UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«مۇزىكا پىرى» بېتخوۋېن

«مۇزىكا پىرى» بېتخوۋېن

بەش مىڭ يىل كىمدۇر ئىشىكنى «تاك! تاك!» چەكتى. ياقا يۇرتلۇق بىر كىشىنىڭ:«موزارت ئەپەندى بارمىكىن؟» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. - كىرىڭ! - دېدى بىر نەچچە مۇزىكانت بىلەن ئىجادىيەت ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتقان موزارت ياقتۇرمىغاندەك. ئىشىك ئېچىلدى، ئۇچىسىنى توپا - چاڭ باسقان بىر يىگىت كىرىپ كەلدى، ئۇنىڭ يىراقتىن كەلگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ يىگىت ئىشىكتىن كىرىپلا ،شىلەپىسىنى ئېلىپ موزارتقا ئېگىلىپ سالام بەردى، ئۇنىڭ موزارتقا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقى روشەن ئىدى. ئاندىن ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇردى: _ئسمىم بېتخوۋىن،گېرمانىيىدىكى بونندىن مەخسۇس سىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلدىم. كۆپرەك تەلىم بېرىشىڭىزنى سورايمەن. موزارت،بېخوۋىن دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپلا، بۇ يىگىتنىڭ ئستىقباللىق مۇزىكانت ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.ئۇ، بېتخوۋىننىڭ چوڭ دادىسى بىلەن دادىسىنىڭمۇ مۇزىكانت ئىكەنلىكىنى، كىچىك بېتخوۋىننىڭ تۆت يېشىدا رىئال چېلىشنى ئۈگىنىشكە كىرىشىپ، سەككىز يېشىدا مۇزىكا ئولتۇرۇشى قىلغانلىقىنى، 11يېشىدا ياۋروپاغا داڭ كەتكەن «ماتەم كۈيى » نى ئىجات قىلغانلىغى ۋە 13 يېشىدا ئوردا گارمونچىسى بولغانلىغىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ بۇ نۆۋەت مەشھۇر مۇزىكا شەھىرى ۋىناغا ئۇستازلار ۋە دوستلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ئېنىق ئىدى.بىراق بېتخوۋېننىڭ ھەقىقى مۇزىكا تالانتى بارمۇ - يوقمۇ؟ موزارت بۇنى سىناپ كۆرمەكچى بولدى. -ئولتۇرۇڭ، بىرەر پەدە رايال چېلىپ بېرىڭ! - دېدى موزارت سالماقلىق بىلەن. بېتخوۋېن ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن قىيىن رايال مۇزىكىسىدىن بىرنى چالدى. ئەمدى موزارتنىڭ سۆزسىز ماختىشىغا سازاۋەر بولىمەنمۇ دەپ ئويلايتتى ئۇ. موزارتنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئۇ بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ بىر نېمىلەرنى يېزىپ، بېتخوۋېنغا سۇندى ۋە: - مۇشۇ تېما بويىچە بىر پەدە رايال مۇزىكىسى قۇراشتۇرۇپ بېقىڭ! - دېدى. بېتخوۋېن ئەلەم چەككەندەك بولۇپ دەككە - دۈككە ئىچىدە قالدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ بىر ئاز ئويلاندى - دە، ئىككى قولى بىلەن رايالنىڭ تىلىنى باستى. شۇئان رايال ساداسى خۇددى دولقۇندەك كۆتىرىلىپ، ئاجايىپ رىتىملار پۈتۈن ئۆيدە ئەكس سادا پەيدا قىلدى. - يارايسىز! - دىدى موزارت بېتخوۋېننىڭ شۇئان ئىجاد قىلغان پەدىسىنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەتراپىدىكى مۇزىكانتلارغا قاراپ، - ھەر بىرلىرىنىڭ دىققەت قىلىشلىرىنى سورايمەن. رېين دەرياسى بويىدىن كەلگەن بۇ بال چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى تالانتى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ! - دېدى. مۇزىكانتلارنىڭ ھەممىسى خوشال بولۇپ چاۋاك چالدى. 