كەچۈرۈم قىلىشنى رەت قىلغان سۈرگۈن
بەش مىڭ يىل
1875 - يىلىنڭ بىر كۈنى، ئاتلىق بىر ئوفىتسېر روسىيە شەرقىي سىبىرىيىنىڭ شىمالغا جايلاشقان چەت بىر كەنتكە كېلىدۇ.
بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى سوغۇق، يىل بويى قار قاپلاپ تۇرغاچقا، قاتنىشى ناچار، ئادەملىرى شالاڭ ئىدى. كەنت بويىچە 500 چە ئادەم، 20 نەچچە ئېغىز ياغاچ ئۆي بىلەن چېدىرلار بار ئىدى. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى ھەمىشە بەزى ئىنقىلابچىلارنى بۇ يەرگە سۈرگۈن قىلىپ تۇرغاچقا، كىشىلەر بۇ يەرنى >تەبىئىي تۈرمە< دەيتتى.
ئوفىتسېر، كەنت بېشى بىلەن ژاندارمىنىڭ ھەمراھلىقىدا كىچىك ھەم پاكارغىنا بىر ئۆيگە كىردى.
>بۇ يەرگە سۈرگۈن قىلىنىپ كەلگەن جىنايەتچى چېرنشېۋىسكى دېگەن سىز بولامسىز؟<، - دەپ سورىدى ئوفىتسېر بىلىپ تۇرۇقلۇق.
سوئال سورالغۇچى 50 ياش چامىسىدىكى، چاچلىرى پاخپايغان، پېشانىسى كەڭ، جۈدەڭگۈ يۈزىنى قورۇق بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم ئىدى، بۇ ئالامەتلەر ئۇنىڭ قانچە يىللاپ جەبىر - زۇلۇم ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى نامايان قىلاتتى. ئۇ ئۇزۇنچاق بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرمەي ئالدىدا تۇرغان ھېلىقى ئوفىتسېرغا قاراپ قويدى.
ئوفىتسېر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ زۇۋان ئاچتى:
- مەن شەرقىي سىبىرىيە باش ۋالىيسىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن سىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇش قىلغىلى كەلدىم: سىز پادىشاھ ئالىيلىرىدىن گۇناھىڭىزنى تىلەپ بىر پارچە ئىلتىماس يازسىڭىزلا، بۇ جاڭگاللىقتىن يۇرتىڭىزغا قايتىپ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن جەم بولالايسىز. ئىلتىماسنى سىز ئۈچۈن يېزىپ قويدۇق، ئىمزا قويۇپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. قېنى، مەرھەمەت! - ھېلىقى ئوفىتسېر شۇنداق دەپ بىر پارچە قەغەزنى چېرنشېۋسكىغا سۇندى. چېرنشېۋسكى ئۇ قەغەزگە شۇنداق قاراپ قويۇپ:
- پادىشاھ جانابلىرىدىن نېمىنى كەچۈرۈم قىلىشنى سورىغۇدەكمەن؟ مېنىڭچە، مېنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىم مەندە ژاندارما ئوفىتسېرلىرىنىڭ كاللىسىغا ئوخشاش كاللا بولمىغانلىقتىن بولغان. مەن مۇشۇ سەۋەبتىن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن كەچۈرۈم سورامدىكەنمەن؟ - دېدى ئۇ سوغۇققىنا.
- ئۇنداقتا كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلىدىكەنسىزدە؟ - دەپ چۆچۈدى ئوفىتسېر.
- شۇنداق. مەن كەچۈرۈم سوراشنى قەتئىي رەت قىلىمەن!
چېرنشېۋسكى نېمىشقا چارپادىشاھ تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان؟ ئۇ يەنە نېمىشقا كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلىدۇ؟ چېرنشېۋسكى كىچىكىدىنلا كىتاب خۇمار ئىدى. ئون ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ بىلىم سەۋىيىسى 15 ياشلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېشىپ چۈشەتتى. 16 ياشقا كىرگەندە يەتتە خىل چەت ئەل تىلىنى مۇكەممەل بىلەتتى. 1846 - يىلى 18 ياشقا كىرگەن چېرنشېۋسكى پايتەخت پېتبېربۇرگ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات - تارىخ فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تولىمۇ قىزىقاتتى، مۇستەبىت چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قۇلدارلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا تەشنا ئىدى. ئۇنىۋېرستېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ، ئوتتۇرا مەكتەپكە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدى. ئىنقىلابىي ئىدىيىلەرنى قىزغىن تەشۋىق قىلغاچقا، مەكتەپ مەمۇرىيىتى ئۇنى مەكتەپ ئىستىلىنى بۇزۇپ، خەتەرلىك ئىدىيىلەرنى تارقاتتى، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ بۇ ئەيىبلەشلەرگە چىداپ تۇرالماي، غەزەپ بىلەن مەكتەپتىن چىقىپ، پېتېربۇرگقا قايتىپ كېتىدۇ.
پېتېربۇرگدا روسىيە مەشھۇر شائىرى پۇشكىن 1836 - يىلى تەسىس قىلغان >زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى< دېگەن بىر ئىلغار ژۇرنال بولۇپ، بۇ ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچى شائىر نېكراسوۋ ئىدى. چېرنىشېۋسكى >زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى< گە بىر پارچە ماقالە يازىدۇ. نېكراسوۋ بۇ ماقالىنى ناھايىتى ياقتۇرىدۇ ۋە چېرنشېۋسكىنى >زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى< نىڭ بىر مەخسۇس بېتىنىڭ مۇھەررىلىكىگە تەكلىپ قىلىدۇ. شۇندىن باشلاپ، چېرنشېۋسكى بىر تەرەپتىن، ماقالە ئۇيۇشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ماقالە يېزىپ، چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىگە دەككە بېرىدۇ.
ئۇ چاغدا، روسىيە جەمئىيتىدە زىددىيەتلەر مىسلىسىز كەسكىنلىشىپ، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئارقا - ئارقىدىن پارتلىماقتا ئىدى. چارپادىشاھ كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 1857 - يىلى قۇللارنى >ئازاد قىلىش< مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
چېرنشېۋسكى بۇنىڭ بىر دام ئىكەنلىكىنى دەرھال بايقىۋالىدۇ ۋە >زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى< دە بىر مۇنچە ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ئالدامچىلىقنى پاش قىلدى. ئۇ يەنە بىر مۇنچە خىتابنامە ۋە تەشۋىق ۋاراقلىرى يېزىپ، قۇللارنى چارپادىشاھنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ: >سىلەر پومېشچىكلارنىڭ قۇللىرى، پومېشچىكلەر بولسا چارپادىشاھنىڭ غالچىلىرى. ھالبۇكى، چارپادىشاھ پومېشچىكلارنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پومېشىكتۇر. دېمەك، چارپادىشاھ بىلەن پومېشچىكلار بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى، سىلەر پادىشاھتىن تەلەپ قىلىۋاتقان ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيسىلەر!< دەپ يازىدۇ.
1861 - يىل 2 - ئايدا، چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى پەرمان چىقىرىپ، قۇللۇق تۈزۈمىنى >بىكار قىلىش< نى جاكارلىدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە لىبېرالىستلارنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرى ئۇنىڭغا بارىكاللا ئوقۇدى، >زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى< بولسا سۈكۈت بىلەن قارشىلىق بىلدۈردى.
چارپادىشاھ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ پايلاقچىلىرى چېرنشېۋىسكىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىغا ئىزچىل تۈردە مەخپىي نازارەت قىلىپ، بىرەر باھانە تېپىپ ئۇنى تۇتۇش قەستىدە يۈردى.
1862 - يىلى يازدا پېتېربۇرگتا بىر نەچچە قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ساقچى دائىرىلىرى ئوتنى ئىنقىلاب پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرى قويدى، دەپ، 7 - ئايدا چېرنشېۋسكىنى قولغا ئالدى ۋە ئۇنى تۈرمىگە سولىدى.
ساقچى دائىرىلىرى چېرنشېۋىسكىنى گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىشقا قايتا - قايتا قىستىدى، ئەمما چېرنشېۋىسكى قەتئىي رەت قىلدى ھەمدە: >مەن بۇ يەرگە چېچىم ئاقىرىپ كەتكۈچە، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكۈچە قامالساممۇ، خىيانەت ئۆتكۈزدۈڭ دېگەننى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايمەن!< - دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈردى. ساقچى دائىرىلىرى ناھايىتى ئوسال ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئەنزىسىنى ئارقىغا سوزدى.
چېرنشېۋسكى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىنقىلابىي شىجائەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ كىشىلىك ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغان بولسىمۇ، قەلەم بىلەن كۈرەش قىلىشنى يەنىلا داۋاملاشتۇردى.
ئۇ كىچىك ھەم سوغۇق بىر تاش ئۆيگە سولانغانىدى. تاش ئۆينىڭ كىچىككىنە بىر تۈڭلۈكى بوۇپ، ئۇنىڭدىن شۇنچىكىلا نۇر چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پايلاقچى ئۇنى بىر نەرسە يازدۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇنى كۆزىتىپ تۇراتتى، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ تۈرمە گۇندىپېيىغا، >زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى< دىن سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ھېكايە يېزىپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىن قەلەم ھەققى ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئەتەي بىر پارچە رازۋېتكا ھېكايىسى يېزىپ، گۇندىپاي بىلەن كىتاب - ژۇرنال تەكشۈرگۈچىنى ئىشەندۈرۈۋالىدۇ، رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن، ئۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە 100 مىڭ خەتلىك بىر رومان يېزىپ چىقىدۇ ۋە نېكراسوۋنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا 1863 - يىل 2 - ئايدىن باشلاپ >زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى< دە ئۇدا ئېلان قىلىدۇ. مانا بۇ >نېمە قىلىش كېرەك؟< دېگەن مەشھۇر رومانى ئىدى.
>نېمە قىلىش كېرەك؟< دېگەن روماندا >يېڭى كىشىلەر< تەسۋىرلەنگەن. >يېڭى كىشىلەر< پۇقرالاردىن كېلىپ چىققان زىيالىي ئىنقىلابچىلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.
شەھەر ئۇششاق بۇرژۇئازىيىسىدىن كېلىپ چىققان ۋېرا ئەركىنلىكىنى جاندەك سۆيىدىغان، مىجەزى چۇس بىر قىز بولۇپ، ئەخلاقى چاكىنا ئوفىتسېرغا تەگمەسلىك ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىرادىسىگە قەتئىي بويسۇنمايدۇ. ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ستۇدېنت دوپخوۋ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تۈرمە كەبى ئۆيدىن قېچىپ كېتىشىگە ياردەملىشىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئىككىيلەن بىر ئائىلە قۇرىدۇ.
خىيالىي سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە، ۋېرا تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن جاي - جايلارغا قاتراپ يۈرۈپ، بىر كىيىم تىكىش كارخانىسى قۇرىدۇ. بۇ كارخانىدا ھەممەيلەن باراۋەر، ئېكىسپلاتاتسىيە يوق، كىرىمنى كۆپچىلىكنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، كىيىم تىكىش كارخانىسى ناھايىتى جانلىق باشقۇرۇلىدۇ ۋە ئىشچىلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ۋېرامۇ رۇسلارنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ئايال دوختۇرى بولۇپ يېتىشىپ، ھەقىقىي ئازادلىققا ئېرىشىدۇ.
روماندا يەنە دېموكراتىزىم ئىنقىلابچىسى راخماتوۋ دېگەن بىر شەخس تەسۋىرلەنگەن. ئۇ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. ئۆزىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر خىل ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، ئاق بولكا، قەنت، مېۋە ۋە كالا گۆشى يېمەيدۇ؛ ھەتتا كارىۋاتقا مىخ قېقىپ ئۈستىدە يېتىپ، ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك زەربىگە ئۇچرىغاندا ئۆز غايىسىگە سادىق بولالايدىغان بولالمايدىغانلىقىنى سىناپ كۆرىدۇ.
