UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭتومۇز ئايدىكى سىياسى ئۆزگىرىش

تومۇز ئايدىكى سىياسى ئۆزگىرىش

بەش مىڭ يىل ئىنقىلابتا غەلىبە قازىنىشمۇ، ئوڭۇشسىزلىقمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخىدا، «تومۇز ئايدىكى سىياسى ئۆزگىرىش» نى ئەڭ چوڭ ناچار بۇرۇلۇش دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سىياسى ئۆزگىرىش مىلادى 1794 - يىل 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يۈز بەدى، فرانسىيىنىڭ شۇ چاغدىكى «جۇمھۇرىيەت كالىندارى» بويىچە، جۇمھۇرىيەت 2 - يىل تومۇز ئېيىنىڭ 9 - كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكتىن، كىشىلەر ئۇنى «تومۇز ئايدىكى سىياسى ئۆزگىرىش» دەپ ئاتىغان. 1793 - يىلى 6 - ئايدا ياكوبىنچىلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، بۇرژۇئا ئىنقىلابى مىسلى كۆرۈلمىگەن شانلىق غەلىبىلەرگە ئېرىشتى. بىراق، تومۇز ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئۇلارنىڭ قىياپىتىدە تۈپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەردى. خەلق ئويۇشمىسى ئادەت بويىچە چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى. ئەمما شۇ كۈنى نۇرغۇن ۋەكىللەر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىلا يىغىن مەيدانىغا كىردى. ئۇلار كارىدوردا ئۇ ياقتىن - بۇ ياققا مېڭىپ، كۆز ئىماسى قىلىشاتتى. ياداڭغۇ كەلگەن بىر ۋەكىل سېمىز بىر ۋەكىلنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆرۈشتى ۋە: - قاراڭ، ئوڭچىلار باتۇرلار ئىكەن! - دېدى. بۇ چاغدا، يان تەرەپتىن ئىككى ۋەكىل كېلىپ، قۇۋلۇق بىلەن ھىجىيىپ ئۇلارغا باش لىڭشىتتى ۋە ئوڭچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سائەت 12 دىن سەل ئۆتكەندە، خەلق ئۇيۇشمىسىنىڭ پارلامېنت باشلىقى يىغىن باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولغان ياكوبىنچىلارنىڭ يولباشچىسى روبېستېر زالنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى ئالدىنقى رەتتە سەھنىگە قاراپ ئولتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. - مەن قارا پەردىنى ئېچىپ تاشلايمەن! - دېدى بىر ۋەكىل سەھنىگە سەكرەپ چىقىپ، ئۇ تىغ ئۇچىنى ياكوبىنچىلارغا قارىتىپ، بويۇنلىرى قىزارغان ھالدا ئەسەبىيلەرچە ھۇجۇم قىلدى. - زالىم ھاكىمنى يوقىتايلى! - دەپ، شۆلگەيلىرىنى چاچرىتىپ يەنە بىر ۋەكىل سەھنىگە چىقتى ۋە روبېسپېرغا بارلىق قەبىھ تىللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئىككى ۋەكىل «روبېسپېر قولغا ئېلىنسۇن» دەپ، خۇددى ئىككىيلەن ئېيتىشقاندەك، تەڭلا ۋاڭ - چۇڭ كۆتەردى، پۈتۈن زال ئۆرە - تۆپە بولۇپ كەتتى. - سۆز بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! - دېدى روبېسېر ئورنىدىن دەس تۇرۇپ. ئەمما ئۇ سەھنىگە قەدەم قويۇشىغا پارلامېنت باشلىقى كۈچىنىڭ بېرىچە «جىرىڭ! جىرىڭ، جىرىڭ!» قىلىپ قوڭغۇراق چالدى، بۇ روبېسپېرنىڭ سۆز قىلىشى مەنئى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. روبېسپېر ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇلىقى ۋە كۆزىگە زادىلا ئىشەنمەيتتى. ئۇ، تۈنۈگۈنلا مۇشۇ زالدا ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش توغرىسىدا دوكلات بەرگەندە، ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىغان ئىدى. ئەھۋال بىر كېچىدىلا پوتۈنلەي ئۆزگىرىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ يولباشچىسى سوراق قىلىنىدىغان مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالغىنىنى قارىمامدىغان! - ئۇ قولغا ئېلىنسۇن! قولغا ئېلىنسۇن! - دېيىشىپ، زالدا يەنە چۇقان كۆتىرىلدى. ياكوبىنچىلارنىڭ ۋەكىللىرى غەزىپىنى باسالماي بىر - بىرلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، سۆزگە چىقىپ رەددىيە بەرمەكچى بولدى. ئەمما ئۇلارمۇ پارلامېنت باشلىقىنىڭ قوڭغۇراق چېلىپ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. - قاتىل پارلامېنت باشلىقى، سەن مېنىڭ ئاخىرقى قېتىم سۆز قىلىشىمغا يول قويامسەن - يوقمۇ؟ - دېدى روبېسپېر خاپا بولۇپ. پارلامېنت باشلىقى «جىرىڭ! جىرىڭ!» قىلىپ، قوڭغۇراقنى جېنىنىڭ بېرىچە سىلكىمەكتە ئىدى. پۈتۈن زالدا «روبېسپېر قولغا ئېلىنسۇن!» دەپ يەنە غوۋغا كۆتىرىلدى. - ھازىر ئاۋازغا قويىمىز... خوپ، ماقۇللاندى! - پارلامېنت باشلىقىنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، بىر توپ ژاندارما زالغا بېسىپ كىرىپ، روبېسپېرنى قولغا ئالدى. روبېسپېرنىڭ ئۇكىسى ۋە ياكوبىنچىلارنىڭ بىر قانچە يولباشچىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە قولغا ئېلىندى. - جۇمھۇرىيەت تۈگەشتى! قاراقچىلار غەلىبە قىلدى! - دېدى روبېسپېر ئۆزىنى زالدىن ئېلىپ ماڭغاندا غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ. بۇ چاغدا 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەش يېرىم بولغان ئىدى. فرانسىيە ئىنقىلابىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان، پۈتۈن ھاياتىدا ئومۇمنى كۆزلىگەن روبېسپېر نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بەختسىزلىككە ئۇچرىدى؟ ئۇ باشقا ئىنقىلابچىلار بىلەن بىرلىكتە فرانسىيىنىڭ ئالى ئىنقىلابى ئورگىنى - خەلق ئويۇشمىسىنى قۇرغان ئىدى، ئەمما بۈگۈن خەلق ئويۇشمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. بۇ زادى قانداق ۋەقە؟ گەپنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ: ماكسىملىلېن روبېسپېر 1758 - يىلى فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى ئارراس شەھىرىدە تۇغۇلدى. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، رۇسسۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ، كىتابتىكى ئاتېزىملىك ۋە دېموكىراتىيە - ئەركىنلىك توغرىسىدىكى تەلىماتلارنى قەتئى ھىمايە قىلدى. ئۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن فرانسىيىنىڭ بۇ ئاتاقلىق مۇتەپپەككۇرىنى ئالاھىدە زىيارەت قىلدى. كېيىن روبېسپېر ئادۋوكات ۋە سوتچى بولدى، فرانسىيە پادىشاھلىقىنىڭ قانۇنىدا ھە دېسىلا كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكتىن، قاتتىق نارازى بولۇپ، سوتچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. 1789 - يىلى باھاردا، 31 ياشلىق روبېسپېر ئۈچ دەرىجىلىك يىغىننىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ فرانسىيە سىياسى سەھنىسىگە قەدەم قويدى. ئۇ، دېموكىراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قەھرىمان جەڭچى بولۇپ، كۈرەشتە قەتئىلىكى، تۇرمۇشتا ئاددى - ساددىلىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى، كىشىلەر ئۇنى «چىرىمەيدىغان ئادەم» دېيىشەتتى. ئاددى - رەتلىك كىيىنىدىغان ياداڭغۇ، ئوتتۇرا بويلۇق كەلگەن بۇ يىگىت ياكوبىن كۇلۇبىدا پەيدا بولغاندا، ھامان قىزغىن ئالقىشلار بىلەن قارشى ئېلىناتتى. ياكوبىنچىلار شۇ چاغدىكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى سولچىلارنىڭ يادروسى ئىدى. پادىشاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كۈرىشىدە، ئوڭچىلار (ژىروندىچىلار) بىلەن بولغان كۈرەشتە، ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ ئەكسىلئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرىنى تار مار قىلىش كۈرىشىدە، ئۇلار ئىچكى جەھەتتە ئىتتىپاق ئىدى. ئەمما، ئۇلار غەلىبە قازىنىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئىچكى بۆلۈنۈش يۈز بەردى. ياكوبىنچىلارنىڭ دانتون، مارات، روبېسپېردىن ئىبارەت ئاتاقلىق ئۈچ يولباشچىسى بار ئىدى. دانتون مۇرەسسەلىشىش ۋە مۆتىدىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، روبېسپېر ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەردى؛ ماراتنى ژىروندىچىلارنىڭ ئايال ئىشپىيونى قەست قىلىپ ئۆلتۈرۋەتتى؛ ئۇلار ئىچىدە قېپقالغان بىردىن - بىر يولباشچى روبېسپېر ئىدى. ئىنقىلابى كۈچلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى ئوڭچىل ئەكسىلئىنقىلابى كۈچلەرگە پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىپ، ئاخىر تومۇز ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى سىياسى ئۆزگىرىشكە ئېلىپ كەلدى. روبېسپېر تۈرمىگە قامىلىپ، بىر سائەت ئۆتە - ئۆتمەيلا، يەنى شۇ كۈنى كەچ سائەت 6 دىن ئاشقاندا، ئىنقىلابىي ئامما تۈرمىگە باستۇرۇپ كىرىپ، روبېسپېرنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا ئېلىپ كەلدى. ياكوبىنچىلار ئۇنى غەلىبە قازىنىپ قايتقان جەڭچىنى قارشى ئالغاندەك، ياشىسۇن روبېسپېر!»، «ۋەتەن ئاسىيلىرىنى يوقىتايلى!» دېگەن شوئارلار بىلەن قارشى ئالدى. كەچ سائەت سەككىز يېرىم بولغاندا، ياكوبىنچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغان باشقا يولباشچىلىرىمۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا پۈتۈنلەي قايتىپ كەلدى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى مەيدانغا نۇرغۇن قوراللىق ئامما توپلاندى. ئەگەر روبېسپېر شۇ چاغدا ھايال قىلماي قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرغان بولسا، غەلىبە قازىنىشتىن ئۈمىد تۇغۇلاتتى. بىراق ئۇ دىلىغۇل بولۇپ، كېچە سائەت 12 يېرىم بولغاندىمۇ بىر قارارغا كېلەلمىدى. ئامما ئارقا - ئارقىدىن تارقىلىپ كەتتى، روبېسپېر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئەكسىلئىنقىلابى كۈچلەر تېزدىن تەشكىللەندى. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە، پارلامېنت باشلىقى ئۆزىنىڭ ھەربى كاتتىبېشىغا: - دەرھال يولغا چىقىپ، تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى توپىلاڭچىلارنىڭ كاللىسى ئېلىنسۇن! - دەپ قانلىق بۇيرۇق بەردى. ئۇلار كېچە سائەت ئىككىدە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولدى. ژاندارمىلاردىن بىرى ئاۋۋال ئېتىلىپ كىردى، روبېسپېرنىڭ ئېڭىكىگە ئوق تەگدى. باش - كۆزى قان بولغان روبېسپېر 22 سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە يەنە تۈرمىگە قامالدى. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن، روبېسپېرلار سوت قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كاللا كېسىش سۇپىسىغا ئېلىپ چىقىلدى. ئۈچ جازا ھارۋىسى كەچكى قۇياش كۆلەڭگىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاستا كېتىپ باراتتى. ژاندارما قىلىچىنى ئېغىر يارىلانغان روبېسپېرغا تەڭلەپ تۇراتتى. روبېسپېر بېشىنى بىر پارچە مەينەت لاتا بىلەن تېڭىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەتراپقا ئۆتكۈز كۆزلىرى بىلەن نەزەر سېلىپ ماڭدى. سائەت دەل بەشتە، روبېسپېر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى كاللا كېسىدىغان سۇپىغا ئېلىپ چىقىلدى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. 1794 - يىل 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى «تومۇز ئايدىكى سىياسى ئۆزگىرىش» بۇرژۇئا دېموكىراتلىرى - ياكوبىنچىلارنىڭ ئىنقىلابى دىكتاتۇرىسىنى ئاياقلاشتۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا يامان بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى نامايەن قىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