UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭكومېدىيىچىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى

كومېدىيىچىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى

بەش مىڭ يىل چەتئەلنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى ئۈستىدە سۆز بولغاندا، كىشىلەر 17 -، 18 - ئەسىرلەردىكى غەربىي ياۋروپانى بۇ سەنئەتكارلار ئىجادىيەت بىلەن قانداق شۇغۇللانغان؟ بىز تۆۋەندىكى بىرنەچچە ھېكايىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: 1645 - يىلى ياز كۈنلىرى ئىدى. پارىژ كوچىسىدا كېتىۋاتقان پۇزۇر بىر پوچتا )پەيتۇن( دوقمۇشتىن ئايلىنىپ قاراڭغۇ كوچىغا كىرىپ، تۈرمىنىڭ ئالدىدا توختىدى. دەل شۇ چاغدا، چاچلىرى پاخپايغان، كىيىملىرى جۇل - جۇل بىر ياش مەھبۇسنى تۈرمىدىن چىقىرىۋەتتى. پوچتىكەش دەرھال: >بايۋەتچە، پوچتىغا چىقسىلا!< دېدى. يىگىت ئىن دېمەي بېشىنى لىڭشىتقان پېتى پوچتىغا چىقتى. پوچتا چوڭ يولدىن ئۆتۈپ، چىرايلىق ياسالغان ھويلىغا كىرىپ كەتتى. قېرى غوجىدار يايۋەتچىنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، ئاۋال يۇيۇندۇرۇپ، يېڭى كىيىملەرنى كىيگۈزگەندىن كېيىن خوجايىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرى. خوجايىن بوكلىن 60 لارغا بېرىپ قالغان كىشى بولۇپ، ھازىرقى ۋەزىپىسى پادىشاھنىڭ نەۋكىرى، ئوردا كىگىز زاۋۇتنىڭ باش غوجىدارى ئىدى. ئۇ ئوغلىنى كۆرۈپ، رەنجىگەن ھالدا: - جان باپتىستې، سەن بۇ يىل ئىككى قېتىم تۈرمىگە كىردىڭ، مەن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ چىقىرىۋالدىم، دەردىڭنى تارتىۋېرىمەنمۇ - ھە! سەن ئائىلىمىزنىڭ يۈزىنى قويمىدىڭ! - دېدى. - دادا، رەھمەت سىزگە! ـ دېدى يىگىت ۋە كىيمىنى ئالماشتۇردى، ئۇنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ، ئىككى كۆزى چاقناپ، ئىنتايىن ئەقىللىقلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. - ماڭا رەھمىتىڭنىڭ كېرىگى يوق، تۈزەلسەڭلا بولدى، ئويلاپ باققىن، مەن سېنى تەئەللۇقاتىمغا ۋارىسلىق قىلىپ باي بولسۇن، چوڭ ئەمەل تۇتسۇن دەپ لاتىنچە ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەردىم، داشۆگە قانۇن ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەردىم. سېنىڭ ئوبدان ئوقۇماي، دىراما ئۆمىگى قۇرۇپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئارتىس بولۇپ يۈرۈشۇڭنى ئويلىماپتىكەنمەن. ئارتىسلىق كىشىلەر پەس كۆرىدىغان ئوقەت، سەن ئاخىرىدا بىر تاغار قەرزگە بوغۇلۇپ، تۈرمىگە قامالدىڭ. بىزنىڭ چوپ ـ چوڭ بايۋەتچىمىز مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىى قارىمامدىغان! ئۇ سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئوردىدىكى خىزمەت ئورنى، پارىژ ۋە باشقا جايلاردىكى سودا دۇكىنى ۋە مال - مۈلكى، ئۆزىنىڭ ئەمدى قېرىپ قالغانلىقى، ئوغلىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشنى خالىمايۋاتقانلىقى ئېسىگە كېلىپ كۆڭلى بۇزۇلدى ۋە كۆزىدىن مونچاقتەك ياش تۆكۈلۈپ، يۈز - كۆزىنى نەملىدى. - دادا، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، سىزنىڭ ئوردىدىكى خىزمەت ئورنىڭىز، ئۆيىمىزدىكى نۇرغۇن بىساتىڭىزغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بار، ئەمما مەن ئەمەس. - كىم ۋارىسلىق قىلىدۇ؟ - ئۇكام ۋارىسلىق قىلىدۇ. - ئۇنداق بولسا، سەن نېمە ئىش قىلىسەن؟ - مەن ئارتىسلىقىمنى قىلىۋېرىمەن. چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. يىگىتنىڭ تەبەسسۇم چىرايىدا قەيسەرلىك ئەكس ئېتىپ، گويا ئىرادىسىنى بىلدۈرگەندەك، ئۇ ئىككى قولىنى تەبىئىي ھالدا ئالدىغا يايدى. - ھەي، بىلگىنىڭنى قىل! - دېدى دادا ئوغلىنىڭ قەلىبىنى چۈشەنمەي ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمەي. بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى جان باپتىستې بوكلىن بولۇپ، ئۇ تۈرمىدىن چىققاندا توپ - توغرا 23 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ كىچىگىدىنلا دراما كۆرۈشكە ئامراق بولۇپ، ئارتىس بولۇشنى ئويلاپ يۈرەتتى. ئۇ 20 ياشقا كىرگەن يىلى، دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ >نۇرلۇق تىياتىر ئۆمىگى<نى تەشكىل قىلدى ھەمدە ئۆزىگە >موللىر< دەپ ئەدەبىي ئىسم قويۇۋالدى. ئويۇن قويۇش تاپاۋىتى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئۇ نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى. قەرز بەرگۈچى ئەرز قىلىپ، ئۇنى تۈرمىگە قامىتىپ قويدى. شۇ يىلى كۈزدە موللىر ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە شىرىكلىرى پېشقەدەم ئارتىس دۇفىرلېن ئۇيۇشتۇرغان كومېدىيە ئۆمىكىگە قاتناشتى. موللىر ئۇلار بىلەن بىللە پۈتۈن فرانسىيىنى توپ - توغرا 13 يىل كەزدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ، كامالەتكە يەتكەن ئارتىسلىق ماھارىتىنى ئۆگىنىۋېلىپلا قالماي، فرانسىيىنىڭ بۇلۇڭ - پوشقاقلىرىغىچە بېرىپ، خەلقنىڭ ئىدىيىۋى ھېسىياتىنى چۈشىنىپ، نۇرغۇن ماقال - تەمسىل ۋە قوشاقلارنى توپلاپ، ئاخىرى مەشھۇر كومېدىيىچى بولۇپ قالدى. 1658 - يىلى، موللىر پارىژغا قايتىپ كېلىپ، >نۇرلۇق تىياتىر ئۆمىكى<نى يېڭىۋاشتىن تەشكىل قىلىپ، مەخسۇس كومېدىيە ئىجادىيىتى ۋە ئويۇن قويوش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ كومېدىيىلىرىدە فرانسىيىدىكى ئېچىپ تاشلىغان ۋە مەسخىرە قىلغانلىقتىن، كەڭ خەلقنىڭ قىزغىن ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. 1664 - يىلى، مەللىرنىڭ >ساختىپەز< دېگەن ئەسىرى ۋېرسال سارىيىدا ئوينالدى. تىياتىرخانىنى مىسلىسىز تەنتەنە قاپلىدى، ھەتتا پادىشاھ لۇئى ⅣⅩ مۇ كېلىپ كۆردى. ئەمما بۇئويۇن ئۈچ قېتىم قويۇلغاندىن كېيىنلا مەنئى قىلىندى. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ ئاۋال بىز بۇ كومېدىيىنىڭ ۋەقەلىكىنى كۆرۈپ باقايلى! ئورگون دېگەن باي سودىگەر دادۇف دېگەن كاتولىك مۇرىتى بىلەن تونۇشىدۇ، دادۇف ناھايىتى تەقۋادار قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقتىن، ئورگون ئۇنى >ئەۋلىيا< دەپ ھېساپلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادۇفنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەڭ ياخشى غىزا بېرىدۇ، ئەڭ ياخشى كىيىملەرنى كىيگۈزىدۇ، ئەڭ ياخشى ئۆيدە ياتقۇزىدۇ. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ، مال - مۈلۈكلىرىنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئىشلىرىنىمۇ ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويىدۇ. دادۇف بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ساختىپەزلىكىنى قىلتاققا چۈشۈرۈپ، ئورگوننى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ بارلىق ئۆي - بىسات روزغارىنى بېسىۋالماقچى بولىدۇ، ئورگون ئۆزىنىڭ كاتولىك مۇرىتىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىنى بىلگەندە، دادۇف تېخى يۈزىنى دەپتەك قىلىپ: >بۇنىڭ ھەممىسىنى خۇدا يولىدا، پادىشاھ ئۈچۈن قىلدىم< دەيدۇ. بۇ كومېدىيىدە، ھەجۋىي تىغ ئۇچى توغرىدىن - توغرا فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تۈۋرۈگى بولغان كاتولىك دىنىي جەمئىيەتكە قارىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسكىن ھالدا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يېغىرىغا تەككەنلىكتىن، بۇ كومېدىيە ھوقۇقدارلار تەرىپىدىن مەنئى قىلىنغان. موللىر شۇمۇناسىۋەت بىلەن كومېدىيىنى ئۈچ قېتىم تۈزىتىپ، دادۇفنى دىنسىز ئادەم قىلىپ ئۆزگەرتتى ھەمدە ئۈچ پەردىلىك كومېدىيىنى بەش پەردىلىك قىلىپ ئۆزگەرتىپ، بەشىنچى پەردىگە پادىشاھ ئورگون ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىدىغان ۋەقەلىكنى قوشتى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، 9166 - يىلى، موللىر >بېخىل< )بەزى كىتاپلاردا >پىخسىق< دەپ تەرجىمە قىلغان( دېگەن يەنە بىر كومېدىيىنى يېزىپ چىقتى. ئۇنىڭدا ئادەتتە قوساققا يىيىشكە، ئۇچىسىغا كىيىشكىمۇ قارنى ئاغرىپ، پۇل يىغىپ جازانىخورلۇق قىلىدىغان باي ئاباگۇن تەسۋىرلەنگەن. ئاباگۇل بىر ئاز قىز مېلى پۇلى تېجەيمەن دەپ، قىزىنى پۇلدار قېرىغا ياتلىق قىلىشقا رازى بولىدۇ؛ باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى قاقتى - سوقتى قىلىش ئۈچۈن، ئوغلىنى قېرىغان پۇلدار تۇل خوتۇننى ئېلىشقا زورلايدۇ؛ ئەمما ئۆزى بولسا، كېلىشكەن قىزنى ئالماقچى بولىدۇ. ئۇ ھەمىشە پۇلىنى كىشىلەرنىڭ ئوغرىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بىر كۈنى، مالاي ئۇنىڭ غەلىسى يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئاباگۇن ئەسەبىلەرچە ۋاقىراپ: >ۋايە! جېنىم پۇلۇم! سەن بولمىساڭ، تۈگەشكىنىم شۇ! قانداق ھايات كەچۈرەرمەن< دەپ يىغلايدۇ. موللىر بۇرژۇئازىيىنىڭ پۇلنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان پۇلپەرەسلىك ماھىيىتىنى تازا مۇبالىغىچىلىك بىلەن ئېچىپ تاشلىغان. بۇلاردىن باشقا، موللىر يەنە >دون. جان< قاتارلىق نۇرغۇن ھەجۋىي كومېدىيىلەرنى يازدى. كېيىنكىلەرنىڭ ھېساپلاپ چىقىشىچە، ئۇنىڭ ئاز دېگەندە 37 كومېدىيىسى تا بۈگۈنگىچە ساقلانماقتا. 1673 - يىل 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، موللىر يازغان >دەرتمەن<دېگەن كومېدىيە پارىژدا رەسمىي ئەمما ئۇ باش رول ئېلىپ چىقتى، كومېدىيىدە باش موللىر ئاغرىق تۇرۇپ رولغا چىققانلىقتىن، سەھنىدە تۇرۇپ - تۇرۇپلا قاپىغىنى تۈرۈپ، قاتتىق ئاغرىۋاتقان يۈرىگىنى مۇجۇپ قوياتتى، توختىماي قاتتىق يۆتىلەتتى، تاماشىبىنلار ئۇنى تازا ئوخشىتىپ ئويناۋاتىدۇ دەپ، قىزغىن چاۋاك چالدى. كومېدىيە تازا ئەۋجىگە كۆتىرىلگەندە، ئۇ ئاغرىق ئازاۋىدىن تېترەپ كەتتى ۋە قاتتىق كۈلدى - دە، سەھنىدە يىقىلىپ، ئورنىدىن تۇرالمىدى. تىياتىر ئۆمىكىدىكىلەر ئۇنى دەرھال ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. ئارىدىن ئۈچ سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، موللىر كۆپچىلىك بىلەن مەڭگۈ ۋىدالاشتى. ياۋروپانىڭ 17 - ئەسىردىكى بۇ ئەڭ ئۇلۇغ كومېدىيىچىسى ئۆزىنىڭ تالانتلىق ئىجادىيىتىنى ئىسسىق قېنى ۋە جېنى بىلەن تاماملىدى. ئۇ سەھنىگە يىقىلغاندا، ئاران 51 ياشتا ئىدى
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