نېرچىنسك شەرتنامىسى
بەش مىڭ يىل
ئازادە ۋە تىنچ شىلكا دەرياسى شۇ كۈنى ئۇشتۇمتۇتلا دولۇنلاپ كەتتى، قۇياش بىپايان كەڭ يايلاقتا ئەمدىلا كۆتىرىلگەندە، جۇڭگو چىڭ سۇلالىسىنىڭ بىر توپ ئەمەلدارى 300 مۇھاپىزەتچىنىڭ قورۇقچىلىقىدا، موتورلۇق قېيىققا چۈشۈپ شىلكا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، قارشى قىرغاقتىكى زېمىنغا قەدەم قويدى. دەل شۇ چاغدا، قارشى قىرغاقتىكى نېرچىنسك شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، روسىيىنىڭ بىر توپ ئاتلىق ئەمەلدارلىرىمۇ 300 مۇھاپىزەتچىنىڭ قورۇقچىلىقىدا قارشى ئېلىشقا كەلدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوركىستېر ئەترىتى ئېگىز - پەس مارشقا چېلىپ كېلىشتى. شىلكا دەرياسى بىلەن نېرچىنسك شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېڭى چېدىر تىكىلگەن بولۇپ، ئۇ جۇڭگو بىلەن روسىيىنىڭ سۆھبەت ئورنى ئىدى. روسىيىنىڭ باش ۋەكىلى گولۋېن جۇڭگو ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ، ئەدەپ بىلەن ئېگىلىپ سالام بەردى. جۇڭگو تەرەپنىڭ باش ۋەكىلى سوئېتۇ ئىتتىك مېڭىپ كېلىپ، ئىككى مۇشتىنى جۈپلەپ ئېگىلىپ سالام قايتۇردى.ئاندىن ئىككى تەرەپنىڭ ئەلچىلىرى سۆھبەت مەيدانىغا كىردى. جۇڭگو بىلەن روسىيە تەرەپنىڭ 600 مۇھاپىزەتچىسى قىلىچ، ئايپالتىلارنى تۇتقان ھالدا تىزىلىپ چېدىر سىرتىدا مۇھاپىزەت قىلدى، سۆھبەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەت بېرىش ئۈچۈن، نېرچىنسك شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ۋە شىلكا دەرياسى بويىدا ئىككى تەرەپنىڭ 500 دىن ئەسكىرى مۇداپىئەدە تۇردى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ بۆلەكچىلا جىددىيلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
روسىيىنىڭ چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى نېمىشقا قارشى ئالىدىغان بولۇپ قالدى؟ بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچساق گەپ جىق.
ستىپانوۋنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنى تارمار قىلىنغان يىلى چار پادىشاھنىڭ يەنە بىر قوشۇنى خېيلۇڭجياڭ ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. بۇ نۆۋەت ئۇلار ياكۇتىسكى تەرەپتىن ئەمەس، بەلكى يېنسېي دەرياسى بويىدىكى يېنسېيسكىنى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقتە بايقال كۆلىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگوغا بېسىپ كىرگەن ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار شۇ يەردە بىر قەلئە ياسىدى، بۇ قەلئە نېرچىنسك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، روسىيە قوشۇنلىرى نېرچىنسكىنى تايانچ بازا قىلىپ تۇرۇپ، ياكساغا يەنە بىر نۆۋەت تاجاۋۇز قىلدى.
1682 - يىلى، روسىيە قوشۇنلىرى ياكسادا چوڭ قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنى تۇغدۇردى.
ئەسلىدە، روسىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىدىكى بىر پوپ ياكسا ئەتراپىدا >رەھىمدىل پەرۋەردىگار< چېركاۋى دېگەن بىر نېمىنى ئاچقان ئىدى. بىر كۈنى روسىيە ئەسكەرلىرى جۇڭگولۇق 12 نەپەر ئوۋچىنى چېركاۋغا ئالداپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈردى ھەمدە ئات - ئۇلاق ۋە مال - مۈلكىنى بۇلاپ كەتتى. ئارقىدىنلا، روسىيىنىڭ 124 نەپەر ئەسكىرى خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ، قېيياكا قاتارلىق مىللەت ئاھالىسىنى كەڭ كۆلەمدە قىردى، خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ئەتراپىنىڭ ۋەزىيىتى بىر مەھەل جىددىيلىشىپ قالدى.
