UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«كىشى ئۆز ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كېرەككى، .....»

«كىشى ئۆز ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كېرەككى، .....»

بەش مىڭ يىل تۇرمۇشتىكى مۇشۇنداق ئاجايىپ مۆجىزاتنى كۆگەنمۇسىز؟ ئىككى كۆزىدىن ئايرىلغان، پۈتۈن بەدىنى پالەچ بولغان بىر ياش كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ، تاختايدىكى ئويۇقنى كۈچەپ سىلاپ تۇرۇپ، ئويۇق ئۈستىگە قەغەز يېيىپ، قولىدىكى قېرىنداش بىلەن خەتلەرنى بىر ھەرپ - بىر ھەرپتىن، مۇشەققەتلىك ھالدا يازاتتى. ئۇ بىر نەچچە يىلغىچە مۇشۇنداق يازا - يازا، ئاخىرىدا نەچچە يۈز مىڭ خەتلىك بىر روماننى يېزىپ چىقتى. پالەچ بولغان ئەما ئادەممۇ كىتاب يازالامدۇ؟ ھەئە. ئۇ بىرنى ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىنى نۇرلاندۇرىدىغان ئىككى چوڭ ئەسەرنى يازدى! بۇ كىشى زادى كىم؟ ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 30 - يىللاردىكى ئاتاقلىق يازغۇچىسى، قەيسەر كوممۇنىست ئوستروۋسكى. نىكولاي ئالىكيۋىچ ئوستروۋسكى 1904-يىلى ئۇكرائىنادىكى بىر كىچىك يېزىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھاراق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئىدى. ئانىسى كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە تاماق ئېتىپ، كىر - قات يۇياتتى. ئۇ ئاران ئۈچ يىل ئوقۇپ ئون ياشقا كىرگەندە پويىز ئىستانسىسىدىكى ئاشخانىدا، ئېلېكتر ئىستانسىسىدا بالا ئىشچى بولۇپ ئىشلىدى. شۇڭا ئۇ، بالا ۋاقتىدىن تارتىپلا خىلمۇ خىل مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا تۇرۇمۇش كەچۈرۈۋاتقان خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ۋە ئارزۇ - تىلەكلىرىنى چۈشەندى، بۇرژۇئازىيىنىڭ چىرىكلىكى، ئاچكۆزلۈكى ۋە جىنايەتلىرىنىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. وستروۋېكىس كىچىكىدىنلا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى، ئىشنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىماي، كىتابتىن ئايرىلمايتتى. ئۇ قوينىغا كىتابلارنى سېلىۋالغانلىقتىن، كۆڭلىكى دائىم پومپىيىپ تۇراتتى. ئۇ بىكار بولسىلا، كىتابنى قولىغا ئېلىپ ئىجتىھات بىلەن ئوقۇيتتى، تاكى ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭ قۇلىقىنى سوزغاندىن كېيىنلا، كىتابنى قويۇپ قوياتتى، بىر كۈنى ئۇ، كىتاب يايمىسىدا ئاۋسترىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغاقارشى تۇرغان ئىتالىيىلىك قەھىرمان گالىپوردىنىڭ تەرجىمىھالى تەسۋىرلەنگەن بىر روماننى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تازا سېتىۋالغۇسى كەلدى، ئەمما ئۇنىڭ پۇلى يوق ئىدى. ئۇ كىتاب يايمىسىنىڭ يېنىدا بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاخىر يېنىدىكى چۈشلۈك تاماق يەيدىغان پۇلىغا بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ، ئۆيىگە ئاپىرىپلا تاڭ ئاتقۇچ ئوقۇيدۇ. ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوغداش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشتى. 1919 - يىلى قىزىل ئارمىيە ئۇكرائىناغا كىرگەندە، ئۇ بىرىنچى تۈركۈمدە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتىتپاقىغا ئەزا بولۇپ كىردى. ئۇ ئۇرۇش ئوتى يېنىپ تۇرغان ئالدىنقى سەپتىمۇ كىتاب ئوقۇشنى توختاتمىدى. ئۇنىڭ جەڭ سومكىسىدا ئۆز ى ياخشى كۆرىدىغان رومانلار _ ۋويىنچنىڭ «كۆكۈيۈن» رومانى ۋە گىئوۋاگنولنىڭ «پارتاك» رومانى ھەمىشە ساقلىناتتى. ئۇ ھەربىي يۈرۈش ۋە جەڭ ئارىلىقلىرىدىكى بىكارچىلىق ۋاقىتلىرىدا بۇ رومانلارنى قايتا - قايتا ئوقۇيتتى ۋە بەزىدە سەپداشلىرىغا ئوقۇپ بېرەتتى. 1920 - يىلى ئوستروۋسكى جەڭدە ئېغىر يارىدار بولۇپ، ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالمىشىپ، زاۋۇتتىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. ياندۇرۇقى يىلى كۈزدە، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، تۆمۈريول ياساش ئۈچۈن بويالكىغا باردى. بىر كۈنى، نېپىر دەرياسىغا قىيان كەلدى. ئۇ بەدەىنىنىڭ ئاجىزلىقىغا، سوغۇق شامالغا پەرۋا قىلماي، سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان مۇزدەك سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، ئېقىپ يۈرگەن ياغاچلارنى سۈزدى. نەتىجىدە كېزىك ۋە رېماتزم كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. 1924 - يىلى ئۇ كوممۇ نىستىك پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىردى. ياندۇرقى يىلدىن تارتىپ ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئوساللىشىشقا باشلىدى، ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسىمۇ، خىلمۇ خىل قىيىنچىلىقلارنى قەيسەرلىك بىلەن يېڭىپ، كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ كوممۇنىزم ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ھەممە دەرسلىرىنى سىرتتىن ئوقۇپ تۈەەتتى. 1927 - يىلى ئۇنىڭ ئۇمۇرتقىسى قېتىپ قالغانلىقتىن پالەچ بولۇپ قالدى، كۆزىمۇ ئېنىق كۆرەلمىدى. ئەمما ئۇ مەلئۇن كېسەلگە تىز پۈكمەي، قورال ئورنىدا قولىغا قەلەم ئېلىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى. 1928 - يىلى ئۇ كۆزى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ، كوتوۋسكى ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىار ھاياتى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر پوۋېست يېزىپ چىقتى. ئەمما، بۇ بىردىنبىر قول يازما سەپداشلىرى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن قايتۇرۇلغاندا پوچتىدا يۈتۈپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى قاتتىق زەربە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەيسەر، كۈرەشچان ئىرادىسىنى يېڭەلمىدى، ئەكسىچە، ئۇ كېسەلگە قارشى تېخىمۇ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى. ئۇ قايتا يېزىشقا بەلباغلىدى. 1929 - يىلىدىن كېيىن ئوستروۋسكىنىڭ كۆزى كۆرمەيدىغان، پۈتۈن بەدىنى پالەچ بولۇپ قېلىپ، كېسەل بىلەن مەڭگۈ قەدىناس بولۇشقا توغرا كەلدى. ئەمما ئۇ: «بەدىنىمدە بىرەر تال كېلىتكام ھاياتلا بولىدىكەن، قارشى تۇرۇش مۇمكىنلا بولىدىكەن، مەن چوقۇم ياشايمەن، كۈرەش قىلىمەن» دېدى. ئۇ مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، «پولات قانداق تاۋلاندى] دېگەن روماننى يېزىشقا كىرىشتى. دەسلەپتەئۇ كارىۋاتقا بىر پارچە تاختاينى قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قغەزنى يېيىپ يازغانىدى. بىراق ئۇنىڭ ھېچنېمىنى كۆرمەي، يازغان نەرسىلىرى ئېگىز - پەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن جايلار ئۈستى - ئۈستىگە يېزىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇنى ئوقۇغىلى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، تاختاي ئۈستىگە قۇر - قۇر ئويۇق ئويغۇزۇپ، ئۇنىڭغاقەغەزنى سالغاندىن كېيىن، خەتنى سىلاپ تۇرۇپ ئويۇق ئۈستىگە يازدى. شۇنداق قىلىپ، قۇرلار ئېنىق چىقتى. بىر بەت پۈتسە، ئۇنى باشقىلارغا كۆچۈرتكۈزدى، شۇنداق قىلىپ تەدرىجىي ھالدا يىغىلىپ كىتاب ھاسىل بولدى. كېيىن پارتىيە تەشكىلاتى ۋە يولداشلارنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، ئۇ ئاغزاكى ئېيتىپ بەرسە، ماشىنىست ياكى كاتىپ خاتىرىلەپ قول يازمىنى رەتلەپ چىقتى. دېمەك ئۇ، كىشى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولمايدىغان خىلمۇ خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇ كاتتا ئەدەبىي ئەسەرنى ئىلگىرى - ئاخىر بەش يىلدا يېزىپ تۈگەتتى. «پولات قانداق تاۋلاندى» شەخس تەرجىمىھال خاراكتېرلىك رومان. باش قەھرىمان پاۋىل كورچاگىننىڭ ئوبرازى ئاپتورنىڭ ئەسلى ئوبرازى قىلىنغان. روماننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى ئاپتورنىڭ جەڭگىۋار ھاياتىنى يىغىنچاقلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، پېرسوناژلارنىڭ تىلى، ھەرىكىتى ۋە ئىچكى دۇنايسى ئۈستىدىكى تەسۋىرلەر ئىنتايىن چىن ۋەتەسىرلىك بولغان، روماندا پاۋىل كورچاگىننىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى بايانلار ئارقىلىق، ئىنقىلابىي چوڭ ئوچاقتا تاۋلانغاندا، بىر ئاددىي ئىشچى پەرزەنتىنىڭمۇ تامامەن پولاتتەك كوممۇنىزم جەڭچىسى بولۇپ يېتىشەلەيدىغانلىقى جانلىق ۋە كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بېرىلگەن. روماننىڭ 2 - قىسىم 3 - بابىدا، پاۋىلنىڭ يۇرتىغا قايتىپ داۋالىنىش جەريانىدا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، قۇربان بولغان سەپداشلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈشكە بارغاندا، ئاپتورنىڭ بىر ئابزاس مونولوگى كۈچلۈك ۋە ھەقىقىي ئىزھار قىلىنغان: «ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە - ھاياتتۇر. ئۇ كىشىگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. كىشى ئۆز ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈرۈشى كېرەككى ، ئۆتكەن يىللارنى ئەسلىگىنىدە، يىللار مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دەپ ئېچىنمايدىغان بولسۇن، تۇرمۇشتا چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ قويۇپتىمەن، دەپ خىجىل بولمايدىغان بولسۇن - شۇندىلا، ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ :<مەن پۈتكۈل ھاياتىمنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىشقا - پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقى يولىدىكى كۈرەشكە بېغىشلىدىم> دېيەلىسۇن.» كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بۇ تەسىرلىك سۆزلەر پاۋىل كورچاگىننىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ شانلىق تەسۋىرى، شۇنداقلا ئاپتور ئوستورۋسكىنىڭ ئالىيجاناپ كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭ يۈكسىلىشى. ئۇ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ باتۇرانە ئالغا بېسىشىغا ئىلھام بېرىپ، كەڭ ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ دەستۇرى بولۇپ قالدى. 1932 - يىلى، «پولات قانداق تاۋلاندى» رومانى «ياش گۇۋاردىيە» ژۇرنىلىغا بېسىلىشقا باشلىدى. بۇ رومان دۇنياغا كېلىش بىلەنلا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى مۇشتەرىلەنرىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى. پۈتۈن دۇنيادىكى تەرەققىيپەرۋەر ياشلار بۇ كىتابنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش دەرسلىكى، پاۋىل كورچاگىننىڭ شانلىق ئوبرازىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلدى. ئاپتورنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئوستروۋسكىغا ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى _ لېنىن ئوردېنى تەقدىم قىلدى. 1943 - يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئوسترووسكى يەنە بىر رومان «بوران بالىلىرى» نى يېزىشقا كىرىشتى. بۇ رومان ئۈ كىتاب قىلىپ يېزىش پىلانلانغانىدى، ئەپسۇسكى، 1936 - يىلى بۇ روماننىڭ 1 - كىتابى نەشىردىن چىققان كۈنى، ئەمدىلا 32 - كىتابىنى يېزىپ تۈگىتەلمىدى. پرولېتارىياتنىڭ بۇ ئىككى شانلىق، جەڭگىۋار يىرىك ئەسىرى بىزنى ئوستروۋسكىنىڭ شانلىق ھاياتى خۇددى ئۇنىڭ ئۆزى يازغان قەسىمىدە: «مەن پۈتكۈل ھاياتىمنى ۋە كۈچ - قۇۋىتىمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىشقا - پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقى يولىدىكى كۈرەشكە بېغىشلىدىم» دەپ يازغىنىدەك ھايات ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇ ئۆز ھاياتىنى ھەقىقەتەن شۇنداق ئۆتكۈزدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