UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭقانغا بويغالن بەيگە مەيدانى

قانغا بويغالن بەيگە مەيدانى

بەش مىڭ يىل غەربىي رىم ئىمپىرىيىسى ۋارۋارلار تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغاندا، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى ئۆز پېتىچە قالغان بولۇپ، خېلىلا باي - باياشات ھەم قۇدرەتلىك ئىدى. شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنپول ئىدى. ئۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى نامى >ۋىزانتىيە< بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇن 330 - يىلى رىم پادىشاسى پۇستىنان پايتەختىنى بۇ يەرگە يۆتەكپ كەلگەندىن كېيىن، كونىستانتىنيىسى تارىختا يەنە >ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى< دەپمۇ ئاىتلىدۇ. كونىستانتىنپول ياۋروپا - ئاسىيا قىتئەلىرىنىڭ تۇتىشىدىغان يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، قارا دېڭىز بوغىزىنى ئوراپ تۇرغاچقا، دېڭىز سودىسى جەھەتتە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئىدى. غەربىي ياۋروپا نادانلىق ھالىتىدە، غەپلەتتە تۇرغاندا، بۇ يەرنىڭ ئاھالىسى بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئىمارەتلەر بارغانسېرى گۈزەل ھەم ھەشەمەتلىك ياسالغان، بۇ يەردىكى يۇرتلارغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن سان - ساناقسىز كېمىلەر كېلىپ - كېتىپ تۇرغان … قىسقىسى، بۇ يەر غەربىي ياۋروپادىنمۇ بايراق، مەدەنىيەتلىكىرەك بولغان. پادىشا سودا بېجى ئاقرىلىق ناھاىيىتى كۆپ كىرىم قىلاتتى. پۇل بولسىلا قوشۇن توپلاپ دۆلەت چېگرىسىنى قوغدىغىلى، تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتكىلى ۋە قۇللار قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرغىلى بولاتتى. سودىگەرلەرمۇ پادىشانى سۆيۈنۈپ قوللايتتى. چۈنكى، ئۇلارمۇ قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ئوقەتلىرىنى قوغداپ بېرىشىگە مۇھتاج ئىدى. شۇڭا، شەرقىي رىم ئىمپىريىسى ئۇزاق مۇددەت چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ، ۋارۋارلارنىڭ تاجاۋۇزلىرىنى چېكىندۈرۈپ، ئىمپىرىيىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ساقلاپ تۇرالىدى. بولۇپمۇ 6 - ئەسىردە يۇسىتىنان پادىشاھ بولغان مەزگىلدە، بۇ دۆلەت تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى. ئەمما، شەرقىي رىمدىكى قۇللار ۋە كالانلارنىڭ تۇرمۇشى غەربىي ياۋروپادىكى ۋارۋارلار پادىشالىقىدىكى يانچىلار ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن نۇرغۇن دەرىجىدە ناچار ئىدى. ئۇلاردا ئاۋالقىدەكلا جىسمانى ئەركىنلىك يوق ئىدى، قۇلدارلارنىڭ شەپقەتسىز ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ۋە ئېزىشىگە ئۇچرايتتى؛ شەھەر ئاھاللىرىمۇ ئېغىر باج - سېلىقلارغا بوغۇلاتتى. يۇسىتىنان تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، پايتەختتە چوڭ بىر ۋەقە يۈز بەردى … ئۇ چاغدا، كونىستانتىنپولدا بىر خىل ئات ھارۋا بەيگىسى ئەۋج ئالغان ئىدى. ھەر قېتىم بەيگە بولغاندا، ساناتور ئاقسۆڭەكلەر، زېمىندارلار، سودىگەرلەردىن تارتىپ ئاۋام پۇقرالارغىچە بەيگە مەيدانىغا تاماشا كۆرگىلى كېلەتتى؛ ھەتتا پادىشامۇ ئۇ يەرگە تەختىراۋاق ئورناتقان ئىدى. بەيگە تاماشىسىنى كۆرگۈچىلەر ھەمىشە نەچچە تۈمەن كىشىدىن كەم بولمايتتى. شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىدە پادىشاھ مۇقەددەس، دەخلى - تەرۇزسىز ئىدى. كىشىلەر ئۇنى كۆرگەن ھامان تىزلىنىپ باش ئۇرۇشى، ئۇنىڭ پۇتىغا سۆيۈشى شەرت ئىدى. پەقەت ئۇنى بەيگە مەيدانىدا كۆرگەندىلا، جامائەت ئۈنلۈك ۋاقىرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرەلەيتتى. بەيگە، ئەترەتلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلەتتى، بەزىدە بىر ھارۋىغا تۆت ئات قوشۇلاتتى. ھارۋىكەشلەرنىڭ كىيىملىرى كۆك، يېشىل، قىزىل ۋە باشقا رەڭلەردە بولغاچقا، شۇ كىيىملەرنىڭ رەڭگى بويىچە ئەترەتلەرگە بۆلۈنەتتى، تاماشىبىنلارمۇ بەيگىدىكىلەرنى كىيىملەرنىڭ رەڭگى بويىچە گۇرۇھلارغا ئايرىپ قارايتتى. كېيىنچە بۇ گۇرۇھلار تەدرىجى ھالدا سىياسىي پىرقىلەرگە ئايلاندى، بەيگە مەيدانىمۇ سىياسى كۈرەش مەيدانىغا ئايلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆك پىرقە بىلەن يېشىل پىرقە ئەڭ كۈچلۈك ئىدى. كۆل پىرقىنىڭ يۇقۇرى ئىدى. يېشىل پىرقىدىكىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى باي سودىگەرلەر ۋە جازانىخورلار ئىدى. بۇلار ئىككى تەرەپ بولۇپ ھەمىشە كۈرەش قىلىپ تۇراتتى. ھەر ئىككى پىرقىنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەر قول سانائەتچىلەر ۋە شەھەرگە يېقىن جايلاردىكى دېھقانلار ئىدى. ئۇلار ئارىسىدىمۇ ھەمىشە ماجرالار بولۇپ تۇراتتى. بۇنداق كۈرەش ۋە ماجرالار بارغانسېرى يمانلىشىپ بارغاچقا، يۇسىتىنان ئۇلارنىڭ چوڭ ۋەقە پەيدا قىلىپ، ئىمپىرىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر نەچچەيلەنگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. ئۆلۈم جازاسى بېرىش توساتتىن بىر چوڭ دولقۇن پەيدا قىلدى. ئىككى پىرقىنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئامما بىرلىشىپ گېپىنى بىر قىلىۋېلىشتى ۋە تۈزۈمىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار ۋە باشقا بارلىق جىنايەتچىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ باشلىنىپ كەتتى. بۇ - مىلادى 532 - يىلى 11 - يانۋار كۈنى ئىدى. ئارقىدىنلا شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئوت قويۇلدى. مەشھۇر ئايەسوفىيە ئىبادەتخانىسى، يوكىسىپۇ مونچىسى، شەھەر مەيدانىغا بارىدىغان كاتتا رەستە ۋە بىر قىسىم سارايلار لااۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت دېڭىزىدا كۈل بولدى. قوزغىلاڭچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەخپى بەلگىسى بويىچە بىر بىرىگە >نىكار< )نىكار - غەلىبە( دەپ توۋلاپ بەلگە بەرگەچكە، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ >نىكار< قوزغىلىڭى دەپ ئاتالدى. شەھەرنىڭ ھەممىلا يەرلىرىدىن كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان >جوھاننى ئۆلتۈرەيلى!<، >تىروبنىئانى دارغا ئاسايلى!< دېگەن چۇقانلار كۆتىرىلدى. جوھان ۋە تىروبنىئانلار پادىشاھ يۇسىتىناننىڭ ئىشەنچىلىك ۋەزىرلىرى ئىدى. جوھان، پايتەختنىڭ باش ئەمرى بولۇپ، پادىشاھدىن قالسا ئۇنىڭ ھوقۇقى چوڭ ئىدى. ئۇ قانۇننى سۈيىئىستىمال قىلىپ، پارا ئېلپ، كۆپلەپ مال - دۇنيا ئىگە بولۇۋالغاچقا، كۈن بويى كىكىرتىگىدىن يېنىپ كەتكۈدەك يەپ ـ ئىچىپ يۈرەتتى. ئۇ دائىم شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مال - دۇنياسىنى بۇلاشنىڭ كويىدىلا يۈرەتتى ھەمدە ھەددىدىن زىيادە بەتخەجلىك قىلاتتى. تىروبىنىئان، پادىشاھنىڭ مۇشاۋۇر ۋەزىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قابىلىيىتى ۋە بىلىمى ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ ھېچقايسىسىدىن