شەنبېن ۋۇشىليۇنىڭ ھالاكىتى
بەش مىڭ يىل
«شەنبېن 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە شەپەرەڭ شەكىللىك ئالتە ئايروپىلاننىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا، ئۈچ قىرلىق ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كاشىرى قولتۇقىغا يېتىپ بارىدۇ، شەنبېننىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتتى ....»
بۇ _ ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى باش شتابى بەرگەن ئىنتايىن مەخپىي سىمسىز تېلېگرامما ئىدى. رادىئو دولقۇنى بىپايان تىنچ ئوكياندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا ۋە ياپونىيە بېسىۋالغان جۇڭگو پورتلىرىدا تۇرۇۋاتقان ياپونىيە پاراخوت ئەترەتلىرىگە يېتىپ باردى. پاراخوت ئەترەتلىرىنىڭ قوماندانلىرى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ياپونىيە بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى شەنبېن ۋۇشىليۇنىڭ كۆزدىن كچۈرۈش ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال قارشى ئېلىش تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى.
1942 - يىل 18 - ئاپرېل ئەتىگەندە شەنبېن ھەربىي كىيىمىنى تۈزەشتۈرۈپ، كۆكرىكىگە ئوردېن - مېداللىرىنى تاقاپ، ئادەتتىكىدەك ناھايىتى روھلۇق ھالدا مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، بەلگىلەنگەن كۆزدىن كەچۈرۈش ئورنىغا قاراپ ئۇچتى.
ياپونىيە ھەربىي دائىرىلىرى شەنبېن ۋۇشىليۇنى يۈرەكلىك ۋە بىلىملىك، ياراملىق - قولىدىن ئىش كېلىدىغان كوماندىر ھېسابلايتتى. ئۇ ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىغا ۋە 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانىدى، 1925 - يىلى ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيە ئەمەلدارىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋىئاتسىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقىلىقىغا ئۆستۈرۈلدى. 1838 - يىل سېنتەبردە، ئۇ ئاۋىئاماتكىدىكى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ نەنجىڭنى قانغا بويىدى، شاڭخەينى بومباردىمان قىلدى، شۇڭا، ياپونىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ «تاڭ قۇياشى نۇرى» ئوردېنىغا ئېرىشتى، كېيىن يەنە ياپونىيە بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆستۈردى. ئۇ 1941-يىل دېكابردا پيورل - خاربورغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان پاراخوت ئەترىتىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ قېتىمقى دېڭىز ئۇرۇشىدا ئۇ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەممە ئالپازىدىن يانمىدى. بۇ چاغدا، ئۇ يەنە 300 نەچچە ئايروپىلان توپلاپ، گۇا ئارىلى بىلەن يېڭى گۋىنېىدىكى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھاۋا ھۇجۇمى قىلماقى بولدى. ئۇ ھۇجۇم تەييارلىقىنى قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنى باشلاپ، سولومون ئارىلىغا بېرىپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى كۆزدىن كەچۈرمەكچى ۋە ئەسكەرلەرنى رىغبەتلەندۈرمەكچى بولدى.
ئەمما ئۇ ئالچاڭلاپ ئايروپىلانغا چىقىۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ ئەجىلى توشۇۋاتقانلىقىنى زادىلا خىيالغا كەلتۈرمىدى.
ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇتلەق مەخپىي تېلېگراممىسى بېرىلىش بىلەنلا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى دائىرىلىرى خۇددى سېھىرگەرلەرچە «بىنەپشە رەڭلىكمەخپىي تېلېگرامما ئاپپاراتى» ئارقىلىق ياپونىيىنىڭ مەخپىي تېلېگراممىسىنى دەرھال ئاڭلىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن شەنبېن كۆزدىن كەچۈرىدىغان جايلار، ھەتتا توختاپ ئۆتىدىغان ھەر بىر ئورۇن ۋە ئۇ يېتىپ بارىدىغان ھەمدە قايتىدىغان ئېنىق ۋاقىتتىن تارتىپ ھەممىنى ئېنىق بىلىۋالدى. ئاڭلىۋالغان مەخپىي تېلېگرامما خەۋىرى ھايال قىلماي شۇ كەملەردىكى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى فرانك نوكىسنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى، ئاندىن تېزلىكتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلتنىڭ خىزمەت ئۈستىلىگە ھازىر قىلىندى.
مۇھاكىمە قىلىنغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ روزۋېلت ئاخىرقى قارارغا كېلىپ، شەنبېن ۋۇشىليۇ چۈشكەن ئايروپىلانغا توسۇپ زەربەر بېرىش ۋە ئۇنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى نوكىسنىڭ شەخسەن ئۆزى ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلدى، شەنبېن ئۇچۇپ بارىدىغان ئاخىرقى مەنزىل بوگېنۋىلغا يېتىپ بارغاندا، ئۇنىڭ ئايروپىلانىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈش قارار قىلىندى.
