400 چاقىرىم يول مېڭىپ، بىر دەريادىن ئۆتۈپ بىر ئورمانلىققا كىرگەندە، ئورمانلىقتىن، ئۇشتۇمتۇت نەچچە ئون قاراچى ئېتىلىپ چىقىپ، شۇەن جۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ يالىڭاچلىدى ۋە پۈتكۈل مال - مۈلكىنى قويماي بۇلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر كۆلچەكنىڭ بويىغا ھەيدە بېرىپ، ئۆلتۈرۈپ تاشلىماقچى بولدى. دەل مۇشۇ چاغد، شۇەن جۇاڭنىڭ بىر ھەمراسى كۆلچەكنىڭ جەنۇبىدا بىر ئۆڭكۈر تۇرغانلىقىنى كۆردى - دە، شۇ ھامان شۇەن جۇاڭغا ئىما قىلدى ۋە ئىككىيلەن ئۆڭكۈرگە مۆكۈۋالدى. بۇ ناھايىتى ئۇزۇن بىر ئۆڭكۈر بوۇپ، ئۇلار ئىككى ـ ئۈچ چاقىرىم ماڭغاندىن كېيىن يورۇقلۇققا چىقتى. بۇ يەر خېلى چوڭ يېزا ئىدى، ئۇلار يەرلىك دېھقانلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ پانا تىلىدى. بىر بوۋاي شۇ ھامان بۇغۇي چېلىپ نەچچە ئون دېھقان يىگىتنى يىغدى -دە، ئوق ـ يا، جۆتۇ ۋە تىرنىلىرىنى ئالغان ھاەلدا بىرلىكتە قاراقچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن يېتىپ كېلىشتى. بۇ چاغدا،قاراقچىلار ئولجا بۆلۈشەلمەي غۇلغۇلا قىلىۋاتقان بولۇپ، كۆلچەك بويىدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى. ئۇلار يوپۇرلۇپ كېلىۋاتقان دېھقانلارنى كۆرۈپلا ئارقا - ئارقىدىن ئورمانلىققا قېچىپ كىرىپ كەتكەن. كۆلچەك بويىدىكىلەر قۇتقۇزۇپ قېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنڭ مال ـ مۈلۈك، پۇل ۋەجى قاراقچىلار قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ يەردىكىلەر ئۇلارغا ناھايىتى خەيرىخاھلىق قىلىپ، شۇەن جۇاڭلارغا نۇرغۇنلىغان كىيىم - كېچەك ۋە پۇل ئىنئام قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغان. بۇ يەردە 170 - ياشقا كىرگەن بىر بىراخمان ئالىمى بولۇپ، بىلىمى ناھايىتى مول ئىكەن. شۇەن جۇاڭ بۇ يەردە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ھىندىستان چوڭ دۆلىتى - كانياككۇپجاغا بېرىپ، پادىشاھ ھارشاۋاردھاانانىڭ پايتەختى كانائۇجدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئىبادەتخانا ۋە دنا راھىپلارنى زىيارەت قىلغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇ يەردىن يولغا چىقىپ كېمىگە ئولتۇرۇپ ھىندى دەرياسىدا كېمە بىلەن سەپەر قىلغان. ھىندى دەرياسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، توغرسى بىر - ئىككى كىلومېتىر كېلەتتى. قىرغاقلىرىدا ئاسمان پەلەك قەدىمىي دەرەخلەر باراخلاپ تۇرغاچقا، ئاجايىپ مەنزىرىلىك ئىدى. ئۇلار كېتىۋاتقاندا توساتتىن ئاڭلانغان ئىسقىرت ئاۋازى بىلەن تەڭلا ئىككى قىرغاقتىكى ئورمانزارلىقتىن 20 گە يېقىن قېيىق تېزلىكتە دەرياغا چۈشتى - دە، ھاپىلا - شاپىلا شۇەن جۇاڭلارنىڭ چوڭ كېمىسىنى قورشىۋالغان؛ ئارقىدىنلا قوللىرىغا شەمىشەر ئالغان ئون قاراقچى شۇەن جۇاڭلار ئېلىپ كېتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتكەن؛ قاراقچىلار يەنە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى باغلاپ دەريانىڭ قىرغىقىغا ھەيدەپ چىققان. قىرغاقا نەزەر سۇپىسى تەييارلانغان بولۇپ، بىرمۇنچە ئوتلارنى دۆۋىلەگلىك تۇراتتى. قاراقچىلار شۇەن جۇاڭنىڭ قەددى - قامىتى كېلىشكەن، قۇلاقلىرى يوغان تۇرغنالىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى نەزىر سۇپىسىغا يالاپ چىققان ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئىلاھىغا نەزىر قىلىپ بەرمەكچى بولغان، شۇەن جۇاڭنىڭ ھەمرالىرى تىزلىنىپ، قاراقچىلاردىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆزىنى نەزىر قىلىشنى خالايدىغنالىقىنى بىلدۈرۈشكەن. قاراقچىلار پىسەنتكە ئالماستىن شۇەن جۇاڭنى ئۆلتۈرۈشتە چىڭ تۇرغان. شۇەن