چى جىگۇاڭنىڭ پاكارلارغا قارشى تۇرۇشى
بەش مىڭ يىل
1561 - يىل 5 - ئاينىڭ باشلىرىدىكى بىر كەچقۇرۇنلىقى ھاۋا ناھايىتى تۇتۇق ئىدى. جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىدىكى جېجياڭنىڭ تەيجۇ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق شەھەر ئىنتايىن تىمتاسچىلىققا چۆمگەن ئىدى. كوچىلارنىڭ قاسنىقىدىكى دۇكانلار چىڭ تاقىلىپ كەتكەن بولۇپ، گويا پۈتۈن شەھەر ھېلىلا چوڭ بىر بالايى - ئاپەت كېلىدىغاندەك بىر ۋەھىمە ئىچىدە قالغان ئىدى.
شۇ ئەسنادا ئۇشتۇمتۇت بىر خەۋەر ئاڭلاندى؛ «زور تۈركۈمدىكى پاكار قاراقچىلار شەھەردىن ئىككى چاقىرىم يىراقلىقتىكى خۇاجيېگە كېلىپ بوپتۇ!» - بۇ خەۋەرنى ئەمدىلا خۇاجيېدىن كەلگەن بىرنەچچە ھاممال يەتكۈزگەن ئىدى.
شۇئان شەھەردىكى پۇقرالار ئوپۇر - توپۇر بولۇشۇپ قېچىشقا تەييارلاندى.
جۇڭگولۇقلار پاكار قاراقچىلاردىن نىمىشقا مۇنچىۋالا قورقىدۇ؟ پاكار قاراقچىلار قانداق ئادەملەر؟
پاكار قاراقچىلار ياپونىيىدىن كەلگەن دېڭىز قاراقچىلىرى ئىدى. ئۇلار ھەمىشە ھەر يىلى شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدىغان 4 -، 5 - ئايلاردا، كېمىلەرنى شامالسېرى ھەيدەپ جۇڭگونىڭ دېڭىز ياقىلىرىدىكى جايلارغا بۇلاڭچىلىققا كېلەتتى. پاكار قاراقچىلار ئادەتتىكى دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئوخشىمايتتى، ئۇلار ياپونىيىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرەپلىرىدىكى بەزى فېئودال بەگلەر ۋە كاتتا ئىبادەتخانا خوجايىنلىرى تەشكىللىگەن قوراللىق قاراقچىلار ئىدى. ئۇ چاغدا ياپونىيە شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلەر بويىچە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىچكى ئۇرۇشتا يېڭىلگەن ئاقساق - چولاقلار، كەسپى يوق سەرگەردانلار ۋە بەزى سودىگەرلەر مانا مۇشۇ قوراللىق قاراقچىلارنىڭ ئاساسلىق تايانچىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇلاڭچىلىق ھەرىكەتلىرى 14 - ئەسىردىكى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، ئۇ چاغدا، جۇڭگولۇق پۇقرالار بۇ دېڭىز قاراقچىلىرىنى «پاكار قاراقچىلار» دەپ ئاتىغان ئىدى.
مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، جۇڭگونىڭ دېڭىز ياقىلىرىدىكى رايونلاردا پاكارلار ئاپىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتىرىلدى. پاكار قاراقچىلار نەگىلا بارسا، ئۇ يەرنى بۇلاپ قۇرۇغداپ قويدى؛ كېتەر ۋاقتىدا يەنە ئۆي - ۋارانلارغا ئوت قويۇپ، پۇقرالارغا ئىنتايىن زور ئاپەتلەرنى كەلتۈردى. جۇڭگونىڭ پۇقرالىرى بۇ پاكار قاراقچىلارنىڭ پىمانى توشۇپ تۈگىشىدىغان بىر كۈنىنىڭ كېلىشىگە قانچە ئىنتىزار - ھە!
ئۇ چاغدا، جېجياڭنىڭ نىڭبو، شاۋشىڭ، تەيجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ سەركەردىسى چى جىگۇاڭ ئىدى، ئۇ پاكار قاراقچىلار يەنە كېلىپ پاراكەندىچىلىك سالغان خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى ھەمدە شەخسەن ئۆزى غوللۇق قوشۇننى باشلاپ تەيجۇغا ئۇدۇللاپ باردى.