1787 - يىلى باھاردا، بېتخوۋېن توپ - توغرا 17 ياشقا كىرگەندە بولغان ئىشلار. بېتخوۋېن موزارتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، ئۇ ناھايىتى ئۇزاققىچە تالاغا چىقماي، كىشىلەر بىلەن كۆرۈشمەي، مېھمانخانىغا بېكىنىۋېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن مەشق قىلدى. بىر كۈنى ئاستىنقى قەۋەتتە تۇرىدىغان بىر ئايال «پولنىڭ ئارىچىدىن سۇ ئېقىۋاتىدۇ! ئۈستۈنكى قەۋەتتىكىلەر دىققەت قىلىڭلار!» دەپ توۋلىدى. ئەمما، سۇ تامچىلىرى پولنىڭ ئارىچىدىن ئېقىپ چۈشۈۋەردى. ئايال خاپا بولۇپ، ئۆي خىزمەتچىسىنى قاراپ باققىن، دېدى، ئۆي خىزمەتچىسى بېتخوۋېننىڭ ياتىقىغا كىرىپ ھەيران قالدى. بېتخوۋېن رايالنى مەشق قىلىۋاتاتتى. ئۇ رايال چالغاندا، بارماقلىرى رايال تىلىغا ئوقتەك تېگىپ تاغ پارتىلىغان، دېڭىز ئۆركەشلىەندەك سادا چىقاتتى. بارماقلىرى قىزىپ كەتكەندە، قېشىدا قويۇپ قويغان داستىكى سۇغا چىلاپ سوۋۇتقاندىن كېيىن، يەنە چالاتتى، داستىكى سۇنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەتراپقا چاچراپ تۈگەيتتى. بىر كۈنى، بېتخوۋېن شەھەر ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقتا ئىستىراھەت قىلىپ يۈرەتتى. قىزغۇچ كەچلىك شەپەق يىراقتىكى يېشىل تاغقا نۇر چېچىپ تۇرغان مەنزىرە ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنەتتى. ۈبېتخوۋېن ئۈندىمەي ئۇياق - بۇياققا ماڭدى. تا قاراڭغۇ چۈشكىچە، ھەمراھىغا لام - جىم دېمىدى. ئۇ ئۇشتۇمتۇتلا:«تېما تاپتىم!» - دەپ توۋلىۋەتتى - دە، شەھەرگە قاراپ پەرۋاز قىلدى. ئۇ ئۆيگە ئېتىلىپ كىرىپ، شەپكىسىنى ئالماي، پەلتۇسىنى سالمايلا، رايالغا يېپىشىپ، يىپ - يېڭى بىر مۇزىكىنى چېلىشقا كىرىشتى. يەنە بىر كۈنى، بېتخوۋېن ئاشپۇزۇلغا كىرىپ ئولتۇردى. ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا، خۇددى رايال چالغاندەك جوزىنى چېكىۋەردى. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاشپۇزۇلدىكىلەر ھەيران بولۇپ سورىدى. ئۆزىنىڭ ئاشپۇزۇلدا ئولتۇرغانلىقى بېتخوۋېننىڭ بىردىنلا ئېسىگە كەلدى - دە: _ ھېساپلاڭ! قانچە پۇل تۆلەيمەن؟ - دېدى. ئۇ ھېچنېمە يىمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاشپۇزۇلدىكىلەر قاقاقلاپ كۈلۈشتى. بېتخوۋېن ئەنە شۇنداق پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگەنگەن ۋە ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى تالانتى دېموكىراتىك سىياسى غايىسىدىن ئايرىلمايدۇ. بېتخوۋېن ئەركىنلىكنى، باراۋەرلىكنى، مېھرىبانلىقنى قىزغىن سۆيەتتى. ئۇنىڭ ھاياتىنى فېئودال كۈچلەرگە مۇزىكا قورالى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان جەڭچىنىڭ ھاياتى دېيىشكە بولىدۇ. بېتخوۋېن بونن داشۆسىدە