فىزىئولوگىيىنىڭ تاجىسىز شاھى
بەش مىڭ يىل
روسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رەزان شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئائىلىلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناھايىتى يامان بىر ئىتى بار ئىدى، بالىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا يېقىن كېلىشكە پېتىنالمايتتى.
بىر كۈنى، بىر يوغانباش بالا بۇ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ھېلىقى ئىتنىڭ ئۆزىگە ھەدەپ ئېتىلىپ ھاۋشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، ئەتراپىدىكى ئاداشلىرىدىن:
- ئۇلار نېمىشقا بۇ ئىتنى زەنجىر بىلەن باغلاپ قويغاندۇ؟ - دەپ سورايدۇ.
- بۇ مەخلۇق ئادەم چىشلەيدىغان تۇرسا!
- ئىشەنمەيمەن! - بالا شۇنداق دېگىنىچە، ئىتقا قاراپ ماڭدى ۋە، - زەنجىرىنى يېشىۋەتسە ئادەم چىشلىمەيدۇ، - دېدى.
- يەشمە! يەشمە! - دەپ ۋارقىرىغىنىچە قېچىشتى ئۇنىڭ ئاداشلىرى.
بالا راست دېگەندەك ئىتنىڭ بوينىدىكى زەنجىرنى يېشىۋەتتى. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئىت بالىنى چىشلىمەيلا قالماستىن، بەلكى مۇلايىملىق بىلەن قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ، بالىنىڭ سىلاشلىرىنى قارشى ئالدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئىت ئىككىنچىلەپ غالجىرلىشىپ ھاۋشىمايدىغان بولدى.
زەنجىرنى يېشىۋەتكەندىن كېيىن، ئىت نېمىشقا غالجىرلاشمىدى؟ بۇنى ئۇ بالىنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. لېكىن، بالا مەشھۇر ئالىم بولۇپ يېتىشكەندىن كېيىن، نۇتۇقلىرىدا كىشىلەرگە بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بېرىشنى ياخشى كۆرەتتى.
>بىلەمسىلەر؟< زەنجىرگە باغلاپ قويۇش، ئاشۇ ئىت ئۈچۈن بىر خىل غىدىقلاش، بىر خىل شەرت بولغان. بۇنداق شەرت ئۇنىڭدا ئۆزىنى قوغداش رېفلېكىسى پەيدا قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىت غالجىرلىشىپ كەتكەن. مۇنداق رېفلېكىس يوقىتىلغان ھامان، يەنى زەنجىر يېشىۋېتىلگەن ھامان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قوغداش رېفلېكىسى يوقالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇلايىملىشىپ كەتكەن.
ئالىم لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىردەمدىلا چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: >مانا بۇ شەرتلىك رېفلېكىسنىڭ مىسالى<، - دېدى.
بۇ ئالىم - كىشىلەر تەرىپىدىن >فىزىئولوگىيىنىڭ تاجىسىز پادىشاھى< دەپ تەرىپلەنگەن پاۋلوۋ، شەرتلىك رېفلېكىس - ئۇ ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا ياراتقان مۇھىم كەشپىيات، ئۇ ھەزىم قىلىشنى تەتقىق قىلىشتا غايەت زور خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، 1904 - يىلى فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي پەنلەر بويىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇ دۇنيادىكى فىزىئولوگىيە ئالىملىرى ئىچىدە مۇشۇنداق ئالىي شۆھرەتكە ئېرىشكەن بىرىنچى ئالىم.
پاۋلوۋ كەمبەغەل بىر پوپنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. رەزان شەھىرىدە بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن. 1870 - يىلى پاۋلوۋ 21 يېشىدا پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرستېتىغا كىرىپ، فىزىئولوگىيە ئوقۇدى. ئۇ ئوقۇشقا كەلگەندە، چۆنتىكىدە پەقەت >نامراتلىق گۇۋاھنامىسى< لا بولغاچقا، ھەقسىز ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. بىراق، نامراتلىق ئۇنىڭ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشىگە دەخلى قىلالمىدى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ئۇ ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ھەربىي مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ چوڭقۇرلاپ ئىزدەندى. 41 يېشىدا پروفېسسور بولدى. ئۇ 40 نەچچە يىللىق ئۆمرىنى مۇشۇ ئىنستىتۇتتا ئۆتكۈزدى.
ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھالىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ھايۋان تېنىنىڭ ھەزىم قىلىش پائالىيىتىنى ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىشكە توغرا كەلدى. ئەمما تەن ئىچىدىكى ھەزىم قىلىش پائالىيىتىنى قانداق قىلغاندا كۆزەتكىلى بولىدۇ؟ پاۋلوۋ تاشقى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تەجرىبە ئۇسۇلىنى ياخشىلىدى.
بىر كۈنى ئەتىگەندە، پاۋلوۋنىڭ ياردەمچىسى ئاچ قالغان بىر ئىتنى تەجرىبىخانىغا ئەكەلدى. ھەممە تەييارلىقلار ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئىتقا بىر تەخسە گۆش بەردى. ئىت گۆشنى چالا - بۇلا چايناپلا يۇتۇۋەتتى. ئەمما، ئىت يۇتقان گۆش يەنىلا تەخسىگە يېنىپ چۈشتى. بۇ قانداق گەپ؟ ئەسلىدە، ئىت ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، قىزىلئۆڭگىچى كېسىۋېتىلگەن. كېسىۋېتىلگەن قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئىككى ئۇچى ئىتنىڭ بوينىنىڭ تېرىسىگە تىكىپ قويۇلغان. شۇڭلاشقا ئىت يېگەن گۆش ئىتنىڭ قىزىلئۆڭگىچىنىڭ كېسىلگەن يېرىدىن تەخسىگە چۈشكەن.
گۆش ئىتنىڭ ئاشقازىنىغا كىرمەي چىقىپ كېتىۋەرگەنلىكتىن، ئىت گۆشنى يەۋەرگەن بولسىمۇ، قورسىقى تويمىغان؛ قاچىدىكى گۆشنىڭ مىقدارى ئۆزگەرمىگەن.
ئىتنىڭ قورسىقى ئاستىدىمۇ ئىنچىكە بىر شىلانكا ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئەسلىدە، ئىتنىڭ ئاشقازىنىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئاشقازانغا بىر نەيچە سېلىپ قويۇلغان، بۇ شلانكا ئاشۇ نەيچىگە ئۇلاپ قويۇلغانىدى.
تەجرىبە شۇ تەرىقىدە كېتىۋاتقاندا، ئاجايىپ بىر ھادىسە يۈز بەردى؛ ئىت ھەدەپ گۆشكە بېرىلىپ تۆت - بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، شلانكىدىن ئاشقازان سۇيۇقلۇقى چىقىشقا باشلىدى. بۇ ئىتنىڭ ئاشقازىنى قۇرۇق بولغاچقا، بۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىدا يەم يۇقى يوق ئىدى.
ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ توختىماي ئاجرىلىپ چىقىشى ئىتنىڭ ئونىنچى جۈپ مېڭە نېرۋىسى - ئاداشقان نېرۋىنىڭ غىدىقلىنىشىدىن بولغان. پاۋلوۋ بۇ ئىتنىڭ ئاداشقان نېرىسىنىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىپ يۇقىرىغا ئىنچىكە بىر تال يىپ چىقىرىپ قويغان. ئۇ ئاشۇ ئىنچىكە يىپنى شۇنچىكى تارتىپ قويۇۋىدى، شۇنىڭ بىلەن مېڭە بىلەن ئاشقازاننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى. نەتىجىدە، ئىت گەرچە گۆشنى ئۈزلۈكسىز يەۋەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى توختىدى.
بۇ تەجرىبە >يالغان ئوزۇقلاندۇرۇش< دېيىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ئىتنىڭ ھەزىم قىلىش بەزلىرىدىن سۇيۇقلۇق ئاجرىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كېيىنكى كۈنلەردە، بۇ مەشھۇر تەجرىبە بارلىق فىزىئولوگىيە دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى.