ئاساسلىق قوشۇننىڭ لەشكەرلىرى شەھەر تۈۋىگە كەلگەندە ۋاقىت، مۇشۇ ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈش مەھەل بولۇپ قالغان ئىدى. پاكار قاراقچىلار ئادىتى بويىچە ئېغىر ئوق - يا، ئۇزۇن نەيزىلەر بىلەن قاتىرىسىغا تىزىلىپ تۇرۇپ جەڭگە چۈشتى؛ چى جىگۇاڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى قىسمى ئوت چاچقۇچ قوراللار بىلەن قاخشاتقۇچ زەربە بەردى، شۇئان قاراقچىلار زىيان تارتىپ، ئوڭ - سول ئىككى قاتارغا بۆلۈنۈپ، چى جىگۇاڭ قوشۇنىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. چى جىگۇاڭ قوشۇنى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ياسىدى - دە، غوللۇق كۈچلىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جەڭچىلىرى بىرلىكتە ھۇررا كۆتىرىپ چىقتى ھەمدە پۇختا ھەم جانلىق سەپ تۈزۈپ، دۈشمەنلەرنى بۆلەك - بۆلەكلەر بويىچە قورشاپ يوقاتتى. جەڭچىلەر شىددەت بىلەن قىر - چاپ قىلىپ، پاكار قاراقچىلار قوشۇنىنى تېرى - بېرەڭ قىلدى. قاراقچىلار مەغلۇپ بولۇپ قاچتى. چى جىگۇاڭ قوشۇنى تاپ باستۇرماي قوغلاپ بېرىپ، 300 دىن كۆپرەك دۈشمەننى بىر يولىلا قىرىپ تاشلاپ، پاكار قاراقچىلارنىڭ ئىككى كاتتىۋېشىنى تىرىك تۇتۇۋالدى، پاكار قاراقچىلارنىڭ قالغانلىرى دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالدى. چى جىگۇاڭ قوشۇنى كۆسەي مىلتىق، ياچاق قاتارلىق 600 نەچچە تال نەرسىنى غەنىيمەت ئالدى، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان 5000 دىن كۆپرەك ئەر - ئاياللارنى قۇتۇلدۇرۇۋالدى.
چى جىگۇاڭلار جاراڭلىق زەپەر مارشى توۋلاپ قايتىپ كەتتى. پاكار قاراقچىلار قاخشاتقۇچ زەربە يېگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى يوقىتىلمىغان ئىدى. 14 - كۈنى 2000 دىن كۆپرەك باشقا بىر بۆلەك پاكار قاراقچىلار تەيجۇ شەھىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. بۇ چاغدا، تەيجۇنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلار پەقەت 1500 كىشى ئىدى، چى جىگۇاڭ قول ئاستىدىكىلەردىن ھال سوراپ، جەڭچىلەرنىڭ روھىغا ئىلھام بەردى ھەمدە مۇنۇ بۇيرۇقلارنى تەۋسىيە قىلدى:
«بۇرۇنقى ئۇرۇشلاردا كۆپ سانلىق ئادەم بىلەن ئاز سانلىقلارنى يەڭگەن بولساق، ھازىر ئاز سانلىق ئادەم بىلەن كۆپ سانلىقلارنى يېڭىشكە توغرا كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى ئادا قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن، بىرىنچىدىن، دۈشمەننىڭ كاللىسىنى ئالدىراپ ئالماڭلار؛ ئىككىنچىدىن، دۈشمەننىڭ كىيىم - كېچىكىنى ئالماڭلار؛ ئۈچىنچىدىن، قورقۇپ ئەگىشىپ قالغانلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئەگەر دۈشمەن مەغلۇپ قىلىنسا، ئولجا ئېلىنغان جەڭ غەنىيمەتلىرىنىڭ ھەممىسى جەڭچىلەرگە ئىنئام قىلىنىدۇ؛ ئەگەر جەڭدە غەلىبە قىلماي تۇرۇپ، مال - مۈلۈك بۇلىغۇچىلار كۆرۈلسە بىردەك ئېتىپ تاشلىنىدۇ!»
