UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئولمپىيىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش يىغىنى

ئولمپىيىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش يىغىنى

بەش مىڭ يىل ھاۋا ئوچۇق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. يۇناننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئولىمپىيە شەھىرىدىكى دەريادا زىننەتلەنگەن نۇرغۇن كېمىلەر توختاپ كەتكەن ئىدى. بۇ كېمىلەرنىڭ بەزىلىرى يۇناننىڭ ھەرقايسى قەلئەلىرىدىن، بەزىلىرى قارا دېڭىز، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى ۋە يىراق ئىسپانىيىدىكى يۇنان قەلئەلىرىدىن كەلگەن ئىدى. شەھەرنىڭ ئىچى - تېشى غۇژ - غۇژ ئادەملەرگە، ھارۋىلارغا تولغان ئىدى. كىشىلەر چىرايلىق ياسىنىۋېلىشقان بولۇپ، بۇلار ماھارەت كۆرسىتىش يىغىنىغا قاتىنىشىدىغان تەنھەركەتچىلەر ۋە تاماشىچىلار ئىدى. ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىيە ماھارەت كۆرسىتىش يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ تېچلىق بايرىمى ئىدى، چۈنكى ماھارەت كۆرسىتىش يىغىنى مەزگىلىدە ھەممە ئۇرۇش توختىلىشى كېرەك ئىدى. _ ئېخ، مۇقەددەس ماكان، مۇقەددەس ئولمپىيىگە كالدۇق! _ دېدى ھاياجاندا بىر بوۋاي قىرغاققا چىقىپلا يېنىدىكى 10 ياشلارغا كىرگەن ئوغۇل بالىغا. _ ۋاي _ ۋۇي... _ قىرغاقتىكى رەڭگا _ رەڭ مەنزىرىلەرنى كۆرگەن بالىنىڭ كۆزلىرى ئالىچەكمەن بولۇپ، تىلى گەپكە كەلمەي قالدى. ھەممىلا يەرگە چېدىرلار تىكىلگەن، ئاددى ئۆيلەر سېلىنغان بولۇپ، كىشىلەر ۋار _ ۋۇر قىلىشىپ سودا - سېتىق قىلىشىۋاتقان ئىدى. - يۈر، بالام، بىز ئاۋال مۇقەددەس ئورمانىغا بېرىپ ئىلاھىمىز زېۋىسقا تاۋاپ قىلايلى، _ بوۋاي سۆزلىگەن پېتى بالىنى يېتىلەپ بىر دۆڭلۈككە قاراپ مېڭىپتۇ. مۇقەددەس ئورمان تەرەپ زېۋىس خۇداغا تاۋاپ قىلغۇچىلار قوشۇنى بىلەن تولغان ئىكەن. كىشىلەر ئىس چىقىۋاتقان ئىسرىق سۇپىسىغا قاراپ توپ - توپى بىلەن، تەرتىپلىك ھالدا كېتىشۋاتقان ئىكەن. بوۋاي بالىنى باشلاپ، ئىسرىق سۇپىسى ئالدىدا تەقۋادارلىق بىلەن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاندىن بىر قوي پۇتىنى چىقىرىپ ئوتقا تاشلاپتۇ. _ چوڭ دادا، ئاۋۇ نېمە؟ _ دەپ سوراپتۇ بالا ئەتراپتىكى كىچىك ئىمارەتلەر ۋە خاتىرە ھەيكەللىرىنى كۆرسىتىپ. _ ھە، ئۇ ھەرقايسى قەلئەلەر زېۋىس خۇداغا ئاتىغان نەرسىلەرنى قويىدىغان ئامبار. ئاۋۇ خاتىرە ھەيكەللىرى بولسا، _ دەپتۇ بوۋاي ھاياجان بىلەن، _ ماھارەت كۆرسىتىشتە ئۇتۇپ چىقققانلار ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان، بۇ نېمە دېگەن كاتتا شان - شۆھرەت - ھە! ئاندىن كېيىن بوۋاي بالىنى مۇقەددەس ئورماندىكى ئاساسلىق ئىمارەتكە - زېۋىس ئىبادەتخانىسىغا باشلاپ كىرىپتۇ. ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپلا، بالا كۆز ئالدىدىكى زېۋىسنىڭ پۈتۈنلەي قىممەتلىك مەرۋايىت، ئالتۇن ۋە پىل چىشىدىن ياسالغان ھەيۋەتلىك ھەيكىلىنى كۆرۈپ ھاڭ- تاڭ بولۇپ قېتىپلا قېلىپتۇ. _بالام، بۇ ھەيكەل بىز يۇنانلىقلانىڭ پەخىرى - ئېپتىخارى ۋە شان _ شەرىپى. بۇنى بىر كۆرمىگەن ئادەم ئۈمۈر بويى ئارماندا قالىدۇ. بىز يۇنانلىقلار ئۇلۇغ زېۋىسقا تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ماھارەت كۆرسىتىش يىغىنى ئۆتكۈزىمىز! 