UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى

ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى

بەش مىڭ يىل «ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە شۇنى قەتئىي ئۇقتۇرىمىزكى، بارلىق قوراللىق قىسىملىرىنىڭ شەرتىسز تەسلىم بولغانلىقىنى دەرھال جاكالىسۇن ھەمدە بۇنىڭغا تولۇق كاپالەت بەرسۇن، بۇنىڭدىن باشقا يول يوق، ياپونىيە تېزلا پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ! ....» بۇ _ 1945 - يىل 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئېلان قىلغان «پوتىسدام ئۇقتۇرۇشى» نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. «ئۇقتۇرۇش» تا ياپونىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىمق بولۇشى لازىملىقى، ئۇنىڭغا ئۇنىمايدىكەن، ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىدىغانلىقى دەۋەت قىلىنغانىدى. 8 -ئاۋغۇست كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 9 - ئاۋغۇست سائەت نۆلدىن ئۆتكەنددە، بىر مىليون سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى قۇلاقنى پاڭ قىلىدىغان شاۋقۇن بىلەن چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالغان ياپونىيىنىڭ 700 مىڭ كىشىلىك كانتون ئارمىيىسىگە پۈتۈن سەپ بويىچە ئومۇمىي ھۇجۇم باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ ئەتىسى جۇڭەو كومپارتىيىسىنىڭ رەئىسى ماۋ زېدۇڭ «ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى ئەڭ ئاخىرقى جەڭ» دېگەن باياناتنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى 4 - ئارمىيە، 8 - ئارمىيە ھەممىلا يەردە تور ۋە قاپقانلارنى قۇرۇپ، دەبدەبىلىك ھالدا ياپونىيە ۋە قورچاق ئارمىيىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋشيەن، ۋيېتنام، بېرما، پىلپپىن، مالايا، تايلاند، ھىندونېزىيە قاتارلىق بىرمۇنچە ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئارمىيە بىلەن خەلقمۇ، تەڭلا ئاخىرقى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرى ياپون قاراقچىلىرىنى قورشاپ يوقىتىپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاغزى - بۇرنىنى قان قىلدى. 9 - ئاۋغۇست كۈنى، ياپونىيە پادىشاھ ئوردىسىدىكى مۇداپىئە ئۆڭكۈرىدە بىر توپ مۇھىم ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلار «پوتىسدام ئۇقتۇرۇشى» نى قوبۇل قىلىمىزمۇ ياكى قىلمايمىزمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كەسكىن بەس - مۇنازىرە قىلدى. _ ھازىرقى ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، دۆلەت تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، مىكادو تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى ئاستىدا، شەرتسىز تەسلىم بولۇشتىن باشقا ئامال يوق! ..... _ دېدى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دۇڭشياڭ ماۋدې دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ھالدا ئىككى قولىنى سىلكىپ، كرېسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ. _ تەسلىم بولۇشقا توغرا كەلسە، _ دېدى دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى فۇتيەن فۇۋۇ، _ دۆلەت تۈزۈلمىسىنى قوغداپ قېلىشتىن تاشقىرى، بەنە مۇنداق ئۈچ شەرتنى قويۇش كېرەك: 1. ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ياپونىيىنىڭ ئۆزى بىر تەرەپ قىلسۇن؛ 2. ئۆ ئالدىمىزغا قورالسىزلاندۇرايلى؛ 3. ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسى ياپونىيە زېمىنىنى ئىشغال قىلمىسۇن... _ شەرتسىز تەسلىم بولغاندىن كۆرە، ئۆز زېمىنىمىزدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغىنىمىز تۈزۈك! _ دېدى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ئانەن ۋېيچى جوزىنى مۇشتلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، _ ئۆز زېمىنىمىزدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلالمىساقمۇ، ئەمما تۈزۈكېرەك جەڭ قىلىدىغان بولساق، قۇرۇقلۇققا چىققان دۈشمەننى چېكىندۈرەلەيمىز. شۇڭا مەن شەرتسىز تەسلىم بولۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىمەن. ...... يىغىندىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. چۈشتىن