UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭشياۋلىن دوشىئېرنىڭ ئۆلتۈرۈلشى

شياۋلىن دوشىئېرنىڭ ئۆلتۈرۈلشى

بەش مىڭ يىل سەل - پەل تۈتەك باسقان جۇت كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى. ياپونىيە يازغۇچىسى شياۋلىن دوشىئېر گىرىم ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قارا كۆزەينەكنى تاقاپ، بېشىغا كۈل رەڭ سوكنا شەپكە كىيىپ، چۈچۈنچىدىن تىكىلگەن ياپونچە پەرىجە ئۈستىگە پەلتو كىيىۋالغانىدى. ئۇ ياپونچە پەرىجىنى كىيىپ سىرتقا چىققاندا، ھەمىشە مۇشۇنداق ياسىنىۋالاتتى. بۇ چاغدا، شياۋلىن دوشىئېر شائىرجىنسۈن خېڭقۇ بىلەن بىللە توكيونىڭ سۇكىجىدىكى تار كوچىدا ئايلىنىپ ئۆتۈپ، رەت - رەت ئاددىي بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ قېشى بىلەن، شۇ ئەتراپتىكى ئاشپۇزۇلغا كېتىپ باراتتى. ئۇ مۇشۇ ئاشپۇزۇلدا ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرىي ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان سانچۇەن ليۇجى بىلەن ئالاقە باغلاپ، كومپارتىيىنىڭ مەخپىي يىغىنىنى ئاچماقچى بولغانىدى. ئىككىيلەن سانچۇەن بىلەن كېلىشىپ قويغان ۋاقىتتا ئاشپۇزۇلغان كىرىپ كەلدى. ئەمما، بۇ يەردە ئۇلارنى سانچۇەن ئەمەس، بەلكى بىر توپ ساقچى ساقلاپ تۇراتتى. سانچۇەن ئەسلىدە پارتىيىنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈلگەن جاسۇس ئىدى. ئۇ شياۋلىن دوشىئېرلارغا ساتقىنلىق قىلدى. ئىككىيلەن جېنىنىڭ بارىچە قاچتى. دوشىئېر قېچىپ كېتىۋېتىپ، ياپونچە پەرىجىسى بىلەن پەلتوسىنى سېلىۋەتتى. بۇ خالتا كوچىدا ئاچا يول بولمىغانلىقتىن. ئىككىيلەن ئاشپۇزۇلدىن ئىككى يۈز نەچە مېتىر كېلىدىغان تىراللىبۇس يولىغا قاراپ قاچتى. ساقچىلار قوغلاپ كېتىۋېتىپ «ئوغرىنى تۇتۇڭلار! ئوغرىنى تۇتۇڭلار!» - دەپ توۋلىدى، بۇ ئۇلارنىڭ كوممۇنىستلارنى قولغا چۈشۈرۈشتە ئادەتلىنىپ قالغان ئالدامچىلىق ۋاەسىتىسى ئىدى. دوشىئېر تىراللىبۇس يولىدىن ئۆتكەندە، «ئوغرىنى تتۇڭلار» - دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغان بىر نەچچە تەمبەرل كىشى ئۇنى توسۇۋالدى؛ جىنسۈن خېڭقۇنىمۇ ساقچىنىڭ ۋېلىسىپىتى يىقىتىۋەتتى. ئىككىسى قولغا چۈۈپ قالدى. بۇ 1933 - يىل 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىدى. ئەتىسى توكيو رادىئوسى شياۋلىن دوشىئېرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئاڭلاتتى؛ ھەرقايسى گېزىتلەرمۇ بۇ خەۋەرنى تەڭلا باستى. ئەمما ئۇ، «يۈرەك كېسىلى ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان» لىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتتى، دەپ ئېلان قىلىندى. شياۋلىن دوشىئېرنىڭ ئانىسى بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، قاتتىق ھەسرەت - نادامەت چەكتى. ئۇ ساقچى مەھكىمىسىدىن دوشىئېرنىڭجەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، پۈتۈن بەدىنى قانىغان، ئۇدۇل چىشى چۈشۈپ كەتكەن، بىگىز بارمىقى پۈتۈنلەي كېسىلگەنلىكىنى، بېغىش، ئوشۇق ۋە بوينىدا ئارقان تارتىلغاندا قالغان قان ئىزلىرى تۇرغانلىقتىنى بايقاپ قالدى؛ سول پۇتىدا ئۆرۈكتەك ئۇششۇق، ئىككى وتىسىدا مىخ قېقىلغان ئون نەچچە تۆشۈك تۇراتتى. دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىسىدا، ئۇنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى. _ يۈرەك كېسىلى دېەىنى نېمىسى! دوشىئېردىن ئەزەلدىنلا يۈرەك كېسىلى يوق ئىدىغۇ! - ئانا يىغلاپ - قاقشىدى، دوشىئېرنىڭ چېكىسىنى ئۇۋۇلىدى، چېچىنى سىلىدى، ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى، - ئورۇنۇڭدىن يەنە بىر قېتىم دەس تۇرساڭ بولماسمىدى؟ - ئۇ مەڭزىنى دوشىئېرنىڭ مەڭزىگە چىڭ يېقىپ، زار - زار يىغلىدى. دوشىئېر بالىلىق ۋاقتىدىن تارتىپلا ئانىسىدىن ئايرىلىمىغناىدى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ياۋاش، ھېيىققان، جىمغۇر، كەمسۆز بالا ئىدى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇدى، كېيىن بولكا ئىشچىسى، بانكا خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلەپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە چىقىپ كېتىپ، كەچ قايتىپ كېلەتتى، ھەر كۈنى ئانىسى بىلەن بىللە بولاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىشچىلار ھەىركىتىگەقاتنىشىپ، توختىماي يېزىشقا كىرىشتى. ئۇ 1931 - يىلى ياپونىيە كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ، پرولېتارىيات مەدەنىيىتى اھەسىدىكىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشخىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكى ئارقىسىدا، ئۇمۇ نۇرغۇن كوممۇنىستلار بىلەن بىرلىكتەمەخپىي خىزمىتىگە ئكتتى، ئۇنىمۇ دۈشمەنلەر ئىزچىل رەۋىشتە ئىزدەپ يۈرەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئانىسى دوشىئېرنى كەمدىن كەم كۆرىدىغان، كۈن بويى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قايغۇرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. مۇشۇ مەزگىلدە، شياۋلىن دوشىئېر ئۆزىنىڭ مەخپىي كۈرەش ھاياتىنى ئاساس قىلىپ «يەر ئاستى پارتىيە ئەزاسى» دېگەن مەشھۇر بىر پوۋېست يېزىپ چىقتى. كىتابتىكى باش قەھرىمان «مەن ئاپتورنىڭ ئۆزى، «ئانام» ئاپتورنىڭ ئانىسى شياۋلىن گۇەنزى ئىدى. بۇ ئەسەردە مۇنداق بىر ۋەقەلىك يېزىلغان: ياشانغان ئانا كالا گۆشى ساتىدىغان بىر ماگىزىندا، يەر ئاستى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوغلى بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئوغۇل ئەكسىيەتچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، مەخپىي ھالەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئانا ئوغلىنى سېغىنىپ، بىرەر سائەت، ئون مىنۇت، ھەتتا بىر مىنۇت بولسىمۇ كۆرۈۋالغۇسى كېلەتتى. ئۇزاقتىن بۇيان ئوغلىنى كۆرەلمەي تىت - تىت بولۇپ يۈرەەن ئانا ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى كۆرگەندە نەقەدەر خۇشال بولىدۇ - ھە! ئەمما ئوغلىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۇنى ھەمىشە غەم - ئەندىشىگە سالاتتى. ئالىمادىس ساقچى بىلىپ قالسا قانداق قىلىمەن؟ ئۇلار تۇتۇۋالسا ئوغلۇمنى قايتا كۆرەلمەيمەن،دەپ ئويلايتتى ئانا. ئوغلىچۇ؟ بۇ ئانىسىنىڭ 60 ياشقا كىرىپ قالاي دېگەنلىكىنى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلىنى كۆرەلمىسە، قانچىلىك ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئويلايتتى. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ ۋەقەلىك ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان بارلىق كىتابخانلارنىڭ قەلبىنى روھلاندۇراتتى. ئەپسۇسكى، مۇشۇ پوۋېست يېزىلىپ بىر يىلغا قالماي، ئاپتورنىڭ ئۆزى ئەسەردىكى باش قەھرىمانغا ئوخشاشلا، دۈشمەن تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئانىسىمۇ خۇددى ئەسەردىكى ئانىغا ئوخشاشلا،ئېغىر ھەسرەت - نادامەت ئىچىدە قالدى! شياۋلىن دوشىئېرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ياپونىيىدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ چەكسىز غەزىپىنى قوزغىدى. ياپونىيە پرولېتارىيات مەدەنىيىتى ئىتتىپاقى بىلەن نۇرغۇن تەرەققىيپەرۋەر تەشكىلاتلار 15 - مارتتا دوشىئېر ئۈچۈن تەنتەنلىك [مەملىكەتلىك ئىشچى - دېھقانلار دەپنە مۇراسىمى» ئۆتكۈزدى. ئۇ، ياپونىيىنىڭئازادلىق ھەرىكىتىدە قۇرناب بولغانلار ئېرىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ ئىدى. ئىشچى - دېھقانلار دەپنە مۇراسىمىنىڭ مەملىكەتلىك دەپنە ھەيئىتى بۇ قىتىمقى تەنتەنلىك دەپنە مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس خىتابنامە ئېلان قىلدى: ]پۈتۈن مەلىكەتتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە ئەسكەرلەر: بۇرژۇئازىيە - پومېشچىكلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مىكادو تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت يېقىندا ياپونىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاڭتيەن ماۋشۇ قاتارلىق يولداشلارنى دەھشەتلىك تۈردە ئۆلتۈردى، مانا ئەمدى پارتىيىمىزدىكى مۇھىم بىر يولداشنى، پرولېتارىيات مەدەنىيىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، خەلقئارادىكى مەشھۇر ئىنقىلابىي يازغۇچى يولداش شياۋلىن دوشىئېرنى