UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭگىتلېرغا قەست قىلىنىشى

گىتلېرغا قەست قىلىنىشى

بەش مىڭ يىل 1994 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، راستىنبۇرگتىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ چوڭ گازارمىسىدا گىتلېر ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلىرى بىلەن مۇھىم ھەربىي يىغىن ئېچىۋاتاتتى. يىغىن ئورنى ئاددىي بىر ياغاچ ئۆي بولۇپ، ھاۋا تىنجىق بولغانلىقتىن، دىرىزىلەرنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىلگەنىدى. يىغىن باشلىنىپ بەش مىنۇ ئۆتكەندىن كېيىن، ستو فېنېرگ ئىسىملىك بىر ياش ئوفىتسېر قولتۇقىغا بىر قارا سومكىنى قىستۇرۇپ، قاتمۇ قات پوستلاردىن ئۆتۈپ مەجلىسخانىغا كىرىپ كەلدى. ئۇ ئىچكى مۇداپىئە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ يېڭىدىن خىزمەتكە تەيىنلەنگەن پولكوۋنىڭ دەرىجىلىك شتاب باشلىقى ئىدى، ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن، يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان، خەلق پىيادە ئەسكەرلىرى دىۋىزىيىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئالىي رەھبەرگە دوكلات قىلىش ئۈچۈن چوڭ گازامىغا كەلگەنىدى. ئۇ گىتلېر ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئوڭ تەرىپىگە كېلىپ، سومكىنى گىتلېرنىڭ يېنىدىكى 3 - كىشى ئولتۇرغان دۈپ ياغچىدىن ياسالغان ئۈستەل ئاستىدىكى پول ئۈستىدە قويدى. بۇ چاغدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ئۇرۇش قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىۋاتاتتى. ستوفېنبېرگ بىردەم تىڭشىغاندىن كېيىن يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە: _ مەن تېلېفون بېرىپ كىرەي، سومكامغا قاراپ قويۇڭ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەخپىي ھۆججەت بار، - دېد - دە، چىقىپ كەتتى. ستوفېبېرگ مەجلىسخانىدىن چىقىپ بىر قانچە ئون قەدەم باسقاندىن كېيىنلا «گۈلدۈر» قىلغان قاتتىق ئاۋاز ئاڭلىنىپ، يىغىن مەيدانىنى ئىس - تۈتەك قاپلاپ كەتتى، نەرسە - كېرەكلەر چۇل - چۇل بولۇپ ئۇچتى ... _ بىزگە قاتىللىق قىلىندى! _ دېدى گازارما باشلىقى كېتىل ئىس - تۈتەك ئىچىدىن شۇڭغۇغان پېتى مەجلىسخانىدىن چىقىپ ۋارقىراپ. ئىشىك ساقلاۋاتقان پوستلار بىلەنمۇھاپىزەتچىلەر دەرھال مەجلىسخانىغائېتىلىپ كىردى. مەجلىسخانىنى ئىس - تۈتەكلەر قاپلىغان بولۇپ، ئىڭىرىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مۇھاپىزەتچىلەر بىر پەس ئالاقزادە بولۇشۇپ، بەزىلىرى ئالىي رەھبەرنى ئىزدىسە، بەزىلىرى قاتىلنى ئىزدىدى. قاتىل كىم؟ قاتىل بايىلا مەجلىسخانىدىن چىقىپ كەتكەن ياش ئوفىتسېر ستوفېنبېرگ ئىدى. ئۇ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن باش شتابتا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شىتابىدا ئىشلىگەنىدى، شۇ كەملەردە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ ىچققان كەسپىي ھەربىيىلەردىن تەركىب تاپقانىدى. ئۇلار گىتلېرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ھىمايە قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ناتسىستلار پارتىيىسىدىكى مۇرىتلىرىنىڭ زوراۋانلىقىدىن، بولۇپمۇ گىتلېرنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئالدىراڭغۇلۇق، قاراملىقلىرىدىن نارازى ۋە بىزار بولغانىدى. 1944-يىلى يازدا، گېرمانيە ئارمىيىسى ھەرقايسى سەپلەردە ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇۋاتقان، گېرمانىيە ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇۋاتقان، گېرمانيىە كۈندىن - كۈنگە قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما گىتلېر گېنېراللارنىڭ تەۋسىيىلىرىگە قارىماي، تېخىمۇ بەڭباشلىق قىلدى. شۇ ۋەجىدىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار گىتلېرنى يوقىتىش، ھۆكۈمەتنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۆتكۈزۈۋېلىش، گېنېرال بىكىر ۋە دوكتور گودلېر باشچىلىقىدا ۋاقىتلىق ھاكىمىيەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئۇنى فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۈلھ شەرتنامە تۈزۈش ئىشىغا مەسئۇل قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى قەستكە بېرگ بىلەن گودلېردىن باشقا، ئىچكى مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال ئولبېرخت، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق شتابى ئالاقە باشقارمىقسىنىڭ باشلىقى گېنېرال فېركىبېل ۋە بېرلىن مۇھاپىزەت قوماندانى گېنېرال خارس قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلغانىدى،. ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى بولسا، ياش كوماندىر ستوفېنبېرگ تەنھا ئۈستىگە ئالدى. ستوفېنبېرگ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتاپ ارتلايدىغان بومبا سېلىنغان سومكىنى مەجلىسخانىدا قويۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پارتلىغان ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەنلا سەكرەپ ئاپتوموبىلغا چىقىپ، دەرۋازىدىكى پوستلارنى ئالداپ ئۆتۈپ، ئايرودرومغا قاراپ ماڭدى. بىر نەچچە مىنۇت كېيىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، سۇيىقەستچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئۇۋىسى بولغان بېرلىن ئىچكى مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق شتابىغا قاراپ ئۇچتى. بۇ چاغدا، مەجلىسخانىغا يېقىن جاينى ساقلاپ تۇرغان ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال فېركىبېل پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال بېرلىندىكى ئولبېرختقا تېلېفون بېرىپ، ئىچكى مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى فلومغا: جايلاردا تۇرۇۋاتقان قوشۇنلارغا دەرھال مەخپىي تېلېگرامما بېرىپ، گىتلېرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى جاكالاشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى تاپىلىدى. كۈتمىگەندە فلوم بۇيرۇق چۈشۈرۈشتىن باش تارتتى. ئۇ گەرچە سۇيىقەستچىلەرنىڭ پىلانىنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەيرىخاھلىق قىلغان ۋە قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما سۇيىقەستچىلەر تەشكىلاتىغا قاتناشمىغانىدى. ئۇ ئىشنىڭ راست - يالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىش ئۈچۈن، چوڭ گازارمىغا شەخسەن ئۆزى تېلېفون بېرىش قارارىغا كەلدى. _ ۋەي، گازارمىمۇ؟ ئالىي رەھبەرنىڭ سالامەتلىكى قانداق؟ _ دەپ سورىدى فلوم. _ ئالىي رەھبەر ساق - سالامەت. سەل - پەل يارىلاندى ... _ دەپ جاۋاب بەردى كېتىل. ئەسلىدە بومبا پارتىلىغاندىن كېيىن ئاران تۆت كىشى ئۆلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى خاتىرىچى ئىكەن. يەنە بىرىسىنى گاز دولقۇنى دېرىزىدىن سىرتقا ئىرغىتىۋەتكەن، گىتلېرنىڭ ئوڭ بىلىكى سەل يارىدار بولغانىدى. بېرلىندىكى سۇيىقەستچىلەر گۇرۇھىنىڭ باش شتابىدىكىلەر گىتلېرنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئالاقزادە بولۇپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى. دەل شۇ پەيتتە، ستوفېنبېرگ باش شتابقا يېتىپ كەلدى. ئۇ شېرىكلىرىنىڭ ھەرىكەتلەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى. ئەمدى ھەرگىز ئىككىلەنمەي ئاخىرغىچە ئېلىشىش لازىملىقىنىئۇ بىلەتتى. ئۇ گىتلېرنىڭ ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىردىنلا گىتلېر بومبىدا ئۆلدى. ئالىي رەھبەر ئۆلمىدى دېگەن خەۋەر پۈتۈنلەي ئىغۋا دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئولبېرخت، خارس قاتارلىق كىشىلەر جانلىنىپ كەتتى. ئۇلار ئاۋۋال ھەمكارلىشىشتىن باش تارتقان فلومنى نەزەربەند قىلدى ھەمدە ئالىي رەھبەر ئۆلدى دېگەن مەخپىي تېلېگراممىنى تارقىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ دۆلەتنى قوغداشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. سۇيىقەستچىلەر ميۇنجېن، ۋىنا، بىريۇسېل، پارىژ، ئافىنا جايلاردا ۋەزىيەتنى بىر مەھەل كونترول قىلىپ تۇردى، ستوفېنبېرگ قاتارلىق كىشىلەرمۇ پىلان بويىچە پايتەختنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ئەمما، يېڭى ئوڭۇشسىزلىق يەنە يۈز بەردى. سۇيىقەستچىلەر گۇرۇھىغا قاتناشمىغان بېرلىن مۇھاپىزەت باتالىيونىنىڭ باشلىقى مايوررېمل خارسنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا باسترۇپ كىرىپ، گوبىلنى قولغا ئالدى. _ مېنى كىم قولغا ئالماقچى؟ _ دەپ سورىدى گوبىل. _ گېنېرال خارسنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن قولغا ئالماقچىمىز! ئالىي رەھبەر ئۆلدى..... _ ئالىي رەھبەر ئۆلدى؟ .... كەل، ماۋۇنى ئاڭلاپ باق .... چوڭ گازارمىدىكى تېلېفون ھايال قىلماي يۈرۈشۈپ كەتتى، تېلېفون تۇرۇپكىسىدىن گىتلېرنىڭ خىرىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. رېمل دەرھال تىك تۇردى! گىتلېر ئۇنى دەرھال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈردى، گوبىلنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىپ، ئاسىيلارنى قولغا ئېلىش، پايتەختنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بېرىشكە بۇيرۇدى. رېمل نەزەرگە يولۇقتۇم دەپ ھوشىنى يوقىتىپ، تېزلا رادىەئو ئىستانسىسىنى كونترول قىلدى ھەمدە «بەزىلەر ئالىي رەھبەرگە قەست قىلدى، ئەمما ئالىي رەھبەر سەل - پەل يارىلىنىپ، ئامان - ئېسەن قالدى» دېگەن خەۋەرنى تارقاتتى. جايلاردىكى قوشۇنلار رادىئونى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كوماندىرلار ئۆزىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، سىياسىي پائالىيەتلىرىنى توختاتتى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، رېمل ئەسكەرلەرنى باشلاپ سۇيىقەستچىلەر گازارمىسىغا بېسىپ كىردى، سۇيىقەستچىلەرنىڭ قانات - قۇيرۇقى بوغۇشلاندى.نەزەربەند قىلىنغان فلوم ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزىنى ئاقۆش ئۈچۈن، ستوفېنبېرگ، ئولبېرخت، خارس ۋە بېكىر قاتارلىق كىشىلەرنى دەرھال قولغا ئالدى. فلوم ئۇلارنى ئاددىيلا سوراق قىلغاندىن كېيىن، ستوفېنبېرگ، ئولبېرخت ۋە ئۇلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىككى شىرىكىنى بىنا ئالدىدىكى قورۇدا ئېتىپ تاشلاپ ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. بېكىر ئۆزىنى ئۆزى ئېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىككى قېتىم ئېتىپمۇ جايىغا تەككۈزەلمىدى؛ فلوم قول ئاستىدىكىلەرگە «بۇ مويسىپىت جانابلىرىنىڭ ھالاكىتىگە ياردەم بېرىش» ھەققىدە بۇيرۇق بەردى - دە، ئېتىپ تاشلاندى. ئەتىسى ئەتىگەندە، گىتلېر پۈتۈن مەملىكەتكە رادىئو نۇتقى سۆزلەپ: «گېرمانىيىلىك گراژدانلىرىم، بۈگۈن سىلەرگە ئاۋازىمنى ئاڭلىسۇن، ئامان - ئېسەنلىكىمنى بىلسۇن دېگەن مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلەۋاتىمەن... « دېدى. ئارقىدىنلا ھەممە كىشىنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلارنى تۇتۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، كىمىكى قارشىلىق كۆرسەتسە، شەرتسىز ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكالىدى. ئارقىدىن، ئىسئىسچىلارنىڭ باش قوماندانى، گىستاپوچىلارنىڭ كاتتىبېشى خىملېر شۇ كۈنىلا فلومنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، ئىچكى مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولدى. ئۇ گىتلېرنىڭ قانلىق قىساس ئېلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا بىنائەن، پۈتۈن مەلىكەتتە ۋە گېرمانىيىە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى جايلاردا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە قىرغىن قىلىشنى باشلىۋەتتى. بۇ قاتىللىق ۋەقەسىگە قاتناشقانلارمۇ، ئۇنىڭ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىلەرمۇ قىرىپ تاشلاندى. شۇ يىلى 14 - ئۆكتەبر سەھەردە، ئافرىقىدىكى برونېۋىك قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى مارشال روممېل بېرلىندىن: كادىرلار ئىدارىسى سىز بىلەن خىزمەتكە قويۇڭش ئىشىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىدۇ دېگەن تېلېفوننى ئالدى. روممېل ئۆزىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەنلىكىنى دەرھال چۈشەندى. ئۇ ئۆزىنىڭ 15 ياشلىق ئوغلىغا: _ گىتلېر مېنى باپلىماقچى بولۇۋاتىدۇ! _ دېدى. «قۇملۇق تۈلكىسى» دەپ ئاتالغان روممېل ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ئەڭ ياش مارشالى بولۇپ، گىتلېر ئاجايىپ ئارزۇلايتتى. ئۇرۇشتا ئارقا - ئارقىدىن «خىزمەت كۆرسەتكەن» لىكى ئۈچۈن، گىتلېر ئۇنىڭغا مارشاللىق ھاسىسى بېرىپ، ئۇنى ئارفرىقىدىكى برونېۋىك قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى قىلىپ تەيىنلىگەن، ئەمما، گېرمانىيە قوشۇنلىرى ئۈزلۈكسىز پاجىئەلىك مەغلۇپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەت ئالدىدا، روممېل گىتلېرنىڭ ئالدىراڭغۇلۇق، قاراملىق ۋە ئۆز بېشىمچىلىقىدىن بارغانسېرى نارازى بولدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ، قاتىللىق ۋاستىسىنى قوللىنىشنى قۇۋۋەتلىمەيتتى. قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى، ئۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭدىن قاتىللىق ۋەقەسىگە قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىشتى. مەلۇم بولۇشىچە، قولغا ئېئىنغان سۇيىقەستچىلەردىن تەكشۈرۈپ تېپىلغان بىر پارچە رويخەتتە، روممېل «ئىمپېرىيە زۇڭتۇڭى» قىلىپ بەلگىلەنگەن شۇنداق قىلىپ، گىتلېر پۇرسەت تېپىپ روممېلنى ئۆلتۈرۈش قارارىغا كەلدى. چۈش ۋاقتىدا يېشىل رەڭلىك بىر ئاپتوموبىل روممېلنىڭ ئىشىكى ئالدىغاكېلىپ توختىدى. ئىككى گېنېرال ئەدەبلىك ھالدا روممېل بىلەن قول ئېلىپ كۆرۈشتى، ئاندىن ئايرىم سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى. بىر سائەت سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بۇ ئىككى گېنېرال ئىشىك ئالدىدا كۈتۈپ تۇردى، روممېل ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، خەۋەر كۈتۈپ تۇرغان رەپىقىسىنىڭ ئۆيىگەكىردى. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ قالغانىدى. _ خۇدايىمەي! نېمە ۋەقە بولدى؟ _ دەپ سورىدى خوتۇنى. _ مەن چارەك سائەت ئىچىدە تۈگىشىمەن! _ دەپ جاۋاب بەردى روممېل. _ شۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ زادى نېمە ۋەقە بولدى؟ _ ئالىي رەھبىرىمىز مېنىڭ يا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋېلىشىمنى، ياكى سوتنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلىشىمنى تەلەپ قىپتۇ. بۇ ئىككىيلەن ئىچكەندىن كېيىن ئۈچ مىنۇتتا جان بېرىدىغان زەھەرنى ئەكەپتۇ، مېنى قاتىللىق ۋەقەسىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەشمەكتە. _ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ _ بەزىلەر ئىقرارنامىسىگە مېنى چېتىۋاپتۇ. تېخى بىر پارچە رويخەتتە مېنى كەلگۈسىدىكى ئىمپېرىيە زۇڭتۇڭى قىلىۋالغان! _ ئۇنداقتا بۇ ئەيىبلەشكە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسىز؟ _ مەن بۇ ئىككى گېنېرالغا: مەن ئىشلارنىڭ راسلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بۇ ئىقرارنامە پەقەت قىيىن - قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەييارلانغان! _ دېدىم. _ سىز قانداق قىلماقچى؟ _ مەن سوتتا سوراق قىلىنىشتىن قورقمايمەن، ئەمما مەن بېرلېنغا ھەرگىز يېتىپ بارالمايمەن، ئۇلار مېنى يېرىم يولدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىدۇ! گىتلېر: ئەگەر مەن زەھەر ئىچىپ ئۆلسەم دۆلەت دەپنىسى ئۆتكۈزىمەن، ئائىلە _ تەۋەلىرى چېتىلمايدۇ .... دەپتۇ. روممېلنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئوفىتسېر بۇ ئىككى گېنېرالنى جايلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. روممېل: _ بۇنداق قىلىش ھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ، بۇ يەردىكى يوللارنىڭ ھەممىسىنى گىستاپوچىلار ساقلاۋاتىدۇ، ئۇلار بارلىق ئىشلارغا پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ بولدى ... _ دېدى قول شىلتىپ. روممېل گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن سائىتىگە قارىدى. شەپكىسىنى كىيدى،مارشاللىق ھاسزىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، ئۆيىدىكىلەر بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئاپتوموبىلغا چىقتى. ھېلىقى ئىككى ەېنېرالمۇ دەرھال ئاپتوموبىلغا چىقىپ تېز يۈرۈپ كەتتى... 20 مىنۇتتىن كېيىن روممېلنىڭ ئۆيىدىكى تېلېفون جىرىڭلىدى: مارشال روممېلنىڭ دوختۇرخانىدا «كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن» لىكىنى ئۇقتۇرىمىز. روممېلنىڭ ئۆيىدىكىلەر دوختۇرخانىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قوڭۇر رەڭلىك ھەربىي كىيىم كىيىپ، ئىككى كۆزى چىڭ يۇمۇلغان ھالدا سەپەر كارىۋىتىدا ياتقانلىقىنى كۆردى. شۇ كۈنى كەچتە، روممېلنىڭ ئائىلىسى نامىدىن: مارشال روممېل ئېغىر يارىدا بولۇپ، 1944 - يىل 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى 53 يېشىدا ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولدى، دېگەن مۇسىبەت ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى. ئارقىدىنلا، گىتلېر، گوردىن ۋە گوبېللار ئىلگىرى - كېيىن تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ «ھال سورىدى». ئاندىن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 5000 يېقىن كىشى ئۆلتۈرۈلدى، تەخمىنەن ئونمىڭ كىشى جازا لاگېرىغا قامالدى. زىيانكەشلىك قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلاردىن مارشال ۋىتسىلبېن، مارشال كرۇگېل ۋە گېنېرال خارس، گېنېرال ۋاگنىر، دوكتور گېدلېرلار بار، بۇلار ئىچىدە يەنە مۇشۇ ۋەقەدە كاززاپلىق رولىنى ئوينىغان گېنېرال فلوم قاتارلىق كىشىلەرمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