سۇۋەيىش قانىلى
بەش مىڭ يىل
ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالى بۇرجىكىنىڭ ئاسىياغا تۇتاشقان يېرىدە، ياۋرۇپا، ئاسىيا، ئافرىقا ئوتتۇرىسىدا مۇھىم بىر قاتناش يولى - سۇۋەيىش قانىلى بار. ئۇ شىمالدا ئوتتۇرا دېڭىزغا، جەنۇبتا قىزىل دېڭىزغا تۇتىشىپ، ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياندىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ھەر كۈنى نۇرغۇن پاراخوتلار بۇ يەردىن ئايىقى ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇرىدۇ. ھەر يىلى يۈز مىليونلىغان توننا مال بۇ يەردە ناھايىتى ئوڭاي ئوبوروت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ رولى ناھايىتى زور!
بۇ قانال ئۈستىدە سۆزلەيدىغان بولساق، ئۇنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن! بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى، قەدىمكى ئەسىرنىڭ فارابى (پادىشاھى) سۇستېرىس زامانىدىلا، بۇ يەردە قانال قېزىلغان ئىدى. ئەمما ئۇ چاغدىكى قانال ھازىرقى لىنىيىگە تامامەن ئوخشاشمايتتى. شىمالىي تەرىپىدە نىل دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنىدىن، ئوتتۇرا قىسىمىدا بىر چوڭ كۆل - ئاچچىقكۆل (ھازىرقى گولكې كۆلى) دىن پايدىلىنىلغان، جەنۇبىي قىسىمىدىلا بىر قانال قېزىلغان بولۇپ، كلىزما پورتى (ھازىرقى سۇۋەيش شەھىرى) ئارقىلىق قىزىل دېڭىزغا كىرگىلى بولاتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 7 - ئەسىردە، فىنكىن دېڭىز ساياھەتچىلىرىنىڭ ئافرىقىنى ئايلىنىدىغان تۇنجى پاراخوت ئەترىتى مۇشۇ يەردىن يولغا چىققان. كىشىلەر بۇ قانالنى «فارابى قانىلى» دەپ ئاتىغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 7 - ئەسىردىن كېيىن، نىل دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنىغا شېغىل تىنىپ كەتتى، قانالمۇ توسىلىپ، قاتناش توختىدى، كىشىلەر فارابى قانىلىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى.
1798 - يىل 5 - ئايدا، ناپولېئون نۇرغۇن ئەسكەر باشلاپ كېلىپ ئىسكەندىرىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقتى ۋە پۈتۈن مسىرنى بېسىۋالدى. ئۇ جاسارەتلىك ئىرادە بىلەن نۇرغۇن ئىژېنېرلارنى باشلاپ بېرىپ، كونا قانالنىڭ ئىزىنى تاپتى ۋە ئۆلچەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، بىر قانال قېزىشقا تەييارلاندى. ئەمما، ئۇنىڭ ئىنژىنېرلىرى ئىنتايىن خاتا مۆلچەرلەپ، قىزىل دېڭىزنىڭ سۇ ئورنى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭكىدىن ئون مېتىر يۇقىرى تۇرىدۇ، قانال قېزىش مۇمكىن ئەمەس، دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ناپولېئون ھوقۇق تارتىۋېلىشقا ئالدىراپ، ھاپىلا - شاپىلا قايتىپ كەتتى - دە، قانالنىڭ ئىشلىرىمۇ تاشلىنىپ قالدى. 1854 - يىلى، فرانسىيە ليېسنېپۇ ئىسىملىك بىر كىشىدىن قاھىرەدىكى باش ۋالى مەھكىمىسىگە نۇرغۇن تارتۇق ئەۋەتىپ، چىرايلىق گەپلەر بىلەن قانالنى رېمونت قىلىپ ۋە پايدىلىنىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولۇۋالدى. «خەلقئارا سۇۋەيش قانىلى شىركىتى» رەسمىي ۋىۋسكا ئاستى. 1859 - يىلى سۇۋەيىش قانىلىدا ئىش باشلاندى. نەچچە يۈز مىڭ مىسىر ئەنگەكچىلىرى قۇملۇقتا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى باشلىۋەتتى.