ئۆلتۈردى. ئەمما، زەنجىرلەر بولسۇن، ھوشىدىن كەتكۈچە قاتتىق ئۇرۇش، «تار كىيىم» كىيگۈزۈش ۋە تىرناقنى كېسىشقاتارلىق ئىنسانىيەتچىلىك قېلىپىدىن چىققان قىيناشلار بولسۇن، يولداش شياۋلىننى تەشكىلاتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىشقا مەجبۇر ققىلالمىدى. يولداششياۋلىن كوممۇنىستلارنىڭ شان -شەرىپى ئۈچۈن، كۈرەشنى ئەڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردى! ... خىتابنامىدە يەنە شياۋلىن دوشىئېرنىڭ ئىنقىلابىي يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يازغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىنىڭ، مەسىلەن، «قىسقۇچ پاقا ئىشچىلىرىنىڭ كېمىسى»، «يەر ئاستى پارتىيە ئەزاسى»، «1928- يىل 3 -ئاينىڭ 15 - كۈنى»، «سىرتتىكى پومېشچىكلار »، «كۆلچەك ئايىغىدىكى كوچا» قاتارلىقلارنىڭ كاپىتالىزمنىڭ دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيىسىنى پاش قىلىش، ئاممىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام بېرىش جەھەتلىرىدە ئىنتايىن زور روللارنى ئوينىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ياپونىيىنىڭ ئىنقىلابىي ئەدەبىياتىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مىسال كەلتۈرۈلدى. خىتابنامىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەلىكەتتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە باشقا ئەمگەكچى خەلقلەر بۇ قان قەرزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بارلىق ئاق تېررورلۇقلارنى تارمار قىلىش يولىدا كۈرەش قىلىشقا چاقىرىلدى. دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى ھاۋا تۇتۇق،ئەمما ئىللىق بولدى. توكيودا نۇرغۇن ساقچىلار سەپەرۋەر قىلىنىپ، يول بويىدىكى ھەر بەش مېتر يەردە بىردىن پوست قويۇلدى. دەپنە مۇراسىمى سۇكىجىدىكى كىچىك ئويۇنخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، نەچچە يۈز ئامما يىغىن زالىغا قاراپ ماڭدى، ئەمما ئۇلار ساقچىلارنىڭ ھۇقۇمىغا ئۇچرىدى، بىر قىسىم ئامما نەزەربەند قىلىندى. كەچقۇرۇن سائەت يەتتىدە يەنە بىر قوشۇن ئالتە ئايالنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئېھتىيات سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ،زالغاقاراپ ماڭغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى ساقچىلار پۈتۈنلەي تۇتۇپ، ئاپتوموبىلغا سېلىپ ئەكەتتى. توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشچى - دېھقانلار دەپنە مۇراسىمى باستۇرۇلدى ۋە بۇزۇۋېتىلدى. ئەمما شۇ كۈنى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىلمۇ خىل شەكىللەر بىلەن ئىشچى - دېھقانلار دەپنە مۇراسىمى كۈرىشى ئېلىپ بېرىلدى: بەزى جايلاردا شوئار ۋە تەشۋىق ۋەرەقلىرى تارقىتىلدى، بەزىلىرىدەكەچلىك تەزىيە يىغىنلىرى ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈشيىغىلىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى. چەت ئەللەردىمۇ نۇرغۇن تەزىييە خېتى ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈلگەن ىەتلەر كەلدى. جۇڭگودىكى سول قانات يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا لۇشۈن، ماۋدۇن، يۇدافۇ، تيەن خەن قاتارلىق كىشىلەر مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى قۇتقۇزۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىئانە توپلاش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. لۇشۇن ئۆزى يازغان تەزىيە خېتىدە: «جۇڭەو - ياپونىيە خەلقلىرى قېرىىنداشلاردۇر، بۇردۇئازىيە خەلقنى ئالداپ، ئارىمىزدا قانلىق ھاڭ پەيدا قىلدى ۋە قىلماقتا. ئەمما، پرولېتارىيات ۋە ئۇنىڭ ئاۋانگارتى بۇ ھاڭنى ئۆزقېنى بىلەن يوقاتماقتا. يولداششياۋلىن دوشىئېرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بۇنىڭ بىلەن دەلىل - ئىسپاتى. بىزگە ھەممىسى چۈشىنىشلىك، بىز ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز. بىز يولداش شياۋلىن دوشىئېرنىڭ قانلىق يولىنى بويلاپ، قولنى - قولغا تۇتۇشۇپ قەيسەرلىك بىلەن ئالغا باسماقتىمىز» دەپ يازدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