ئوتتا كۆيدۈرۈش جازاسى بېرىلگەن پىروفېسسور
بەش مىڭ يىل
مىلادى 1412 - يىلى ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى مەلۇم بىر كۈن ئىدى. چىخ پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى پىراگانىڭ بىر ئاۋات كوچىسىدا، تۇيۇقسىز بىر قوشۇن پەيدا بولۇپ قالدى. قوشۇندىكىلەر تامامەن كاتولىك دىنىنىڭ ھەر خىل دىنىي كىيىملىرىنى كىيگەن بولۇپ، بىر مۇھىم دىنىي مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
قوشۇن يول دوقمۇشىغا كەلگەندە بىردەك توختاپ بىر يەرگە يىغىلدى.
- گۇناھنى كەچۈرۈم قىلىش تۇمارى تارقىتىلىدىغان بولدى، - ئېپىسكوپچە كىيىنگەن بىر كىشى قولىدا بىر ۋاراق قەغەزنى كۆتىرىپ توۋلايتتى. بۇنىڭغا قىزىققان ئادەملەر قوشۇن ئالدىغا توپلانغان چاغدا، ئۇ گېلىنى قېقىپ، - خالايىق، سىلەر مۇشۇ جىنايى دۇنياغا تۇغۇلدۇڭلار، گۇناھدىن خالىي بولۇش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن بۇ تۇمار بولسىلا گۇناھدىن ساقىت بولىسىلەر. گۇناھىڭلار بولمىسىمۇ، بۇنى ئېلىپ قويساڭلار، كېيىن گۇناھ قىلساڭلارمۇ قورقمايسىلەر! - دېدى.
- گۇناھنى كەچۈرۈم قىلىش تۇمارىنى پۇلغا سېتىۋالاتتۇققۇ؟ - كىشىلەر توپىدىن بىرسى گۇمانلانغان ھالدا سورىدى:
- ياق، پۇل لازىم ئەمەس! بۈگۈنكى كۈندە پاپا، جاۋىنىدىكى پۇلىنى سىغدۇرالماي قالدى، شۇڭا پۇلسىز تارقاتماقچى! - دېدى ھېلىقى كىشى تېرىكمەستىن، - مانا، بۈگۈنكى كۈندە پاپا ئالىلىرى شەخسەن خالايىققا گۇناھىدىن كەچۈرۈم قىلىش تۇمارى تارقاتماقچى، پاپا ئالىلىرى، مەرھەمەت قىلىپ بۇيان چىقسىلا!
گەپ تۈگىشى بىلەنلا پاپىچە كىيىنگەن بىر ئادەم ھېيىققان ھالدا كىشىلەر توپى ئالدىغا كەلدى. كۆپچىلىك ئۇنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈشتى. ئەسلى ئۇ قەغەز دوپپا كىيگەن ئۇزۇن چاپىنى يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان، كالپۇك ئۈستىگە يالغان بۇرۇت چاپلانغان كىشى ئىدى. ئۇ غەلىتە ئاۋاز بىلەن چىقىراپ سۆزلەيتتى:
- ئېخ بالىلىرىم! مەن پاپا جون 23 بولىمەن، ياش ۋاقتىمدا دېڭىز قاراقچىسى بولغان، كۆپ پۇل يىغقان؛ بۈگۈنكى كۈندە سىلەرنىڭ داداڭلار بولدۇم )لاتىنچە >پاپا< دېگەن سۆز >دادا< دېگەن مەنىدە(، پۇلۇم تېخىمۇ كۆپەيدى! بۈگۈن مەن سىلەرگە پۇل خەجلەيمەن، گۇناھنى كەچۈرۈم قىلىش تۇمارىنى پۇلسىز تارقىتىمەن! بالىلىرىم، تارتىنماڭلار، كېلىڭلار!
- ئوھوي، ئەسلى بىر ئايالكە - دە! - كىشىلەر قاقاقلاپ كۈلۈشتى.
- ئوھوي، راست ئايالكەن، سەتەڭكەن!
- ھى ھى، پاھىشە ئايال پاپا بولۇپتۇ - دە!
ئەسلىدە بۇ باشقىچە ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش بولۇپ، رىم ۋاتىكانىنىڭ ئۆز مۇرتلىرىغا گۇناھنى كەچۈرۈم قىلىش تۇمارى تارقىتىشىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
ئۇ چاغلاردا كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى ئىنتايىن چىرىكلىشىپ، ھەدەت پۇل - مال توپلايتتى. ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئەللىرى >100 يىللىق ئۇرۇش< مەزگىلىدە تۇرغانلىقتىن، باياشات چىخ، ۋاتىكاننىڭ ئالاھىدە مۇھىم سېلىق رايونىغا ئايلانغان ئىدى.
پاپا ئاتالمىش >گۇناھنى كەچۈرۈم قىلىش تۇمارى< بېسىپ، باھاسىنى بىر قانچە دەرىجىگە ئايرىپ، مۇرتلارنىڭ ئۆز >گۇناھىنىڭ ئېغىر - يەڭگىللىكىگە قاراپ سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنداق قۇۋلۇق - شۇملۇقلار ئەلۋەتتە شەھەر دائىرىلىرىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشتى. گىرىملىنىپ ئېلىپ بېرىلغان نامايىش دەرھال باستۇرۇلدى. لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلارنىڭ ھەقىقى تەشكىللىگۈچىلىرىنى تاپالمىدى، گىرىم قىلىپ نامايىش قىلغان ئۈچ ياشنىلا قولغا ئالدى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەشكىللىگۈچىسى پىراگا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، بېتلىخېم چېركاۋسىنىڭ پوپى پىروفېسسور جون. ھوس ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى پىروفېسسور كورىم ئىدى. ئۇلار ھەقىقى كاتولىك مۇرتلىرى بولۇپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ چىخنى ئېزىشى ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇراتتى.
بۇ ۋەقە پەيدا بولغاندىن كېيىن، ھوس ھاياجانلانغان ھالدا دىنىي جەمئىيەتنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى پاش قىلدى:
- ھەتتا نامرات موماينىڭ يېنىدىكى ئاخىرقى بىر تىيىنمۇ نومۇسسىز پوپ تەرىپىدىن يۇلۇۋېلىندى. ئەگەر ئۇ پۇل تۆۋە قىلىش ئۈچۈن خەجلەنمىسە، ئەيسا توغىچى نەزىرىسى ئۈچۈن خەجلىنەتتى. ئەيسا توغىچى نەزىرىسى ئۈچۈن خەجلەنمىسە، گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن خەجلىنەتتى، گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن خەجلەنمىسە، دۇئا - تىلاۋەت ئۈچۈن خەجلىنەتتى؛ دۇئا - تىلاۋەت ئۈچۈن خەجلەنمىسە، دەپنە ئۈچۈن خەجلىنەتتى، ئەجەبا، بۇنداق پوپنى قاراقچىدىنمۇ ھىلىگەر، ۋەھشى دېگىلى بولمامدىكەن؟
ئارقىدىنلا ھوس مۇنۇلارنى ئاشكارا جاكارلىدى:
- دىنىي جەمئىيەت ھەرگىز مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇۋالماسلىقى لازىم، ئاچكۆزلۈك بىلەن مال - مۈلۈك كويىدا بولۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغاندىلا، ئاندىن نادان، ئاچكۆز شاللاق دىندارلارنى تازىلىغىلى، ھەقىقىي دىنىي جەمئىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئىت غاجاۋاتقان سۆڭەكنى تارتىۋالغاندىلا، ئىت ئاندىن چىشلەيدۇ. خىرىستوس دۈشمىنى - پاپىغا مەجبۇرلاش ۋاستىسى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش لازىم!
ھوسنىڭ سۆزلىرى تېزدىنلا چىخ پادىشاھىنىڭ قۇلىقىغا بېرىپ يەتتى. بۇندىن ئىلگىرى، پادىشاھ ئىزچىل تۈردە ھوسنىڭ دىنىي جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش تەشەببۇسىنى قوللاپ كەلگەن ئىدى، چۈنكى، دىنىي جەمئىيەتنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغاندىلا ئۆزىنىڭ ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرلىرىنى كېڭەيتكىلى بولاتتى. لېكىن ئۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىسيان كۆتىرىشىدىن قورققانلىقتىن، يەنىلا گىرىملىنىپ نامايىش قىلىشقا قاتناشقان ئۈچ ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەمما، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىش ئىشلىرى راۋاجلىنىپ نامايىشقا ئايلاندى. كېيىن پىراگانىڭ باش ئېپىسكوپى ئاخىرى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىلتىزى، ھوسنىڭ تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى بىلدى، شۇڭا ئۇ ھوسنىڭ تەشۋىقاتى بىدئەتچىلىك، دەپ جار سېلىپ، ئۇنى مۇرتەد )دىندىن چىقىرىش( قىلدى، ئۇنىڭ پايتەختتە ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى مەنئىي قىلدى. شۇ يىلى قىشتا ھوس بىلەن گىرىم، پىراگادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. ھوس، چىخنىڭ جەنۇبىدا قېلىپ، داۋاملىق ئۆزىنىڭ دىنىي تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلدى، گىرىم بولسا، پولشا، لىتۋا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، سەييارە ۋەز ئېيتتى. ھوس قاتارلىقلار چىخ تىلىدا دىن تارقاتقاچقا، پۇقرالار ۋە دېھقانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئۇچراپ، بارغانسېرى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.
ئىككى يىل ئۆتۈپ مەلۇم بىر كۈنى، ھوس دەرھال يولغا چىقىپ، گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى كونىستانتىس )ھازىرقى شۋېتسارىيە تەۋەسىدە( قا بېرىپ ياۋرۇپا بويىچە چاقىرىلغان دىنىي يىغىنغا قاتنىشىش توغرىسىدا بىر بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالدى. گېرمانىيە پادىشاھى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكىگە ھەم چىخقا ئەركىن قايتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ھوس بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۆلىمىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، دىنىي جەمئىيەتنىڭ چىرىكلىكىنى يىغىن ئارقىلىق پاش قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتتى؛ لېكىن ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ، چىختىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئالدىنئالا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، ئۆز مۇرتلىرىدىن ئېتىقادىنى باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەستىن قوغداشنى ئۈمىد قىلدى.
ھوس 1414 - يىلى نويابىردا كونىستانتىسقا يېتىپ بېرىپ، تۆۋەن قاتلام خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغان دىندارلار دىنىي يىغىننىڭ، بۇ خەتەرلىك كۇپپارنى دەرھال قولغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن يىغىننىڭ رىياسەتچىسى دەرھال بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، مۇنداق ئالدامچىلىق ھەم ساختىپەزلىك ئويۇنىنى ئارقا - ئارقىدىن ئويناپ چىقتى: گېرمانىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا ئۆز تامغىسى بېسىلغان كاپالەتنامە بەردى، پاپىمۇ ئۇنى دىندىن چىقىرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇردى. لېكىن بىر ئايغا يەتمەي، ئۇنىڭغا ئېغىر كىشەن سېلىپ، شۇ جايدىكى بىر ئىبادەتخانىنىڭ گەمە تۈرمىسىگە تاشلاندى.
دىنىي يىغىن ئالاھىدە سوت تەشكىللەپ، ياۋرۇپادىكى بۇ مەشھۇر ئىلاھىيەتشۇناس پىروفېسسورنى سوراققا تارتتى. ھۆكۈمدار ھوسنىڭ ئۆز دىنىي قارىشىدىن شەرتسىز ھالدا ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئاقلاشقا ھېچقانداق پۇرسەت بەرمىدى. ھوس بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق رەددىيە بەردى. دىنىي سوتنىڭ ھوسقا گەپ تېپىپ بېرەلمەي زۇۋانى تۇتۇلغاچقا، ھوسنى، دىنىي ۋەزىپىسىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى شەرمەندىلەرچە جاكارلاپ، ئۇنى جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. ھوس قىلچە قورقماستىن كەسكىن ھالدا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:
- ئەگەر مېنىڭ بوشاڭلىق قىلغانلىق سەۋەنلىكىمدىن خەلقنىڭ ئەقىدىسى تەۋرىنىپ قالىدىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن قايسى يۈزۈم بىلەن خۇداغا جاۋاپ قىلىمەن، مىليونلىغان، ئون مىليونلىغان خەلققە يۈز كېلەلمەيمەن؟
1415 - يىلى 6 - ئىيۇلدا، ھوسنى شەھەرنىڭ سىرتىغا يالاپ چىقىپ، ئېچىنىشلىق ھالدا تىرىك تۇرغۇزۇپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ھوس قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ شاگىرتى گىرىم قولغا ئېلىندى ھەمدە كونىستانتىسقا يالاپ بېرىپ تۈرمىگە تاشلاندى.
گىرىمنىڭ ئەنزىسى ئاشكارا سوت قىلىندى. ئۇ دىنىي سوتقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سوتنىڭ ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى شەرھىلىشى ئۈچۈن بىر سائەت ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەلەپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېدى:
- بۇ ئادىل بولمىغانلىق. سىلەر مېنى تۈرمىگە قاماپ قويۇپ، مېنىڭ توپ - توغرا 340 كۈنۈمنى نىجىسلىق، پاسكنىلىق، كويزا - كىشەن بىلەن ئۆتكۈزۈشۈمگە سەۋەبچى بولدۇڭلار، بىراق نېمە ئۈچۈن مېنىڭ سۆزلىرىمنى بىر سائەتمۇ ئاڭلىغىڭلار كەلمەيدۇ؟...
ئۇ تېخى بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلمايلا، سوتتا ئىسقىرتقان، يەرگە تەپكەن ئاۋازلار كۆتىرىلدى، ئارقىدىنلا دىندارلار ئارقا - ئارقىدىن يالغان گۇۋاھلىق بەردى، ھەتتا ئۇ زادى ئاغزىدىن چىقىرىپ باقمىغان بەزى سۆزلەرنىمۇ ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىپ چاپلىدى. گىرىم بۇنى ئاڭلاپ ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن مۇنداق دېدى:
- تارىختا قانچىلىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ يالغان گۇۋاھچىلىقنىڭ قارىلىشى بىلەن ئادىل بولمىغان ھۆكۈمگە ئۇچرىغانلىقى ماڭا مەلۇم! گرېتسىيىلىك سوكرات، پلاتون ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى خىرىستىيان مۇرىتلىرى ئەمەس ئىدى، ئۇلارمۇ مۇشۇنداق بەختسىزلىككە دۇچكەلگەن؛ خىرستوسنىڭ ئۆزى ھەم ئۇنىڭ مۇرىتلىرىمۇ ئادالەتسىز ھالدا كىرىستقا مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن!
گىرىم ئارقىدىنلا قايغۇلۇق ھېسياتى بىلەن ئۇستازى ھوسنى تىلغا ئالدى:
- پىروفېسسور ھوس ئاق كۆڭۈل، ئادىل، ئەۋلىيا كىشى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ توغرا پىكرىدە چىڭ تۇرغانلىقتىن، ھاياتىدىن ئايرىلىشتەك قاتتىق بالايى - ئاپەتكە دۇچكەلدى!لېكىن، ئاق كۆڭۈل ئادەملەر ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگىنى ئۈچۈن قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ!
گىرىمنىڭ سۆزلىرى ۋاراڭ - چۇرۇڭ ھەم قاتتىق ئەيىپلەشلەر بىلەن ئۆزلۈكسىز ئۈزۈلۈپ تۇردى، لېكىن، ئۇنىڭ ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان قەتئىي قىياپىتى زادى بۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. ئاخىرىدا، سوت، ھوسقا ئوخشاش ئۇنىڭغىمۇ >ئىدئەتچىلىك گۇناھى< ئۆتكۈزدى دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بەردى.
1416 - يىلى 30 - مايدا، گىرىم، جازا مەيدانىغا يالاپ بېرىلدى. ئۇ تەمكىنلىك بىلەن كىيىملىرىنى سېلىپ، جازا مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزىدىن سەل ئېگىزرەك مومىغا يۆلىنىپ تۇردى.
جاللاتلار ئالدى بىلەن نەملەنگەن تانا بىلەن ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى مومىغا باغلىدى. ئاندىن پۇت - قولىغا كويزا - كىشەن سالدى؛ ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوتۇن دۆۋىلەپ، ئوتۇننىڭ بوش يەرلىرىگە ئۇنىڭ مەيدىسىگە قەدەر قۇرۇق سامان تۆكتى.
- ئوت يېقىلسۇن! - دەپ بۇيرۇق قىلدى ئىجراچى ئەمەلدار.
بىر ئەسكەر مەشئەلنى كۆتىرىپ، گىرىمنىڭ ئالدىغا كەلدى. لېكىن ئۇ بۇ باتۇر پىروفېسسورنىڭ قەتئىي قىياپىتىدىن ھېيىقىپ، بىر ئاز ھودۇقتى - دە، ئوت يېقىشقا پېتىنالمىدى.
- ئوت يېقىلسۇن! - دېدى ئىجراچى ئەمەلدار يەنە بىر قېتىم بۇيرۇق قىلىپ.
ئەسكەر بىر ئاز ئىككىلەندى - دە، گىرىمنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئوت ياقماقچى بولدى. ئۇ ئەمدىلا ئىككى قەدەم چامدىشىغا گىرىم ئېيتتى:
- ئالدىمغا كېلىپ، مۇشۇ يەردىن ئوت ياق، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ ئوت ياق! مەن ئۇنىڭدىن قورقسام بۇ يەردە تۇرمايتتىم!
ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى، گىرىم غەمكىن ئاۋاز بىلەن مۇناجات ئېيتىشقا باشلىدى. ئوت بارغانسېرى لاۋۇلداپ كۆيەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتۇننىڭ پاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى. لېكىن گىرىمنىڭ مۇناجات ئاۋازى تا ئۇ باغلىنىپ تۇرغان جاينى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت قاپلىغانغا قەدەر باشتىن - ئاخىر ئۈزۈلمىدى.
ھوس، گىرىملاردىن ئىبارەت بۇ ئىككى پروفېسسورنىڭ بەدىنى كۆيۈپ كۈل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ روھى كۆيمىدى. ئۇلار ئۆلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، چىخ خەلقىنىڭ تېخىمۇ زور ئوت يالقۇنى - ھوس قوزغىلىڭى ئەۋج ئالدى.