2 - كۈنى تاڭ ئاتماستىلا بوۋاي بالىنى ئويغىنىپ، ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىغا كېلىپتۇۇ بۇ مەيدان تاغ باغرىغا ياسالغان تەنھەركەت مەيدانى بولۇپ، ئۇنىڭغا 40 مىڭ تاماشىچى سىغىدىكەن. ئۇلار كەلگەندە مەيدانغا ئادەم لىق توشقان ئىكەن. كۈن چىقىش بىلەنلا، سېگنال ئاۋازى ياڭراپتۇ، تەنھەركەت مەيدانى شۇ زامان تىنچلىنىپتۇ. كىشىلەر توق قىزىل كىيىم كىيگەن رېپىرىلەر ۋە ماھارەت كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ مەيدانغا كىرگەنلىكىنى ھەمدە مەيداننى بىر ئايلىنىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇ ئەسنادا، مەيدانغا قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك تەنتەنە سادالىرى كۆتىرىلىپتۇ. ئارقىدىنلا ئىككىنچى قېتىملىق سېگنال چېلىنىپتۇ. بىر جارچى سەھنىگە چىقىپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ۋاقىراپتۇ: _ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغانلار مەيدانغا كىرسۇن! تەنھەركەتچىلەر مەيدانغا كىرگەندىن كېيىن، جارچى رېتى بويىچە ھەربىر تەنھەركەتچىلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىدىن گۇمانلىنىدىغانلار بارمۇ، دەپ سوراپتۇ. _ بۇ نېمە قىلغىنى؟ _ دەپ سوراپتۇ بالا قىزىقىپ بوۋايدىن. _ ئۇلارنىڭ پۇقرالىق سالاھىتىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. ئەگەر يۇنانلىق بولمىسا، ياكى قۇل، جازالانغان كىشى بولسا، ئۇنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش ياكى قۇل، جازالانغان كىشى بولسا، ئۇنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. مەيداندا بىر ئاز جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. سوئال قويىدىغانلارمۇ چىقماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەنھەركەتچىلەر بىر _ بىرلەپ قەسەم بېرىپتۇ، مۇراسىم شۇنىڭ بىلەن تاماملىنىپتۇ. يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلىنىپتۇ. بەدەنلىرىگە زەيتۇن يېغى سۈرتكەن تەنھەركەتچىلەر چەك تارتىش ئارقىلىق بەش گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ، قىسقا مۇساپىلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسغا مۇسابىقە بولۇپتۇ. نەتىجىدە ياش بىر ئاقسۆڭەك چىمپىيون بولۇپ چىقىپتۇ. بەلگىلىمە بويىچە، بۇ قېتىمقى ئولىمپىيە بايرىمى چىمپىيۇن بولغانلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىكەن. _ بۇ بىزنىڭ قەلئەدىن، _ دەپتۇ ھاياجانلانغان بوۋاي بالىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ، _ بۇ قەلئەمىزنى مەڭگۇلۈك شۆھرەتكە ئىگە قىلدۇ! بۇ ئاساسلىق مۇسابىقىدىن كېيىن، يەنە ھەر خىل مۇساپىلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۇپتۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن ھەممىدىن بەك ئالقىلىنىدىغان چېلىش مۇسابىقىسى باشلىنىپتۇ: چلىشچىجلار باشلىرىغا مىس قالپاق كىيگەن، بىلەكلىرىگە تومۇر مىخلىق كەمەر باغلىغان بولۇپ، كىمكى قارشى تەرەپنى يەرگە ئۈچ قېتىم يىقىتالسا، شۇ غالىپ ھېساپلىنىدىكەن. چېلىشتا يېڭىلىپ يۈز _ كۆزلىرى قانغا مىلەنگەن بىرسىنىڭ مەيدانىدىن كۆتىرىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن ھېلىقى بالا قورققىنىدىن يۈزىنى چوڭ دادىسىنىڭ تىزىغا قويۇۋېلىپتۇ. ئەتىسى تاڭ سەھەردە، بوۋاي بالىنى باشلاپ يەنە تەنھەركەت مەيدانىغا كېلىپتۇ. بۈگۈن دېسكا ئېتىش، نەيزە ئېتىش ۋە يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسىگە قاتنىىدىغان تەنھەركەتچىلەرنى رېپىرى مەخسۇس تەييارلانغان دۆڭگە ئېلىپ كېلىپتۇ. ئۇلار نەشپۈت شەكىللىك يالىڭ تۇتقان ئىككى قولىنى ئالدىغا سۇنۇپ تۇرۇپتۇ. رېپىرى «سەكرەڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىش بىلەن تەڭ، ئۇلار قوللىرىنى كەينىگە سىلىكىگەن ھالدا كۈچەپ تۇرۇپ سەكرەپتۇ. دېسكا ئېتىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان تەنھەركەتچىلەر ئوڭ قولىغا ئېغىر دېسكىنى ئېلىپ، بىر نەچچە قېتىم پىقىراپ، ئاندىن سول قولىنى ئوڭ تىزىغا تىرەپ، بەدىنىنى رۇسلاپ تۇرۇپ ئېتىپتۇ. نەيزە ئېتشقا كەلسەك، بۇنىڭدا يىراققا ئېتىشلار ئەمەس، بەلكى قارىغا تەككۇزۇشمۇ مەقسەت قىلىنىدىكەن. مۇسابىقە نەتىجىسىدە، بۇ بىر نەچچە تۈر بويىچە يەنىلا ھېلىقى ياش ئاقسۆڭەك ئۇتۇپ چىقىپتۇ. _ نېمە دېگەن كاتتا شەرەپ بۇ! _ دەپ توختىماي ۋاقىراپتۇ بوۋاي. ماھارەت كۆسىتىش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ھارۋا ۋە ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى بولۇپتۇ. تۆت ئات قوشۇلغان ئۇرۇش ھارۋىسى چېچىش باشلانغان ئورۇندىكى خادىدىن 12 قېتىم ئايلىنىپتۇ. چەۋەندازلارنىڭ تىزگىنىنى قاتتىق تارتقان ھالدا ئايلىنىشلىرى كىشىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپتۇ. تۇيۇقسىزدىن بىر ئۇرۇش ھارۋىسى چەۋەندازنىڭ بىخەستىلىك قىلىشى بىلەن ئورۇلۇپ چۈشۈپ چۇل _ چۈل بولۇپ كېتىپتۇ. ئاخىرقى مەنزىلىگە ئاز قالغاندا، چەۋەندازلار سەكرەپ چۈشۈپ، تىزگىننى تۇتقان پېتى ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ئاتلار بىلەن بىللە چېپىپ ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىپتۇ. ھارۋا ۋە ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زېۋىس ئىبادەتخانىسى يېنىدا داغدۇغىلىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ، جارچى ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرى بويىچە ئۇتۇپ چىققۇچىلارنىڭ ئىسىم _ پەمىلىسى، قاراشلىق قەلئەسى ۋە تۇغۇلغان يىرىنى ئوقۇپتۇ. رېپىرىلەر ئۇتۇپ چىققۇچىلارنىڭ بېشغا داغدۇغا بىلەن گۈل چەمبىرەك كىيىدۇرۇپتۇ. _ بۇ نېمە؟ _ دەپ سوراپتۇ بالا چۈشەنمەي. _ بالام، بۇ ئاددى گۈل چەمبىرەكنى سەل چاغلىماي، _ دەپتۇ. جىددى قىياپەتتە بوۋاي،_ گۈلچەمبىرەكتىكى زەيتۇن دەرىخى شاخلىرى يۇرتىمىزدىكى زەيتۇن دەرىخدىن كېسىپ كېلىنگەن. بۇ ئالتۇن ۋە مەرۋايىتتىنمۇ قىممەترەك. بۇنداق مۇكاپتقا ئېرىشكەنلەر مەڭگۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولىدۇ! مۇكاپات تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن نامايىش باشلىنىپتۇ. ھەممىسىنىڭ ئالدىدا رېپىرىلەر، ئاندىن كېيىن مۇشۇ قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىپ يېغىندا ئۇتۇپ چىققاچىلار مېڭىپتۇ. ئۇلار رەڭگا _ رەڭ كىيىم كىيگەن، باشلىرىغا زەيتۇن دەرىخىنىڭ شالىرىدىن ياسالغان گۈلچەمبىرەك تاقىغان، قوللىرىغا پالىما دەرىخى شېخى تۇتقان ھالدا نامايىش قىلىپتۇ. ئۇلانى راھىپلار، ئالچىلەر ۋە ماھارەت كۆستىدىش يىغىنىنىڭ خادىملىرى ئارىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ. نەيزىنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن، ئۇلار ناخشا توۋلىغان ھالدا ئاستا _ ئاستا ئىلگىرىلەپتۇ. كىشىلەر شات _ خوراملىق ئىچىدە، ئۇتۇپ چىققۇچىلارغا تەنتەن قىلىپتۇ ۋە گۈل چېچىپتۇ. تاماشىچىلار قۇشۇنى تۇيۇقسىزلار توختاپ قېلىپتۇ. ئەسلىدە ئۇلار ئىسرىق سۇپىسى ئالدىغا كېلىپ قالغان بولۇپ، بۇ يەردە مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققۇچىلار خۇداغا شۈكرى ئېيتىپ، تاۋاپ قىلىدىكەن. ئاخىرىدا، ئۇلار كاتتا بىر ئىمارەتكە كىرىپ كېلىپتۇ. _ قايتايلى، بالام، _ دەپتۇ. بوۋاي بالىنى تارتىپ، _ بۇ ئىمارەت ئىچىدە كاتتا زىياپەت تەييارلارندى، بىراق، بۇ ئۇتۇپ چىققۇچىلار ۋە ئەمەلدارلار ئۈچۈن تەييارلارنغان، بىزنىڭ نىسىۋىمىز يوق. _ ئۇنداقتا ماھارەت كۆرسىتىش يىغىنى ئاياقلىشىپتۇ _ دە؟ _ ياق، ئوتۇپ چىققۇچىلار ئۈچۈن ئېيتىقاندا بايرام تېخى تۈگۈمىدى. ئۇلار ئۆز قەلئەلىرىگە قايتىقاندا، كۆپچىلىك ئىنتايىن كەڭ كۆلەملىك تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىپ ئۇلارنى قارشى ئالىدۇ. بۇ قېتىم بىزنىڭ قەلئەمىز ئالى شۆھرەت قازاندى، بىز تېز قايتىپ، قەلئەمىزنىڭ قارشى ئېلىش يىغىنىغا قاتنىشايلى! ماھارەت كۆستىش يىغىنىدا مۇكاپاتلىنىش نېمە دېگەن شەرەپلىك ئىش _ ھە! _ دەپتۇ ھېلىقى بالا ھەۋەس بىلەن. _ شۇنداق، ئۇ ئۈمۈر بويى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ: قەلئە ئالدىدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلىرى كەچۈرۈم قىلىندى، تىياتىرخانىلاردا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەخىرى ئورۇن ئېلىپ قويۇلىدۇ. جامائەت سورۇنلىرىدا ئۇنىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزولىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئۆمۈر بويى تۇرمۇش پۇلى بېرىلىپ تۇرىدۇ! ئولىمپىيە ماھارەت كۆرسىتىش يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى قەدىمقى يۇناندا تەنتەربىيە ھەركىتىنىڭ گۈللەپ راۋاجلانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دائىم ئۇرۇش بولۇپ تۇرچقا، جەڭچىلەردە قەيسەر روھ ۋە ساغلام بەدەن بولۇش تەلەپ قىلىنغان، شۇڭلاشقا تەنتەربىيە مەشقى ۋە ماھارەت كۆرسىتىش مۇھىم ئىجتىمائى ئىشلاردىن بولۇپ قالغان. بۇ پائالىيەت زېۋىس خۇداغا تاۋاپ قىلىش بىلەن بىرلىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرى 8 - ئەسىرگە كەلگەندە، پۈتۈن يۇنان مىقياسىدىكى مۇسابىقە يىغىنى بولۇپ شەكىللەنگەن. بىرىنچى قېتىملىق ئولىمپىيە ماھارەت كۆرسىتىش يىغىنى مىلادىدىن ئىلگىرى 776 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. بىرىنچى قېتىملىق يىغىندىكى ھەركەت تۈرى پەقەت 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىدىنلا ئىبارەت بولغان، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە، ھەركەت تۈرلىرى بارا _ بارا كۆپەيتىلىپ، چېلىش، بوكسورلۇق قاتارلىقلار قوشۇلغان. لېكىن ئاياللار مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان، يەنە كېلىپ مۇسابىقىنىمۇ كۆرەلمىگەن. ئەگەر قايسى بىر ئايالنىڭ مۇسابىقە كۆرگەنلىكى بىلىنىپ قالسا، ئۇنى تىك ھاڭدىن غۇلتىۋەتكەن. قەدىمقى ئولمپىيە ماھارەت كۆرىسىتىش يىغىنى مىلادى 4 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يۇنانىنى بوي سۇندۇرغان رىم پادىشاھ تەرىپىدىن مەنئى قىلىنغان شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يۇناننىڭ ئافىنا شەھىرىدە 1 - قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق تەنھەركەت يىغىنى يىغىن ئەزاسى بولغان دۆلەتلەردە نۆۋەت بويىچە 4 يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلۇپ تۇرىدىغان بولغان. ھازىرقى ئولمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ئەنە شۇ.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