ئوقۇۋاتقاندىلا، فرانسىيىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابىدىن ياخشى تەربىيە ئالغان ئىدى. بۇ يەردىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ھىنائېت ئىنقىلابىي پارتىيە ئەزاسى ئىدى. فرانسىيە خەلقى ئىستىبداتلارنىڭ فېئوداللىق قورغىنى بولغان باستى تۈرمىسىگە ھۇجۇم قىلغاندا، پروفېسسور ئۆزى يازغان دېكلاماتسىيىنى قىزغىن ئوقۇپ، «مۇستەبىتلىك زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلايلى» دەپ توۋلىغان ئىدى. بىراق، گېرمانىيىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر بۇ پېروفېسسورغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. بېتخوۋېنننىڭ ئىسسىق قېنى ئۆركەشلەپ، فرانسىيىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابىنى مەدھىيلەيدىغان سىمفونىيە يېزىشقا ئىرادە باغلىدى. 1804 - يىلى ئۈچىنچى سىمفونىيە «قەھرىمانلىق سىمفونىيىسى» نى رەسمى پۈتتۈردى، مۇزىكىدە ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ يۈرەك ساداسى تەنتەنىلىك، ھەيۋەتلىك رېتىملار بىلەن نوتىغا ئېلىنغان. «قەھرىمانلىق سىمفونىيىسى» نىڭ بىرىنچى بابىدا، خەلقنىڭ ئىسسىق قان - ياشلار بىلەن تولغان جەبرى - جاپالىق كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن؛ئۈچىنچى بابىدا، ئىنقىلابىي چوڭ قوزغىلاڭنىڭ تەنتەنىلىك مەنزىرىسى كۆتىرەڭگۈ ئاھاڭ بىلەن تەسۋىرلەنگەن؛ تۆتىنچى بابى خەلق قولغا كەلتۈرگەن ئەركىنلىكنى تەبرىكلىگەن تەنتەنە مەنزىرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇكەممەل بىر داستان شەكىللەنگەن. بېتخوۋېن ئىجادىيەتنى باشلىغاندا، فرانسىيە ئىنقىلابىنى قوغدىغان باش قوماندان ناپولېئونغا ناھايىتى بەك چوقۇنغان ئىدى، شۇڭا بۇ سىمفونىيىنىڭ تېتولىغا «ناپولېئون بۇناپارتقا بېغىشلايمەن» دېەن خەتنى يېزىپ قويغان ئىدى. ئەمما بۇ سىمفونىيە پۈتكەندە، ناپولېئون جۇمھۇرىيەتتىن يۈز ئۆرۈپ، پادىشاھ بولۇۋالدى. بېتخوۋېن دەرغەزەپ بولۇپ، بۇ بىر قۇر خەتنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، «قەھرىمانلىق سىمفونىيىسى - بىر ئۇلۇغ زاتنى خاتىرىلەپ» دېگەن خەتنى يېزىپ قويدى. بۇ ئۇلۇغ زات ئىنقىلابىي خەلق ئىدى. ئىجادىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر بېتخوۋېننىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى شۆھرىتىنى ئاشۇردى. نۇرغۇن ئاقسۆڭەكلەر ئۇنىڭغا خوشامەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى، بېتخوۋېن ئۇلارنى نەزىرىگە ئېلىپمۇ قويمىدى. بىر كۈنى، بىر ئاقسۆڭەك ىانىم بېتخوۋېننىڭ ئالدىغا نايناقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئۇچۇرما گەپلەرنى قىلىپ، ئاخىرىدا بېتخوۋېندىن يالداما قىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە تال چاچ سورىدى. بېتخوۋېن دەرھال ماقۇل بولدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇ باي خانىم بىر سورۇندا بىر تۇتام چاچنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ بېتخوۋېن بىلەن