«بىز پاكار قاراقچىلارنى ئۆلتۈرۈپ خەلقنى قوغدىغۇچى پاك ئوغلانلار، پاكار قاراقچىلارنى يوقاتماي تۇرۇپ، چى سەركەردىمىزنىڭ ئالدىغا يۈزىمىزنى كۆتىرىپ كەلمەيمىز!» - جەڭچىلەر يەڭلىرىنى شۈمۈدەكلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە دۈشمەن بىلەن ھايات - ماماتلىق قەڭ قىلىدىغانلىقىنى تەكرار ئىپادىلەشتى.
شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدا تۇرۇۋاتقان پاكار قاراقچىلار چى جىگۇاڭنىڭ كەلگەنىلىكىنى ئاڭلاپ، ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالماي، چىغىر يول بىلەن شەنجۇ، قاتارلىق يەرلەرگە خۇپىيانە قېچىۋالدى. چى جىگۇاڭ يول ئارىلاپ جەڭچىلىرىنى ئىنتايىن تېزلىكتە ئېگىز چوققىغا باشلاپ چىقىپ، جەڭچىلىرىنى ھەر بىر كىشى بىر تالدىن قارىغاي شېخىنى تىكلەپ تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق يوشۇرۇنۇشقا بۇيرۇدى.
18 - كۈنى، پاكار قاراقچىلار راست دېگەندەك يېتىپ كەلدى. چى جىگۇاڭنىڭ قوشۇنىدىكىلەر دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن پۇقرالارنى ئوتتۇرىغا ئېلىۋالغان ھالدا نەچچە چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتا يىلان باغرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆردى. پاكار قاراقچىلار چوققىلارغا قاراپ، تاغنىڭ ھەممە يېرىدە يېشللىقتىن باشقا ھېچقانداق شەپە يوقلۇقىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ يۈرەكلىك ئىلگىرىلىدى.
يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرغان چى جىگۇاڭ قوشۇنى قاراقچىلار قوشۇنىنىڭ نىسبى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنلا توساتتىن بۇرغا چالدى. جەڭچىلەر بۇرغا ئاۋازى بىلەن تەڭلا قارىغاي شاخلىرىنى تاشلىۋېتىپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. ھەش - پەش دېگۈچە مىلتىقلارنىڭ گۇمباڭلىغان سادالىرى ۋە قىر - چاپ سادالىرى تاغ دارىسىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى، پاكار قاراقچىلار ئالاقزادە بولدى - دە، ئالدى - ئاخىرى يىغلالماي ئالدىراپ - تېنەپ بۆلۈنمە ھالەتتە جەڭگە چۈشتى.
ئارقىدىنلا چى جىگۇاڭ يەنە قوشۇنىدىكىلەرنى ئالدى - كەينى ھەم ئوڭ - سول تەرەپلەردىن تېزلىكتە ئاتاكا قىلالايدىغان «غاز قانات سەپ» كە تىزىپ، جەڭچىلەرنىڭ ئېتىلىپ بېرىپ بوغاشما جەڭ قىلىشىغا قوماندانلىق قىلدى. دۈشمەننىڭ سېپى دەرمەھەلدىلا ماتىكوشاڭ بولۇپ، سان - ساناقسىز ئادەملىرى ئۆلدى ۋە يارىلاندى - دە، تۆت تەرەپكە پىتىراپ قېچىشقا باشلىدى.
چى جىگۇاڭ دۈشمەن قوشۇنىنىڭ توزۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئاق بايراقنى تاغ ئاستىغا قادىدى - دە، قول ئاستىدىكىلەرنى: «ئەگەشكۈچىلەر بايراق ئاستىغا كەلسەڭلار، جېنىڭلار ئامان قالىدۇ!» - دەپ توۋلاتقۇزدى.
توۋلىغاننى ئاڭلىغان نەچچە يۈز دۈشمەن قوللىرىدىكى ئاق بايراق ئاستىغا كېلىپ، ئالاقزادە بولغان ھالدا قوللىرىدىكى قورالنى تاشلاپ، بىر قوشۇق قانلىرىنى تىلەشتى. ئاخىرىغىچە تەرسالىق قىلغان پاكار قاراقچىلارنىڭ بەزىلىرى ئارقىسىدىن قوشلاۋاتقانلاردىن ئۈركۈپ جىرالارغا يىقىلىپ ئۆلدى. بەزىلىرى بەيشۈيياڭدىكى جۇ ئائىلىسى قوروسىغا قېچىپ كىرىۋالدى، نەتىجىدە كۆيدۈرۈۋېتىلدى.
چى جىگۇاڭ غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، تەيجۇ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق شەھەرگە قايتىپ كەلدى. پۇقرالار ئۇلارنى 20 نەچچە چاقىرىم يىراقلىققا ئالدىغا بېرىپ كۈتۈۋېلىپ ئوتتەك مۇھەببەت بىلەن ھاردۇق سورىدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ، ھ چى جىگۇاڭ بادشچىلىقىدىكى بۇ قوشۇننىڭ ھەيۋىتى تازا ئۆرلىدى. پاكار قاراقچىلار قورققانلىقىدىن چى جىگۇاڭنى «چى يولۋاس» دەپ ئاتىدى. پۇقرالار ئۇلارنى مېھرىبانلىق بىلەن «چى ئائىلىسى قوشۇنى» دەپ ئاتىدى.
چى جىگۇاڭ باشچىلىقىدىكى قوشۇن نىمىشقا چەكسىز باتۇر بولۇپ، ھەممىدە غالىپ كەلدى؟ ئەسلىدە، چى جىگۇاڭ سەندۇڭنىڭ دېڭىز ياقىسىدا چوڭ بولغاچقا، كىچىكىدىن تارتىپلا پاكار قاراقچىلارنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇقلىرىغا قاتتىق نەپرەتلىنىپ كەلگەن. 16 يېشىدا، ئۇ دېڭىز مۇداپىئەسىنى قوغداشقا ئىرادە تىكلەپ، ھاياجان بىلەن: «غايەم ئەمەس بەگ بولۇش كۆڭلۈمدە يوق بۇنداق نىدا، تىنجىتىشقا دېڭىز ياقىنى مەڭگۈگە جېنىم پىدا» دەپ نەزمە ئوقۇغان. ئۇ 17 يېشىدا ئاتىسىنىڭ ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دېڭجۇنى ساقلايدىغان قوماندانلىق بولدى. بۇ ياش قوماندان دېڭىز مۇداپىئەسىنى قوغدىغان يىللاردا ئۆزىنىڭ جاسارىتى، ھەربىي ئىقتىدارى ۋە ئىستىداتىنى تولۇق ئىپادىلىدى.
1955 - يىلى، چى جىگۇاڭ جېجياڭغا يۆتكەپ كېلىنىپ چېگرا مۇداپىئە قوش بەگلىكىگە تەيىنلىنىپ، دېڭىز ياقىسىنى پاكار قاراقچىلاردىن مۇداپىئە قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ دېڭىز ياقىسىدىكى جايلاردىن پاكار قاراقچىلارغا قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان بىر تۈركۈم دېھقانلار، كانچىلارنى تاللاپ، 4000 كىشلىك بىر يېڭى قوشۇن تەشكىللىدى ھەمدە يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان «غار قانات سەپ» - نى ئىجادىي جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى قوشۇننى مەشق قىلدۇردى. سەپ ئۇسۇلى 12 كىشىنى جەڭ قۇرۇمى قىلغان بولۇپ، جەڭ قىلغاندا تېزلىكتە ئۆزگىرىش ياسىيالايدىغان، يۆتكەشكە ئەپلىك بولغاچقا، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنىڭ يەر شارائىتىغا تازا ماس كېلەتتى. پاكار قاراقچىلار چى جىگۇاڭنىڭ يېڭى قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ «غاز قانات سەپ» لىرىگە يولۇققان ھامانلا كېلىشى بار، كېتىشى يوق بولۇپ قالاتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن، چى جىگۇاڭ فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارنىڭ پاكار قاراقچىلارغا قارشى كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىش داۋامىدىمۇ ئارقا - ئارقىدىن زور غەلىبە قازاندى. 1565 - يىلىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېڭىز ياقىسى ئاساسەن پاكار قاراقچىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىمىدى. سودىگەرلەرنىڭ دېڭىزغا چىقىپ ئوقەت قىلىشى كۈنسېرى كۆپەيدى. شۇ ئاساستا دېڭىز ياقىسىدىكى جايلارنىڭ سودا ئىشلىرى راۋاجلاندى.