UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭموپاسسان

موپاسسان

بەش مىڭ يىل فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سىنا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا روئېن دېگەن بىر قەدىمىي شەھەر بولۇپ، فرانسىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى فلوبېر )>بوۋارى خانىم<، >ئىشقى مۇھەببەت تەزكىرىسى< دېگەن رومانلارنى يازغان( مۇشۇ قەدىمكى شەھەرگە يېقىن بىر داچىدا ئولتۇراتتى. بىر كۈنى، روئېن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لۇئې. بوئېر بىر ئوقۇغۇچىسىنى باشلاپ فلوبېرنى يوقلاپ كېلىدۇ. بوئېر، فلوبېرنىڭ قەدىناس دوستى بولغاچقا، ئۇنى كۆرۈپلا: - ھە، فلوبېر ئەپەندىم، مەن دائىم سىزگە گېپىنى قىلىپ بېرىدىغان موپاسسان دېگەن مانا شۇ، ئۇ سىزنى ئۇستاز تۇتۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، - دېدى. - مېنى ئۇستاز تۇتامسىز؟ - دەپ كۈلۈپ كەتتى فلوبېر يىگىتنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ، - بوئېر ئەپەندىمنىڭ ئۆزى ياخشى ئۇستاز ئەمەسمۇ؟ - شۇنداق، فلوبىر ئەپەندىم، - دېدى موپاسسان سەل قورۇنۇپ، - مەن سىزنىڭ ئەدەبىيات جەھەتتە ماڭا يېتەكچىلىك قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. - ئۇستاز تۇتۇش ھەققىدە ئالدىرىماي سۆزلىشىۋالايلى، - دېدى فلوبېر بېشىنى لىڭشىتىپ، - بوئېر ئەپەندىم بىلەن بىرلىكتە سىزگە ياردەمدە بولاي. بوئېر نېمىشقا موپاساننى فلوبېرگە تونۇشتۇرىدۇ؟ ئەسلىدە بوئېر، موپاساننىڭ مەكتەپكە ھەمىشە شېئىر يېزىپ يۈرگەنلىكىنى سىزىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەشىق دەپتىرىنى كۆرۈپ چىقىدۇ. مەشق دەپتىرىگە مۇنداق بىر جۈملە يېزىلغان: >كىشىلىك ھايات، گويا پاراخوت قالدۇرۇپ كەتكەن سۇ ئىزىدەك، بارا - بارا يىراقلايدۇ، بارا - بارا سۇسلىشىدۇ<. بۇ بىر جۈملىدە ئاز - تولا پاسسىپلىق چىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن شېئىرىي پۇراق چىقىپ تۇراتتى، جۈملىمۇ راۋان ئىدى. بوئېر ئۇنىڭدا شېئىر يېزىش قابىلىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز يېتەكچىلىك قىلغان، ئىلھام بەرگەان ھەمدە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن فلوبېرنى ياردەمگە تەكلىپ قىلىش قارارىغا كەلگەنىدى. دەل موپاساننىڭ تاغىسىمۇ فلوبېرنىڭ ئاغىنىسى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن موپاسساندا فىلوبېرنى ئۇستاز تۇتۇش خىيالى پەيدا بولغانىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ بوئېر بىلەن فلوبېرنى يوقلاپ كەلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، موپاسسان ئىككى ئۇستازنىڭ تەلىم بېرىشىگە مۇۋەپپەق بولدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، موپاسسان فلوبېرنى رەسمىي ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆزى يازغان شېئىر، سەھنە ئەسەرلىرى، ھېكايە قاتارلىق ئەسەرلەرنى فلوبېرنىڭ كۆرۈپ تۈزىتىپ بېرىشىگە سۇندى، فلوبېر ئۇنى زېرىكمەي - تېرىكمەي يېتەكلىدى. بىر كۈنى، فلوبېر، موپاساننىڭ بىر نەچچە شېئىرنى كۆرۈپ، جىددىي ھالدا ئۇنىڭغا: >سىزدە تالانتنىڭ بار - يوقلۇقى ماڭا نامەلۇم. ماڭا ئەكەلگەن ئەسەرلىرىڭىز سىزدىكى مەلۇم زېرەكلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، يىگىت، شۇنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقىڭىز كېرەككى بوفون )فرانسىيىلىك يازغۇچى( نىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: >تالانت - ئۇزاق مۇددەت قەتئىي بوشاشماسلىق. ياخشى تىرىشىڭ!< - دەيدۇ. دەرۋەقە، موپاسسانمۇ ئۆزىنىڭ تالانتى بار - يوقلۇقىدىن ناھايىتى شۈبھلىنەتتى. ئۇ ھەمىشە: ئۇستازىمغا شۇنچە كۆپ ئەسەرلەرنى كۆرگىلى سۇندۇم، لېكىن ئۇ، ھەدېسىلا بولمايدۇ دەيدۇ، ئېلان قىلىشقا ئالدىرىما دەيدۇ، ھەتتا كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك دەيدۇ، دەپ ھەيران قالاتتى، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ لېكىن ئۇ ئۇستازىنىڭ تەلىمىگە ئىشىنىپ، يېزىشنى بوشاشماي داۋاملاشتۇردى. فلوبېر بۇنداق جاسارەتلىك ياشقا مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھام بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئەمەلىي ماھارىتىنى ئۆگىنىش لازىملىقىنى بىلەتتى. بىر قېتىم فلوبېر، موپاسسانغا: >بۈگۈن تالاغا چىقىپ ئايلىنىپ كېلەيلى، بىراق بىز ئوينىغىلى چىقمايمىز، كۆزىتىشكە تازا دىققەت قىلىڭ<، - دەيدۇ. موپاسسان ئۇستازىنىڭ كۆڭلىدە نېمە پۈككەنلىكىنى بىلمەي، ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. فلوبېر، موپاسساننى بىر چەرچىن مال دۇكىنىغا باشلاپ كىرىپ، ئالدىراش خېرىدار كۈتۈۋاتقان دۇكاندارغا قاراپ بىردەم تۇردى. ئاندن چوڭ بىر ھويلىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، غاڭزا تارتىپ ئولتۇرغان دەرۋازىۋەنگە قاراپ يەنە سەل تۇردى. كۆزىتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، فلوبېر موپاسسانغا: >باياتىن بىز چەرچىن مال سودىگىرى بىلەن دەرۋازىۋەننىڭ قېشىدا بىردەمدىن تۇردۇق. ئەمدى سىز ماڭا ئاشۇ ئىككى ئادەمنىڭ قىياپىتىنى ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل تەقى - تۇرقىنى سۈرەتلەپ بېرىڭ. سىز رەسساملاردەك ئۇلارنىڭ تەقى - تۇرقىنى بەئەينى سۈرەتلەپلا قالماي، ئەدىبلەرنىڭ ئۇستىكارلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىنى يېزىپ چىقىڭ< - دەيدۇ. شۇئان موپاسسان ئۇستازىنىڭ ئۆزىنى كەينىگە سېلىپ ئايلىنىشىدىكى مەقسىدىنى چۈشەندى. ئۇ ھېلىقى ئىككى ئادەمنىڭ قىياپىتىنى تازا ئەسلەۋاتقاندا، ئۇستازى يەنە يېڭى تەلەپ قويىدۇ: >يىگىت شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، سىز يېزىپ چىققان بۇ چەرچىن مال سودىگىرى بىلەن دەرۋازىۋەن باشقا ھەر قانداق چەرچىن مال سودىگىرى بىلەن دەرۋازىۋەنگە ئوخشىشىپ قالمىسۇن<. فلوبېر، موپاسساندىن پەقەت ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى توغرا ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنىمۇ تەلەپ قىلاتتى. بىر قېتىم ئۇ موپاسسانغا: >سىز تىلغا ئالغان ھەر قانداق بىر شەيئى بىرلا ئىسىم بىلەن ئاتىغىلى، بىرلا پېئىل بىلەن ئىپادىلىگىلى، بىرلا سۈپەت بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ. سىز ئىشلەتكەن سۆز باشقىلار ئىشلەتمىگەن بولۇشى، ھەتتا باشقىلار سەزمىگەن بولۇشى كېرەك. ھەرگىز قارىماققا بولىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولمايدىغان ياكى مۈجىمەل سۆزلەر بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن باش تارتىشقا بولمايدۇ<، - دېگەن. فلوبېرنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى بىلەن، موپاسسان ھارماي - تالماي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. 1870 - يىلى فرانسىيە بىلەن پرۇسسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى. شۇ يىلى ئۇ 20 ياشتا بولۇپ، ھەربىي سەپتە خىزمەت ئۆتەۋاتاتتى. پرۇسسىيە قوشۇنلىرى فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ غەش بولۇپ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭدى. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پارىژغا باردى ۋە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ دېڭىز ئارمىيە شىتابى ۋە تەلىم - تەربىيە شتابىدا خىزمەت قىلدى. 1880 - يىلى، موپاسسان 30 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەدەبىيات مۇنبىرىدە تېخى نامى چىقمىغانىدى. شۇ يىلى ئۇ >دونداق< دېگەن ھېكايىسىنى يېزىپ، فلوبېرغا كۆرسەتكىلى ئاپىرىدۇ. بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىپ فلوبېر ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، شاگىرتىنى تەبرىكلەپ: >بۇ ھېكايە تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، بۇ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مانا ئەمدى ئېلان قىلىشقا تامامەن بولىدۇ!< دەيدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، >دونداق< رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ھېكايە دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا فرانسىيىنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇپاسساننىڭ داڭقى چىقىدۇ. كىشىلەر موپاسساننىڭ نامىنى بەس - بەس بىلەن تەرىپلىشىدۇ. ئەمما بۇ ئەسەرنڭ ئۇزاق مۇددەت جاپالىق ئەمگەكنىڭ مېۋىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا يەنە ئۇنىڭ ئۇستازى فلوبېرنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەنلىكىنى ئۇلار نەدىن بىلسۇن. >دونداق< تا پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ۋە ئېچىندۇرىدىغان بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنغان. پرۇسسىيە قوشۇنلىرى نىئوننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم كىشىلەر ئامال قىلىپ يول خېتى ئېلىۋېلىپ بىرگە ھارۋىغا چۈشۈپ بۇ شەھەردىن كېتىشكە يولغا چىقىدۇ. بۇ ھارۋىدا خوجايىن، كېڭەش ئەزاسى، تۆۋە ۋە ئۇلارنىڭ خانىملىرى ۋە يەنە دونداق لەقەملىك بىر پاھىشە ئايالمۇ بار ئىدى. دەسلىپىدە بۇ پاھىشە ئايال جاق تويغۇچە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما كېيىن قار چۈشۈپ، يول توسۇلۇپ قېلىپ، ھارۋا ناھايىتى ئاستا ماڭىدۇ، ھارۋىدىكىلەر ئاچ قالىدۇ. دونداق ئۇلارنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۆزى ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ھارۋىدىكىلەر جاپالىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالىدۇ. ماڭا - ماڭا بىر يەرگە بارغاندا، ئۇلار بىر سارايغا چۈشىدۇ. بۇ يەردە كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ: بىر پرۇسسىيە ئوفىتسېرى دونداقتىن بىر كېچە بىللە يېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دونداق بۇنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوفىتسېر ئۇلارنى سولاپ قويۇپ، دونداقنى كۆندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سولانغان بەگ ۋە خېنىملار ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، دونداقنى مىڭبىر تەسلىكتە ئوفىتسېر بىلەن يېتىشقا كۆندۈرىدۇ. ئاخىر دونداق يىغلاپ تۇرۇپ ئوفىتسېر بىلەن بىللە يېتىپ، ئۆزىنىڭ ئار نومۇسىنى سېتىش بەدىلىگە بۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ. ئەتىسى ھارۋا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئەمما، ھارۋىدىكىلەر دونداقنى پەسكەشلىك قىلىدى دەپ ئەيىبلىشىدۇ. بۇ قېتىم دونداق ئالدىراپ يولغا چىققانلىقتىن ئوزۇق ئېلىۋالالمايدۇ. ئەمما بەگ - خېنىملار ئېسىل يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ ماڭىدۇ. دونداق يولدا ئاچ قېلىپ، قاتتىق قىينىلىدۇ، ئەمما ھارۋىدىكىلەر ئۇنى پىسەنتىگە ئالماي ئۆزىنىڭ نەپسى بىلەن بولىدۇ... >دونداق< تا، موپاسسان سالاپەتلىك بەگ - خېنىملارنى رەزىل ۋە يىرگىنىشلىك قىلىپ تەسۋىرىلەپ، كىشىلەر پەس كۆرگەن پاھىشە ئايالنى ئەخلاقلىق ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە قىلىپ تەسۋىرلىگەن. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى فرانسىيە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرگە قىلىنغان زور مەسخىرە ۋە جەڭ ئېلان قىلىش ئىدى. تۇرمۇشنى پىششىق ئىگىلەش ۋە جەمئىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن، موپاسسان >دونداق< نى ئېلان قىلغان يىلى ئۆزىنىڭ ساياھەت ھاياتىنى باشلىدى، ئۇ ئافرىقا، ياۋروپادىكى ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيىلەرنى ئايلىنىپ، يول بويى مۇھىت ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرنى كۆزىتىپ، ئىجادىيەتكە خام ماتېرىيال توپلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە، 300 ھېكايە، ئالتە رومان يازدى. ھېكايىلىرى ئىچىدىكى >فىفى خېنىم<، >تاغام مىرون<، >قايتىش< ۋە رومانلىرى ئىچىدىكى >ھايات<، >سەتەڭ دوست< قاتارلىقلار دۇنياغا مەشھۇر. ئەپسۇسكى، ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشىپ يېزىش نەتىجىسىدە، ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن، موپاسسان ئېغىر نېرۋا كېسەللىكى بىلەن ئاغرىپ، 1891 - يىلى نېرۋىسىدىن ئادىشىپ ساراڭ بولۇپ قالدى. كېيىنچە كېسىلى ئېغىرلىشىپ، پارىژدىكى ساراڭلار ساناتورىيىسىگە ئەكىرىپ قويۇلدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتمەيلا، بۇ مەشھۇر يازغۇچى ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى، بۇ چاغدا ئۇ تېخى 43 ياشتا ئىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