بولغان دوستلۇقى» ئۈستىدە تازا ماختاندى. دەل شۇ چاغدا كىرىپ كەلگەن بېتخوۋېننى ھەممەيلەن ئورىۋېلىپ سوراشقا باشلىدى. بېتخوۋېن كۈلۈپ تۇرۇپ:«مەن ئۇنىڭغا بىر تۇتام ئۆشكە ساقىلىنى بەرگەن ئىدىم!» دەپ سورۇندىكىلەرنى پاراققىدە كۈلدۈرۈۋەتتى. يەنە بىر كۈنى، بېتىخوۋېن مۇزىكا ئولتۇرۇشىدا لەرزان «ئاي نۇرى» مۇزىكىسىنى چالدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى راسا پەيز سۈرۈۋاتقاندا، ئارىدىكى بىر گراف جىدەل قىلدى، بېتخوۋېننىڭ ئاچچىقى كېلىپ چېلىشنى توختاتتى ۋە: - مەن ھەرگىز بۇ چوشقىلارغا مۇزىكا چېلىپ بەرمەيمەن! - دەپ كايىدى. بۇ مۇزىكا ئولتۇرۇشىنى ئويۇشتۇرغان شاھزادە گرافقا يان بېسىپ، بېتخوۋېننى تەگىگىلى تۇردى. بېتخوۋېن غەزىپىنى باسالماي، كۆزلىرىنى ئالايتقان پېتى: - شاھزادەم، سىلە ئكزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تاينىپ ئاقسۆڭەك بولدىلا، ئەمما مەن پۈتۈنلەي تىرىشچانلىقىمغا تاينىمەن، ھازىر دۇنيادا كۈرمىڭ ئاقسۆڭەك بار، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈرمىڭ - كۈرمىڭى بولىدۇ. ئەمما دۇنيادا بىرلا بېتخوۋېن بار! - دەپ دەككىسىنى بەردى، - دە، سورۇندىن چوڭ - چوڭ قەدەم تاشلاپ چىقىپ كەتتى. بېتخوۋېن بىلەن كاتتا ئەدىپ كېتى يېقىن دوستلار ئىدى، ئەمما گېتنىڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ ئىش قىلىدىغان ئىتائەتمەنلىكىدىن بېتخوۋېن ناھايىتى نارازى ئىدى. بىر كۈنى بېتخوۋېن گۈزەل مەنزىرىلىك بوھىمىيىدىكى سۇ ئۈزۈش مەيدانىدا گېتى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئىككىيلەن پاراڭلىشىپ تۇرغاندا، گېرمانىيە خانىشى، ۋەلىئەھد ۋە ئوردا نەۋكەرلىرى كېلىپ قالدى. ۋەلىئەھد بېتخوۋېننى كۆرۈپ شىلەپىسىنى ئېلىپ سالام بەردى. بېتخوۋېن گويا ئۇنى كۆرمىگەن كىشىدەك، بېشىنى سەل لىڭشىتىپ قويدى. ئۇنىڭ قېشىدا تۇرغان گېتى خانىش بىلەن ۋەلىئەھدنى كۆرۈپلا، ئۈستى - باشلىرىدىكى چاڭ - توزانلارنى قېقىپ، تۈگمىلىرىنى ئېتىپ، شىلەپىسىنى ئېلىپ پۈكلىنىپ سالام بەردى، بېتخوۋېن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇلۇق - كىچىك تىندى - دە: - ھەي، مەن سىزنى ۋىجدانلىق شائىر دەپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئەمدى قارىسام ھەرگىز «فوستېر»نىڭ ئاپتورى ئەمەس، زاڭ چاكىنا ئادەم ئىكەنسىز! - دېدى. 1816 - يىلىدىن تارتىپ، بېتخوۋېن بارغانسېرى جۈدەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر پاجىئەلىك ئىش يۈز بەردى! بېتخوۋېننىڭ قۇلىقى ئاڭلىماي پاڭ بولۇپ قالدى. مۇزىكانت ئۈچۈن ئېيتقاندا،قۇلاق دېگەن ئەقىل ئۇچقۇنى:ئاڭلاش سېزىمىدىن ئايرىلىش ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندىنمۇ بەتتەر ئازابلىنارلىق ئىش! بىراق، بېتخوۋېن جېمىقمىدى، بۇ سىلاپ - سىپاپ يۈرۈپ بەش سىزىقلىق نوتا بويىچە ئىقادىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى ۋە شۇ ئارقىلىق دۇنيا مۇزىكا خەزىنىسىنى تېخىمۇ بېيىتتى. ئىشلار ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ، 1822 - يىلى، ئۇ گېتنىڭ «ئېگمونت» تىغا يازغان كىرىش مۇزىكىسىنى ئۆزگەرتىپ بولۇپ، ئوركېستىرنىڭ رېپېتتىسيىسىگە شەخسەن ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلدى. نەتىجىدە، دىرىژورلۇق بىلەن ئوركېستىر ئايرىلىپ كېتىپ، ئوركېستىر ناھايىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بېتخوۋېن ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىغانلىقتىن، دەپتەرنى ئېلىپ دوستىدىن يېزىپ چۈشەندۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى، دوستى:«ئەمدى رېژىسسورلۇق قىلماڭ» دېگەن گەپنىلا يېزىپ قويدى، خەتنى كۆرۈپ بېتىخوۋېننىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى - دە، دەلدەڭشىپ سەھنىدىن چۈشكەن پېتى ئۇدۇل ئۆيىگە كەتتى. ئۇ ئۆيىگە كىرىپلا ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىغان پېتى ئىككىنچىلەپ ئكرە بولالمىدى، دوستلىرى ئۇنى يوقلاپ كەلگەندە، بېتخوۋېن ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسىۋېلىپ، قېمىر قىلماي، قاتتىق ئازابلاندى! زۇلمەتلىك دۇنيادا، بېتخوۋېن يورۇقلۇقنى ئىجاد قىلدى. ئازاب - ئوقۇبەتلىك شارائىتتا، بېتخوۋېن خوشال - خوراملىقنى ئىجاد قىلدى. ئۇ غايەت زور قەيسەرلىك بىلەن، كاتتا شائىر شېللىرنىڭ «شاتلىققا مەدھىيە» دېگەن ئەسىرىگە ئاساسەن، يورۇقلۇق ۋە شات - خوراملىق مەدھىيلەنگەن «توققۇزىنچى سىمفونىيە» («خور سىمفونىيىسى») نى ئىجاد قىلدى. بۇ ئەسەر 1824 - يىلى تۇنجى قېتىم ئوينالغاندا، پۈتۈن زالدا ئارقا - ئارقىدىن بەش قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شۇ كەملەردە پەقەت پادىشاھ سورۇنغا كىرگەندىلا، ئۈچ قېتىم چاۋاك چېلىش بەلگىلەنگەنلىكتىن، ساقچىلار قالايمىقانچىلىق تۇغۇلغان ئوخشايدۇ دەپ، زالغا باستۇرۇپ كىرىپ تەرتىپ ساقلىماقچى بولدى. بېتخوۋېن ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىغانلىقتىن، ئارقا سەھنىدە جىم ئولتۇردى. يۇقىرى ئاۋازلىق بىر ئايال ناخشىچى ئۇنى يېتىلەپ سەھنىگە ئېلىپ چىقتى، بېتخوۋېن بۇ قالتىس تەنتەنىلىك مەنزىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ ھوشىدىن كەتتى. 1827 - يىل 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بېتخوۋېن ۋېنادا ئاغرىپ قېلىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە توققۇز سىمفونىيە، 32 رايال مۇزىكىسى ۋە ئۇلاردىن باشقا يەنە، رايالغا تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان مۇزىكا، ئىسكىرىپكىغا تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان مۇزىكا قاتارلىق بىر - ئىككى يۈز ئەسەر يازدى، ئۇنىڭ بىر مۇنچىسى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندىن كېيىن يېزىلغان، كىشىلەر ئۇنىڭ مۇزىكا ئىشلىرىغا قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنى ئىززەتلەپ «مۇزىكا پىرى» دەپ ئاتىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
«مۇزىكا پىرى» بېتخوۋېن | UyghurWiki | UyghurWiki