جۇاڭ قىلچە تاتارماستىن، تەمكىنلىك بىلەن: - دەر مەھەللىك خەيرىيەت قىلىڭلار، يوقسۇل راھىپ بۇ دۇنيادىن خاتىرجەم كېتىۋالسۇن، - دەپلا، نەزر سۇپىسىدا چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، دۇئاغا قول كۆتۈرگەن ۋە ئاغزىنى مىدىرلىتىپ بۇددا نوملىرىنى زىكرى قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ھەمراھلىرى جىلە بولۇپ ھۆڭرەپ يىغلاشقا بالشىغان، ئەمما شۇەن جۇاڭ ئىنتايىن خاتىرجەملىك بىلەن پۇسانىڭ نامىنى زىكرى قىلغان. ئىشنىڭ بۇناق ئوڭ كېلىدىغانلىقىنى كىمبىلسۇن، دەل مۇشۇ جىددى پەيتتە >گۈلدۈر - قاراس< قىلىپ چېقىلغان گۈلدۈرماما بىلەن قارا بوران چقىپ يوغان بىر تۈپ دەرەخنى سۇندۇرۇپ تاشلىغان؛ دەريادا دولقۇنلار ئۆركەشلەپ قاراقچىلارنىڭ بىر قېيىقىنى ئۆرۈۋەتكەن. - سەن ئۇنىڭ كىملىگىنى بىلەمسەن؟ - شۇەن جۇاڭنىڭ بىر ھەمراسى، قاراقچىلارغا قاراپ ئۈنلۈك توۋلاپ، - ئۇ شەرقىي دىياردىكى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەن سەنزاڭ ئۇستاز. ئۇنى ئۆلتۈرسەڭلار تەڭرى راۋا كۆرمەيدۇ! قاراقچىلار كۆز ئالدىدىلا نامايەن بولۇۋاتقان مەنزىرىدىن ھۇشىنى يوقىتىپ شەمشەر قاتارلىق قاتىللىق قوراللىرىنى دەرياغا تاشلىۋېتىپ، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىپ، مال ـ مۈلكىنى قايتۇرۇپ بېرىشكەن ھەمدە ئارقا ـ ئارقىدىن شۇەن جۇاڭنىڭ ئالدىدا تىزىلىنىپ ئولتۇرۇپ ەۇنالىرىنى تىلەشكەن. شۇەن جۇاڭ يەنىلا توختىماستىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇددا نوملىرىنى ئوقۇۋەرگەن. شۇەن جۇاڭلار شەرققە قاراپ يەنە 2500 چاقىرىم يول مېڭىپ، تۆت دۆلەتتىن ئۆتۈپ، بۇرۇن ساكيامۇنى 20 - يىل بۇددا ئەقىدىلىرىنى سۆزلىگەن مۇقەددەس جاي - جېتاۋاناۋىخاراغا يېتىپ باردى. ئاندىن يەنە 800 چاقىرىم يول مېڭىپ ساكيامۇنىنىڭ ئاتىسى سۇددودانانىڭ ئوردىسىغا بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلغان. يەنە 1000 چاقىرىمدىن كۆپرەك يول مېڭىپ ساكيامۇنى تەرىقەتك ئىگە بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى قېتىم بۇددا قانۇنىنى شەرھىلىگەن مارگاداۋا ئىبادەتخنانىسىنى زيارەت قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن راجاگرا شەھىرى )ھازىرقى ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا( گە بېرىپ، ئەينى يىللاردا ساكيامۇنى تەرىقەت تەھسىل قىلغان جاي - بىر تۈپ قېرىپ كەكتەن شاپائەت دەرىخىنىڭ تۈۋىگە بېرىپ سەجدە قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، شۇەن جۇاڭ ھىندىستاننىڭ ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى - نالاندا ئىبادەتخانىسىغا يېتىپ باردى. نالاندا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاقساقىلى - سىلابادرا ئەخلاقىي پەزىلەتلىك پىشقەدەم ئۇستاز ئىدى. سىلابادرا ئۇستازنىڭ قاتتىق سىناقلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شۇەن جۇاڭغا >سەنزاڭ ئۇستاز< دېگەن شەرەپلىك نام بېرىش قارار قىلىندى. ئۇ چاغدا بۇددىزىم ئۇستاز دېگن نم، بىلىم سەۋىيىسىگە ئاساسەن بېرىلەتتى. نالاندا ئىبادەتخانىسىدا ئۆگەنگەن 4000 دىن ئارتۇق شەيخ ئىچىدە 20 كالامنى پۇختا بىلگەنلەر 1000 دىن ئارتۇق ئىدى، 30 كالامنى پۇختا بىلگەنلەر 500 دىن كۆپرەك كىشى ئىدى؛ 50 كالامنى پۇختا بىلگەنلەر ئاندىن >سەنزاڭ ئۇستاز< نامىغا ئىگە بولالايتتى. نالاندا ئىبادەتخانىسىدا مۇنداق يۇقىرى نامغا توققۇز كىشى ئىگە بولغان ئىدى. بۇنىڭغا شۇەن جۇاڭ قوشۇلۇپ ئون بولغان، ئۇ جۇڭەونىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن بارغاچقا، كىشىلەر ئۇنى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەنزاڭ ئۇستازى دەپ ئاتاشقان. شۇەن جۇاڭ، نالاندا ئىبادەتخانىسىدا بەش يىل ئۆەەنگەندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى مەشھۇر ئالىملر قېشىغا بېرىپ، ئىلگىرى ـ ئاخىر بولۇپ ئالتە يىل سەييارە بىلىم ئېلىپ، 641 - يىلى يەنە نالاندا ئىبادەتخانىسىغا قايتىپ كەلگەن. پادىشاھ ھارشاۋاردھانا نالاندا ئىبادەتخانىسىنىڭ دانا راھىپلىرىنى مۇنازىرىگە تەكلىپ قىلغاند، سىلابادرا، ئۇستاز شۇەن جۇاڭنى تاللاپ ئەۋەتكەن. شۇەن جۇاڭ بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، پۈتكۈل ھىندىستانغا تونۇلۇپ كەتكەن. 645 - يىلى، شۇەن جۇاڭ شەرەپ بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندە، بۇددا نوملىرىدىن 657 - پارچە، سادىرا )سكيامۇنىنىڭ تەۋەرۈك كۈلى( دىن 150 تال، ساكيامۇنىنىڭ ئۈچ چى بەش سۇڭ ئىگىزلىكتىكى بىر ئالتۇن ھەيكىلىنى ۋە باشقا ئالتۇن - كۈمۈشلەردىن ياسالغان بىر مۇنچە ھەيكەل، گۈل مىۋىلەرنىڭ ئۇرۇقلىرىنى ئېلىپ چاڭئەنگەقايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا، چاڭئەن ئاھالىسى بەس ـ بەس بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ قارشى ئالدى. تاسڭ سۇلالىسىنىڭ تەيزۇڭ خانى لى شىمىن، لوياڭدا شەخسەن ئۆزى قوبۇل قىلدى. شۇەن جۇاڭ ئەمەل تۇتۇشنى راۋا كۆرمەي ھىندىستاندىن ئېلىپ كەلگەن بۇدا نوملىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا بەل باغلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ 50 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەردە ئۆتكەن 17 يىللىق ئۆمرىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى يىغىنچاقلاپ >بۈيۈك تاڭ دەۋرىدە غەرپكە ساياھەت قىلىش خاتىرىسى< دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقىپ، جۇڭەو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستانلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە مەشھۇر تۆھپە قوشتى. 635 - يىلى ياپونىيىلىك شەيخ داۋجاۋ، چاڭئەنگە كېلىپ شۇەن جۇاڭنى پىر - ئۇستاز قىلىپ باش ئۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ يەنە، بۇددىزىمنىڭ تارقىلىشى ۋە جۇڭگو - ياپونىيە دوستلۇغىغىمۇ زور تۆھپە قوشتى. 664 - يىلى 5 - فېۋرالنىڭ تۈن نىسبىدە شۇەن جۇاڭ ئۆتتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ گاۋزۇڭ خانى لى جژ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قايغۇرۇپ: "ئەمدى راھىپلار، ئۇستازىدىن، بۇددىزىم، تۈۋرۈگىدىن ئايرىلدى، مەن دۆلەت ئەڭگۈشتىرىمدىن ئايرىلدىم! دۆلەت ئەڭگۈشتىرىمدىن!< دەپ ھەسرەت چەككەن. شۇەن جۇاڭنىڭ كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىنكى كۈلى فەنجۇ )ھازىرقى شىئەن شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا( دىكى بۇددا مۇنارىسىغا قويۇلغان ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە مۇنارە بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن جەسەت كۈلى يوقىلىپ كەتكەن ئىدى. 1943 - يىلىغا كەلگەندە، نەجىڭ شەھىرىدىكى جۇڭخۇا دەرۋازىسى سىرتىدىكى سەنزاڭ ساريىنىڭ تاش كامىرىدىن تېپىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر چاغد، شۇ چاغدىكى بۇت، ئىسىرىقدان، شامدان، ئالتۇن، كۈمۈش، يامبۇ، ياقۇت، قاش تېشىدىن ياسالغان قاچا - قۇچىلار، ئۈنچە ـ مارجان، قەدىمكى زامان پۇللىرى قاتارلىق بىر مۇنچە يادىكارلىقلار تېپىلدى. بۇ قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقلار، ھازىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا نەجىڭ، بېيجىڭ، تىيەنجىن، گۇاڭجۇ ۋە چېڭدۇلاردىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا ساقلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