جۇڭگونىڭ پادىشاھى كاڭ شى شەرقىي شىمالنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ بىر تەرەپتىن، يەرلىك ئاھالىگە مۇداپىئەنى كۈچەيتىشنى تاپىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ماجرانى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېرچىنسكقا ئىككى قېتىم ئادەم ئەۋەتتى. ئەمما، چار روسىيىسى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ياكسادا تەۋەلىك رايونى قۇرۇپ، خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ئەتراپىنى روسىيە زېمىنىغا قۇشۇۋېلىشنى رەسمىي قارار قىلدى. ئۇلار 1683 - ۋە 1684 - يىللىرى جۇڭگوغا قايتا - قايتا تاجاۋۇز قىلدى ھەمدە ھېلىقى تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، توربوكىننى بىرىنچى كوماندىرلىققا تەيىنلەپ ياكساغا ئەۋەتتى.
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تاقەت قىلىپ تۇرالماي، قورال ئارقىلىق قوغدىنىش قارارىغا كەلدى. 1685 - يىلى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى 3000 كىشلىك قوشۇن دۇتۇڭ )ئەمەل نامى( پېڭ چۈننىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق بىلەن ياكسا قەلئەسىگە يېتىپ كەلدى.
>ۋىش!<قىلغان بىر تال يا ئوقى ياكسا قەلئەسىگە چۈشتى. يا ئوقىغا روسىيە قوشۇنىنىڭ كوماندىرى توربوكىنغا يېزىلغان خەت قىستۇرۇلغان ئىدى. خەت مانجۇ، مۇڭغۇل ۋە رۇس يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، قورال - ياراق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، روسىيە قوشۇنىنىڭ تېزلىكتە ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېتىشى تاپىلانغان ئىدى. ئەمما روسىيە قوشۇنى رەت قىلىپ جاۋاب بەرمىدى.
25 - كۈنى سەھەردە، روسىيىنىڭ بىر قوشۇنى سالغا چۈشۈپ ياكساغا ياردەمگە كەلدى. جۇڭگو ئەسكەرلىرىمۇ سەكرىشىپ سالغا چىقىۋېلىپ، تاجاۋۇزچىلارنى پاك - پاكىز يوقىتىپ، شۇ كۈنى ياكسانى قاتمۇ قات مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى. 26 - كۈنى ئەتىگەندە، جۇڭگو ئەسكەرلىرى قەلئەگە ئوت قويماقچى بولدى. توربوكىن تەمتىرەپ قېلىپ، شەخسەن ئۆزى قەلئەدىن چىقىپ سۈلىھ تەلەپ قىلدى.
پېڭ چۈن ئىنتايىن كەڭچىلىك قىلىپ:
- قايتىپ كېتىشنى خالايدىغانلار قورالنى ئېلىپ قايتسا بولىدۇ، ئاشلىق ۋە ئات - ئۇلاقلارنىمۇ ئېلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، - دېدى.
توربوكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچىۋالا كەڭچىلىك قىلىشىنى ئويلىمىغان ئىدى، ئۇ دەرھال تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قۇۋلۇق بىلەن:
- جۇڭگو كوماندىرىنىڭ كۆڭۈل - كۆكسىنىڭ كەڭلىكىدىن خىجىلمەن، بۈگۈن شۇ دەقىقىدىن باشلاپ قايتىپ كېتىمەن، ياكساغا ھەرگىز قايتا كەلمەيمەن! - دېدى.
- قورال - ياراق ئىشلىتىش ئورنىغا قاشتېشى سوۋغا قىلىشساق، ئىككى ئەل ئىناق ئۆتىمىز! - دېدى پېڭ چۈن جۇڭگو تەرەپنىڭ سەمىمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىزھار قىلىپ.
600 كازاك توربوكىننىڭ باشچىلىقىدا نېرچىنسكقا قايتىپ كەتتى. ئەمما ئۇلاردىن 40 - 50 ى قايتىپ كېتىشكە ئۇنىمىدى. ئۇلار جۇڭگونىڭ سەمىمىيەتلىك قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا رازى بولدى. پېڭ چۈن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆردى. شۇنىڭدىن ئېبىارەن، ياكسادا روسىيىنىڭ بىرمۇ تاجاۋۇزچى ئەسكىرى قالمىدى، جۇڭگو قوشۇنلىرىمۇ ئەيخۇيغا )جېيلۇڭجياڭنىڭ ھازىرقى ئەيخۇي ناھىيىسىگە( قايتىپ كەلدى.