4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكىنىڭ چاقماق شەكىللىك كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى گۇا ئارىلىدىن يولغا چىقتى. ئۇلارغا ليۇتچىكلەردىن مايور جون مىچىل بىلەن مايور كىچىك تۇماس لاندفېللار باشچىلىق قىلدى. ئايروپىلانلار دېڭىزنى بويلاپ پەس ئۇچتى، سىمسىز تېلېگرامما ئالاقىسى پۈتۈنلەي توختىتىلدى، ئايروپىلان پۈتۈنلەي رول ۋە سۈرئەت ئىسچوتچىكى ئارقىلىق باشقۇرۇلدى. ئۇلار ئەگرى - بۈگرى يوللار بىلەن ئۇچۇپ، كۆزلەنگەن مەنزىلگە دەل ۋاقتىدا يېتىپ باردى.
سائەت توققۇزدىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئادمىرال شەنبېننىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانى بىلەن ئالتە شەپەرەڭ شەكىللىك كۈرەشچى ئايروپىلانىمۇ دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى.
ئالداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مايور مىچىلنىڭ ئايروپىلانلىرى ياپونىيىنىڭ شەپەرەڭ شەكىللىك كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئالداش ئۈچۈن قەستەن كۆككە كۆتۈرۈلدى. ياپونىيىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان شەپەرەڭ شەكىللىك كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى راستىنلا ئالداندى. ئۇلار شەنبېن چۈشكەن ئايروپىلاننى تاشلاپ قويۇپ مايور مىچىلنىڭ ئايروپىلانلىرىغا قاراپ ئېتىلدى.
_ بەللى، يولۋاسنى تاغدىن چۈشۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولد! _ دېدى توسۇپ زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مايور لاندفېل بۇنى كۆرۈپ ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇپ، ئۇ دەرھال ئايروپىلانلىرىنى باشلاپ تۆۋەنگە قاراپ شۇڭغۇدى ۋە ماينى كۈچلۈك بېرىپ شەنبېننىڭ ئايرۇپىلانىنى قوغلاپ ماڭدى.
ھايت - ھۇيت دېگۈچە لاندفېل ۋە ياردەمچى ئايروپىلاننى ھەيدىگەن لېيتىنانت بالل؛ شەنبېن چۈشكەن ئايروپىلاننى قوغلاپ يېتەي دەپ قالدى. مۇشۇ جىددىي پەيتتە، ياپونىيىنىڭ ئالدام خالىتغا چۈشكەن شەپەرەڭ شەكىللىك مۇھاپىزەتچى ئايروپىلانلىرى تۇيدۇرماي تۆۋەنگە شۇڭغۇپ چۈشۈۋاتقان ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئۇشتۇمتۇت كۆرۈپ قېلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. ياپونىيە ئايروپىلانلىرى تېزلىكتە تۆۋەنگە شۇڭغۇپ، شەنبېن چۈشكەن ئايروپىلاننى مۇھاپىزەت قىلماقچى بولدى. ئەمما مۇشۇ ككزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، مايور لاندفېل بىر پەس ئوققا تۇتتى، شەنبېن چۈشكەن ئايروپىلاننىڭ تۇمشۇقى بىلەن سول قانىتى كەينى - كەينىدىن پارتلاپ كۆيۈشكە باشلىدى، ئايروپىلان كاشىرى قولتۇقى تەرەپكە قاراپ پەسلىدى، بۇ چاغدا، مايور لاندفېل قويۇۋەتمەي قوغلاپ كېتىۋېتىپ يەنە بىر قۇر ئوققا تۇتتى، ئامىرال شەنبېن چۈشكەن چوڭ تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ئىككى قانىتى شەرققە قىڭغىيىپ چۈشۈپ كەتتى. ئايروپىلان گەۋدىسى شەنبېن يېتىپ بارىدىغان نەمزىل بولغان كاشىرىغا بىر قانچە ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان چاتقاللىق ئىچىدە «گۇم» قىلىپ پارتلىدى، يىراقتىن قاپقارا ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈلدى. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى پىلانلىغان ۋە قوزغىغان، جۇڭگو خەلقىنى قىرغان باش جىنايەتچى قاقاسلىق ئىچىدە ئەنە شۇنداق جان بەردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مايور لاندفېلنىڭ ياردەمچى ئايروپىلاندىكى لېيتىنانت بالىلمۇ قايتىپ كەلگەن شەپەرەڭ شەكىللىك ئايروپىلانلارنىڭ شۇڭغۇپ يۈرۈپ قۇتقۇزۇشقا پەرۋا قىلماي، شەنبېننىڭ مەسلىھەتچىلىرى چۈشكەن يەنە بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى توپتوغرا ئوققا تۇتتى. شەنبېننىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلدى.