UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭتىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتىنىڭ ھالاك بولۇشى

تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتىنىڭ ھالاك بولۇشى

بەش مىڭ يىل ياپونىيە ئارمىيىسى لۈشۈنكۇغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا، روسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتى قۇرۇلدى. بۇ فلوت روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى تۆت چوڭ فلوتىنىڭ بىرى - بالتىق دېڭىزى فلوتى ئاساسىدا قايتا تەشكىللىگەن بولۇپ، 30 پاراخوت، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ماتروسقا ئىگە ئىدى. فلوتنىڭ قوماندانى - دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي بۇيرۇق چۈشۈرۈش شتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال لېيتېنانت روژىستىنوۋىسكى ئىدى. فلوت بىر مەھەل جىددىي تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن 1904 - يىل 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى رىپايا پورتىدىن يولغا چىقتى. بۇ چاغدا، ياپونىيە ئارمىيىسى بىر قىسىم ئۇرۇشلاردا غەلىبە قازانغانىدى. روسىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شېنياڭغا چېكىنگەنىدى، لۈشۈنكۇ ئېغىزى ئىچىدىكى روسىيە تىنچ ئوكيان فلوتى مۇھاسىرىنى بۆسۈشتە مەغلۇب بولغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت پۈتۈنلەي يوقىتىلىش خەۋپىدە تۇراتتى، شۇڭا چار پادىشاھ پۈتۈن ئۈمىدىنى تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتىنىڭ ھۇجۇمىغا باغلاپ، پورتقا ئۆزى كېلىپ، فلوتنى ئالاھىدە ئۇزىتىپ قويدى. فلوت بالتىق دېڭىزىدىن چىقىپلا ناھايىتى تېزلىكتە شىمالىي دېڭىز دائىرىسىگە كىردى. سەپەرنىڭ 4 - كۈنى كۆزەتچى توساتتىن: - دىققەتن، ئالدىمىزدا دۈشمەن پاراخوتى كۆرۈندى! - دەپ ۋارقىرىدى. دىجورنى ئوفىتسېر دۇربۇننى ئېلىپ دەرھال ئالدى تەرەپنى شۇنچىكى بىر كۆزەتتى - دە، ساراسىمە بولغان ھالدا: - ئالدىمىزدا ياپونىيىنىڭ قوغلامچى فلوتى بار ئىكەن! دەرھال فلوت قوماندانىغا خەۋەر قىلىڭلار! - دەپ ۋارقىرىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي روسىيە پاراخوتىدىن دەھشەت توپ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. >دۈشمەن پاراخوتلىرى< نىڭ بەزىلىرى چۆكتۈرۈۋېتىلدى، بەزىلىرى زەخىملەندۈرۈلدى. ئەمەلىيەتتە، روسىيە پاراخوتى توپقا تۇتقىنى ياپونىيىنىڭ قوغلامچى فلوتى بولماستىن، بەلكى ئەنگلىيىنىڭ بېلىقچى كېمىلىرى ئىدى! شۇنىڭ بىلەن چاتاق تېرىلدى! ئەسلىدە ئەنگلىيە، ياپونىيە بىلەن ئاللىقاچان ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزۈپ بولغانىدى. ھازىر روسىيە فلوتى ھېچ گەپتىن - ھېچ گەپ يوق ئۇلارنىڭ بېلىقچى كېمىلىرىنى توپقا تۇتقانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيىنىڭ روسىيە فلوتىنىڭ شەرققە يۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئوبدان باھانە بولدى. بۇ يەر ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز دائىرىسىگە ناھايىتى يېقىن بولغاچقا، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى بۇ يەرگە ھايالسىز يېتىپ كېلەلەيتتى. نۇرغۇن ياخشى گەپ قىلىش ئارقىلىق، روسىيە فلوتى 65 مىڭ فوند پۇل تۆلەش ئارقىلىق جىدەل بېسىقتى. پېشكەللىككە يولۇققان تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوت ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن ئايلىنىپ، 12 - ئاينىڭ ئاخىرىداماداغاسقار ئارىلىدىكى بىر پورتقا يېتىپ كەلدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ لۈشۈنكۇنى ئالغانلىق خەۋىرى يېتىپ كېلىپ، پۈتكۈل فلوتقا ئەنسىزلىك سالدى. كەيپىياتنىڭ چۈشكۈنلىشىشى ۋە ئىسسىق بەلۋاغ كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىدىن نۇرغۇن ئوفىتسېر ۋە ماتروسلار كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ يېقىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ماتروسلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى كېلىپ چىقتى. فلوت قوماندانى ئالاقزادە بولۇپ كەتتى، قوزغىلاڭنى باستۇرۇپ بولۇپ، فلوتنى روسىيىگە قايتۇرۇپ كېتىشكە تەييارلاندى. لېكىن چارپادىشاھتىن روژىستىنوۋىسكىگە داۋاملىق شەرققە يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى تېلېگرامما ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تۇردى. بۇنىڭ بىلەن فلوت قوماندانى 1905 - يىلى 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئىلگىرىلەشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، بۇ فلوت ۋيېتنامنىڭ كىنلان قولتۇقى ئەتراپى دېڭىز يۈزىدە بالتىق دېڭىز فلوتىدىن قېپقالغان كونا پاراخوتلار بىلەن تەشكىللەنگەن تىنچ ئوكيان ئۈچىنچى فلوتى بىلەن ئۇچراشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ فىلوت 48 پاراخوتلۇق فلوت بولدى. ئۇلار شىمالغا يۈرۈش قىلدى. ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتى بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويغانىدى. ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىرلەشمە فلوتىنىڭ قوماندانى توگو خېيخاچىرو ئىدى. بۇ فلوتنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى سۇسىما بوغۇزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى چاۋشيەن جېننەن قولتۇقىغا توپلاپ ھەر خىل جىددىي مەشىقلەرنى ئېلىپ باردى. توگو خېيخاچىرونىڭ ئۇرۇش پىلانى: تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتىنى قايمۇقتۇرۇپ، سۇسىما بوغۇزى ئارقىلىق روسىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى ۋلادىۋوستوكقا باشلاپ قويۇپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ سەپەر ھارغىنلىقى ۋە پاراخوتلىرىنى رېمونت قىلىپ بولمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سۇسىما بوغۇزىدا ئۇلارنى بىر يولىلا يوقىتىش ئىدى. روسىيە فلوتىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن، توگو خېيخاچىرو بەزى چوڭ سودا پاراخوتلىرىنى ھەربىي پاراخوت سىياقىدا نىقابلاپ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز دائىرىسىگە ئورۇنلاشتۇردى ۋە قەستەن ئاشكارا ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ياپونىيە پاراخوتلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئاشۇ يەردە روسىيە فلوتىغا توساپ زەربە بېرىدىغاندەك ساختا كۆرۈنۈش ياسىدى. راست دېگەندەك، روژىستنوۋىسكى ئالدام خالتىغا چۈشتى. ئۇنىڭ فلوتى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىن يولغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، تەيۋەننىڭ جەنۇبىي دېڭىز دائىرىسىدە، ياپونىيىنىڭ ھېلىقى نىقابلانغان فلوتىنى سەزدى. ئۇ بۇلار بىلەن ئۇرۇشماي، سۇسىما بوغۇزىغا قاراپ يول ئېلىپ، ئۇدۇل ۋلادىۋوستوكقا بېرىپ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولۇپ، ئاندىن ياپونىيە فلوتى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش قارارىغا كەلدى. ياپونىيىنىڭ نىقابلانغان فلوتىمۇ ئۇلارنى قەستەن ئۆتكۈزۈۋەتتى. 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە تەمىناتنى تولۇقلىۋالغاندىن كېيىن، ئاز ساندىكى ياردەمچى پاراخوتلىرىنى ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى بوغۇز ئارقىلىق ۋلادىۋوستوكقا بېرىشقا يولغا سالدى، فلوتنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى روژىستىنوۋىسكى شەخسەن ئۆزى باشلاپ ئۇدۇل سۇسىما بوغۇزىغا قاراپ يول ئالدى. 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تاڭ سەھەر سائەت ئىككىدە، ياپونىيىنىڭ نىقابلانغان بىر چارلىغۇچى پاراخوتى سۇسىما بوغۇزىغا يېقىن دېڭىز يۈزىدە روسىيە فلوتىنى بايقىدى. توگو خېيخاچىرو بۇ ئاخباراتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەنە بىر چارلىغۇچى پاراخوتنى مۇشۇ دېڭىز دائىرىسىگە ئەۋەتىپ، روسىيە فلوتىنى يېقىندىن رازۋېتكا قىلدى، روسىيە فلوتى بۇنى سەزمەي ئالغا ئىلگىرىلەۋەردى. تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتى يولغا چىققىلى يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولۇپ، يەنە ئىككى كۈندە ۋلادىۋوستوكقا يېتىپ باراتتى. نىشانغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن زور كۆلەملىك ئۇرۇش بولۇشنى ھېچكىممۇ ئويلىمىغانىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتى سۇسىما ئېغىزىدىن ئۆتۈۋاتاتتى، توگو خېيخاچىرونىڭ بىرلەشمە فلوتى روسىيە فلوتىنىڭ سول تەرىپىدىن چىقىپ قالدى. 20 مىنۇتتىن كېيىن بىرلەشمە فىلوت ئۇشتۇمتۇت يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ، روسىيە فلوتىنىڭ يان تەرىپىگە يۈرۈش قىلدى. روژىستىنوۋىسكى ياپونىيە فلوتىنىڭ ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ قالغىنىغا ھەيران قالدى ۋە ئالدىراپ - تېنەپ جەڭگە كىرىشكە مەجبۇرلاندى. ياپونىيە بىرلەشمە فلوتىنىڭ جەڭگە چىققان غوللۇق پاراخوتلىرى جەمئىي 16 بولۇپ، ئىككى جەڭگىۋار ئەترەتكە بۆلۈنگەندى؛ روسىيە تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتىنىڭ جەڭگە ئاتلانغان غوللۇق پاراخوتى جەمئىي 18 بولۇپ، ئۈچ جەڭگىۋار ئەترەتكە بۆلۈندى. پاراخوتلارنىڭ سان سېلىشتۇرمىسىدا ئىككى تەرەپ تەڭدەك قىلىنسىمۇ، ئەمما پاراخوتلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئوت كۈچى سېلىشتۇرمىسىدا بىرلەشمە فلوت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى. ئەمما، تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتى ۋاقىتلىق تەشكىللەنگەن بولۇپ، سەپەرگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن بىر قېتىممۇ مانىۋر قىلمىغان، ئالدىراشچلىقتا جەڭگە كىرگەچكە، قىلچە تەييارلىقى يوق ئىدى. روژىستىنوۋىسكى سەل ئىككىلىنىش ئىچىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.: - ئىسكادرا داۋاملىق ئۇزۇنسىغا بىر قاتار بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەۋەرسۇن! ئەگەر ئالدىدىكى پاراخوتقا ئوق تېگىپ ئۇرۇشتىن چېكىنىپ قالسا، ئىككىنچى پاراخوتقا ئەگىشىپ ماڭسۇن! ھەر قايسى پاراخوتلار ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۈشمەننىڭ بايراقچى پاراخوتىنى توپقا تۇتايلى! ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن، روسىيە پاراخوتلىرى توپنىڭ ئۈنۈملۈك ئېتىش ئارىلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، يىراقتا تۇرۇپ ياپونىيىنىڭ >مىكاسا< ناملىق بايراقچى پاراخوتىنى توپقا تۇتتى. يىراقتا دېڭىز يۈزىدە سۇ ئاسمان - پەلەك كۆتۈرۈلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قارا نۇقتىدىن ئوت كۆتۈرۈلدى. - گېنېرال جانابلىرى، دۈشمەننىڭ >مىكاسا< ناملىق بايراقچى پاراخوتىغا ئوت كەتتى!! - ياخشى، داۋاملىق ئېتىڭلار! - دەپ توۋلىدى روژىستىنوۋىسكى گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا، - ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇنى چۆكۈرۈۋېتىڭلار! >مىكاسا< ناملىق بايراقچى پاراخوتقا ئوق تېگىپ ئوت كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جان يېرىگە تەگمىگەن ئىدى، توگو خېيخاچىرو بىرلەشمە فلوتى روسىيە فلوتىغا يېقىنلىشىشقا داۋاملىق قوماندانلىق قىلدى. ئىككى مىنۇتتىن كېيىن، بىرلەشمە فلوتنىڭ بەزى پاراخوتلىرى روسىيىنىڭ >سۇۋۇروۋ< ناملىق باشلامچى پاراخوتىغا 6500 مېتىرچە قالغاندا، دەرھال ئۇلارنى توپقا تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر پاراخوتنىمۇ توپقا تۇتتى. بۇ پاراخوتقا ئوق تېگىپ ئوت ئالدى. ئۇ ئىنتايىن تېزلىكتە سەپتىن چېكىنىپ كەتتى ۋە يېرىم سائەتتىن كېيىن دېڭىزغا غەرق بولدى. ئارقىدىنلا >سۇۋۇروۋ< مۇ ئېغىرزەخىملەندى، بۇ باشلامچى پاراخوت تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتىنىڭ بايراقچى پاراخوتى ئىدى، روژىستىنوۋىسكى ئۇنىڭ ئۈستىدە قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى، توپ ئوقىدا ئېغىر زەخىملەنگەچكە، مىناچى پاراخوتقا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ياپونىيە پاراخوتلىرى روسىيە بايراقچى پاراخوتى >سۇۋۇروۋ< نىڭ سەپتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، بىر مىناچى پاراخوتىنىڭ ئادەم بېسىپ يىراقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مىناچى پاراخوتنى قويۇپ بەرمەي، جىددىي قوغلىدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭغا يېتىۋالدى. ئېغىر يارىدارلانغان روسىيە فلوتىنىڭ قوماندانى روژىستىنوۋىسكى ئەسىرگە چۈشتى. روسىيىنىڭ بايراقچى پاراخوتى سەپتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنلا، روسىيىنىڭ باشقا پاراخوتلىرىمۇ پاتپاراق بولۇپ كېتىپ تەرەپ - تەرەپكە پىتىراپ قېچىشقا باشلىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىم بولغاندا بۇ پاراخوتلار تەسلىكتە جەم بولۇشتى ۋە مەغلۇب بولغىنىدىن ۋلادىۋوستوكقا قاراپ چېكىندى. كەچ كىرگەندە، توگو خېيخاچىرو ھەر قايسى غوللۇق پاراخوتلارغا ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن روسىيە پاراخوتلىرى ۋلادىۋوستوكقا قېچىشقا ئۆتىدىغان يۈلىڭداۋ ئارىلىغا بېرىپ، ئەتىسى شۇ يەردە روسىيە ھەربىي پاراخوتلىرىغا توسۇپ زەربە بېرىشكە تەييار تۇرۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا يەنە قوغلامچى پاراخوتلار ۋە مىناچى پاراخوتلارغا كېچىدە روسىيە پاراخوتلىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. كەچ سائەت سەككىزدىن چارەك ئۆتكەندە، ياپونىيىنىڭ 40 پاراخوتى قېچىپ كېتىۋاتقان روسىيە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق شىددەتلىك جەڭ ئارقىلىق روسىيە پاراخوتلىرىدىن يەنە ئۈچنى زەخىملەندۈردى. 28 - كۈنى ئەتىگەندە ئامان قالغان روسىيە پاراخوتلىرى دېگەندەك يۈلىڭداۋ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز يۈزىدە پەيدا بولدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون يېرىمدا توگو خېيخاچىرونىڭ 28 غوللۇق پاراخوتى روسىيە فلوتىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. يەنە 15 مىنۇتتىن كېيىن، روسىيە فلوتىدىكى پاراخوتلار تەسلىم بايرىقى چىقاردى. ئىككى كۈنگە يەتمىگەن دېڭىز ئۇرۇشىدا، روسىيە پاراخوتلىرىدىن 19 ى غەرق بولدى. يەتتىسى ئەسىرگە ئېلىندى، پەقەت ئۈچ پاراخوتلا ۋلادىۋوستوكقا يېتىپ باردى. قالغانلىرى باشقا پورتلارغا قېچىپ كەتتى، ئوفىتسېر ۋە ماتروسلاردىن 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادم ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. تىنچ ئوكيان ئىككىنچى فلوتىنىڭ ھالاك بولۇشى، چار پادىشاھ ئۈچۈن ناھايىتى زور يوقىتىش بولدى، ياپونىيە بىلەن ئېلىشقۇدەك مادارى قالمىدى. ياپونىيە بۇ قېتىمقى ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىدا مالىيە كۈچى جەھەتتىن ئۈزۈلۈپ قالدى، ئۇلار ئۇرۇش توختىتىشنى ئۈمىد قىلاتتى. 1905 - يىل 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ياپونىيە بىلەن روسىيە ئامېرىكىنىڭ پورتسىمۇتتا سۈلىھ شەرتنامىسى تۈزدى، شەرتنامىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق بولدى: روسىيە چاۋشيەننى ياپونىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە دەپ ئېتىراپ قىلدى؛ جۇڭگونىڭ لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدىكى ئىجارە تەۋەلىك ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بەردى؛ كۇيېداۋ ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىنى ياپونىيىگە بۆلۈپ بەردى. بۇ سۈلىھ شەرتنامە 1945 - يىلىغا كەلگەندە بىكار قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