ئەمما، چار روسىيە قوشۇنى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى. ئۇلار جۇڭگو قوشۇنلىرىنىڭ قايتىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنە شۇ توربوكىننىڭ يېتەكچىلىكىدە چوڭ قوشۇن تارتىپ ياكساغا قايتا كەلدى. ئۇلار بو نۆۋەت سېپىلنى توپا - تاش بىلەن ئېگىزلىتىپ، زەمبىرەك ئورناتتى، قەلئەدە قورال - ياراق، ئوزۇق - تۈلۈك ئىسكىلاتى ياساپ قىشلىدى. ياندۇرقى يىلى باھاردا، روسىيىنىڭ 300 ئەسكىرى قەلئەدىن چىقىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ 30 ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، يېڭى ئۇرۇش قوزغىدى.
1686 - يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، 2000 جۇڭگو ئەسكىرى خېيلۇڭجياڭنىڭ سانگونى سابسۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياكسانى قوۋشىۋېلىپ، توربوكىننى دەرھال تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇدى.
- مۇھاسىرە بۇزۇپ تاشلانسۇن! - دەيتتى توربوكىن قەلئە ئىچىدە ۋارقىراپ، روسىيە ئەسكەرلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ قەلئەدىن ئېتىلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى.
- قەلئەگە ھۇجۇم! - جۇڭگو تەرەپ قەلئەنى زەمبىرەككە تۇتتى. زەمبىرەك ئوقى روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ گازارمىسىغا بىر - بىرلەپ چۈشۈشكە باشلىدى. >گۈلدۈر!< قىلىش بىلەن تەڭ، روسىيە قوشۇنىنىڭ شىتاۋى ۋەيران بولۇپ، توربوكىننىڭ بىر يوتىسى ئۈزۈپ تاشلاندى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ تۇترۇقسىز تاجاۋۇزچى خۇدانىڭ دەرگاھىغا راۋان بولدى.
جۇڭگو ئەسكەرلىرى قەلئە تېشىدا نۇرغۇن ئىستىھقام ياساپ، ياكسانى قاتمۇ قات قورشىۋالدى. روسىيىلىكلەرنى قەلئەدىن چىقىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قەلئەدە ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىمۇ كېسىپ تاشلىدى. سەرتان قىش يېتىپ كەلدى، روسىيە قوشۇنى قەلئە ئىچىدە ئاچ - يالىڭاچ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان بۇزۇلۇش كېسىلى تارقىلىپ ئارقا - ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتتى، روسىيىنىڭ 826 ئەسكرىدىن ئۆلۈپ ئاران 150 نەچچە كىشى قالدى. ياندۇرقى يىلى باھاردا ئاران 66 ئادىمى قالدى!
چار پادىشاھ موسكۋادا ئامالسىز قېلىپ، جۇڭگونىڭ تىنچلىق تەكلىپىنى ئاخىر قوبۇل قىلىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولدى. پادىشاھ كاڭ شى قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ جۇڭگو قوشۇنىنىڭ ياكسادىن قايتىپ چىقىشى توغرىسىدا دەرھال بۇيرۇق بەردى ھەمدە روسىيە ئەسكەرلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن دوختۇر ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ياخشى شارائىت ھازىرلاندى.
1689 - يىل 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو بىلەن روسىيىنىڭ ئەلچىلىرى نېرچىنسكتا باراۋەرلىك ئاساسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئەڭ زور سەمىمىيەتلىك كۆرسىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ تەكرار - تەكرار يول قويدى. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ كېلىشىپ:ئىككى دۆلەت ئېرگونى دەرياسى، گىربىچ دەرياسى ۋە تاشقى ھىنگان تاغلىرىنى چېگرا سىزىقى قىلىدۇ؛ جۇڭگو تەرەپ نېرچىنسك ئەتراپىنى روسىيە زېمىنى قىلىشقا قوشۇلىدۇ، روسىيە تەرەپ ياكسا قەلئەسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىككى تەرەپ >مەڭگۈ ئىناق ئۆتىدۇ< دەپ بەلگىلىدى.
9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى >نېرچىنسك شەرتنامىسى< رەسمىي ئىمزالاندى. ئىككى دۆلەت ئۇنىڭ لاتىنچە نۇسخىسىنى تەييارلىدى، روسىيە روسچە نۇسخىسىنى، جۇڭگو مانجۇچە نۇسخىسىنىمۇ تەييارلىدى. گoلۋېن بىلەن سو ئېتۇ ئىككى دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئىمزا قويۇپ مۆھۈر باستى.
>نېرچىنسك شەرتنامىسى< جۇڭگو بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا تەڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىمزالانغان تۇنجى شەرتنامە بولدى. بۇ شەرتنامىدە خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى بىلەن ئۇسسۇرى دەرياسى ۋادىسى )جۈملىدىن كۇيې ئارىلى(نىڭ جۇڭگو زېمىنى ئىكەنلىكى قانۇنى جەھەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىغا ئاساس سېلىندى.