UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپارىژدا كېچە سائەت 12 دە

پارىژدا كېچە سائەت 12 دە

بەش مىڭ يىل سائەت >داڭ! داڭ!< قىلىپ 12 نى سوقتى. پارىژنىڭ نامراتلار رايونىدىكى كىچىك ئۆيدە ئالدىراشچىلىق باشلاندى. 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت كارۋاتتىن >گۈپپىدە< چۈشۈپ پەردىنى يېپىپ، شامنى يېقىپلا جوزىغا تاشلاندى. ئۇ يازە - يازە، تۇرۇپلا كۈلۈپ، تۇرۇپلا يىغلاپ كېتەتتى. سائەتلەر كەينى - كەينىدىن ئۆتۈۋەردى. ئۇ قەيسەرلىك بىلەن قەلەم تەۋرىتەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ھارغىنلىقتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئىككى چېكىسى قاتتىق لوقۇلدايتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تېلىپ كەتكەن قولىنى ھەركەتلەندۈرگەندىن كېيىن، بىر ئىستاكان كوفى ئىچتى - دە، يەنە يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى. بىرى ئىشكنى >تاك! تاك!< چەكتى. ئۆيدىكى كىشى ئىشىكنى ئېچىۋىدى، ئۆيگە بىر پەس كۈن نۇرى چۈشۈپ، ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچقۇزمىدى. ئۇ ئۇشتۇمتۇتلا ئىشىكنى چەككەن كىشىگە ئېتىلىپ بېرىپ: - سەنزە - سەن، بۇ بەختسىز قىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا سەۋەپچى بولدۇڭ! - دەپ كايىدى. - ھە...، - دەپ ئارقىغا داجىدى كەلگەن كىشى قورقۇپ كېتىپ، - سەن نېمە دەۋاتىسەن؟ - ئوھوي، - دېدى يىگىت ئىختىيارسىز كۈلگەن ھالدا ئالدىدا تۇرغان دوستىنى كۆرۈپ، - مەن بىر رومان يېزىۋاتاتتىم، خىيالىم ئاشۇ قىزدا بولۇپ قاپتۇ. - سەئەت سەككىزدىن ئاشتى، سەن تېخىچە دەرىزىنى ئېتىۋېلىپ چۈش كۆرۈۋېتىپسەن، - دېدى ئاغىنىسىمۇ قىزىقسىنغان ھالدا كۈلۈپ. - ھەي، ئامالىم قانچە، بويۇمغىچە قەرزگە بوغۇلدۇم، بىر نەرسە يېزىپ چىقمىسام قانداق ھايات كەچۈرىمەن؟ بىراق، يېزىقچىلىق مېنى مەپتۇن قىلىۋالدى، سەنئەتنىڭ قەتئىلىكىنى بىلەمسەن، ئۇ ئادەمنى چارچىتىدىغان كۈرەش... ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇچە يېزىقچىلىق قىلىدىغان بۇ يىگىت فرانسىيىنىڭ داڭلىق تەنقىدىي رىيالىزىمچى سەنئەتكارى بالزاك ئىدى. ھونورې بالزاك 1799 - يىلى فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى تۇر شەھىرىدە تۇغۇلدى. ئۇنىڭ دادىسى ئەسلىدە دېھقان ئىدى، ناپولېئوننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تايىنىپ بېيىپ، كاپىتالىست بولۇپ قالدى. ئۇ ئائىلىسىدە ئۆي - بىساتىنى ساقلاپ قالىدىغان بىرەر ئادۋوكاتنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، بالزاكنى داشۆگە كىرگۈزدى. ئۇنى قانۇن ئۆگەنسۇن دەپ، ئاتاقلىق بىرئادۋوكاتقا ياردەمچى قىلىپ قويدى. بىراق، بالزاك ئەدىپ بولۇشقا نىيەت قىلغانلىقتىن، ئائىلىسىدە زىددىيەت تۇغۇلۇپ، باشقا يەردە ئۆزى يالغۇز ئۆي تۇتۇپ، مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ ئەدىپ بولۇش جەريانىغا كەلسەك، بىرمۇنچە ئەگرى - توقايلىقلار بار. 1819 - يىلى بالزاك 20 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ئائىلىسى بىلەن مۇنداق بىر ئاجايىپ >توختام< تۈزدى: ئۇ سىرتتا ئۆي تۇتۇپ يېزىقچىلىق قىلىدىغان، ئائىلىسى ئۇنىڭغا تۇرمۇش خىراجىتى بېرىپ تۇرىدىغان، ئەگەر ئىككى يىلغىچە تۈزۈكرەك ئەسەر يېزىپ چىقالمىسا، يېزىقچىلىقنى تاشلاپ، ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنى ئۆگىنىدىغان بولدى. بالزاك كىچىك بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ، ئۇدا يېرىم يىل ھەپىلىشىپ، كروۋېل توغرىسىدا بىر سەھنە كىتاپى يېزىپ چىقتى. ئۇ قالتىس خوشال بولدى، ئۇنى دەرھال ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ ئوقۇپ بەردى. ئەمما ئۇ ئۈچ سائەتكىچە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەل - ئاغىنىلىرى ئۈگدەپ قالدى. بالزاكتەك ئىشنىڭ يولىنى تېخى بىلمەيدىغان، تارىخ بىلىملىرى ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىن تولۇق خەۋەردار بولمىغان بىر ياشنىڭ ياخشى ئەسەر يېزىپ چىقالىشى مۇمكىنمۇ؟ ئائىلىسى ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش خىراجىتىنى بىر يىلدىن كېيىن توختىتىپ قويدى. بالزاك قانداق قىلىشى كېرەك؟ قايتىپ بېرىپ ئادۋوكاتلىقنى ئۆگىنەي دېسە، كۆڭلى ئۇنىمىدى. سىرتتا ئۆي تۇتۇپ يېزىقچىلىق قىلاي دېسە، تۇرمۇش يولى قالمىدى. ئۇ ئامالسىز ھالدا ئەدەبىي تەخەللۇس بىلەن، قىلچە ئىدىيىۋى مەزمۇنى بولمىغان >زامانغا لايىق ھېكايە< لەرنى يېزىپ نەشىرىيات سودىگەرلىرىگە سېتىپ، تەسلىكتە نامرات كۈن كەچۈردى. كېيىن، ئۆزى نەشىرىيات سودىگىرى بولۇپ، موللىر قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىش مەقسىدىدە، پۇل قەرز ئېلىپ ئۆزى خوجايىن بولدى. ئەمما بۇ خوجايىن ئوقەت قىلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، دەسمايىسىنى يەپ قويغاننىڭ ئۈستىگە، كارنىيىغىچە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى. كاپىتالىزىم جەمىئىيىتىدە قەرزنى تۆلىيەلمىگەن كىشى ئۆسۈم تاپشۇرۇشى كېرەك، ئۆسۈمنى تۆلىيەلمىسە، ئۈستىلەپ ئۆسۈم قوشۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ قەرزى بارغانسېرى كۆپىيىۋېرىپ، 1828 - يىلىغا كەلگەندە 90 مىڭ فرانك )فرانسىيە پۇلىنى نامى( قا يەتتى! پارىژ ھۆكۈمىتى بالزاكنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى، بالزاك ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، كەمبەغەللەر رايونىدىكى بىر كىچىك ئۆيگە مۆكۈۋالدى. بۇرژۇئازىيىنىڭ بۇ چوڭ بايۋەتچىسى ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامراتلار رايونىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى. نامراتلار رايونى ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچتى. بالزاك ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، ئۇلارنىڭ كاپىتالىزىم جەمىئىيىتى قاغاشلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن ئېتىرازلىرىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىدى. ئۇ ھەرخىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ، رەزىللىكلىرىنى بىر - بىرىنى ئالداپ قاقتى - سوقتى قىلىشلىرى، ئۆلەر - تىرىلىشكە باقماي ئېلىشىشلىرىنى ئۆز كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كىتاپ ئوقۇپ، تارىخ بىلىمىنى ئاشۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى تەدرىجى ھالدا كامالەتكە يەتتى. بالزاكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تۇنجى ئىجادىيىتى 1829 - يىلى يېزىلغان >خۇئانچىلار< بولدى. بۇ روماندا، فرانسىيىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابى دەۋرىدە، پادىشاھپەرەسلەر جۇمھۇرىيەتكە قارشى قوزغىغان توپىلاڭ تەسۋىرلەنگەن. ئۇ مۇشۇ روماننى يېزىش ئۈچۈن، نۇرغۇن تارىخىي ھۆججەتلەرنى ئوقۇدى، يېغىلىق بولغان رايونغا ئۆزى بېرىپ، تاغ - دەريالارنى، يەر تۈزۈلۈشىنى ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەكشۈردى، شۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنى ئەھۋاللىرىنى سۈرۈشتۈردى، شۇڭا ئۇنى جانلىق ۋە تەسىرلىك يازالىدى. بالزاك ئۆز ئىجادىيىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، >خۇئانچىجلار< نىڭ مۇقاۋىسىغا ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسم - فامىلىسىنى باستۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن بالزاك ئۇلۇغۋار ئىجادىيەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىشقا، جۈملىدىن ئۆرپ - ئادەت تەتقىقاتى، پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە تەھلىلىي تەتقىقاتىغا كىرىشىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ شەخسىيەتچىلىك، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىشتەك رەزىللىكلىرىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن پاش قىلدى. ئۇ 137 پارچە رومان يېزىشنى پىلانلىغان ئىدى، ئەمما 1830 - يىلىدىن تاكى ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر، ئەمىلىيەتتە 90 نەچچە پارچە رومان يازدى. بۇ 90 نەچچە رومان بىرلەشتۈرۈلۈپ، >ئىنسان كومېدىيىسى<دەپ ئاتالدى، ئۇ دۇنيا ئەدەبىيات - سەنئىتى خەزىنىسىدىكى بىر تىزىق گۆھەر بولۇپ قالدى. بايا بالزاكنىڭ دوستىغا ۋاقىراپ: >بۇ بەختسىز قىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشىغا سەۋەپچى بولدۇڭ!< دېگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق، بۇ بەختسىز قىز >يېۋگىنى گراندې< دېگەن ھېكايىدىكى باش قەھرىمان يېۋگىنى ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى قېرى گراندې خوتۇنىنى قىستاپ ئۆلتۈرۋەتكەن، قىزىنىڭ مۇھەببىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان پەسكەش مىليونىر ئىدى. يېۋگىنى بولسا ئاق كۆڭۈل قىز ئىدى. ھېكايىدە بۇرژۇئازىيىنىڭ پۇلنى دەپ ھەرقانداق پەسكەشلىكتىن يانمايدىغان جىنايى خۇي - پەيلى كۈچلۈك پاش قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇغانلار غەزەپلىنەتتى. > >گورىيو بوۋاي< - >كىشىلىك كومېدىيىسى< دىكى ئەڭ مەشھۇر ئەسەر. ئۇنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق: گورىيو بوۋاينىڭ بىرجۈپ قىزى بار. ھەمرىيى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچىنى قىزلىرىغا قارىتىدۇ. قىزلىرىغا يوقۇرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ تەربىيىسىنى سىڭدۇرىدۇ، لايىغىدا كىچىك قىزىنى بىر بانكىرغا ياتلىق قىلىپ، تايقان - تۇتقان بايلىغىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قىزلىرىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. ئەمما ئۇلار نومۇسىز شەھۋانە تۇرمۇشنى دەپ، گورىيو بوۋاي ئۆزىگە ئەپقالغان ئازغىنا تۇرمۇش خىراجىتىنىمۇ خەجلەپ تۈگىتىدۇ. گورىيو بوۋاي تۇرمۇش يولى تاپالماي، ياردەم تەلەپ قىلىپ كۈيئوغلى قوبۇل قىلمايدۇ. بوۋاي كىيىم - كېچەكلىرىنىمۇ سېتىپ يەپ، ئاخىرى بالىخانىدا ئۆلۈپ قالىدۇ. ئۇ ئۆلۈپ قالغاندا، ئىككى قىزىنىڭ ھېچقايسىسى كەلگىلى ئۇنىمايدۇ. ھېكايىدە كاپىتالىزىم جەمئىيىتىدىكى ئائىلە مۇناسىۋىتى - ئوپ - ئوچۇق پۇل مۇناسىۋىتىگە دەككە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ناھايىتى تەسىرلىك يېزىلغان. بالزاك جان پىدالىق بىلەن يېزىقچىلىق قىلغان بولسىمۇ، بۇ نۇرغۇن قەرزنى تۆلىيەلمىدى. ئۇ كېچە - كۈندۈز تىنماي ئىشلىدى. ئۇ كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئاران تۆت - بەش سائەتلا ئۇخلاپ يېرىم كېچە سائەت 12 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈنىگە 16 ـ 17 سائەت ئىشلىرى. ئۇ 20 نەچچە يىل ھېرىپ - چارچاپ ئىشلەپ، ھاياتىدا ئەڭ ئاخىرقى كىچىككىنە زېھنىي كۈچىنىمۇ خورىتىپ تۈگەتتى. >ئىنسان كومېدىيىسى<نىڭ بۇ ئاپتورى 1850 - يىل 8 - ئايدا، پاجىئە بىلەن تولغان دۇنيا بىلەن ئاخىر ۋىدالاشتى. شۇ كەملەردە ئۇ ئاران 51 ياشقا كىرگەن ئىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