قېلىشمايتتى. گەرچە ئۇ ئىمپىرىيىنىڭ قانۇنلىرىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن نەپسانىيەتچى بولغاچق، ئەدلىيە ئىلشىرىدا سودىلىشاتتى، ئىلتىجاچىلارنىڭ تەلىۋى بويىچە كۈنلۈگى قانۇننىڭ مەلۇم بىر ماددىسىنى ئېلىپ تاشلاش ياكى يېڭىدىن قانۇن تۈزۈش ئارقىلىق مال - دۇنيا تاپاتتى. قوزغىلاڭ باشلانغاندىن كېيىن، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ خانىشى بىر نەچچە سانىتۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئوردىغا قامىلىپ قالغاچقا، نائىلاجلىقتىن بۇر ئىكك ئەبلەخنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشقا پەرمان بەردى. قوزغىلاڭنىڭ 5 - كۈنى كەچلىگى، يۇسەىتىنان ئۆلۈپ كەتەن پادىشاھنىڭ ئىككى نەۋرىسىنى ئېلىپ تۇيدۇرماستىن باشقا بىر ئورۇنغا كۆچۈپ كەتتى. ئۇ بۇ ئىككى بالىنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشىدىن ھەم قوزغىلاڭ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇلارنى ئوردىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. يېڭى تۇرار جايغا بارغاندىمۇ كېيىنمۇ يۇسىتىناننىڭ ئاۋالقىدەكلا كۆڭلى تىنمىدى، نەۋكەرلىرىنى ئۇ ئىككىيلەنگە ھەر دائىم ئاگاھ بولۇپ قاراشقا بۇيرۇدى. ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھنىڭ خىببوت ئىسىملىك نەۋرە ئوغلى يۇسىتىنانغا ياخشىچاقلىق قىلىپ: - پادىشاھى ئالەم، مۇنداق خەتەلرىك پەيتلەردە مەن جانابلىرىدىن ئايرىلماسلىقىم كېرەك، - دېدى. كىم بىلسۇن، بۇ سۆز پادىشاھنى تېخىمۇ شۈبھىلەندۈردى، پادىشاھ ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەھۋال تېخىمۇ جىددىلىشىپ كەتتى. 2 - كۈنى تاڭ سەھەرد، خىببوت، كىشىلەرنڭ ھىمايىسى بىلەن مەيدانغا بېرىپ، دۆلەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى ۋە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكالىدى. ئۇ يەرگە بارغاندا، پادىشاھلىق تاجىسى ۋە مۇراسىم كىيىملىرى بولمىغاچقا، بىر ئالتۇن مېدالىيوننى بېشىغا كىيىۋالدى، شۇنداق قىلىپ، خىببون ھايت - ھۇيت دېگىچە ئوڭى بىلەن چۈشىنى بىلمىگەن ھالدا پادىشاھ بولۇپ قالدى. شۇئان ئوردا سىرتىدىكى مۆتىۋەرلەر جىددى مەجلىس چاقىردى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى دەرھال ئوردىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى، يەنە بەزىلىرى پادىشاھ يۇسىتىناننى قاچۇرۇۋېتىشنى تەشەبۇسق ىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى پادىشاھ خىببوتنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ ،دەرھال ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن خىببوت قوشۇنلارغا بەيەە مەيدانىغا يىغىلىشقا بۇيرۇق بەردى. پادىشاھ يۇسىتىنان تەرەپتىمۇ جىددى مەجلىس چاقىرىلدى. مەجلىستە شەھەردە تۇرۇپ كۈچ تەشكىللەپ باستۇرامدۇق ياكى كېمىگە چۈشۈپ قاچامدۇق؟ دېگەن مەسىلە مۇزاكىرە قىلىندى. ئەڭ ئاخىرىدا خانىش سۆز ئالدى: - بۈگۈن كىمدە - كىم يەنىلا ئاياللار، ئەرلەر ئالدىدا چوڭ گەپ قىلماسلىقى كېرەك، دېگەن سەپسەتىنى ساتسا، پۈتۈنلەي ئورۇنسىزلىق بولىدۇ، چۈنكى بۈگۈن سىلەر - ئەرلەر ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ دېگەن ھالەتتە تۇرۇۋاتىسىلەر، مېنىڭچە قېچىپ كېتىش ئەڭ بولمىغۇر ناچار تەدبىر. كىشى ھامان ئۆلىدۇ، ئەمما ھۆكۈمراندىن سەرگەردانغا ئايلىنىشقا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. مەن خۇدادىن، ئۇچامدىكى لىباسىمدىن ئايرىماسلىقىنى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مېنى ئاخىرقى ئۆمرىمگىچە خانىش دەپ قارشى ئېلىشنى تىلەيمەن، - ئۇ سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە شۇنداق ھاياجانلاندىكى، ھەتتا ئاۋازلىرى تىترەپ كەتتى، - شۇڭا، پادىشاھى ئالەم جاننى ئېلىپ قېچىش تەس ئەمەس! بىزدە سان - ساناقسىز ئالتۇن - كۈمۈش بايلىق بار، دېڭىزدا ئۈزەلەيدىغان كېمىلەر بار! ئەمما، قانابلىرى قاچقاندىن كېيىن، بېشىمنىڭ ئامانلىقىنى تىلىگىچە، ئۆز ۋاقتىدا ئۆلسەم بوپتىكەن دەپ قالىلا! خانىشنىڭ بۇ سۆزلىرى كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتىگە ئىلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلغاندا قوزغىلاڭنى باستۇرۇپ ئۆزلىرىنى قوغداپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىندى. ۋەزىرلەر ئوردا ئارمىيىسى ۋە باشقا قىسىملرنى پادىشاغا سادىق ئەمەس دەپ ئۈمىتىنى ئىككى ئادەمگە باغلاش قارارىغا كېلىشتى. بۇلرنىڭ بىرىسى، پىرسىيە ئۇرۇش فۇرونتىدىن قايتىپ كەلگەن بىلىسەرۇ سەركەردە ئىدى. چۈنكى ئۇ كۈچلۈك بىر ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلاتتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك جەڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بىر مۇنچە نەيزىۋاز دۈيلىرى ۋە قوغدىنىش دۈيلىرى بار ئىدى. يەنە بىرسى، موندى سەركەردە بولۇپ، ئۇ شۇ تاپتا بۇيرۇق بويىچە پايتەختكە قايتىپ كېلىۋاتاتتى، شۇنداقلا پادىشاغىمۇ ناھايىتى سادىق ئىدى. پادىشاھ جىددى مەجلىس ئېچىۋاتقاندا، خىببوت ۋە نەچچە تۈمەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بەيگە مەيدانىغا تاماشىسىنى كۆرىدىغان تەختىراۋاققا ئولتۇردى. بۇيرۇققا بىنائەن قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كەلگەن بىلىسەرۇ سەركەردە قوشۇنىنى باشلاپ بەيگە مەيدانىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، قوزغىلاڭچىلارنڭ قاراۋۇللىرى تەرىپىدىن توسىۋېلىنىدى؛ شۇڭا ئۇ قوشۇنلىرىغا يۈرۈش يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، كۆيدۈرۈلگەن رەستە خارابىسى ئارقىلىق بەيگە مەيدانىغا كىرىشكە بۇيرۇق بەردى. قوشۇنى مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ھامان ئۇ قىلىچىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ، ئەسكەرلىرىگە مەيداندىكى جامائەتكە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. مەخسۇس تەربىيىلەنگەن، ئۇرۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە بۇ ئەسكەرلەر خەنجەر ھەم نەيزىلىرىنى تەڭلىگەن ھالدا كىشىلەر توپىغا ئېتىلىپ كىرىپ ئۇر - چاپ قىلدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە قانلار شاقىراپ ئېقىپ، ئۇر - چاپ چۇقانلىرىغا ئېچىنىشلىق ۋاي - داتلار، ئىڭراشلار قوشۇلۇپ كەتتى. مەيداننىڭ سىرتىغا قاراپ ئېقىۋاتقان كىشىلەر توپى موندى سەركەردە ئارمىيىسىنىڭ توساپ قىرغىن قىلىشىغا ئۇچرىدى، ھەش - پەش دېگىچە تۆت تۈمەنگە يېقىن ئادەم يەرگە يىقىلدى، پۈتۈن بەيگە مەيدانى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قىزىل قېنىغا بويالدى، >نىكار< قوغىلىڭى ئەنە شۇنداق مەغلۇپ بولدى. پادىشاھلىق كابىنتىدا ئولتۇرغان خىببوت، قانغا بويالغان مەيدان مەنزىرىسىنى كۆرۈپ ھۇشىنى يوقاتتى. ئۇ تەختىراۋاقتىن تارتىپ چۈشۈرۈلدى ۋە قاتتىق تەقىپ ئاستىدىكى زىندانغا تاشلىنىپ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆلتۈرۈلدى ۋە جەسىدى دېڭىزغا تاشلىۋېتىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