دېمەك، چېرنشېۋسكى بۇ روماندا، ئۆزىنىڭ مۇھەببەت ۋە ئاياللار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، خىيالىي سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. ياش ئەۋلادلارنىڭ >نېمە قىلىش كېرەك؟< دېگەن تارىخىي سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. يەنى ياشلارنى شەخسىي مەنپەئەتنى قايرىپ قويۇپ، قەيسەرلىك بىلەن تاۋلىنىپ، ئىنقىلابىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللىنىپ، غايىۋى ئالەمگە ئىنتىلىشكە چاقىرغان.
بۇ رومان دۇنياغا كېلىپلا، كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. دۈشمەن ئۆزلىرىنىڭ بىخەستىلىكىنى سېزىپ تەقىپ قىلىمىز دەپ بولغۇچە، بۇ رومان مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاپ كەتتى.
چېرنشېۋسكىنىڭ ئەنزىسى ئىككى يىل سۆرىلىپ، 1864 - يىل 2 - ئايدا، ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭغا يەتتە يىللىق ئېغىر ئەمگەككە سېلىش ۋە ئۆمۈرلۈك سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىش جازاسى بەردى. ئېغىر ئەمگەككە سېلىشتىن ئىلگىرى يەنە ئۇنىڭغا ئوتتۇرا ئەسىردىكى >يالغان ئۆلۈم جازاسى< بېرىلدى. شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جاللاتلار ئۇنى شەھەردىكى بىر مەيدانغا ياسالغان كاللا كېسىش سۇپىسىغا يالاپ كېلىپ، ئۇنى يۈكۈندۈرۈپ بېشىنىڭ ئۈستىدە شەمشەر سۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى زەنجىر بىلەن جازا تۈۋرۈكىگە باغلىدى. چېرنشېۋسكى ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، كىشىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان بۇ رەزىل ئويۇننىڭ ئاياغلىشىشىنى بەخىرامان كۈتۈپ تۇردى. شۇئان بىر قىز بىر دەستە گۈلنى ئۇنىڭغا ئاتتى، بۇ قىز شۇ ھامان قولغا ئېلىندى. مۇشۇ رەزىللىكلەردىن كېيىن ئۇ سىبىرىيىگە ئېغىر ئەمگەككە پالاندى.
ئېغىر ئەمگەك چېرنشېۋسكىنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى يوقىتالمىدى. ئۇ بارلىق جاپا - مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىپ، بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنغان ئىنقىلابچىلار ۋە يەرلىك ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلىدى. يەتتە يىللىق ئېغىر ئەمگەك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن چارپادىشاھ دائىرىلىرى يەنە ئۇنى تېخىمۇ چۆل، تېخىمۇ چەتتىكى >تەبىئىي تۈرمە< گە سۈرگۈن قىلدى. شەرقىي سىبىرىيىنىڭ باش ۋالىيسى ئۇنى كەچۈرۈم سوراپ ئىلتىماس يېزىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قەتئىي تىز پۈكمەي رەت قىلدى. ئېغىر ئەمگەك جەريانىدا، ئۇ يەنە >مۇقەددىمە< دېگەن روماننى يېزىپ چىقتى. بۇ روماننىڭ قول يازمىسى ئۇنىڭ ئاغىينىلىرى ئارقىلىق ئەنگلىيىگە ئېلان بېرىلىپ، ماركىسنىڭ ياردىمى بىلەن نەشىردىن چىقىرىلدى.
1881 - يىلى، يېڭى چارپادىشاھ: ئالېكساند Ⅱ تەختكە چىقتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ رايىنى ئۆزىگە رام قىلىش ئۈچۈن، چېرنشېۋسكىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پەرمان چۈشۈردى. ئىككى يىلدىن كېيىن، چېرنشېۋسكى سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى ئاياغلاشتۇردى. 21 يىللىق ھايۋان كەبى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارقىسىدا، چېرنشېۋسكىنىڭ تېنى جەبىر - زۇلۇم دەستىدىن ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتتى. 1889 - يىلى 10 - ئايدا، بۇ مەشھۇر ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچى ۋە ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ يۈرىكى ئاخىر سوقۇشنى توختاتتى.