پاۋلوۋ 41 يېشىدىلا پروفېسسور بولغان بولسىمۇ، ئەمما پروفېسسورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن، مائاشى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، شۇڭلاشقا، تۇرمۇشىمۇ ئانچە باياشاد ئەمەس ئىدى.
ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە بىر ئاز پۇل يىغىش قىلدى. ئەمما ئۇلار پاۋلوۋنىڭ قەتئىي سەدىقە قوبۇل قىلمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، مۇنداق بىر چارە ئويلاپ چىقتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭغا:
- بىر تۈركۈم ۋارچلار سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر سىنىپ ئېچىپ، يۈرەك نېرىپلىرى ھەققىدە دەرس سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ - شۇ سىنىپنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئۇلار ئەكەلگەن پۇل ئىكەن، - دېدى.
- ياخشىغۇ، - دېدى پاۋلوۋ، - ھەقىقەتەن ئاز - تولا خىراجەت كېتىدۇ.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار تەجرىبىخانىدا ئىت، دېڭىز چاشقىنى ۋە ئۆي توشقىنى قاتارلىقلارنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇستازىنىڭ بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىگە ھايۋانات سېتىۋالغانلىقىنى بىلدى. ئالاھىدە سىنىپ كارامەت ياخشى ئۈنۈم قازاندى. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە پاۋلوۋغا ياردەم بېرىش پىلانى يوققا چىقتى.
پاۋلوۋ ⅩⅩ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپ ئالىي نېرىپ پائالىيىتىنى تەتقىق قىلدى، شۇ جەرياندا چوڭ مېڭە پوستى خىزمىتىنىڭ پائالىيەت قانۇنىيىتىنى تۇنجى قېتىم كەشىپ قىلدى.
ئۇ يەنە ئىت ئۈستىدە ئوپېراتسىيە ئېلىپ باردى. بۇ قېتىم ئىتنىڭ بوغۇزىدىن كىچىك بىر تۆشۈك تېشىپ، ئىنتايىن ئىنچىكە بىر تال ئۆتكۈزگۈچى تۇرۇبىنى ئۇنىڭ بىر شۆلگەي بېزىگە ئۇلاپ قويدى. ئىت بىر نەرسە يېگەندە، ئاققان شۆلگەينىڭ بىر قىسمى ئۆتكۈزگۈچ تۇرۇبا ئارقىلىق سىرتقا ئېقىپ چۈشتى.
پاۋلوۋ بۇ تەجرىبە ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ئىتنىڭ ئاغزىغا تېگىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ شۆلگەي ئاجرىتىدىغانلىقىنى سەزدى. ئەگەر ئوزۇقلۇق ھۆل بولسا، ئاجراتقان سۇيۇقلۇق ئازراق بولىدۇ؛ ئوزۇقلۇق قۇرۇق بولسا، ئاجراتقان سۇيۇقلۇق كۆپرەك بولىدۇ. بۇنداق رېفلېكىس پائالىيىتى ئىت ۋە باشقا ھايۋاناتتا تۇغقا بولغاچقا، پاۋلوۋ ئۇنى شەرتسىز رېفلېكس دەپ ئاتىدى.
لېكىن ئۇ تەجرىبە جەريانىدا يەنە مۇنداق مۇھىم بىر ئەمەلىيەتنى سېزىۋالدى: ئوزۇقلۇقنىڭ ئېغىزىنى غىدىقلىشى ئىتنىڭ شۆلگەي ئاجرىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن باشقا غىدىقلاشلار، مەسىلە، نۇر، ئاۋاز قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىشىمۇ ئىتنىڭ شۆلگەي ئاجرىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ شەرتى - مۇنداق غىدىقلاشتىن كېيىن، دەرھال ئىتقا ئوزۇقلۇق بېرىش.
بۇ تەجرىبىنى قىلغاندا، كۆرۈپ تۇرغانلارنىڭ خېلىسى بۇنىڭ تېگىگە چۈشىنىپ يېتەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن پاۋلوۋ قولىغا بىر دانە لىموننى ئالدى:
- نېمىنىڭ لىمون ۋە لىمون كىسلاتاسى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەنگە مەلۇم. بۇنى سىلەرنىڭ ئاغزىڭلارغا سېلىپ قويماقچى ئەمەسمەن، پەقەت جامائەتكە كۆرسىتىۋاتىمەن...
پاۋلوۋنىڭ سۆزى بۇ يەرگە كەلگەندە، مەيداندىكى ھەممەيلەننىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ يىغىلدى، ئۇلار ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى يۇتۇۋەتتى ھەمدە كۈلۈپ تاشلىدى.
- سىلەر لىموننى يېمىگەن بولساڭلارمۇ ئاغزىڭلارغا سېرىق سۇ يىغىلدى. ئەمما سىلەر بۇرۇن لىموننى يەپ كۆرگەن، بۇنىڭ چۈچۈكلۈكىنى بىلىسىلەر، شۇڭا بۇنى كۆرگەن ھامان ئاغزىڭلارغا سېرىق سۇ يىغىلدى. بىراق سېرىق سۇ پەيدا قىلىدىغان رېفلېكىس شەرتلىك بولىدۇ، شۇڭا بىز بۇنى شەرتلىك رېفلېكىس دەيمىز.
ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ھاكىمىيىتى ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. پاۋلوۋ تەجرىبىخانىسىنىڭ توك ۋە سۇلىرى ھەمىشە توختاپ قالىدىغان بولدى. ئوزۇق - تۈلۈك يېتىشمىگەنلىكتىن، تەجرىبىگە ئىشلىتىدىغان ئىتلار ئاچلىقتىن بىر - بىرلەپ ئۆلۈپ كەتتى.
1919 - يىلى، لېنىن، گوركىغا پاۋلوۋنى يوقلاپ ئۇنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلىرى بارلىقىنى ئۇقۇپ كېلىشنى ھاۋالە قىلدى.
- بىزگە ئىت كېرەك، ئىت!! - دەپ ۋارقىرىۋەتتى پاۋلوۋ ھاياجانلىنىپ، - خىزمەتداشلىرىم كوچىلارغا چىقىپ ئىت تۇتۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ!
- ياق! يولداش پاۋلوۋمۇ قورساق قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاچ قالغان ئىتلارنى تۇتىمەن دەپ يۈرۈيدۇ، - دەپ قوشۇمچە قىلدى خىزمەتداشلىرى.
گوركى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. پاۋلوۋمۇ ئىختىيارسىز ھالدا كۈلۈپ تاشلىدى. بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، گوركى جىددىي ھەم سەمىمىيلىك بىلەن:
- يولداش لېنىننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار سىزنىڭ نورمىڭىز بىلەن يېمەكلىكىڭىزنى كۆپەيتىپ بەرمەكچى بولدى...
- ياق، ياق، - دەپ گوركىنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى پاۋلوۋ، - باشقىلارغا قانچىلىك بېرىلگەن بولسا، ماڭىمۇ شۇنچىلىك بېرىلسۇن.
1935 - يىلى، پاۋلوۋ 86 يېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا چاقىرىلغان 15 - نۆۋەتلىك خەلقئارا فىزىئولوگىيە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە شەرەپ بىلەن >پۈتۈن دۇنيا فىزىئولوگىيە ساھەسىنىڭ پېشىۋاسى< دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، كېيىنكى يىلى 2 - ئايدا، كىشىلەر >فىزىئولوگىيىنىڭ تاجىسىز شاھى< دەپ مەدھىيىلىگەن بۇ ئالىم ئالەمدىن ئۆتتى.
پاۋلوۋ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ياشلارغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇلارغا: تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، كەمتەر بولۇش، قىزغىن بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك سەمىمىي تەلەپ قىلدى. بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى بۈيۈك ئىشلىرىنىڭ يەكۈنى ئىدى.