قاتتىق ئاپتاپتا ئىشلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىچىدىغان سۇ بولۇشى كېرەك ئىدى، قۇملۇقتا سۇ نەدە بولسۇن؟ شۇڭا قانال قېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نىل دەرياسىدىن ئۆستەڭ چېپىپ، سۇ باشلاپ كېلىشكە توغرا كەلدى. ئۆستەڭ چېپىش بىلەن قانال قېزىش ئىشى تەڭ ئېلىپ بېرىلىپ، قانال قەيەرگىچە قېزىلسا، ئۆستەڭمۇ شۇ يەرگىچە چېپىلدى. دېمەك، ئەمەلىيەتتە، ئىككى قانال قېزىلىپ، قۇرۇلۇش بىر باراۋەر كۆپەيدى.
قۇرۇلۇشتا مىسىرلىق ئىژېنېر رىنانتېنىڭ پىلانى ئىشلىتىلىپ، جەنۇپ بىلەن شىمال ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش تىك بولغان سۈنئى قانال قېزىلدى، ئوتتۇرا قىسىمىدا ئۈچ كۆلدىن پايدىلىنىلدى، مۇشۇ يول بىلەن ئادەم ئەمگىكى ئىقتىساد قىلىندى. ئەمما، قانالنىڭ شىمالىي قىسىمى شورلۇق يەرگە، ئوتتۇرا قىسىمى قۇملۇققا توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن، قىيىنچىلىق ناھايىتى زور بولدى، قانالنىڭ كۆل قىسىمىنىڭ سۇ ئورنى ناھايىتى دۆڭ بولۇپ، چوڭقۇرلىتىشقا توغرا كەلگەنلىكتىن، قىيىنچىلىق بولۇپ تۇردى. فرانسىيە كاپىتالىستلىرىنىڭ مىسىر ئەمگەكچىلىرىگە كۆيۈنمەيدىغانلىقى تۇرغان گەپ.ئەمگەكچىلەر كۈن بويى ئېغىر ئەمگەك قىلاتتى، يەيدىغان ئوزۇقلۇقى ناچار ئىدى، ئاغرىپ قالسا، دورا يوق ئىدى. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قانال قېزىلىش جەريانىدا، مىسىر ئەمگەكچىلىرىدىن قەمئى 120 مىڭ كىشى ئۆلۈپ كەتكەن. شۇڭا، سۇۋەيىش قانىلىنى مىسىر ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئۇستىخىنىدىن ياسالغان، دېيىشكە بولىدۇ.
ئون نەچچە يىل جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىسىدا، 1869 - يىلى قانال رەسمىي پۈتتى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى شىمالدا ئوتتۇرا دېڭىزدىكى پورت - سەئىدتىن جەنۇبتا قىزىل دېڭىزدىكى سۇۋەيىش شەھىرىگىچە 170 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىزنىڭ سۇ ئورنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ (ئالدىنقىسى كېيىنكىسىدىن 25 سانتېرمېتىرلا ئىگىز) بولغانلىقتىن، قانالنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا قاپقا ئورنىتىلمىدى. قانالنىڭ كەڭلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى توققۇز قېتىم كېلەتتى. كۆپ قېتىم رېمونت قىلىش ئارقىسىدا، ھازىر قانالننىڭ كەڭلىكى 160 - 200 مېتىرغا، چوڭقۇرلۇقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 مېتىرغا يېتىدۇ. 80مىڭ توننىلىق پاراخوتلار يۈرەلەيدۇ. قانالدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى غەربىي ياۋروپادىن ھىندى ئوكيانغا كېلىدىغان مۇساپىنى ئافرىقىدىكى ئۈمىد تۇمۇشقى بىلەن ئايلىنىپ كېلىدىغان مۇساپىدىن 5500 كىلومېتىردىن 8000 كىلومېتىرغىچە قىسقارتتى.
فرانسىيە سۇۋەيش قانىلىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە تۈرلۈك ھىيلە - مىكىرلەر بىلەن تارتىۋالماقچى بولدى. 1875 - يىلى مىسىر پادىشاھلىقى (باش ۋالىسى) مالىيە قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىدى، ئەنگىلىيە مىسىر پادىشاھلىقىنىڭ قولىدىكى قانال پايچېكىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالدى. قانالنى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە بىرلىكتە باشقۇردى. بۇ ئەھۋال جەمئى 100 يىلغا يېقىن داۋام قىلدى. 1956 - يىلى مىسىر زۇڭتۇڭى ناسىر قانالنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەندىن كېيىنلا، قانال مەڭگۈ مىسىر خەلقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى ھەمدە دۇنيا خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان خىزمەت قىلىپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەنىڭ سۇ يولى قاتناش مەركىزى بولۇپ قالدى.