كېيىن، باش ۋەزىر لىڭمۇ ئىچكى كابېنت يىغىنىنى چاقىردى. لىڭمۇ ئالدى بىلەن سۆز قىلغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دۇڭشياڭ ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئاتوم بومبىسى پارتلىتىلغاندىن كېيىنكى ئىنكاسلىرىنى دوكلات قىلىىپ ئۆتتى. لىڭمۇ ھەرقايسى ۋەزىرلەردىن «پوتىسدام ئۇقتۇرۇشى» نى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق مەسىلىسىنى سورىغاندا، ئالتە كىشى قوشۇلدى، ئۈچ كىشى قارشى چىقتى، بەش كىشى پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى، ئىچكى كابېنت يىغىنىمۇ بىر قارارغا كېلەلمىدى. لىڭمۇ تاقەتسىزلىك بىلەن: _ ئىچكى كابېنت قارار قىلالمىغاندىن كېيىن، مىكادوغا ئىلتىجا قىلىشتىن باشقا ئامال يوق ...، - دېدى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 11 دە پادىشاھ ئوردىسىدىكى مۇداپىئە ئۆڭكۈرىدە تەخت يىغىنى چاقىرىلدى. لىڭمۇ ئاۋۋال مىرزا ئەمەلدارغا «پوتىسدام ئۇقتۇرۇشى» نى ئوقۇتتتى، ئاندىن ئۆزى تەييارلىغان تەكلىپ لايىھىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى: _ «ياپونىيە ھۆكۈمىتى 1945 - يىل 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە كېيىنرەك سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئىمزا قويۇپ پوتىسدامدا ئېلان قىلغان بىرلەشمە ئۇقتۇرۇشتىكى ماددىلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييار. ئەمما بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئالىيلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي ھاكىملىق ئىمتىيازىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى توغرىسىدىكى تەلىپىمىز ئۈستىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىنىشى لازىم». ئارقىدىنلا، دۇڭشياڭ تەكلىپ لايىھىسىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى: ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا «پوتىسدام ئۇقتۇرۇشى« نى قوبۇل قىلىش سەتچىلىك بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇنى قوبۇل قىلماي بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ئارقىسىدا ۋەزىيەتتە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، قارشى تەرەپ تېخىمۇ قاتتتىق قول بولۇپ قالدى، _ ئۇ بىر ئاز جىم بولغاندىن كېيىن يەنە داۋاملاشتۇردى، _ ھەرقانداق چاغدا مىكادو تۈزۈمىنى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. مىكادو ساقلىنىپ قالسىلا، ياپون مىللىتى يېڭىباشتىن گۈللىنىدىغان كۈنلەر يېتىپ كېلىدۇ. ئەمما، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ئانەن، باش ئەمەلدارلاردىن مېيجىن، فېڭتيەنلەر يەنىلا قارشى چىقتى. يىغىن داۋامىدا، مىكادو يۈرېن زادى ئېغىز ئاچماي جىم ئولتۇردى. ئۇ ۋەزىرلەرنىڭ بەس - مۇنازىرىسىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: _ مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچ بىلەن تولغان گەپلەرنى ئاڭلىدىم، ئەمما پىلانبىلەن ئەمەلىيەت بىردەك بولمىدى. ھازىرقى ئەپتىمىز بىلەن ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرىمىز دېسەك، مېنىڭچە، غەلىبە قىلىشتىن ئۈمىد يوق ....،_ دېدى پىچىرلاپ ۋە قولىنى شىلتىپ، _ ھازىرقى ۋاقىتتا مۇشۇ قارارغا كېلىشتىن باشقا ئامال يوق .... 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ «پوتىسدام ئۇقتۇرۇشى» نى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا رادىئونى ئاڭلىدى. ئارقىدىنلا ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگونىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇنداق بىر جاۋاب خەت ئېلان قىلدى: «تەسلىم بولغان ۋاقىتتىن تارتىپ ياپونىيە مىكادوسى ئامېرىكا ئالىي باش قوماندانىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشى لازىم ..... ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى شەكلىنى ياپونىيە خەلقى ئۆزى بىلدۈرگەن ئارزۇسى بويىچە بەلگىلىسە بولىدۇ». 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى توكيودا نۇرغۇن تەشۋىق ۋەرەقىسى تارقىتىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «پوتسىدام ئۇقتۇرۇشى» نى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى تېلېگراممىسى بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ جاۋاب خېتىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بىردەمدىلا ياپونىيە خەلقىغە پۇر كەتتى. 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ياپونىيە يەنە تەخت يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باشلىقى بىلەن دېڭىز ئارمىيە باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ئانەنلەر يىغا - زار قىلىشتى. ئۇلار ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ جفۋاب خېتىدە مىكادو تۈزۈمىنى قوغداش توغرىسىدىكى سۆزلەر ئېنىق بولماپتۇ دېگەننى باھانە قىلىپ، مىكادودىن يەنە بىر نوتا تاپشۇرۇشقا ئىجازەت بېرىشنى، ئەگەر ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مىكاداو تۈزۈمىنى قوغداشقا رۇخسەت قىلمىسا، داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ، گۆر ئاغزىدىن ھاياتلىق يولى تېپىشنى ئىلتىجا قىلدى. بۇ چاغدا مەجلىسخانا جىمجىتلىققا چۆكتى. _ مېنىڭ ئىرادەم ئۆزگىچە، ئۆزگەرمەيدۇ ....، _ دېدى مىكادو يۈرېتن. مەجلىسخانىدىكىلەر تەرەپ - تەرەپتىن تەڭلا ئۆكسۈپ يىغا - زار قىلىشتى. مىكادو يۈرېن شۇ يەنرىڭ ئۆزىدىلا شەرتسىز تەسلىم بولۇش توغرىسىدىكى پەرمانىنى تەييارلاش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى ھەمدە بۇ پەرماننى ئۈنئالغۇغا ئالغۇزدى. تۈر يېرىمىدا، ئۇرۇش قىلىش تەرەپدارلىرى ئىچىدىكى بىر توپ جاھىل ئۇنسۇرلار پادىشاھ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، مىكادونىڭ رادىئو پەرمانى ئېلىنغان ئۈنئالغۇ تەخسىسىنى بۇلاپ كېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە ئاڭلىتىلىشنى توسۇشقا ئۇرۇندى. ئەمما جېنىدىن تويغان بۇ ئەبلەخلەر نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا باستۇرۇلدى. تەسلىم بولۇش پەرمانى دەرھال پۈتۈن مەلىكەتكە ئاڭلىتىلدى. جاھىللارنىڭ كاتتىبېشى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ئانەنە ۋېيچى سۇيىقەستىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ داچىسىدا قورسىقىنى يېرىپ ئۆلۈۋالدى. 28 - ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى توكيوغا چۈشتى. ئارقىدىنلا، نۇرغۇن ئامېرىكا، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ياپونىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ياپونىيىنى ئىشغال قىلدى. 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت توققۇزدشا، ئامېرىكىنىڭ تكيو قولتۇقىدا توختىغان «مىسسۇرى» ناملىق ئاساسىي ئۇرۇش پاراخوتىدا، تەسلىمنامىگەئىمزا قويۇش مۇراسىمى تەنتەنىلىك ئۆتكۈرۈلدى. ئالدى بىلەن ياپونىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى چۇڭگۇاڭ كۈي ۋە ياپونىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى مېيجىن مېيجژلاڭ تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى؛ ئارقىدىن تەسلىمنى قوبۇل قىلغۇچى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى _ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋەكىلى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋەكىلى، ئىتتىپاقداش دۆلەتەلر ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانى ماكارتۇر، ئامېرىكا ۋەكىلى ئادمىرال نېمتس، جۇڭگو ۋەكىلى گېنېرال شۈ يۇڭچاڭ، ئەنگلىيە ۋەكىلى ئادمىرال فۇلېيس، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى ئادمىرال نېمتس، جۇڭەو ۋەكىلى گېنېرال شۈ يۇڭچاڭ، ئەنەلىيە ۋەكىلى ئادمىرال فۇلېيس، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى گېنېرال لېيتىنانت ژۇلىۋىياكوۋ ھەمدە ئاۋسترالىيە، كانادا، فىرانسىيە، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەنرىڭ ۋەكىللىرى ئىمزا قويدى. شۇنىڭ بىلەن، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشتى. ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ 1931-يىل 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى باشلىنىپ 15 يىل داۋام قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئۇرۇشى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki